Check out the new design

د قرآن کریم د معناګانو ژباړه - اویګوري ژبې ته د المختصر في تفسیر القرآن الکریم ژباړه * - د ژباړو فهرست (لړلیک)


د معناګانو ژباړه سورت: عبس   آیت:

ئەبەسە

د سورت د مقصدونو څخه:
تذكير الكافرين المستغنين عن ربهم ببراهين البعث.
ئۆز رەببىدىن بىھاجەت بولغان كاپىرلارغا دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلىشنى ئەسلىتىش.

عَبَسَ وَتَوَلَّىٰٓ
پەيغەمبەر (ئەلەيھىسسالام) چىرايىنى تۈردى ۋە يۈزىنى ئۆرۈۋالدى.
عربي تفسیرونه:
أَن جَآءَهُ ٱلۡأَعۡمَىٰ
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇممۇ مەكتۇم ئەما كىشى بولۇپ، ئۆزىگە توغرا يولنى كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن ئىدى. بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇشرىكلارنىڭ كاتتىلىرىنىڭ ھىدايەت تېپىشىنى ئۈمىد قىلىپ شۇلار بىلەن مەشغۇل ئىدى.
عربي تفسیرونه:
وَمَا يُدۡرِيكَ لَعَلَّهُۥ يَزَّكَّىٰٓ
ئەي پەيغەمبەر! سەن نېمە بىلىسەن؟ بۇ ئەما كىشى گۇناھلىرىدىن پاكلىنىشى مۇمكىن.
عربي تفسیرونه:
أَوۡ يَذَّكَّرُ فَتَنفَعَهُ ٱلذِّكۡرَىٰٓ
ياكى سەندىن ئاڭلىغان ۋەز - نەسىھەتلەردىن ئىبرەت ئېلىپ ، مەنپەئەتلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.
عربي تفسیرونه:
أَمَّا مَنِ ٱسۡتَغۡنَىٰ
مال - مۈلكىگە ئىشىنىپ، ئۆزىنى سەن ئېلىپ كەلگەن نەرسىگە ئىمان ئېيتىشتىن بىھاجەت ھېسابلايدىغان ئادەمگە كەلسەك،
عربي تفسیرونه:
فَأَنتَ لَهُۥ تَصَدَّىٰ
سەن ئۇنىڭغا بېرىلىپ، يۈزلىنىپ كېتىسەن،
عربي تفسیرونه:
وَمَا عَلَيۡكَ أَلَّا يَزَّكَّىٰ
ئۇ ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ گۇناھلىرىدىن پاكلانمىسا ساڭا نېمە زىيىنى بولاتتى؟
عربي تفسیرونه:
وَأَمَّا مَن جَآءَكَ يَسۡعَىٰ
ياخشىلىق ئىزدەپ، پەرۋەردىگارىدىن قورققان ھالدا قېشىڭغا كەلگەن ئادەمگە كەلسەك،
عربي تفسیرونه:
وَهُوَ يَخۡشَىٰ
ياخشىلىق ئىزدەپ، پەرۋەردىگارىدىن قورققان ھالدا قېشىڭغا كەلگەن ئادەمگە كەلسەك،
عربي تفسیرونه:
فَأَنتَ عَنۡهُ تَلَهَّىٰ
سەن بولساڭ مۇشرىكلارنىڭ چوڭلىرىنى دەپ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيسەن.
عربي تفسیرونه:
كَلَّآ إِنَّهَا تَذۡكِرَةٞ
ئەسلى ئىش بۇنداق ئەمەس، پەقەتلا ئۇ قوبۇل قىلىدىغان كىشىگە ۋەز - نەسىھەت ۋە ئەسلىتىشتۇر.
عربي تفسیرونه:
فَمَن شَآءَ ذَكَرَهُۥ
ئاللاھ تائالادىن پەند - نەسىھەت قوبۇل قىلىشىنى خالىغان كىشى بۇ قۇرئاندىكى ئايەتلەردىن پەند -نەسىھەت ئالىدۇ.
عربي تفسیرونه:
فِي صُحُفٖ مُّكَرَّمَةٖ
دېمەك بۇ قۇرئان پەرىشتىلەرنىڭ قېشىدىكى ئۇلۇغ سەھىپىلەرگە پۈتۈلگەندۇر.
عربي تفسیرونه:
مَّرۡفُوعَةٖ مُّطَهَّرَةِۭ
