Tradução dos significados do Nobre Qur’an. - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - Índice de tradução


Tradução dos significados Versículo: (49) Surah: Suratu Ash-Shu'araa
قَالَ ءَامَنتُمۡ لَهُۥ قَبۡلَ أَنۡ ءَاذَنَ لَكُمۡۖ إِنَّهُۥ لَكَبِيرُكُمُ ٱلَّذِي عَلَّمَكُمُ ٱلسِّحۡرَ فَلَسَوۡفَ تَعۡلَمُونَۚ لَأُقَطِّعَنَّ أَيۡدِيَكُمۡ وَأَرۡجُلَكُم مِّنۡ خِلَٰفٖ وَلَأُصَلِّبَنَّكُمۡ أَجۡمَعِينَ
پىرئەۋن سېھىرگەرلەرنىڭ ئىمان ئېيتقانلىقىغا قاتتىق غەزەبلىنىپ: مېنىڭ رۇخسىتىمسىز مۇساغا ئىمان ئېيتتىڭلارما؟ مۇسا چوقۇم سىلەرگە سېھىرگەرلىكنى ئۆگەتكەن پىرىڭلار ئىكەن. سىلەر بىرلىشىپ مىسىرلىقلارنى يۇرتلىرىدىن چىقىرىۋېتىشنىڭ كويىدا بولۇۋېتىپسىلەر. سىلەرنى قانداق جازالايدىغانلىقىمنى ئۇزۇنغا قالماي بىلىپ قالىسىلەر. مەن سىلەرنىڭ قول - پۇتلىرىڭلارنى چوقۇم ئوڭ - چەپ قىلىپ، يەنى ئوڭ پۇتۇڭلارنى سول قولۇڭلار بىلەن، ياكى سول پۇتۇڭلارنى ئوڭ قولۇڭلار بىلەن قوشۇپ كېسىۋېتىمەن، شۇنداقلا ھەممىڭلارنى خورما ياغاچلىرى (دىن ياسالغان دار)غا ئاسىمەن، سىلەردىن ھېچكىمنى ساق قويمايمەن، دېدى.
Os Tafssir em língua árabe:
Das notas do versículo nesta página:
• العلاقة بين أهل الباطل هي المصالح المادية.
باتىل كۈچلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ماددىي مەنپەئەتنى ئاساس قىلىدۇ.

• ثقة موسى بالنصر على السحرة تصديقًا لوعد ربه.
مۇسا ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارىنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنگەن بولغاچقا سېھىرگەرلەرنى چوقۇم يېڭىۋالىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.

• إيمان السحرة برهان على أن الله هو مُصَرِّف القلوب يصرفها كيف يشاء.
سېھىرگەرلەرنىڭ ئىمان ئېيتقانلىقى ئاللاھ تائالانىڭ قەلبلەرنى ئۆزى خالىغانچە باشقۇرىدىغانلىقىنىڭ پاكىتىدۇر.

• الطغيان والظلم من أسباب زوال الملك.
ھەددىدىن ئىشىش ۋە زۇلۇم قىلىش تەختى - بەختىنىڭ قولدىن كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغان ئامىللاردىن بىرىدۇر.

 
Tradução dos significados Versículo: (49) Surah: Suratu Ash-Shu'araa
Índice de capítulos Número de página
 
Tradução dos significados do Nobre Qur’an. - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - Índice de tradução

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

Fechar