Ibisobanuro bya qoran ntagatifu - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - Ishakiro ry'ibisobanuro


Ibisobanuro by'amagambo Umurongo: (149) Isura: Al An’am (Amatungo)
قُلۡ فَلِلَّهِ ٱلۡحُجَّةُ ٱلۡبَٰلِغَةُۖ فَلَوۡ شَآءَ لَهَدَىٰكُمۡ أَجۡمَعِينَ
ئەي پەيغەمبەر! مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، مۇبادا سىلەرنىڭ مۇشۇ ئاجىز پاكىتىڭلاردىن باشقا پاكىتىڭلار بولمىسا، شەكسىزكى ئاللاھنىڭ سىلەر ئوتتۇرىغا قويغان قۇرۇق باھانە-سەۋەبلىرىڭلارنى تامامەن بەربات قىلىۋېتەلەيدىغان، سىلەر ئېسىلىۋاتقان گۇمانىڭلارنى پۈتۈنلەي يوققا چىقىرىۋېتەلەيدىغان كۈچلۈك دەلىل-پاكىتلىرى بار. ئەي مۇشرىكلار! ئەگەر ئاللاھ ھەممىڭلارنى ھەقىقەتكە ئېرىشتۈرۈشنى خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە سىلەرنى ئۇنىڭغا مۇۋەپپەق قىلغان بولاتتى.
Ibisobanuro by'icyarabu:
Inyungu dukura muri ayat kuri Uru rupapuro:
• الحذر من الجرائم الموصلة لبأس الله؛ لأنه لا يُرَدُّ بأسه عن القوم المجرمين إذا أراده.
ئاللاھنىڭ ئازابىغا دۇچار قىلىدىغان جىنايەتلەردىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك، چۈنكى ئاللاھ گۇناھكارلارنى ئازابلىماقچى بولغاندا ئۇلاردىن ئۇنىڭ ئازابى قايتۇرۇلمايدۇ.

• الاحتجاج بالقضاء والقدر بعد أن أعطى الله تعالى كل مخلوق قُدْرة وإرادة يتمكَّن بهما من فعل ما كُلِّف به؛ ظُلْمٌ مَحْض وعناد صرف.
ئاللاھ ھەركىمگە بۇيرۇلغان ئىشلارنى قىلالايدىغان قۇدرەت ۋە ئىرادىنى بەرگىنىدىن كېيىن يەنە قازا ۋە قەدەرنى باھانە قىلىش پەقەت زۇلۇم ۋە سەركەشلىكتۇر.

• دَلَّتِ الآيات على أنه بحسب عقل العبد يكون قيامه بما أمر الله به.
يۇقىردىكى ئايەتلەر بەندىنىڭ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىشى ئەقلىگە يارىشا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

• النهي عن قربان الفواحش أبلغ من النهي عن مجرد فعلها، فإنه يتناول النهي عن مقدماتها ووسائلها الموصلة إليها.
گۇناھ - مەئسىيەتكە يېقىنلىشىشتىن چەكلەش گۇناھ مەئسىيەت قىلىشتىنلا چەكلىگەندىن كۈچلۈكرەكتۇر. چۈنكى گۇناھ-مەئسىيەتكە يېقىنلىشىشتىن چەكلەش گۇناھنىڭ مۇقەددىمىلىرى ۋە ئۇنىڭغا ئېلىپ بارىدىغان تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 
Ibisobanuro by'amagambo Umurongo: (149) Isura: Al An’am (Amatungo)
Urutonde rw'amasura numero y'urupapuro
 
Ibisobanuro bya qoran ntagatifu - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - Ishakiro ry'ibisobanuro

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

Gufunga