ئۇ يۈكسەك مەرتىۋىگە كۆتۈرۈلگەن، كىر ۋە نىجاسەت يەتكۈزۈشكە بولمايدىغان پاك سەھىپىلەردۇر.
عربي تفسیرونه:
بِأَيۡدِي سَفَرَةٖ
ئۇ پەرىشتىلەردىن تاللانغان ئەلچىلەرنىڭ قوللىرىدىدۇر.
عربي تفسیرونه:
كِرَامِۭ بَرَرَةٖ
ئۇ ئەلچىلەر پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ھۆرمەتلىك، ياخشىلىق ۋە تائەت - ئىبادەتلىرى كۆپتۇر.
عربي تفسیرونه:
قُتِلَ ٱلۡإِنسَٰنُ مَآ أَكۡفَرَهُۥ
كاپىر ئىنسانغا لەنەت قىلىندى. ئۇنىڭ ئاللاھقا كاپىر بولۇشى نېمىدېگەن قەبىھ!.
عربي تفسیرونه:
مِنۡ أَيِّ شَيۡءٍ خَلَقَهُۥ
ئاللاھ ئۇنى نېمىدىن ياراتتىكى، يەر يۈزىدە تەكەببۇرلۇق قىلىپ، ئاللاھقا كاپىر بولسۇن؟
عربي تفسیرونه:
مِن نُّطۡفَةٍ خَلَقَهُۥ فَقَدَّرَهُۥ
ئاللاھ ئۇنى ئەرزىمەس سۇدىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنى (بىر قانچە باسقۇچقا بۆلۈپ) پەيدىن - پەي ياراتتى.
عربي تفسیرونه:
ثُمَّ ٱلسَّبِيلَ يَسَّرَهُۥ
مۇشۇ باسقۇچلاردىن كېيىن ئاللاھ ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن چىقىش يولىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى.
عربي تفسیرونه:
ثُمَّ أَمَاتَهُۥ فَأَقۡبَرَهُۥ
ئاندىن ئۇنىڭ ئۈچۈن بېكىتىلگەن ئۆمۈر ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئاللاھ ئۇنى ۋاپات تاپقۇزدى ھەمدە ئۇ تاكى قايتا تىرگۈزۈلگەنگە قەدەر قەبرىنى تۇرىدىغان جاي قىلدى.
عربي تفسیرونه:
ثُمَّ إِذَا شَآءَ أَنشَرَهُۥ
ئاندىن كېيىن ئاللاھ ئۇنى خالىغان ۋاقىتتا ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن تىرگۈزىدۇ.
عربي تفسیرونه:
كَلَّا لَمَّا يَقۡضِ مَآ أَمَرَهُۥ
ئەمەلىي ئەھۋال بۇ كاپىر گۇمان قىلغاندەك ئەمەسكى، ئۇ تېخىچە ئۈستىدىكى پەرۋەردىگارىنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلغىنى يوق، ئاللاھ ۋاجىب قىلغان پەرزلەرنى ئادا قىلغىنى يوق.
عربي تفسیرونه:
فَلۡيَنظُرِ ٱلۡإِنسَٰنُ إِلَىٰ طَعَامِهِۦٓ
ئاللاھقا كاپىر بولغان ئىنسان ئۆزى يەۋاتقان يېمەكلىكنىڭ قانداق قولغا كەلگەنلىكىگە قاراپ باقسۇن!.
عربي تفسیرونه:
أَنَّا صَبَبۡنَا ٱلۡمَآءَ صَبّٗا
ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشى ئاسماندىن كۈچ بىلەن مول ياغقان يامغۇردىندۇر.
عربي تفسیرونه:
ثُمَّ شَقَقۡنَا ٱلۡأَرۡضَ شَقّٗا
ئاندىن بىز زېمىننى ياردۇق، شۇنىڭ بىلەن ئۆسۈملۈكلەر يېرىپ چىقتى.
عربي تفسیرونه:
فَأَنۢبَتۡنَا فِيهَا حَبّٗا
بىز زېمىندا بۇغداي، قوناق ۋە باشقا دانلىق زىرائەتلەرنى ئۆستۈردۇق.
عربي تفسیرونه:
وَعِنَبٗا وَقَضۡبٗا
زېمىندا يەنە ئۈزۈم ھەمدە چارىپايلىرىڭلارغا يەم بولسۇن ئۈچۈن ئوتياشلارنى ئۆستۈردۇق.
عربي تفسیرونه:
وَزَيۡتُونٗا وَنَخۡلٗا
زەيتۇننى ۋە خورمىنى ئۆستۈردۇق.
