Check out the new design

د قرآن کریم د معناګانو ژباړه - اویګوري ژبې ته د المختصر في تفسیر القرآن الکریم ژباړه * - د ژباړو فهرست (لړلیک)


د معناګانو ژباړه سورت: مرسلات   آیت:
أَلَمۡ نَخۡلُقكُّم مِّن مَّآءٖ مَّهِينٖ
ئى ئىنسانلار! بىز سىلەرنى مەنىيدىن ئىبارەت ئەرزىمەس سۇدىن ياراتمىدۇقمۇ؟
عربي تفسیرونه:
فَجَعَلۡنَٰهُ فِي قَرَارٖ مَّكِينٍ
ئاشۇ ئەرزىمەس سۇنى مەلۇم مۇددەتكىچە، يەنى ھامىلدارلىق مۇددىتىگىچە پۇختا ئورۇنغا، يەنى ئاياللارنىڭ بەچچىدانىغا ئورۇنلاشتۇردۇق.
عربي تفسیرونه:
إِلَىٰ قَدَرٖ مَّعۡلُومٖ
ئاشۇ ئەرزىمەس سۇنى مەلۇم مۇددەتكىچە، يەنى ھامىلدارلىق مۇددىتىگىچە پۇختا ئورۇنغا، يەنى ئاياللارنىڭ بەچچىدانىغا ئورۇنلاشتۇردۇق.
عربي تفسیرونه:
فَقَدَرۡنَا فَنِعۡمَ ٱلۡقَٰدِرُونَ
بوۋاقنىڭ قانداقلىقى، تەقدىرى، رەڭگى ۋە باشقا ئىشلارنى بەلگىلىدۇق. بىز ئاشۇلارنىڭ ھەممىسىگە قادىر بولغۇچىلارمىز.
عربي تفسیرونه:
وَيۡلٞ يَوۡمَئِذٖ لِّلۡمُكَذِّبِينَ
ئاشۇ كۈندىكى ھالاكەت، ئازاب ۋە زىيانكارلىق ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ئىنكار قىلغۇچىلارغا بولسۇن.
عربي تفسیرونه:
أَلَمۡ نَجۡعَلِ ٱلۡأَرۡضَ كِفَاتًا
زېمىننى ئىنسانلارنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان قىلمىدۇقمۇ؟
عربي تفسیرونه:
أَحۡيَآءٗ وَأَمۡوَٰتٗا
زېمىن ئۈستىدە ئولتۇراقلىشىپ، ئاۋات قىلىدىغان تىرىك ئىنسانلارنىمۇ، ئۇنىڭ ئىچىگە دەپنە قىلىنغان ئۆلۈك ئىنسانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
عربي تفسیرونه:
وَجَعَلۡنَا فِيهَا رَوَٰسِيَ شَٰمِخَٰتٖ وَأَسۡقَيۡنَٰكُم مَّآءٗ فُرَاتٗا
بىز زېمىندا مۇستەھكەم، يۈكسەك تاغلارنى ياراتتۇقكى، ئۇ تاغلار زېمىننى تەۋرەپ كېتىشتىن تۇتۇپ تۇرىدۇ. ئەي ئىنسانلار! بىز سىلەرنى تاتلىق سۇ بىلەن سۇغاردۇق. ئاشۇلارنى ياراتقان زات سىلەرنى ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈشتىن ئاجىز ئەمەس.
عربي تفسیرونه:
وَيۡلٞ يَوۡمَئِذٖ لِّلۡمُكَذِّبِينَ
ئاشۇ كۈندىكى ھالاكەت، ئازاب ۋە زىيانكارلىق ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ئىنكار قىلغۇچىلارغا بولسۇن.
عربي تفسیرونه:
ٱنطَلِقُوٓاْ إِلَىٰ مَا كُنتُم بِهِۦ تُكَذِّبُونَ
پەيغەمبەرلىرى ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغۇچىلارغا دېيىلىدۇكى، ئەي ئىنكارچىلار! سىلەر (دۇنيادىكى چېغىڭلاردا) ئىنكار قىلغان ئازاب تەرەپكە مېڭىڭلار.
عربي تفسیرونه:
ٱنطَلِقُوٓاْ إِلَىٰ ظِلّٖ ذِي ثَلَٰثِ شُعَبٖ
