ߞߎ߬ߙߣߊ߬ ߞߟߊߒߞߋ ߞߘߐ ߟߎ߬ ߘߟߊߡߌߘߊ - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - ߘߟߊߡߌߘߊ ߟߎ߫ ߦߌ߬ߘߊ߬ߥߟߊ


ߞߘߐ ߟߎ߬ ߘߟߊߡߌ߬ߘߊ߬ߟߌ ߟߝߊߙߌ ߘߏ߫: (18) ߝߐߘߊ ߘߏ߫: ߛߎ߬ߡߊ߲߬ߝߍ ߝߐߘߊ
وَقَالَتِ ٱلۡيَهُودُ وَٱلنَّصَٰرَىٰ نَحۡنُ أَبۡنَٰٓؤُاْ ٱللَّهِ وَأَحِبَّٰٓؤُهُۥۚ قُلۡ فَلِمَ يُعَذِّبُكُم بِذُنُوبِكُمۖ بَلۡ أَنتُم بَشَرٞ مِّمَّنۡ خَلَقَۚ يَغۡفِرُ لِمَن يَشَآءُ وَيُعَذِّبُ مَن يَشَآءُۚ وَلِلَّهِ مُلۡكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَمَا بَيۡنَهُمَاۖ وَإِلَيۡهِ ٱلۡمَصِيرُ
يەھۇدىي ۋە ناسارالارنىڭ ھەر بىرى ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ ئوغۇللىرى ۋە يېقىنلىرى دەپ دەۋا قىلىدۇ. ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۇلارغا رەت قايتۇرۇپ ئېيتقىنكى: ئۇنداقتا ئاللاھ تائالا نېمە ئۈچۈن سىلەرنى خاتالىقىڭلار سەۋەبىدىن ئازابلايدۇ؟، ئەگەر ئۆزۈڭلار ئويلىغاندەك سىلەر ھەقىقەتتە ئاللاھنىڭ يېقىنلىرى بولساڭلار نېمە ئۈچۈن سىلەرنى دۇنيادا ئۆلتۈرۈش ۋە سۈرىتىڭلارنى مۇبەددەل قىلىش بىلەن بىرگە، ئاخىرەتتە دوزاخ بىلەن ئازابلايدۇ؟. ئاللاھ ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشىنى ئازابلىمايدۇ، بەلكى سىلەر باشقا ئىنسانلاردەك ئادەتتىكى بىر ئىنسان!. ئىنسانلاردىن كىمكى ياخشى ئىش قىلىدىكەن ئۇنىڭ مۇكاپىتى جەننەت بولىدۇ، كىمكى يامان ئىش قىلىدىكەن ئۇنىڭ ئاقىۋىتى دوزاخ بولىدۇ. ئاللاھ ئۆز پەزلى بىلەن خالىغان كىشىنى مەغپىرەت قىلىدۇ، ئادىللىقى بىلەن خالىغان كىشىنى ئازابلايدۇ. ئاسمان-زېمىن ۋە ئۇنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ ئىگىدارچىلىقى يالغۇز بىر ئاللاھقا خاستۇر. مەخلۇقاتلارنىڭ قايتىدىغان جايى يالغۇز بىر ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر.
ߊߙߊߓߎߞߊ߲ߡߊ ߞߘߐߦߌߘߊ ߟߎ߬:
ߟߝߊߙߌ ߟߎ߫ ߢߊ߬ߕߣߐ ߘߏ߫ ߞߐߜߍ ߣߌ߲߬ ߞߊ߲߬:
• تعذيب الله تعالى لكفرة بني إسرائيل بالمسخ وغيره يوجب إبطال دعواهم في كونهم أبناء الله وأحباءه.
ئاللاھنىڭ بەنى ئىسرائىل كاپىرلىرىنى ئازابلىشى ۋە سۈرىتىنى مۇبەددەل قىلىۋىتىشى قاتارلىق ئىشلار بولسا، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئاللاھنىڭ يېقىنلىرى دېگەن دەۋاسىنى يوققا چىقىرىدۇ.

• التوكل على الله تعالى والثقة به سبب لاستنزال النصر.
ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنىش غەلبە-نۇسرەتنىڭ سەۋەبىدىندۇر

• جاءت الآيات لتحذر من الأخلاق الرديئة التي كانت عند بني إسرائيل.
بەنى ئىسرائىلدا مۇجەسسەملەشكەن ناچار ئەخلاقتىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن ئايەتلەر كەلگەن

• الخوف من الله سبب لنزول النعم على العبد، ومن أعظمها نعمة طاعته سبحانه.
ئاللاھدىن قورقۇش بولسا بەندىگە نېئمەتنىڭ چۈشىشىنىڭ سەۋەبىدۇر، ئۇ .نېئمەتنىڭ ئەڭ كاتتىسى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتۇر

 
ߞߘߐ ߟߎ߬ ߘߟߊߡߌ߬ߘߊ߬ߟߌ ߟߝߊߙߌ ߘߏ߫: (18) ߝߐߘߊ ߘߏ߫: ߛߎ߬ߡߊ߲߬ߝߍ ߝߐߘߊ
ߝߐߘߊ ߟߎ߫ ߦߌ߬ߘߊ߬ߥߟߊ ߞߐߜߍ ߝߙߍߕߍ
 
ߞߎ߬ߙߣߊ߬ ߞߟߊߒߞߋ ߞߘߐ ߟߎ߬ ߘߟߊߡߌߘߊ - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - ߘߟߊߡߌߘߊ ߟߎ߫ ߦߌ߬ߘߊ߬ߥߟߊ

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

ߘߊߕߎ߲߯ߠߌ߲