Check out the new design

د قرآن کریم د معناګانو ژباړه - اویګوري ژبې ته د المختصر في تفسیر القرآن الکریم ژباړه * - د ژباړو فهرست (لړلیک)


د معناګانو ژباړه سورت: ممتحنه   آیت:

مۇمتەھىنە

د سورت د مقصدونو څخه:
تحذير المؤمنين من تولي الكافرين.
مۆمىنلەرنى كاپىرلاردىن سىرداش دوست تۇتۇشتىن ئاگاھلاندۇرۇش.

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تَتَّخِذُواْ عَدُوِّي وَعَدُوَّكُمۡ أَوۡلِيَآءَ تُلۡقُونَ إِلَيۡهِم بِٱلۡمَوَدَّةِ وَقَدۡ كَفَرُواْ بِمَا جَآءَكُم مِّنَ ٱلۡحَقِّ يُخۡرِجُونَ ٱلرَّسُولَ وَإِيَّاكُمۡ أَن تُؤۡمِنُواْ بِٱللَّهِ رَبِّكُمۡ إِن كُنتُمۡ خَرَجۡتُمۡ جِهَٰدٗا فِي سَبِيلِي وَٱبۡتِغَآءَ مَرۡضَاتِيۚ تُسِرُّونَ إِلَيۡهِم بِٱلۡمَوَدَّةِ وَأَنَا۠ أَعۡلَمُ بِمَآ أَخۡفَيۡتُمۡ وَمَآ أَعۡلَنتُمۡۚ وَمَن يَفۡعَلۡهُ مِنكُمۡ فَقَدۡ ضَلَّ سَوَآءَ ٱلسَّبِيلِ
ئى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان، ئاللاھنىڭ شەرىئىتى بويىچە ئەمەل قىلغان مۇئمىنلەر! مېنىڭ ۋە ئۆزۈڭلارنىڭ دۈشمىنىڭلارنى سىرداش دوست قىلىۋالماڭلار. ئۇلار پەيغەمبىرىڭلار ئارقىلىق سىلەرگە كەلگەن دىنغا كاپىر بولغان ۋە پەيغەمبىرىنى يۇرتلىرىدىن قوغلاپ چىقارغان ئىدى. ئۇلار سىلەرنىمۇ يۇرتۇڭلار مەككىدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىدۇ. ئاراڭلاردىكى ئۇرۇق - تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىگىمۇ پەرۋا قىلمايدۇ. (ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشى) پەقەت سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار ئاللاھقا ئىمان ئېيتقىنىڭلار ئۈچۈندۇر. ئەگەر سىلەر مېنىڭ يولۇمدا، مېنىڭ رازىلىقىمنى كۆزلەپ جىھاد قىلىش ئۈچۈن چىققان بولساڭلار، ئۇنداق ئىشنى ھەرگىز قىلماڭلار. يەنى ئۇلارنى سىرداش بىلىپ مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى يوشۇرۇن يەتكۈزمەڭلار. مەن سىلەر مەخپىي قىلغاننىمۇ، ئاشكارا قىلغاننىمۇ بىلىپ تۇرىمەن. ماڭا ئۇنىڭدىن ۋە باشقا ئىشلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ. كىمكى كاپىرلارنى ئاشۇنداق سىرداش دوست قىلىۋالىدىكەن، توغرا يولدىن چەتنەپ، ھەقتىن ئېزىپ، توغرىدىن يىراقلاپ كەتكەن بولىدۇ.
عربي تفسیرونه:
إِن يَثۡقَفُوكُمۡ يَكُونُواْ لَكُمۡ أَعۡدَآءٗ وَيَبۡسُطُوٓاْ إِلَيۡكُمۡ أَيۡدِيَهُمۡ وَأَلۡسِنَتَهُم بِٱلسُّوٓءِ وَوَدُّواْ لَوۡ تَكۡفُرُونَ
ناۋادا ئۇلار سىلەرنى يېڭىۋالسا قەلبلىرىدە يوشۇرغان دۈشمەنلىكنى ئاشكارىلاپ، سىلەرگە ئازار بېرىش ۋە ئۇرۇش ئۈچۈن قوللىرىنى سوزىدۇ، تىل - ئاھانەتلەر ياغدۇرىدۇ. سىلەرنىڭمۇ ئۆزلىرىگە ئوخشاش ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە كاپىر بولۇشۇڭلارنى ئارزۇ قىلىدۇ.
عربي تفسیرونه:
لَن تَنفَعَكُمۡ أَرۡحَامُكُمۡ وَلَآ أَوۡلَٰدُكُمۡۚ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ يَفۡصِلُ بَيۡنَكُمۡۚ وَٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ بَصِيرٞ
ناۋادا سىلەر كاپىرلارنى ئۇرۇق - تۇغقىنىڭلار ۋە بالا - چاقىلىرىڭلار بولغانلىقى ئۈچۈن دوست تۇتساڭلار، ئۇلار سىلەرگە قىلچە ئەسقاتمايدۇ. قىيامەت كۈنى سىلەرنىڭ ئاراڭلار ئايرىۋېتىلىدۇ. ئاندىن سىلەردىن جەننەت ئەھلى جەننەتكە، دوزاخ ئەھلى دوزاخقا كىرىدۇ. ئاندىن بىر - بىرىڭلارغا پايدا ئېلىپ كېلەلمەيسىلەر. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇنىڭغا سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ ۋە سىلەرگە شۇ ئەمەللىرىڭلارغا ئاساسەن جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.
عربي تفسیرونه:
قَدۡ كَانَتۡ لَكُمۡ أُسۡوَةٌ حَسَنَةٞ فِيٓ إِبۡرَٰهِيمَ وَٱلَّذِينَ مَعَهُۥٓ إِذۡ قَالُواْ لِقَوۡمِهِمۡ إِنَّا بُرَءَٰٓؤُاْ مِنكُمۡ وَمِمَّا تَعۡبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ كَفَرۡنَا بِكُمۡ وَبَدَا بَيۡنَنَا وَبَيۡنَكُمُ ٱلۡعَدَٰوَةُ وَٱلۡبَغۡضَآءُ أَبَدًا حَتَّىٰ تُؤۡمِنُواْ بِٱللَّهِ وَحۡدَهُۥٓ إِلَّا قَوۡلَ إِبۡرَٰهِيمَ لِأَبِيهِ لَأَسۡتَغۡفِرَنَّ لَكَ وَمَآ أَمۡلِكُ لَكَ مِنَ ٱللَّهِ مِن شَيۡءٖۖ رَّبَّنَا عَلَيۡكَ تَوَكَّلۡنَا وَإِلَيۡكَ أَنَبۡنَا وَإِلَيۡكَ ٱلۡمَصِيرُ
ئى مۇئمىنلەر! ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۇئمىنلەر سىلەرگە ھەقىقەتەن گۈزەل نەمۇنىدۇر. ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كاپىر قەۋمىگە: ھەقىقەتەن بىز سىلەردىن ۋە سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىڭلاردىن ئادا - جۇدامىز. بىز سىلەر ئېتىقاد قىلىۋاتقان دىننى ئىنكار قىلدۇق. بىز بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئاداۋەت، ئۆچمەنلىك ئاشكارا بولدى. بۇ ئۆچمەنلىك تاكى سىلەر يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىمان ئېيتىپ، ئۇنىڭغا ھېچكىمنى شېرىك قىلمىغىنىڭلارغا قەدەر داۋاملىشىدۇ. شۇڭا سىلەرمۇ ئاشۇلار قىلغاندەك، كاپىر قەۋمىڭلاردىن ئادا - جۇدا بولۇشۇڭلار كېرەك. لېكىن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دادىسىغا: مەن سەن ئۈچۈن چوقۇم ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەيمەن، دېگەن سۆزى بۇنىڭ سىرتىدا بولۇپ، ئۇنى ئۆرنەك قىلىشىڭلارغا بولمايدۇ. چۈنكى بۇ ئىش ئىبراھىم دادىسىنىڭ ئىمان ئېيتىشىدىن ئۈمىد ئۈزۈشتىن بۇرۇن يۈز بەرگەن ئىدى. چۈنكى بىر مۇئمىننىڭ بىرەر مۇشرىك ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىشى توغرا ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن ئۆزۈڭنىمۇ ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قوغداپ قالالمايسەن. (ئېيتىڭلاركى) ئەي رەببىمىز! بىز بارچە ئىشلىرىمىزدا ساڭىلا تاياندۇق. ساڭا تەۋبە قىلغان ھالدا قايتتۇق. قىيامەت كۈنى قايتىدىغان جايىمىز سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر.
عربي تفسیرونه:
رَبَّنَا لَا تَجۡعَلۡنَا فِتۡنَةٗ لِّلَّذِينَ كَفَرُواْ وَٱغۡفِرۡ لَنَا رَبَّنَآۖ إِنَّكَ أَنتَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ
ئەي پەرۋەردىگارىمىز! كاپىرلارنى بىزگە ھۆكۈمران قىلىش ئارقىلىق بىزنى ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراتمىغىن. ئەي رەببىمىز! بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن. سەن ھەقىقەتەن يېڭىلمەيدىغان غالىبتۇرسەن، يارىتىشىڭدا، قانۇنلىرىڭلدا ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشۇڭدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىسەن.
عربي تفسیرونه:
په دې مخ کې د ایتونو د فایدو څخه:
• تسريب أخبار أهل الإسلام إلى الكفار كبيرة من الكبائر.
مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى كاپىرلارغا يەتكۈزۈش چوڭ گۇناھلاردىندۇر.

