د قرآن کریم د معناګانو ژباړه - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - د ژباړو فهرست (لړلیک)


د معناګانو ژباړه سورت: الجن   آیت:

سۈرە جىن

د سورت د مقصدونو څخه:
إبطال دين المشركين، ببيان حال الجنّ وإيمانهم بعد سماع القرآن.
مۇشرىكلارنىڭ دىنىنىڭ باتىل ئىكەنلىكى، جىنلارنىڭ ئەھۋالى ۋە ئۇلارنىڭ قۇرئاننى ئاڭلىغاندىن كېيىنكى ئەھۋالىنىڭ بايانى .

قُلۡ أُوحِيَ إِلَيَّ أَنَّهُ ٱسۡتَمَعَ نَفَرٞ مِّنَ ٱلۡجِنِّ فَقَالُوٓاْ إِنَّا سَمِعۡنَا قُرۡءَانًا عَجَبٗا
ئەي پەيغەمبەر! ئۈممىتىڭگە ئېيتقىنكى، ئاللاھ تائالا ماڭا مۇنداق ۋەھيى قىلدى: بەتن نەخلە دېگەن جايدا بىر توپ جىنلار مېنىڭ قۇرئان ئوقۇشۇمغا قۇلاق ساپتۇ، ئاندىن ئۇلار قەۋمىنىڭ يېنىغا بارغانلىرىدا قەۋمىگە مۇنداق دەپتۇ: ھەقىقەتەن بىز بالاغەت ۋە پاساھەتتە ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ئوقۇلىدىغان بىر سۆزنى ئاڭلىدۇق.
عربي تفسیرونه:
يَهۡدِيٓ إِلَى ٱلرُّشۡدِ فَـَٔامَنَّا بِهِۦۖ وَلَن نُّشۡرِكَ بِرَبِّنَآ أَحَدٗا
بىز ئاڭلىغان بۇ سۆز بىزنى ئېتىقادتا، گەپ - سۆزدە ۋە ئىش - ھەرىكەتتە توغرا يولغا باشلايدىكەن. شۇڭا بىز ئۇنىڭغا ئىشەندۇق، بىز ئۇنى بەندىسىگە نازىل قىلغان پەرۋەردىگارىمىزغا ھېچكىمنى شېرىك قىلمايمىز.
عربي تفسیرونه:
وَأَنَّهُۥ تَعَٰلَىٰ جَدُّ رَبِّنَا مَا ٱتَّخَذَ صَٰحِبَةٗ وَلَا وَلَدٗا
بىز ئۇلۇغلۇقى ۋە بۈيۈكلۈكى يۈكسەك بولغان پەرۋەردىگارىمىزنىڭ مۇشرىكلار ئېيتقاندەك خوتۇنى ۋە بالىسى يوقلۇقىغا ئىمان ئېيتتۇق.
عربي تفسیرونه:
وَأَنَّهُۥ كَانَ يَقُولُ سَفِيهُنَا عَلَى ٱللَّهِ شَطَطٗا
ھەقىقەتەن ئىبلىس ئاللاھ تائالانىڭ خوتۇنى ۋە بالىسى بار دېگەندەك يالغان گەپنى دەيتتى.
عربي تفسیرونه:
وَأَنَّا ظَنَنَّآ أَن لَّن تَقُولَ ٱلۡإِنسُ وَٱلۡجِنُّ عَلَى ٱللَّهِ كَذِبٗا
بىز ھەقىقەتەن ئىنسان ۋە جىنلاردىن بولغان مۇشرىكلار ئاللاھنىڭ خوتۇنى ۋە بالىسى بار دېگەن سۆزلەرنى قىلغاندا ئۇلارنى يالغان سۆزلىمەيدۇ، دەپ ئويلاپ قاپتۇق، ئاندىن ئۇلارنى دوراپ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىپتۇق.
عربي تفسیرونه:
وَأَنَّهُۥ كَانَ رِجَالٞ مِّنَ ٱلۡإِنسِ يَعُوذُونَ بِرِجَالٖ مِّنَ ٱلۡجِنِّ فَزَادُوهُمۡ رَهَقٗا
ھەقىقەتەن جاھىلىيەت دەۋرىدە بىر بۆلۈك ئىنسانلار قورقۇنچلۇق بىرەر جايغا چۈشكۈن قىلغانلىرىدا بىر قىسىم جىنلارغا سىغىنىپ: مەن مۇشۇ ۋادىنىڭ خوجىسىغا سىغىنىپ ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ ئەقىلسىزلىرىنىڭ يامانلىقىدىن پاناھلىق تىلەيمەن، دەيتتى. شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار جىنلاردىن تېخىمۇ قورقىدىغان ۋە ئەيمىنىدىغان بوپكەتكەن ئىدى.
عربي تفسیرونه:
وَأَنَّهُمۡ ظَنُّواْ كَمَا ظَنَنتُمۡ أَن لَّن يَبۡعَثَ ٱللَّهُ أَحَدٗا
ئەي جىنلار! ئىنسانلارمۇ سىلەرگە ئوخشاش، ئاللاھ تائالا ھېچكىمنى ئۆلگەندىن كېيىن ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن تىرىلدۈرەلمەيدۇ، دەپ ئويلاپ قالدى.
عربي تفسیرونه:
وَأَنَّا لَمَسۡنَا ٱلسَّمَآءَ فَوَجَدۡنَٰهَا مُلِئَتۡ حَرَسٗا شَدِيدٗا وَشُهُبٗا
