Tradução dos significados do Nobre Qur’an. - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - Índice de tradução


Tradução dos significados Versículo: (149) Surah: Suratu Al-Araaf
وَلَمَّا سُقِطَ فِيٓ أَيۡدِيهِمۡ وَرَأَوۡاْ أَنَّهُمۡ قَدۡ ضَلُّواْ قَالُواْ لَئِن لَّمۡ يَرۡحَمۡنَا رَبُّنَا وَيَغۡفِرۡ لَنَا لَنَكُونَنَّ مِنَ ٱلۡخَٰسِرِينَ
ئۇلار مۇزاينى مەبۇد قىلىۋېلىش ئارقىلىق توغرا يولدىن ئازغانلىقىنى بىلگەن چاغدا تىڭىرقاپ ۋە پۇشايمان قىلىپ: ئەگەر پەرۋەردىگارىمىز بىزنى تائەتكە مۇۋەپپەق قىلىش ئارقىلىق بىزگە رەھىم قىلمىغان بولسا ۋە ئىلگىرىكى موزايغا ئىبادەت قىلغانلىقىمىزنى مەغپىرەت قىلمىغان بولسا ئىدى، بىز ئەلۋەتتە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالاتتۇق، دېدى.
Os Tafssir em língua árabe:
Das notas do versículo nesta página:
• على العبد أن يكون من المُظْهِرين لإحسان الله وفضله عليه، فإن الشكر مقرون بالمزيد.
بەندە ئاللاھنىڭ ئۆزىگە ئاتا قىلغان ئېھسان ۋە پەزىلىتىنى ئاشكارىلىشى كېرەك، نېئمەتكە شۈكۈر قىلىش نېئمەتنىڭ زىيادە بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ.

• على العبد الأخذ بالأحسن في الأقوال والأفعال.
بەندە سۆز ۋە ئىش -ھەركەتلەرنىڭ ئەڭ گۈزەلىنى قىلىشى كېرەك.

• يجب تلقي الشريعة بحزم وجد وعزم على الطاعة وتنفيذ ما ورد فيها من الصلاح والإصلاح ومنع الفساد والإفساد.
شەرىئەتنى تائەت-ئىبادەت قىلىش، ياخشىلىقنى ئىجرا قىلىش، يامانلىقتىن چەكلەش نىيىتىدە تىرىشىپ ئۆگىنىش لازىم.

• على العبد إذا أخطأ أو قصَّر في حق ربه أن يعترف بعظيم الجُرْم الذي أقدم عليه، وأنه لا ملجأ من الله في إقالة عثرته إلا إليه.
بەندە خاتالاشقان ياكى پەرۋەردىگارىنىڭ ھەققىدە نۇقسانلىق ئۆتكۈزگەن ۋاقىتتا ئۆزى ئۆتكۈزگەن جىنايەتنىڭ چوڭلىقىنى ۋە خاتالىقتىن يېنىشنىڭ پەقەت ئاللاھ تەرەپكىلا بولىدىغانلىقىنى ئىتراپ قىلىشى كېرەك.

 
Tradução dos significados Versículo: (149) Surah: Suratu Al-Araaf
Índice de capítulos Número de página
 
Tradução dos significados do Nobre Qur’an. - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - Índice de tradução

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

Fechar