Check out the new design

Ibisobanuro bya qoran ntagatifu - Ibisobanuro bya Qur'an Ntagatifu mu rurimi rw'uyigur, bikaba ari incamacye y'ibisobanuro bya Qur'an Ntagatifu. * - Ishakiro ry'ibisobanuro


Ibisobanuro by'amagambo Isura: Swaad   Umurongo:
ٱصۡبِرۡ عَلَىٰ مَا يَقُولُونَ وَٱذۡكُرۡ عَبۡدَنَا دَاوُۥدَ ذَا ٱلۡأَيۡدِۖ إِنَّهُۥٓ أَوَّابٌ
ئەي پەيغەمبەر! بۇ ئىنكارچىلارنىڭ سېنى خاپا قىلىدىغان گەپلەرنى دېگەنلىكىگە سەۋر قىلغىن، دۈشمەنلىرىگە قارشى تۇرۇشتا كۈچلۈك، ئاللاھقا تائەت قىلىشتا سەۋرچان بەندىمىز داۋۇدنى ئەسلىگىن. چۈنكى ئۇ ئاللاھقا كۆپ تەۋبە قىلغۇچى ھەمدە ئاللاھنى رازى قىلىدىغان ئەمەلنى كۆپ قىلغۇچى ئىدى.
Ibisobanuro by'icyarabu:
إِنَّا سَخَّرۡنَا ٱلۡجِبَالَ مَعَهُۥ يُسَبِّحۡنَ بِٱلۡعَشِيِّ وَٱلۡإِشۡرَاقِ
شەكسىزكى بىز داۋۇدقا تاغلارنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. داۋۇد ئەتىگەن - ئاخشاملىرى تەسبىھ ئېيتسا، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تاغلارمۇ تەسبىھ ئېيتاتتى.
Ibisobanuro by'icyarabu:
وَٱلطَّيۡرَ مَحۡشُورَةٗۖ كُلّٞ لَّهُۥٓ أَوَّابٞ
بىز ھاۋادىكى قۇشلارنىمۇ بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، ھەر بىر قۇش ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ تەسبىھ ئېيتىدۇ.
Ibisobanuro by'icyarabu:
وَشَدَدۡنَا مُلۡكَهُۥ وَءَاتَيۡنَٰهُ ٱلۡحِكۡمَةَ وَفَصۡلَ ٱلۡخِطَابِ
بىز ئۇنىڭغا ھەيۋەت، كۈچ - قۇۋۋەت ۋە دۈشمەنلىرىگە قارشى نۇسرەت ئاتا قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ سەلتەنىتىنى كۈچەيتتۇق. ئۇنىڭغا پەيغەمبەرلىكنى ۋە ئىشلىرىدا توغرا قىلىش قابىلىيىتىنى بەردۇق. ئۇنىڭغا مەقسىتىنى تولۇق ئىپادىلىيەلەيدىغان نوتۇق قابىلىيىتى ۋە گەپ - سۆز ھەم ھۆكۈم قىلىشتا ئۆتكۈر پاساھەت ئاتا قىلدۇق.
Ibisobanuro by'icyarabu:
۞ وَهَلۡ أَتَىٰكَ نَبَؤُاْ ٱلۡخَصۡمِ إِذۡ تَسَوَّرُواْ ٱلۡمِحۡرَابَ
ئەي پەيغەمبەر! ساڭا داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىبادەتگاھىغا ئارتىلىپ چۈشكەن ئىككى دەۋاگەرنىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟
Ibisobanuro by'icyarabu:
إِذۡ دَخَلُواْ عَلَىٰ دَاوُۥدَ فَفَزِعَ مِنۡهُمۡۖ قَالُواْ لَا تَخَفۡۖ خَصۡمَانِ بَغَىٰ بَعۡضُنَا عَلَىٰ بَعۡضٖ فَٱحۡكُم بَيۡنَنَا بِٱلۡحَقِّ وَلَا تُشۡطِطۡ وَٱهۡدِنَآ إِلَىٰ سَوَآءِ ٱلصِّرَٰطِ
ئەينى چاغدا ئۇلار داۋۇدنىڭ يېنىغا ئۇشتۇمتۇت كىردى، شۇنىڭ بىلەن داۋۇد ئۇلارنىڭ بۇنداق بىنورمال ئۇسۇلدا ئۇشتۇمتۇت كىرگەنلىكىدىن چۆچۈپ كەتتى. ئۇلار داۋۇدنىڭ چۆچۈپ كەتكەنلىكىنى سېزىپ: قورقمىغىن، بىز بىر - بىرىمىزگە زۇلۇم قىلغان دەۋاگەرلەرمىز. ئارىمىزدا ئادىل ھۆكۈم قىلغىن. ناۋادا سەن ھۆكۈم قىلساڭ بىزگە زۇلۇم قىلمايسەن. بىزگە توغرا بولغان يولنى كۆرسەتكىن، دېيىشتى.
Ibisobanuro by'icyarabu:
إِنَّ هَٰذَآ أَخِي لَهُۥ تِسۡعٞ وَتِسۡعُونَ نَعۡجَةٗ وَلِيَ نَعۡجَةٞ وَٰحِدَةٞ فَقَالَ أَكۡفِلۡنِيهَا وَعَزَّنِي فِي ٱلۡخِطَابِ
دەۋاگەرلەرنىڭ بىرى داۋۇدقا: بۇ ئادەم مېنىڭ قېرىندىشىم بولىدۇ، ئۇنىڭ 99 ساغلىقى بار، مېنىڭ بولسا بىر ساغلىقىم بار. قېرىندىشىم مەندىن ئاشۇ بىر ساغلىقنىمۇ ئۆزىگە بېرىشىمنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. ئۇ مېنى دەلىلدە يېڭىپ قويدى، دېدى.
