Tradução dos significados do Nobre Qur’an. - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - Índice de tradução


Tradução dos significados Versículo: (25) Surah: Suratu Al-Baqarah
وَبَشِّرِ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ أَنَّ لَهُمۡ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُۖ كُلَّمَا رُزِقُواْ مِنۡهَا مِن ثَمَرَةٖ رِّزۡقٗا قَالُواْ هَٰذَا ٱلَّذِي رُزِقۡنَا مِن قَبۡلُۖ وَأُتُواْ بِهِۦ مُتَشَٰبِهٗاۖ وَلَهُمۡ فِيهَآ أَزۡوَٰجٞ مُّطَهَّرَةٞۖ وَهُمۡ فِيهَا خَٰلِدُونَ
يۇقىرىدا كاپىرلار ئۈچۈن تەييارلانغان ئازابلار بايان قىلىندى، ئى پەيغەمبەر! ئاللاھقا ئىشەنگەن، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۆئمىنلەرگە، ئۇلارنى خۇرسەن قىلىدىغان قەسىرلىرى ۋە باغچىلىرىنىڭ ئاستىدىن ئېرىق-ئۆستەڭلەردە سۇلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بىلەن خۇشخەۋەر بەرگىن، ئۇلار جەننەتنىڭ شېرىن مېۋىلىرىدىن رىزىقلاندۇرۇلغان ۋاقىتتا، بۇ مېۋىلەرنىڭ دۇنيانىڭ مېۋىلىرىگە بەك ئوخشاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇلار بىز بۇرۇن دۇنيادىمۇ بۇ مېۋىلەردىن رىزىقلاندۇرۇلغان ئىدۇق دەيدۇ، ئۇلارغا شەكلى، ئىسمى كۆرۈنىشى دۇنيادا تونۇشلۇق بولغان مېۋىلەر كەلتۈرۈلىدۇ، لېكىن ئۇ مېۋىلەرنىڭ تەمى ۋە تاتلىقلىقى دۇنيادىكى مېۋىلەرگە ئوخشىمايدۇ، جەننەتتە ئۇلارغا دۇنيا ئەھلىنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى پاسكىنا ۋە يىرگىنىدىغان بارلىق نەرسىلەردىن پاك بولغان جۈپلەر بېرىلىدۇ، ئۇلار جەننەتتە دۇنيادىكى ئۈزۈلۈپ قالىدىغان نېئمەتلەرگە ئوخشىمايدىغان، ئۈزۈلمەي مەڭگۈ داۋاملىشىپ تۇرىدىغان نېمەتلەردە بولىدۇ
Os Tafssir em língua árabe:
Das notas do versículo nesta página:
• من كمال النعيم في الجنة أن ملذاتها لا يكدرها أي نوع من التنغيص، ولا يخالطها أي أذى.
جەننەتتىكى نېئمەتلەر مۇكەممەل بولۇپ، ئىنسانغا زىيان قىلمايدۇ ۋە ئۇنىڭ لەززىتىگە ھېچ قانداق نەرسە تەڭ كىلەلمەيدۇ.

• الأمثال التي يضربها الله تعالى لا ينتفع بها إلا المؤمنون؛ لأنهم هم الذين يريدون الهداية بصدق، ويطلبونها بحق.
ئاللاھ قۇرئاندا بايان قىلغان مىساللاردىن پەقەت مۆئمىنلەرلا پايدىلىنىدۇ، چۈنكى ئۇلار سەمىمىيەت بىلەن توغرا يول ۋە ھەقىقەتنى تەلەپ قىلىدۇ.

• من أبرز صفات الفاسقين نقضُ عهودهم مع الله ومع الخلق، وقطعُهُم لما أمر الله بوصله، وسعيُهُم بالفساد في الأرض.
پاسىقلارنىڭ ئەڭ ئوچۇق سۈپەتلىرىدىن: ئۇلار ئاللاھغا بەرگەن ۋە ئىنسانلارغا بەرگەن ۋەدىسىنى بۇزىدۇ، ئاللاھ ئۇلاشقا بۇيرىغان سىلە-رەھىمنى ئۈزىدۇ، زېمىندا بۇزۇقچىلىق قىلىدۇ.

• الأصل في الأشياء الإباحة والطهارة؛ لأن الله تعالى امتنَّ على عباده بأن خلق لهم كل ما في الأرض.
نەرسىلەر ئەسلىدە پاك ۋە مۇباھتۇر، چۈنكى ئاللاھ زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەرنى بەندىلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ياراتتى.

 
Tradução dos significados Versículo: (25) Surah: Suratu Al-Baqarah
Índice de capítulos Número de página
 
Tradução dos significados do Nobre Qur’an. - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - Índice de tradução

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

Fechar