ھەقىقەتەن بىز ئاسمان خەۋەرلىرىنى (تىڭشىۋېلىشقا) ئۇرۇنۇپ باقتۇق. نەتىجىدە ئاسماننىڭ پەرىشتىلەردىن تەركىب تاپقان كۈچلۈك مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنى بىلەن توشۇپ كەتكەنلىكىنى بايقىدۇق. ئۇ مۇھاپىزەتچىلەر ئاسماننى بىز ئىلگىرى قىلىپ كەلگەن ئوغرىلىقچە خەۋەر تىڭشاشتىن مۇھاپىزەت قىلىدىكەن. يەنە ئاسمان لاۋۇلداپ يېنىپ تۇرىدىغان ئوتقا توشقۇزۇلغان بولۇپ، ئاسمانغا يېقىنلاشماقچى بولغان ھەر كىمگە شۇ ئوت ئېتىلىدىكەن.
عربي تفسیرونه:
وَأَنَّا كُنَّا نَقۡعُدُ مِنۡهَا مَقَٰعِدَ لِلسَّمۡعِۖ فَمَن يَسۡتَمِعِ ٱلۡأٓنَ يَجِدۡ لَهُۥ شِهَابٗا رَّصَدٗا
بىز ئىلگىرى ھەمىشە پەرىشتىلەر ئارىسىدا بولۇنغان سۆزلەرنى ئوغرىلىقچە تىڭشىۋېلىش ئۈچۈن ئاسماندىن ئورۇنلىرىمىزنى ئالاتتۇق، ئاندىن ئۇنى يەر يۈزىدىكى كاھىنلارغا ئېيتىپ بېرەتتۇق. ئەمدى ئىش باشقىچە بوپقاپتۇ. يەنى ھازىر بىزدىن كىمكى (ئاسمان خەۋىرىنى) تىڭشىماقچى بولسا، ئۆزى ئۈچۈن تەييارلانغان لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتنى تاپىدۇ. ئۇ قاچان ئاسمانغا يېقىنلاشماقچى بولغاندا ئۇنىڭغا شۇ ئوت ئېتىلىپ، ئۇنى كۆيدۈرۈۋېتىدىكەن.
عربي تفسیرونه:
وَأَنَّا لَا نَدۡرِيٓ أَشَرٌّ أُرِيدَ بِمَن فِي ٱلۡأَرۡضِ أَمۡ أَرَادَ بِهِمۡ رَبُّهُمۡ رَشَدٗا
بىز ھەقىقەتەن (ئاسمان خەۋەرلىرىنىڭ) بۇنداق قاتتىق مۇھاپىزەت قىلىنىشىنىڭ سەۋەبىنى، يەنى يەر يۈزىدىكىلەرگە يامانلىق ئىرادە قىلىندىمۇ ياكى ئاللاھ ئۇلارغا ياخشىلىقنى ئىرادە قىلدىمۇ؟ بىلمەيمىز. چۈنكى بىزدىن ئاسماننىڭ خەۋىرى ئۈزۈلۈپ قالدى.
عربي تفسیرونه:
وَأَنَّا مِنَّا ٱلصَّٰلِحُونَ وَمِنَّا دُونَ ذَٰلِكَۖ كُنَّا طَرَآئِقَ قِدَدٗا
ئەي جىنلار! بىزنىڭ ئىچىمىزدە تەقۋادار، ياخشىلارمۇ بار، كاپىر ۋە پاسىقلارمۇ بار. دېمەك، بىز قىزىقىشى بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان خىلمۇخىل تۈرلەرگە بۆلۈندۇق.
عربي تفسیرونه:
وَأَنَّا ظَنَنَّآ أَن لَّن نُّعۡجِزَ ٱللَّهَ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَلَن نُّعۡجِزَهُۥ هَرَبٗا
بىز ھەقىقەتەن شۇنىڭغا ئىشەندۇقكى، ئەگەر ئاللاھ بىزگە بىرەر ئىشنى ئىرادە قىلغان بولسا، بىز ئۇنىڭدىن ھەرگىز قېچىپ قۇتۇلالمايمىز، ئۇ بىزنى ھەر تەرەپتىن قورشىغانلىقى ئۈچۈن بىز ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايمىز.
عربي تفسیرونه:
وَأَنَّا لَمَّا سَمِعۡنَا ٱلۡهُدَىٰٓ ءَامَنَّا بِهِۦۖ فَمَن يُؤۡمِنۢ بِرَبِّهِۦ فَلَا يَخَافُ بَخۡسٗا وَلَا رَهَقٗا
ھەقىقەتەن بىز ئەڭ توغرا يولغا باشلايدىغان ئاشۇ قۇرئاننى ئاڭلىغان ۋاقتىمىزدىلا ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتۇق. كىمكى پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتىدىكەن، ياخشىلىقلىرىنىڭ كېمىيىپ كېتىشىدىن ھەمدە ئىلگىرى قىلغان گۇناھلىرىغا بىرەر گۇناھنىڭ قوشۇلۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ.
عربي تفسیرونه:
په دې مخ کې د ایتونو د فایدو څخه:
• تأثير القرآن البالغ فيمَنْ يستمع إليه بقلب سليم.
قۇرئاننى ساغلام قەلب بىلەن تىڭشىغان كىشىگە قۇرئان كەرىم قاتتىق تەسىر قىلىدۇ.

