د قرآن کریم د معناګانو ژباړه - اویګوري ژبې ته د المختصر في تفسیر القرآن الکریم ژباړه

external-link copy
5 : 29

مَن كَانَ يَرۡجُواْ لِقَآءَ ٱللَّهِ فَإِنَّ أَجَلَ ٱللَّهِ لَأٓتٖۚ وَهُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلۡعَلِيمُ

كىمكى قىيامەت كۈنى ئاللاھقا ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن، بىلسۇنكى ئاللاھ بۇنىڭ ئۈچۈن بېكىتكەن ۋاقىت يېقىندا چوقۇم كېلىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ئىش - ھەرىكەتلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ گەپ - سۆز ۋە ئىش - ھەرىكەتلىرىدىن خەۋەرسىز قالمايدۇ ھەمدە ئۇلارغا شۇ ئەمەللىرىگە قارىتا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ. info
التفاسير:
په دې مخ کې د ایتونو د فایدو څخه:
• النهي عن إعانة أهل الضلال.
بۇ ئايەتلەر ئازغۇنلارغا ياردەملىشىشتىن چەكلەيدۇ. info

• الأمر بالتمسك بتوحيد الله والبعد عن الشرك به.
ئاللاھنى بىر دەپ بىلىشتە چىڭ تۇرۇشقا، ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرۈشتىن يىراق تۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ. info

• ابتلاء المؤمنين واختبارهم سُنَّة إلهية.
مۇئمىنلەرنىڭ تۈرلۈك سىناقلارغا مۇپتىلا بولۇشى ئىلاھىي قانۇنىيەتتۇر. info

• غنى الله عن طاعة عبيده.
ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ تائەت - ئىبادەتلىرىدىن بىھاجەتتۇر. info