Check out the new design

د قرآن کریم د معناګانو ژباړه - اویګوري ژبې ته د المختصر في تفسیر القرآن الکریم ژباړه * - د ژباړو فهرست (لړلیک)


د معناګانو ژباړه سورت: هود   آیت:
أَمۡ يَقُولُونَ ٱفۡتَرَىٰهُۖ قُلۡ فَأۡتُواْ بِعَشۡرِ سُوَرٖ مِّثۡلِهِۦ مُفۡتَرَيَٰتٖ وَٱدۡعُواْ مَنِ ٱسۡتَطَعۡتُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ
مۇشرىكلار: مۇھەممەد قۇرئاننى ئۆزى ئويدۇرغان، ئۇ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ۋەھىي ئەمەس، دېيىشەمدۇ؟ ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا جەڭ ئېلان قىلىپ: ئەگەر «قۇرئان بىر توقۇلما» دېگەن دەۋايىڭلاردا راستچىل بولساڭلار سىلەرچە توقۇلما بولغان قۇرئاندىكىدەك چىنلىققا بەك كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمىسەڭلارمۇ، مۇشۇ قۇرئاننىڭ سۈرىلىرىگە ئوخشاش ئويدۇرۇلغان ئون سۈرىنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار، بۇنىڭغا ياردەملەشتۈرۈش ئۈچۈن كۈچۈڭلار يەتكەن ھەر كىمنى چاقىرىڭلار، دېگىن.
عربي تفسیرونه:
فَإِلَّمۡ يَسۡتَجِيبُواْ لَكُمۡ فَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّمَآ أُنزِلَ بِعِلۡمِ ٱللَّهِ وَأَن لَّآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَۖ فَهَلۡ أَنتُم مُّسۡلِمُونَ
ئەگەر ئۇلار كۈچى يەتمىگەنلىكتىن سىلەرنىڭ تەلىپىڭلارنى ئورۇندىيالمىسا، ئەي مۇئمىنلەر! شۇنى ئېنىق بىلىڭلاركى، قۇرئاننى ھەقىقەتەن ئاللاھ ئۆز ئىلمى بىلەن پەيغەمبىرىگە نازىل قىلغان بولۇپ، ئۇ توقۇلما ئەمەس. يەنە شۇنى بىلىڭلاركى، ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي مەبۇد يوقتۇر. مۇشۇنداق كەسكىن دەلىل-پاكىتلارنى كۆرگەندىن كېيىنغۇ ئاللاھقا بويسۇنارسىلەر؟.
عربي تفسیرونه:
مَن كَانَ يُرِيدُ ٱلۡحَيَوٰةَ ٱلدُّنۡيَا وَزِينَتَهَا نُوَفِّ إِلَيۡهِمۡ أَعۡمَٰلَهُمۡ فِيهَا وَهُمۡ فِيهَا لَا يُبۡخَسُونَ
كىمكى قىلغان ئەمەللىرى ئارقىلىق ھاياتىي دۇنيانى ۋە ئۇنىڭ بىر دەملىك مەنپەئەتىنى كۆزلەيدىكەن، بىز ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ مۇكاپاتىنى مۇشۇ دۇنيادىلا بېرىمىز، يەنى تەن ساقلىقى، خاتىرجەملىك ۋە باياشاتلىق ئاتا قىلىمىز. ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ مۇكاپاتىدىن ھېچنەرسە كېمەيتىلمەيدۇ.
عربي تفسیرونه:
أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ لَيۡسَ لَهُمۡ فِي ٱلۡأٓخِرَةِ إِلَّا ٱلنَّارُۖ وَحَبِطَ مَا صَنَعُواْ فِيهَا وَبَٰطِلٞ مَّا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ
بۇنداق ناچار خىسلەتلىك كىشىلەرگە قىيامەت كۈنى ھېچقانداق مۇكاپات يوق، ئۇلار پەقەت دوزاخقا كىرىدۇ. ئۇلار ئەمەللىرىنىڭ مۇكاپاتىنى دۇنيادا ئېلىپ بولغان بولۇپ، ئەمەللىرى يوققا چىققان. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەمىلىدىن بۇرۇن نە ئىمانى، نە بىر دۇرۇس نىيىتى يوق ئىدى. دېمەك ئۇلار قىلغان ئەمەللىرى ئارقىلىق ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ۋە ئاخىرەتنى كۆزلىمەيتتى.
عربي تفسیرونه:
أَفَمَن كَانَ عَلَىٰ بَيِّنَةٖ مِّن رَّبِّهِۦ وَيَتۡلُوهُ شَاهِدٞ مِّنۡهُ وَمِن قَبۡلِهِۦ كِتَٰبُ مُوسَىٰٓ إِمَامٗا وَرَحۡمَةًۚ أُوْلَٰٓئِكَ يُؤۡمِنُونَ بِهِۦۚ وَمَن يَكۡفُرۡ بِهِۦ مِنَ ٱلۡأَحۡزَابِ فَٱلنَّارُ مَوۡعِدُهُۥۚ فَلَا تَكُ فِي مِرۡيَةٖ مِّنۡهُۚ إِنَّهُ ٱلۡحَقُّ مِن رَّبِّكَ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يُؤۡمِنُونَ
پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن كەلگەن پاكىتى ۋە يېنىدا پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن گۇۋاھچى بولۇپ كەلگەن جىبرىئىل بولغان ھەمدە پەيغەمبەرلىكىگە، پۈتكۈل ئىنسانلارغا رەھبەر ۋە رەھمەت ئىكەنلىكىگە بۇندىن ئىلگىرى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان تەۋراتمۇ گۇۋاھلىق بېرىدىغان مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەر ئازغۇنلۇقتا نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ قالغان ئاۋۇ كاپىرلارغا ئوخشىمايدۇ. ماۋۇلار قۇرئانغا ۋە ئۇ قۇرئان نازىل قىلىنغان مۇھەممەدكە ئىمان ئېيتىدۇ. خىلمۇخىل دىن ئەھلىدىن كىمكى مۇھەممەدكە (ياكى قۇرئانغا) كاپىر بولىدىكەن، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ جايى جەھەننەم بولىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! قۇرئاندىن ۋە كاپىرلارغا قىلىنغان ۋەدىدىن شەكلەنمىگىن. چۈنكى ئۇ شەكسىز ھەقىقەتتۇر. لېكىن كۆپىنچە كىشىلەر روشەن دەلىل-پاكىتلار دۆۋىلىنىپ تۇرسىمۇ ئىمان ئېيتمايدۇ.
عربي تفسیرونه:
وَمَنۡ أَظۡلَمُ مِمَّنِ ٱفۡتَرَىٰ عَلَى ٱللَّهِ كَذِبًاۚ أُوْلَٰٓئِكَ يُعۡرَضُونَ عَلَىٰ رَبِّهِمۡ وَيَقُولُ ٱلۡأَشۡهَٰدُ هَٰٓؤُلَآءِ ٱلَّذِينَ كَذَبُواْ عَلَىٰ رَبِّهِمۡۚ أَلَا لَعۡنَةُ ٱللَّهِ عَلَى ٱلظَّٰلِمِينَ
شېرىكنى ۋە بالىنى ئاللاھقا نىسبەت بېرىش ئارقىلىق ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان كىشىدىنمۇ زالىم بىرى يوق. ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇيدىغان بۇ ئادەملەر قىيامەت كۈنى قىلمىشلىرىدىن سوراققا تارتىلىشى ئۈچۈن پەرۋەردىگارى ئالدىغا تىزىلىدۇ. پەرىشتىلەر ۋە پەيغەمبەرلەردىن بولغان گۇۋاھچىلار ئۇلارغا قارشى گۇۋاھلىق بېرىپ: ئاللاھقا بالا نىسبەت بېرىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرگەن ۋە ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇغانلار مانا مۇشۇلار. بىلىپ قېلىڭلاركى، ئاللاھقا يالغاننى چاپلاش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارنى ئاللاھ ئۆز رەھمىتىدىن يىراق قىلدى، دەيدۇ.
عربي تفسیرونه:
ٱلَّذِينَ يَصُدُّونَ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ وَيَبۡغُونَهَا عِوَجٗا وَهُم بِٱلۡأٓخِرَةِ هُمۡ كَٰفِرُونَ
كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ توغرا يولىدىن توسىدىغانلار، ھەق يولغا ھېچكىم ماڭمىسۇن دەپ باتىلنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشكە ئىشەنمەيدۇ ھەم ئىنكار قىلىدۇ.
عربي تفسیرونه:
په دې مخ کې د ایتونو د فایدو څخه:
• تحدي الله تعالى للمشركين بالإتيان بعشر سور من مثل القرآن، وبيان عجزهم عن الإتيان بذلك.
ئاللاھ تائالا مۇشرىكلارغا قۇرئاندىكىگە ئوخشاش سۈرىدىن ئوننى كەلتۈرۈش بىلەن جەڭ ئېلان قىلىپ، ئۇلارنىڭ بۇنى كەلتۈرەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

• إذا أُعْطِي الكافر مبتغاه من الدنيا فليس له في الآخرة إلّا النار.
كاپىر دۇنيادا مەقسىتىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئاخىرەتتە ئۇنىڭغا دوزاختىن باشقا نەرسە يوق.

• عظم ظلم من يفتري على الله الكذب وعظم عقابه يوم القيامة.
ئاللاھقا يالغاننى توقۇغان كىشىنىڭ گۇناھى ئېغىر بولۇپ، قىيامەت كۈنىدىكى جازاسىمۇ قاتتىق بولىدۇ.

 
د معناګانو ژباړه سورت: هود
د سورتونو فهرست (لړلیک) د مخ نمبر
 
د قرآن کریم د معناګانو ژباړه - اویګوري ژبې ته د المختصر في تفسیر القرآن الکریم ژباړه - د ژباړو فهرست (لړلیک)

د مرکز تفسیر للدراسات القرآنیة لخوا خپور شوی.

بندول