Ibisobanuro by'icyarabu:
قَالَ لَقَدۡ ظَلَمَكَ بِسُؤَالِ نَعۡجَتِكَ إِلَىٰ نِعَاجِهِۦۖ وَإِنَّ كَثِيرٗا مِّنَ ٱلۡخُلَطَآءِ لَيَبۡغِي بَعۡضُهُمۡ عَلَىٰ بَعۡضٍ إِلَّا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ وَقَلِيلٞ مَّا هُمۡۗ وَظَنَّ دَاوُۥدُ أَنَّمَا فَتَنَّٰهُ فَٱسۡتَغۡفَرَ رَبَّهُۥ وَخَرَّۤ رَاكِعٗاۤ وَأَنَابَ۩
داۋۇد ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىپ، دەۋاگەرگە قاراپ مۇنداق دېدى: قېرىندىشىڭ سېنىڭ بىر ساغلىقىڭنى ئۆزىنىڭ ساغلىقلىرىغا قوشۇۋېلىشنى تەلەپ قىلىپ ساڭا راستتىنلا ئۇۋال قىپتۇ. نۇرغۇن شېرىكلەر بىر - بىرىنىڭ ھەققىنى ئېلىۋېلىپ، ئىنساپسىزلىق قىلىش ئارقىلىق ئۆزئارا ئۆكتەملىك قىلىشىدۇ. لېكىن ياخشى ئەمەللەرنى قىلىدىغان مۇئمىنلەر ئۆزلىرىنىڭ شېرىكلىرىگە ئىنساپ بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ، ئۇۋال قىلمايدۇ. ھالبۇكى بۇنداق سۈپەتكە ئىگە كىشىلەر ئىنتايىن ئاز. داۋۇد بۇ دەۋا ئارقىلىق بىزنىڭ ئۆزىنى سىنىغانلىقىمىزنى بىلدى. ئاندىن رەببىدىن مەغپىرەت تىلەپ، ئاللاھقا يېقىنلىشىش ئۈچۈن سەجدىگە يىقىلىپ، تەۋبە قىلدى.
Ibisobanuro by'icyarabu:
فَغَفَرۡنَا لَهُۥ ذَٰلِكَۖ وَإِنَّ لَهُۥ عِندَنَا لَزُلۡفَىٰ وَحُسۡنَ مَـَٔابٖ
بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنى بۇ خاتالىقىنى كەچۈردۇق. شەكسىزكى ئۇ بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ئەلۋەتتە (رەھمىتىمىزگە) يېقىن قىلىنغانلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئاخىرەتتە ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى نەتىجە بار.
Ibisobanuro by'icyarabu:
يَٰدَاوُۥدُ إِنَّا جَعَلۡنَٰكَ خَلِيفَةٗ فِي ٱلۡأَرۡضِ فَٱحۡكُم بَيۡنَ ٱلنَّاسِ بِٱلۡحَقِّ وَلَا تَتَّبِعِ ٱلۡهَوَىٰ فَيُضِلَّكَ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِۚ إِنَّ ٱلَّذِينَ يَضِلُّونَ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ لَهُمۡ عَذَابٞ شَدِيدُۢ بِمَا نَسُواْ يَوۡمَ ٱلۡحِسَابِ
ئەي داۋۇد! ھەقىقەتەن بىز سېنى يەر يۈزىدە دىنىي ۋە دۇنيالىق ھۆكۈملەرنى چىقىرىدىغان خەلىپە قىلدۇق. شۇڭا كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلغىن، كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغىنىڭدا ئۇرۇق - تۇغقانچىلىق ياكى دوستلۇق مۇناسىۋىتى تۈپەيلىدىن ياكى ئاراڭلاردىكى بىرەر دۈشمەنلىك تۈپەيلىدىن ئىككى دەۋاگەرنىڭ بىرىگە ئېغىپ كېتىش ئارقىلىق ھاۋايى - ھەۋەسكە ئەگەشمىگىن. بولمىسا ھاۋايى - ھەۋەس سېنى ئاللاھنىڭ توغرا يولدىن ئازدۇرۇۋېتىدۇ. شەكسىزكى ئاللاھنىڭ توغرا يولىدىن ئېزىپ كەتكەنلەرگە ھېساب بېرىدىغان كۈننى ئۇنتۇپ قالغانلىقلىرى ئۈچۈن قاتتىق ئازاب بار. چۈنكى ئۇلار ھېساب بېرىدىغان كۈننى ئەسلەپ، ئۇنىڭدىن قورققان بولسا ئىدى، ھەرگىزمۇ ھاۋايى - ھەۋەسلىرىگە ماسلىشىپ كەتمىگەن بولاتتى.
Ibisobanuro by'icyarabu:
Inyungu dukura muri ayat kuri Uru rupapuro:
• بيان فضائل نبي الله داود وما اختصه الله به من الآيات.
بۇ ئايەتلەر ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەزىلىتىنى ھەمدە ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ئىلتىپات قىلغان مۆجىزىلەرنى بايان قىلىدۇ.

