Tradução dos significados do Nobre Qur’an. - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - Índice de tradução


Tradução dos significados Versículo: (89) Surah: Suratu An-Nahl
وَيَوۡمَ نَبۡعَثُ فِي كُلِّ أُمَّةٖ شَهِيدًا عَلَيۡهِم مِّنۡ أَنفُسِهِمۡۖ وَجِئۡنَا بِكَ شَهِيدًا عَلَىٰ هَٰٓؤُلَآءِۚ وَنَزَّلۡنَا عَلَيۡكَ ٱلۡكِتَٰبَ تِبۡيَٰنٗا لِّكُلِّ شَيۡءٖ وَهُدٗى وَرَحۡمَةٗ وَبُشۡرَىٰ لِلۡمُسۡلِمِينَ
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! قىيامەت كۈنى بىز ھەر بىر ئۈممەتكە ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتقان ياكى كاپىر بولغانلىقىغا شاھىت بولىدىغان پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىمىز، بۇ پەيغەمبەر ئۇلارنىڭ مىللىتىدىن بولىدۇ، ئۇلارنىڭ تىلىدە سۆزلەيدۇ. ئى پەيغەمبەر! بىز سېنى بارلىق ئۈممەتلەرگە شاھىت قىلىپ ئەكىلىمىز. بىز ساڭا ھالال-ھارام، ساۋاب-جازا قاتارلىق بايان قىلىپ بېرىشكە ئېھتىياجلىق بولغان بارلىق نەرسىلەرنى بايان قىلىپ بېرىش ئۈچۈن قۇرئاننى نازىل قىلدۇق. قۇرئاننى كىشىلەرنى توغرا يولغا باشلايدىغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ئۇنىڭدىكى ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلغانلارغا رەھمەت قىلىپ، ئاللاھقا ئىشەنگەن مۆمىنلەرگە ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقان دائىملىق نېمەتلەر بىلەن خوشخەۋەر بېرىش ئۈچۈن .نازىل قىلدۇق
Os Tafssir em língua árabe:
Das notas do versículo nesta página:
• للكفار الذين يصدون عن سبيل الله عذاب مضاعف بسبب إفسادهم في الدنيا بالكفر والمعصية.
كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسىدىغان كاپىرلارغا، دۇنيادا ئاللاھقا كاپىر بولۇپ، گۇناھ-مەسىيەت سادىر قىلىپ، جەمئىيەتتە بۇزۇقچىلىق پەيدا قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ھەسسىلەپ ئازاب بېرىلىدۇ.

• لا تخلو الأرض من أهل الصلاح والعلم، وهم أئمة الهدى خلفاء الأنبياء، والعلماء حفظة شرائع الأنبياء.
زېمىن ھەر ۋاقىت ئىسلاھ قىلغۇچى ۋە ئىلىم ئىگىلىرىدىن خالى بولمايدۇ، ئۇلار توغرا يول تۇتقۇچى يىتەكچىلەر، پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرى، پەيغەمبەرلەرنىڭ سۈننەتلىرىنى مۇھاپىزەت قىلغۇچى ئۆلىمالاردىن ئىبارەتتۇر.

• حدّدت هذه الآيات دعائم المجتمع المسلم في الحياة الخاصة والعامة للفرد والجماعة والدولة.
بۇ ئايەت شەخسلەر، جامائەتلەر ۋە دۆلەتلەر ئۈچۈن ئومۇمى ۋە خۇسۇسى ھاياتىدا مۇسۇلمانلار جەمئىتىنى كۈچلاندۇرۇشنى بېكىتىدۇ.

• النهي عن الرشوة وأخذ الأموال على نقض العهد.
رىشۋەت ئىلىش، ۋەدىنى بۇزۇش قاتارلىقلار بەدىلىگە پۇل ئىلىش .چەكلىنىدۇ

 
Tradução dos significados Versículo: (89) Surah: Suratu An-Nahl
Índice de capítulos Número de página
 
Tradução dos significados do Nobre Qur’an. - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - Índice de tradução

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

Fechar