Tradução dos significados do Nobre Qur’an. - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - Índice de tradução


Tradução dos significados Versículo: (51) Surah: Suratu Al-An'aam
وَأَنذِرۡ بِهِ ٱلَّذِينَ يَخَافُونَ أَن يُحۡشَرُوٓاْ إِلَىٰ رَبِّهِمۡ لَيۡسَ لَهُم مِّن دُونِهِۦ وَلِيّٞ وَلَا شَفِيعٞ لَّعَلَّهُمۡ يَتَّقُونَ
ئەي پەيغەمبەر! قىيامەت كۈنى پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا توپلىنىشتىن قورقىدىغانلارنى مۇشۇ قۇرئان بىلەن ئاگاھلاندۇرغىن. ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقا مەنپەئەت يەتكۈزەلەيدىغان نە بىر دوست، خاپىلىقنى كۆتۈرۈۋېتەلەيدىغان نە بىر شاپائەتچى بولمايدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق تەقۋادارلاردىن بولسۇن. چۈنكى قۇرئان كەرىمدىن مۇشۇنداق كىشىلەر مەنپەئەتلىنەلەيدۇ.
Os Tafssir em língua árabe:
Das notas do versículo nesta página:
• الأنبياء بشر، ليس لهم من خصائص الربوبية شيء البتة، ومهمَّتهم التبليغ، فهم لا يملكون تصرفًا في الكون، فلا يعلمون الغيب، ولا يملكون خزائن رزق ونحو ذلك.
پەيغەمبەرلەرمۇ ئىنساندۇر، ئۇلاردا پەرۋەردىگارلىق خۇسۇسىيەتلىرىدىن ھېچ نەرسە يوق. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئاللاھنىڭ بۇيرۇغىنىنى يەتكۈزۈش بولۇپ، ئۇلار كائىناتنى تەسەررۇپىغا ئالالمايدۇ، غەيىبنى بىلمەيدۇ، رىزىقنىڭ خەزىنىلىرى قاتارلىق نەرسىلەرگە ئىگە بولالمايدۇ.

• اهتمام الداعية بأتباعه وخاصة أولئك الضعفاء الذين لا يبتغون سوى الحق، فعليه أن يقرِّبهم، ولا يقبل أن يبعدهم إرضاء للكفار.
دەۋەتچى ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىگە، بولۇپمۇ ھەقتىن باشقىنى كۆزلىمەيدىغان ئاجىز كىشىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشى، ئۇلارنى ئۆزىگە يېقىن تۇتۇشى ۋە كاپىرلارنى خۇش قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى يىراقلاشتۇرماسلىقى لازىم.

• إشارة الآية إلى أهمية العبادات التي تقع أول النهار وآخره.
بۇ ئايەت ئەتىگەن-ئاخشامدا قىلىدىغان ئىبادەتلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشكە ئىشارەت قىلىدۇ.

 
Tradução dos significados Versículo: (51) Surah: Suratu Al-An'aam
Índice de capítulos Número de página
 
Tradução dos significados do Nobre Qur’an. - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - Índice de tradução

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

Fechar