• الاستغاثة بالجن من الشرك بالله، ومعاقبةُ فاعله بضد مقصوده في الدنيا.
جىنلاردىن ياردەم تىلىگەنلىك ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىك بولۇپ، بۇنداق قىلغۇچى مۇشۇ دۇنيادىلا مەقسىتىنىڭ ئەكسىچە جازالىنىدۇ.

• بطلان الكهانة ببعثة النبي صلى الله عليه وسلم.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكى بىلەن كاھىنلىق بەربات بولدى.

• من أدب المؤمن ألا يَنْسُبَ الشرّ إلى الله.
يامانلىقنى ئاللاھقا مەنسۇپ قىلماسلىق مۇئمىننىڭ ئەدەب - ئەخلاقىدىندۇر.

وَأَنَّا مِنَّا ٱلۡمُسۡلِمُونَ وَمِنَّا ٱلۡقَٰسِطُونَۖ فَمَنۡ أَسۡلَمَ فَأُوْلَٰٓئِكَ تَحَرَّوۡاْ رَشَدٗا
بىزنىڭ ئىچىمىزدىن ئىتائەتمەنلىك بىلەن ئاللاھقا بويسۇنىدىغان مۇسۇلمانلارمۇ بار، توغرا ۋە تۈز يولدىن چەتنەپ كەتكەن زالىملارمۇ بار. كىمكى تائەت - ئىبادەت ۋە سالىھ ئەمەللەر بىلەن ئاللاھقا باش ئىگىدىكەن، ئەنە شۇلار ھىدايەتنى ۋە توغرىلىقنى كۆزلىگەنلەردۇر.
عربي تفسیرونه:
وَأَمَّا ٱلۡقَٰسِطُونَ فَكَانُواْ لِجَهَنَّمَ حَطَبٗا
توغرا ۋە تۈپتۈز يولدىن چەتنەپ كەتكەن زالىملارغا كەلسەك، ئۇلار جەھەننەمگە ئوتۇن بولۇپ، ئۆزىگە ئوخشاش ئىنسانلار بىلەن بىرگە جەھەننەمدە يېقىلغۇ قىلىنىدۇ.
عربي تفسیرونه:
وَأَلَّوِ ٱسۡتَقَٰمُواْ عَلَى ٱلطَّرِيقَةِ لَأَسۡقَيۡنَٰهُم مَّآءً غَدَقٗا
شۇنداقلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يەنە مۇنداق ۋەھىي قىلىندى: بىر بۆلۈك جىنلار ئۇنىڭغا مۇنداق ۋەھىي قىلىنغانلىقىنى ئاڭلاپتۇ: ئەگەر جىنلار ۋە ئىنسانلار ئىسلام يولى ئۈستىدە بولۇپ، ئىسلامدىكى كۆرسەتمىلەر بويىچە ئەمەل قىلىدىكەن، ئاللاھ چوقۇم ئۇلارغا مول يامغۇر ياغدۇرۇپ، تۈرلۈك - تۈمەن نېئمەتلەردىن بەھرىمەن قىلىدۇ.
عربي تفسیرونه:
لِّنَفۡتِنَهُمۡ فِيهِۚ وَمَن يُعۡرِضۡ عَن ذِكۡرِ رَبِّهِۦ يَسۡلُكۡهُ عَذَابٗا صَعَدٗا
(بۇ نېئمەتلەر) ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە شۈكرى قىلىدىغانلىقى ياكى تۇزكورلۇق قىلىدىغانلىقىنى سىناپ بېقىش ئۈچۈندۇر. كىمكى قۇرئاندىن ۋە قۇرئاندىكى پەند - نەسىھەتلەردىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، پەرۋەردىگارى ئۇنى بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان ئېغىر ئازابقا تاشلايدۇ.
عربي تفسیرونه:
وَأَنَّ ٱلۡمَسَٰجِدَ لِلَّهِ فَلَا تَدۡعُواْ مَعَ ٱللَّهِ أَحَدٗا
ھەقىقەتەن مەسجىدلەر باشقا بىرىنىڭ ئەمەس، پەقەت ئاللاھ تائالانىڭدۇر. شۇڭا مەسجىدلەردە ئاللاھقا باشقا بىرىنى قوشۇپ ئىبادەت قىلماڭلار. بولمىسا چېركاۋلىرى ۋە ئىبادەتخانىلىرىدىكى يەھۇدىي ۋە ناسارالارغا ئوخشاش بوپقالىسىلەر.