دوزاخنىڭ تۈتۈنلىرىدىن شەكىللەنگەن ئۈچ شاخلىق سايە تەرەپكە بېرىڭلار.
عربي تفسیرونه:
لَّا ظَلِيلٖ وَلَا يُغۡنِي مِنَ ٱللَّهَبِ
ئۇنىڭدا سايىنىڭ سالقىنلىقىمۇ يوق، دوزاخنىڭ يالقۇنى ۋە ھارارىتىنىڭ سىلەرگە كېلىشىنىمۇ توسالمايدۇ.
عربي تفسیرونه:
إِنَّهَا تَرۡمِي بِشَرَرٖ كَٱلۡقَصۡرِ
ھەقىقەتەن ئوت ئۇچقۇنلار چاچىدىغان بولۇپ، ھەر بىر ئۇچقۇن چوڭلۇقتا كاتتا ئوردىغا ئوخشايدۇ.
عربي تفسیرونه:
كَأَنَّهُۥ جِمَٰلَتٞ صُفۡرٞ
گوياكى ئۇ چاچقان ئۇ ئۇچقۇنلار قارىلىقى ۋە چوڭلۇقىدا قارا تۆگىلەرگە ئوخشايدۇ.
عربي تفسیرونه:
وَيۡلٞ يَوۡمَئِذٖ لِّلۡمُكَذِّبِينَ
ئاشۇ كۈندىكى ھالاكەت، ئازاب ۋە زىيانكارلىق ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ئىنكار قىلغۇچىلارغا بولسۇن.
عربي تفسیرونه:
هَٰذَا يَوۡمُ لَا يَنطِقُونَ
بۇ كۈندە ئۇلار ھېچ نەرسىنى سۆزلىيەلمەيدۇ.
عربي تفسیرونه:
وَلَا يُؤۡذَنُ لَهُمۡ فَيَعۡتَذِرُونَ
ئۇلارنىڭ كۇپۇرلۇقى ۋە گۇناھلىرىنى ئاقلاپ پەرۋەردىگارىغا باھانە - سەۋەب كۆرسىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
عربي تفسیرونه:
وَيۡلٞ يَوۡمَئِذٖ لِّلۡمُكَذِّبِينَ
ئاشۇ كۈندىكى ھالاكەت، ئازاب ۋە زىيانكارلىق ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ئىنكار قىلغۇچىلارغا بولسۇن.
عربي تفسیرونه:
هَٰذَا يَوۡمُ ٱلۡفَصۡلِۖ جَمَعۡنَٰكُمۡ وَٱلۡأَوَّلِينَ
بۇ پۈتۈن خالايىقلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈندۇر. بىز سىلەرنى ۋە ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنى بىر تۈزلەڭلىككە يىغىمىز.
عربي تفسیرونه:
فَإِن كَانَ لَكُمۡ كَيۡدٞ فَكِيدُونِ
ئەگەر سىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇشقا چارە - تەدبىرىڭلار بولسا، قېنى شۇ چارەڭلەرنى ئىشقا سېلىپ بېقىڭلار.
عربي تفسیرونه:
وَيۡلٞ يَوۡمَئِذٖ لِّلۡمُكَذِّبِينَ
ئاشۇ كۈندىكى ھالاكەت، ئازاب ۋە زىيانكارلىق ھۆكۈم قىلىنىدىغان كۈننى ئىنكار قىلغۇچىلارغا بولسۇن.
عربي تفسیرونه:
إِنَّ ٱلۡمُتَّقِينَ فِي ظِلَٰلٖ وَعُيُونٖ
ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق تەقۋادار بولغانلار جەننەتنىڭ بۈك - باراقسان دەرەخلىرىنىڭ سايىسىدا، ئېقىپ تۇرىدىغان تاتلىق سۇلۇق بۇلاقلارنىڭ بويىدا ياشايدۇ.
عربي تفسیرونه:
وَفَوَٰكِهَ مِمَّا يَشۡتَهُونَ
ئۇلار كۆڭۈللىرى تارتقان مېۋىلەردىن يەيدۇ.
عربي تفسیرونه:
كُلُواْ وَٱشۡرَبُواْ هَنِيٓـَٔۢا بِمَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ
ئۇلارغا دېيىلىدۇكى، دۇنيادا قىلغان سالىھ ئەمەللىرىڭلارنىڭ مۇكاپاتى ئۈچۈن زىيانسىز بولغان پاك يېمەكلىكلەردىن يەڭلار، سىڭىشلىك شاراپلارنى ئىچىڭلار.
عربي تفسیرونه:
إِنَّا كَذَٰلِكَ نَجۡزِي ٱلۡمُحۡسِنِينَ
ھەقىقەتەن بىز بارلىق ياخشى ئەمەل قىلغۇچىلارنى سىلەرنى مۇكاپاتلىغىنىمىزدەك مۇكاپاتلايمىز.
عربي تفسیرونه:
وَيۡلٞ يَوۡمَئِذٖ لِّلۡمُكَذِّبِينَ
ئاشۇ كۈندىكى ھالاكەت، ئازاب ۋە زىيانكارلىق ھۆكۈم قىلىنىدىغان كۈننى ئىنكار قىلغۇچىلارغا بولسۇن.
عربي تفسیرونه:
كُلُواْ وَتَمَتَّعُواْ قَلِيلًا إِنَّكُم مُّجۡرِمُونَ
ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغۇچى كاپىرلارغا دېيىلىدۇكى، سىلەر دۇنيادىكى ۋاقتىڭلاردا يەپ - ئىچىپ، دۇنيانىڭ ھۇزۇر - ھالاۋىتىنى سۈرۈڭلار. سىلەر ئاللاھقا كاپىر بولۇپ، پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلىق سەۋەبلىك گۇناھقا پاتتىڭلار.
عربي تفسیرونه:
وَيۡلٞ يَوۡمَئِذٖ لِّلۡمُكَذِّبِينَ
ئاشۇ كۈندىكى ھالاكەت، ئازاب ۋە زىيانكارلىق قىيامەت كۈنىدىكى جازانى ئىنكار قىلغۇچىلارغا بولسۇن.
عربي تفسیرونه:
وَإِذَا قِيلَ لَهُمُ ٱرۡكَعُواْ لَا يَرۡكَعُونَ
ناۋادا بۇ ئىنكارچىلارغا: ناماز ئوقۇڭلار دېيىلسە، ناماز ئوقۇمايدۇ.
عربي تفسیرونه:
وَيۡلٞ يَوۡمَئِذٖ لِّلۡمُكَذِّبِينَ
ئاشۇ كۈندىكى ھالاكەت، ئازاب ۋە زىيانكارلىق ھۆكۈم قىلىنىدىغان كۈننى ئىنكار قىلغۇچىلارغا بولسۇن.
عربي تفسیرونه:
فَبِأَيِّ حَدِيثِۭ بَعۡدَهُۥ يُؤۡمِنُونَ
ئۇلار پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان بۇ قۇرئانغا ئىشەنمىسە، ئۇنىڭدىن باشقا قايسى سۆزگە ئىشىنىدۇ؟
عربي تفسیرونه:
په دې مخ کې د ایتونو د فایدو څخه:
• رعاية الله للإنسان في بطن أمه.
ئىنسان ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقىتتىن تارتىپ ئاللاھنىڭ ھىمايىسىدە بولىدۇ.

• اتساع الأرض لمن عليها من الأحياء، ولمن فيها من الأموات.
زېمىن ئۈستىدە ياشايدىغان جانلىقلارنىمۇ، ئاستىدىكى ئۆلۈكلەرنىمۇ سىغدۇرىدۇ.

• خطورة التكذيب بآيات الله والوعيد الشديد لمن فعل ذلك.
ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىش ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپ، ئۇنداق قىلغانلارغا قاتتىق تەھدىتكە دۇچار بولىدۇ.

 
د معناګانو ژباړه سورت: مرسلات
د سورتونو فهرست (لړلیک) د مخ نمبر
 
د قرآن کریم د معناګانو ژباړه - اویګوري ژبې ته د المختصر في تفسیر القرآن الکریم ژباړه - د ژباړو فهرست (لړلیک)

د مرکز تفسیر للدراسات القرآنیة لخوا خپور شوی.

بندول