• عداوة الكفار عداوة مُتَأصِّلة لا تؤثر فيها موالاتهم.
كاپىلارنىڭ دۈشمەنلىكى ناھايىتى چوڭقۇر بولۇپ، ئۇلارنى سىرداش قىلىۋېلىشمۇ بۇ دۈشمەنلىككە تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ.

• استغفار إبراهيم لأبيه لوعده له بذلك، فلما نهاه الله عن ذلك لموته على الكفر ترك الاستغفار له.
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاتىسىغا ئىستىغپار ئېيتىشى ئۇنىڭغا بۇرۇن ۋەدە قىلغانلىقى ئۈچۈندۇر. ئاتىسى كاپىر ھالەتتە ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇنى ئاتىسىغا ئىستىغپار ئېيتىشتىن چەكلىگەندىن كېيىن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاتىسىغا ئىستىغپار ئېيتىشنى تەرك ئەتكەن.

 
د معناګانو ژباړه سورت: ممتحنه
د سورتونو فهرست (لړلیک) د مخ نمبر
 
د قرآن کریم د معناګانو ژباړه - اویګوري ژبې ته د المختصر في تفسیر القرآن الکریم ژباړه - د ژباړو فهرست (لړلیک)

د مرکز تفسیر للدراسات القرآنیة لخوا خپور شوی.

بندول