عربي تفسیرونه:
وَأَنَّهُۥ لَمَّا قَامَ عَبۡدُ ٱللَّهِ يَدۡعُوهُ كَادُواْ يَكُونُونَ عَلَيۡهِ لِبَدٗا
ئاللاھنىڭ بەندىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بەتن نەخلە دېگەن جايدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا تۇرغاندا جىنلار ئۇنىڭ قۇرئان تىلاۋىتىنى تىڭشاش ئۈچۈن قاتتىق قىستىلىشىپ، ئۇنى بېسىۋېلىشقا تاس قالدى.
عربي تفسیرونه:
قُلۡ إِنَّمَآ أَدۡعُواْ رَبِّي وَلَآ أُشۡرِكُ بِهِۦٓ أَحَدٗا
ئەي پەيغەمبەر! بۇ مۇشرىكلارغا: مەن پەقەت يېگانە رەببىمگىلا ئىبادەت قىلىمەن، كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭغا ئىبادەتتە باشقا بىرىنى شېرىك قىلمايمەن، دېگىن.
عربي تفسیرونه:
قُلۡ إِنِّي لَآ أَمۡلِكُ لَكُمۡ ضَرّٗا وَلَا رَشَدٗا
ئۇلارغا يەنە: مېنىڭ ئاللاھ سىلەرگە پۈتۈۋەتكەن بىرەر زىياننى سىلەردىن دەپئى قىلىشقا ۋە ئاللاھ سىلەردىن چەكلىگەن بىرەر پايدىنى يەتكۈزۈشكە كۈچۈم يەتمەيدۇ، دېگىن.
عربي تفسیرونه:
قُلۡ إِنِّي لَن يُجِيرَنِي مِنَ ٱللَّهِ أَحَدٞ وَلَنۡ أَجِدَ مِن دُونِهِۦ مُلۡتَحَدًا
ئۇلارغا يەنە ئېيتقىنكى: ناۋادا مەن ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىپ سالسام، مېنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچكىم قۇتقۇزالمايدۇ، مەن ئاللاھتىن باشقا ھېچ پاناھگاھمۇ تاپالمايمەن.
عربي تفسیرونه:
إِلَّا بَلَٰغٗا مِّنَ ٱللَّهِ وَرِسَٰلَٰتِهِۦۚ وَمَن يَعۡصِ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ فَإِنَّ لَهُۥ نَارَ جَهَنَّمَ خَٰلِدِينَ فِيهَآ أَبَدًا
لېكىن مەن پەقەت ئاللاھ مېنى سىلەرگە يەتكۈزۈشكە بۇيرۇغاننى ۋە مېنى سىلەرگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىشتىكى ۋەزىپەمنى يەتكۈزەلەيمەن. كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىدىكەن، شەكسىزكى ئۇنىڭ ئاقىۋىتى جەھەننەمنىڭ ئوتىغا كىرىش بولىدۇ، ئۇ دوزاخ ئوتىدا مەڭگۈدىن - مەڭگۈگە قالىدۇ، ئۇنىڭدىن قەتئىي چىقالمايدۇ.
عربي تفسیرونه:
حَتَّىٰٓ إِذَا رَأَوۡاْ مَا يُوعَدُونَ فَسَيَعۡلَمُونَ مَنۡ أَضۡعَفُ نَاصِرٗا وَأَقَلُّ عَدَدٗا
كاپىرلار تاكى ئۆزلىرى دۇنيادا ۋەدە قىلىنغان ئازابنى قىيامەت كۈنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنگە قەدەر كۇپرى ئۈستىدە ئىزچىل تۇرىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇلار كىمنىڭ ياردەمچىسىنىڭ ئەڭ ئاجىز، تەرەپدارلىرىنىڭ ئەڭ ئاز ئىكەنلىكىنى چوقۇم بىلىپ قالىدۇ.
عربي تفسیرونه:
قُلۡ إِنۡ أَدۡرِيٓ أَقَرِيبٞ مَّا تُوعَدُونَ أَمۡ يَجۡعَلُ لَهُۥ رَبِّيٓ أَمَدًا
ئەي پەيغەمبەر! ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: سىلەر ۋەدە قىلىنىۋاتقان ئازاب يېقىندا بولامدۇ ياكى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغان مەلۇم بىر ۋاقىتقا قەدەر كېچىكتۈرۈلەمدۇ؟ ئۇقمايمەن.
عربي تفسیرونه:
عَٰلِمُ ٱلۡغَيۡبِ فَلَا يُظۡهِرُ عَلَىٰ غَيۡبِهِۦٓ أَحَدًا
ئاللاھ تائالا پۈتكۈل غەيبلەرنى بىلگۈچىدۇر. ئۇنىڭغا غەيبتىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ. ئاللاھ ئۆز غەيبىدىن ھېچكىمنى خەۋەردار قىلمايدۇ. بەلكى ئۇ ئاللاھنىڭ ئىلمىگە خاس ھالدا قېپقالىدۇ.
عربي تفسیرونه:
إِلَّا مَنِ ٱرۡتَضَىٰ مِن رَّسُولٖ فَإِنَّهُۥ يَسۡلُكُ مِنۢ بَيۡنِ يَدَيۡهِ وَمِنۡ خَلۡفِهِۦ رَصَدٗا
پەقەت ئاللاھ پەيغەمبەرلەردىن ئۆزىگە رازى بولغان كىشىگىلا ئۆزى خالىغان غەيبنى ئۇقتۇرىدۇ ھەمدە ئاشۇ پەيغەمبەردىن باشقا بىرى ئۇ غەيبتىن خەۋەردار بوپقالماسلىقى ئۈچۈن ئۇنى مۇھاپىزەت قىلىپ تۇرىدىغان پەرىشتىلەرنى ئۇ پەيغەمبەرنىڭ ئالدىدا قوغدىغۇچى قىلىپ ئەۋەتىدۇ.
عربي تفسیرونه:
لِّيَعۡلَمَ أَن قَدۡ أَبۡلَغُواْ رِسَٰلَٰتِ رَبِّهِمۡ وَأَحَاطَ بِمَا لَدَيۡهِمۡ وَأَحۡصَىٰ كُلَّ شَيۡءٍ عَدَدَۢا
بۇ پەيغەمبەرنىڭ شۇنى بىلىشى ئۈچۈنكى، ھەقىقەتەن ئۆزىدىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرمۇ پەرۋەردىگارى يەتكۈزۈشكە بۇيرۇغان ۋەزىپىلىرىنى يەتكۈزدى. چۈنكى ئاللاھ ئۇلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلەتتى ھەمدە ئاللاھ ئۇ پەرىشتىلەر بىلەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئالدىدىكى نەرسىنى مۇكەممەل بىلەتتى. شۇڭا ئاللاھقا ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىنىڭ سانىنى كونكرېت بىلىدۇكى، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
عربي تفسیرونه:
په دې مخ کې د ایتونو د فایدو څخه:
• الجَوْر سبب في دخول النار.
زۇلۇم دوزاخقا كىرىشكە سەۋەب بولىدۇ.

• أهمية الاستقامة في تحصيل المقاصد الحسنة.
گۈزەل نىشانغا يېتىش يولىدا مۇستەھكەم تۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم.

• حُفِظ الوحي من عبث الشياطين.
ۋەھىي شەيتانلارنىڭ ئويۇنلىرىدىن مۇھاپىزەت قىلىنغان.

 
د معناګانو ژباړه سورت: الجن
د سورتونو فهرست (لړلیک) د مخ نمبر
 
د قرآن کریم د معناګانو ژباړه - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - د ژباړو فهرست (لړلیک)

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

بندول