Check out the new design

د قرآن کریم د معناګانو ژباړه - اویګوري ژبې ته د المختصر في تفسیر القرآن الکریم ژباړه * - د ژباړو فهرست (لړلیک)


د معناګانو ژباړه سورت: مدثر   آیت:

مۇدەسسىر

د سورت د مقصدونو څخه:
الأمر بالاجتهاد في دعوة المكذبين، وإنذارهم بالآخرة والقرآن.
ھەقنى ئىنكار قىلغۇچىلارنى دەۋەت قىلىشقا تېرىشچانلىق قىلىش، ئۇلارنى ئاخىرەت بىلەن ۋە قۇرئان كەرىم بىلەن ئاگاھلاندۇرۇشقا بۇيرۇش.

يَٰٓأَيُّهَا ٱلۡمُدَّثِّرُ
ئى كىيىمىگە يۆگىنىۋالغۇچى! (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى دېمەكچى).
عربي تفسیرونه:
قُمۡ فَأَنذِرۡ
دەس تۇرۇپ، كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇر!
عربي تفسیرونه:
وَرَبَّكَ فَكَبِّرۡ
پەرۋەردىگارىڭنى ئۇلۇغلا!
عربي تفسیرونه:
وَثِيَابَكَ فَطَهِّرۡ
نەپسىڭنى گۇناھلاردىن، كىيىمىڭنى نىجاسەتلەردىن پاك تۇت!
عربي تفسیرونه:
وَٱلرُّجۡزَ فَٱهۡجُرۡ
بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن يىراق تۇر!
عربي تفسیرونه:
وَلَا تَمۡنُن تَسۡتَكۡثِرُ
سالىھ ئەمەللەرنى كۆپ قىلغانلىقىڭنى تىلغا ئېلىپ پەرۋەردىگارىڭغا مىننەت قىلما!
عربي تفسیرونه:
وَلِرَبِّكَ فَٱصۡبِرۡ
دەۋەت يولىدا ئۇچرىغان ئەزىيەتلەرگە ئاللاھ ئۈچۈن سەۋر قىلغىن!
عربي تفسیرونه:
فَإِذَا نُقِرَ فِي ٱلنَّاقُورِ
ئىككىنچى قېتىم سۇر چېلىنغان ۋاقىت، ئۇ ناھايىتى قىيىن كۈندۇر.
عربي تفسیرونه:
فَذَٰلِكَ يَوۡمَئِذٖ يَوۡمٌ عَسِيرٌ
ئىككىنچى قېتىم سۇر چېلىنغان ۋاقىت، ئۇ ناھايىتى قىيىن كۈندۇر.
عربي تفسیرونه:
عَلَى ٱلۡكَٰفِرِينَ غَيۡرُ يَسِيرٖ
ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە كاپىر بولغانلارغا بۇ كۈن ئاسان ئەمەس.
عربي تفسیرونه:
ذَرۡنِي وَمَنۡ خَلَقۡتُ وَحِيدٗا
ئى پەيغەمبەر! مەن ئانىسىنىڭ قارنىدا مال - دۇنياسىز، بالا - چاقىسىز، يالغۇز ياراتقان ۋەلىيد ئىبنى مۇغىيرەنى ماڭا قويۇپ قويغىن!.
عربي تفسیرونه:
وَجَعَلۡتُ لَهُۥ مَالٗا مَّمۡدُودٗا
ئۇنىڭغا كۆپ مال-دۇنيا ئاتا قىلدىم.
عربي تفسیرونه:
وَبَنِينَ شُهُودٗا
ئۇنىڭغا يېنىدا بىللە تۇرىدىغان، تۈرلۈك يىغىلىشلارغا بىللە بارىدىغان، مال - مۈلكىنىڭ كۆپلۈكىدىن سەپىرى كۆپ بولغاچقا يېنىدىن ئايرىلمايدىغان ئوغۇللارنى بەردىم.
عربي تفسیرونه:
وَمَهَّدتُّ لَهُۥ تَمۡهِيدٗا
ئۇنىڭغا كەڭ - تاشا تۇرمۇش، كۆپ رىزىق ۋە بالا - چاقىلارنى بەردىم.
عربي تفسیرونه:
ثُمَّ يَطۡمَعُ أَنۡ أَزِيدَ
ئاندىن ئۇ ماڭا كاپىر بولۇپ تۇرۇپ يەنە مېنىڭ ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بېرىشىمنى تەمە قىلىدۇ.
عربي تفسیرونه:
كَلَّآۖ إِنَّهُۥ كَانَ لِأٓيَٰتِنَا عَنِيدٗا
ئىش ئۇنىڭ خىيال قىلغىنىدەك بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە نازىل قىلىنغان ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنىڭغا قارشى چىقتى.
عربي تفسیرونه:
سَأُرۡهِقُهُۥ صَعُودًا
مەن ئۇنىڭغا چوقۇم بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان ئېغىر ئازابنى تېتىتىمەن.
عربي تفسیرونه:
إِنَّهُۥ فَكَّرَ وَقَدَّرَ
ھەقىقەتەن مەن ئاشۇ نېئمەتلەرنى ئىنئام قىلغان بۇ كاپىر قۇرئاننىڭ ئاساسسىزلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن نېمە دېيىش ھەققىدە باش قاتۇرۇپ، كۆڭلىدە پىلان تۈزدى.
عربي تفسیرونه:
په دې مخ کې د ایتونو د فایدو څخه:
• المشقة تجلب التيسير.
قىيىنچىلىق ئاسانچىلىقنى ئېلىپ كىلىدۇ.

• وجوب الطهارة من الخَبَث الظاهر والباطن.
ئىچكى - تاشقى نىجاسەتلەردىن پاك بولۇش ۋاجىبتۇر.

• الإنعام على الفاجر استدراج له وليس إكرامًا.
پاجىر - كاپىرغا نېئمەت ئاتا قىلغانلىق ئۇنى ھۆرمەتلىگەنلىك ئەمەس، بەلكى تەدرىجىي ھالاك قىلىش ئۈچۈندۇر.

 
د معناګانو ژباړه سورت: مدثر
د سورتونو فهرست (لړلیک) د مخ نمبر
 
د قرآن کریم د معناګانو ژباړه - اویګوري ژبې ته د المختصر في تفسیر القرآن الکریم ژباړه - د ژباړو فهرست (لړلیک)

د مرکز تفسیر للدراسات القرآنیة لخوا خپور شوی.

بندول