• الأنبياء - صلوات الله وسلامه عليهم - معصومون من الخطأ فيما يبلغون عن الله تعالى؛ لأن مقصود الرسالة لا يحصل إلا بذلك، ولكن قد يجري منهم بعض مقتضيات الطبيعة بنسيان أو غفلة عن حكم، ولكن الله يتداركهم ويبادرهم بلطفه.
پەيغەمبەرلەر ئاللاھ تائالادىن يەتكۈزگەن ۋەھىيدە خاتالىقتىن خالىيدۇر. چۈنكى پەيغەمبەرلىكتىن بولغان نىشان پەقەت شۇنداق بولغاندىلا ئەمەلگە ئاشىدۇ. لېكىن ئۇلاردىن ئىنسانلىق تەبىئىتى بىلەن بەزىدە ئۇنتۇپ قېلىش ياكى ھۆكۈمنى ئۇقماي قېلىشلار يۈز بېرىپ قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئاللاھ تائالا ئۆز لۇتفى بىلەن ئۇلارغا دەرھال توغرىنى بىلدۈرىدۇ.

• استدل بعض العلماء بقوله تعالى: ﴿ وَإِنَّ كَثِيرًا مِّنَ اْلْخُلَطَآءِ لَيَبْغِي بَعْضُهُمْ عَلَى بَعْضٍ ﴾ على مشروعية الشركة بين اثنين وأكثر.
بىر قىسىم ئۆلىمالار ئاللاھ تائالانىڭ: «نۇرغۇن شېرىكلەر بىر - بىرىنىڭ ھەقلىرىگە چېقىلىدۇ» دېگەن سۆزىنى ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك كىشىنىڭ شېرىكلىشىشىنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىگە دەلىل قىلغان.

• ينبغي التزام الأدب في الدخول على أهل الفضل والمكانة.
پەزىلەتلىك ۋە مەرتىۋىلىك كىشىلەرنىڭ يېنىغا كىرگەندە ئەدەب ساقلاش كېرەك.

 
Ibisobanuro by'amagambo Isura: Swaad
Urutonde rw'amasura numero y'urupapuro
 
Ibisobanuro bya qoran ntagatifu - Ibisobanuro bya Qur'an Ntagatifu mu rurimi rw'uyigur, bikaba ari incamacye y'ibisobanuro bya Qur'an Ntagatifu. - Ishakiro ry'ibisobanuro

byasohowe n'ikigo Tafsir of Quranic Studies.

Gufunga