عربي تفسیرونه:
وَحَدَآئِقَ غُلۡبٗا
دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى ئۆستۈرۈپ بەردۇق.
عربي تفسیرونه:
وَفَٰكِهَةٗ وَأَبّٗا
مېۋىلەرنى ھەمدە چارىپايلىرىڭلارنى ئوتلىتىدىغان ئوت - چۆپلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردۇق.
عربي تفسیرونه:
مَّتَٰعٗا لَّكُمۡ وَلِأَنۡعَٰمِكُمۡ
بۇلارنىڭ ھەممىسى سىلەرنىڭ ۋە چارىپايلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈندۇر.
عربي تفسیرونه:
فَإِذَا جَآءَتِ ٱلصَّآخَّةُ
ئىككىنچى قېتىم سۈر چېلىنغاندىكى قۇلاقنى يېرىۋەتكۈدەك قاتتىق ئاۋاز كەلگەن چاغدا
عربي تفسیرونه:
يَوۡمَ يَفِرُّ ٱلۡمَرۡءُ مِنۡ أَخِيهِ
ئۇ كۈندە ئىنسان ئۆز قېرىندىشىدىن قاچىدۇ.
عربي تفسیرونه:
وَأُمِّهِۦ وَأَبِيهِ
ئانىسىدىنمۇ، ئاتىسىدىنمۇ قاچىدۇ.
عربي تفسیرونه:
وَصَٰحِبَتِهِۦ وَبَنِيهِ
خوتۇنىدىن ۋە بالىلىرىدىنمۇ قاچىدۇ.
عربي تفسیرونه:
لِكُلِّ ٱمۡرِيٕٖ مِّنۡهُمۡ يَوۡمَئِذٖ شَأۡنٞ يُغۡنِيهِ
ئاشۇ كۈندىكى قايغۇنىڭ قاتتىقلىقىدىن ھەر كىمنىڭ باشقىلارغا قاراشقا ئىمكانىيەت بەرمەيدىغان ھالى بولىدۇ.
عربي تفسیرونه:
وُجُوهٞ يَوۡمَئِذٖ مُّسۡفِرَةٞ
ئۇ كۈندە بەختلىك كىشىلەرنىڭ يۈزلىرى (خۇشاللىقتىن) نۇرلۇق بولىدۇ.
عربي تفسیرونه:
ضَاحِكَةٞ مُّسۡتَبۡشِرَةٞ
ئاللاھ تەييارلىغان رەھمەتتىن خۇشال بولۇپ كۈلىدۇ.
عربي تفسیرونه:
وَوُجُوهٞ يَوۡمَئِذٍ عَلَيۡهَا غَبَرَةٞ
ئۇ كۈندە بەدبەختلەرنىڭ يۈزلىرى توپا - چاڭ بېسىپ كەتكەندەك بوپكېتىدۇ.
عربي تفسیرونه:
په دې مخ کې د ایتونو د فایدو څخه:
• عتاب الله نبيَّه في شأن عبد الله بن أم مكتوم دل على أن القرآن من عند الله.
ئاللاھ تائالانىڭ ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇممۇ مەكتۇمنىڭ ئىشىدا ئۆز پەيغەمبىرىگە كايىغانلىقى بولسا، قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن نازىل قىلىنغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر. .

• الاهتمام بطالب العلم والمُسْتَرْشِد.
ئىلىم ئۆگەنگۈچىگە ۋە توغرىنى كۆرسىتىپ قويۇشنى تەلەپ قىلغۇچىغا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك.

• شدة أهوال يوم القيامة حيث لا ينشغل المرء إلا بنفسه، حتى الأنبياء يقولون: نفسي نفسي.
قىيامەتنىڭ قورقۇنچلۇق ئەھۋاللىرىنىڭ ئېغىرلىقى شۇ دەرىجىدىكى، ئىنسان پەقەت ئۆز ھالى بىلەنلا قالىدۇ، ھەتتا پەيغەمبەرلەرمۇ: نەپسىم، نەپسىم، دېيىشىدۇ.

 
د معناګانو ژباړه سورت: عبس
د سورتونو فهرست (لړلیک) د مخ نمبر
 
د قرآن کریم د معناګانو ژباړه - اویګوري ژبې ته د المختصر في تفسیر القرآن الکریم ژباړه - د ژباړو فهرست (لړلیک)

د مرکز تفسیر للدراسات القرآنیة لخوا خپور شوی.

بندول