Tradução dos significados do Nobre Qur’an. - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - Índice de tradução


Tradução dos significados Versículo: (13) Surah: Suratu Al-Mumtahana
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تَتَوَلَّوۡاْ قَوۡمًا غَضِبَ ٱللَّهُ عَلَيۡهِمۡ قَدۡ يَئِسُواْ مِنَ ٱلۡأٓخِرَةِ كَمَا يَئِسَ ٱلۡكُفَّارُ مِنۡ أَصۡحَٰبِ ٱلۡقُبُورِ
ئى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئاللاھ يولغا قويغان ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلغان مۇئمىنلەر! ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىغان ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغان قەۋمنى دوست تۇتماڭلار. بەلكى ئۇلار خۇددى ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشكە كاپىر بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆلۈكلىرىنىڭ ئۆزلىرى تەرەپكە قايتىشىدىن ئۈمىد ئۈزگىنىگە ئوخشاش، ئاخىرەتنىڭ ساۋابىدىنمۇ ئۈمىدىنى ئۈزگۈچىلەردۇر.
Os Tafssir em língua árabe:
Das notas do versículo nesta página:
• مشروعية مبايعة ولي الأمر على السمع والطاعة والتقوى.
بۇيرۇقلىرىنى ئاڭلاپ، ئىتائەت قىلىش ۋە تەقۋادارلىق ھەققىدە ئىش بېشىدىكى (ئالىملار ۋە مۇسۇلمان ھۆكۈمدارلار) غا بەيئەت بېرىش يوللۇق ئىشتۇر.

• وجوب الصدق في الأفعال ومطابقتها للأقوال.
ئىش - ھەرىكەتلەردە سەمىمىي بولۇش، سۆزى بىلەن ئەمەلىيىتى بىردەك بولۇش ۋاجىبتۇر.

• بيَّن الله للعبد طريق الخير والشر، فإذا اختار العبد الزيغ والضلال ولم يتب فإن الله يعاقبه بزيادة زيغه وضلاله.
ئاللاھ تائالا بەندىلەرگە ياخشىلىق ۋە يامانلىق يوللىرىنى روشەن بايان قىلغان بولۇپ، ناۋادا بەندە ئازغۇنلۇقنى تاللاپ، تەۋبە قىلمىسا، ئاللاھ ئۇنى چوقۇم تېخىمۇ ئازدۇرۇۋېتىش ئارقىلىق جازالايدۇ.

 
Tradução dos significados Versículo: (13) Surah: Suratu Al-Mumtahana
Índice de capítulos Número de página
 
Tradução dos significados do Nobre Qur’an. - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - Índice de tradução

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

Fechar