Check out the new design

Përkthimi i kuptimeve të Kuranit Fisnik - El Muhtesar fi tefsir el Kuran el Kerim - Përkthimi ujgurisht * - Përmbajtja e përkthimeve


Përkthimi i kuptimeve Surja: El Ankebut   Ajeti:
وَيَسۡتَعۡجِلُونَكَ بِٱلۡعَذَابِ وَلَوۡلَآ أَجَلٞ مُّسَمّٗى لَّجَآءَهُمُ ٱلۡعَذَابُۚ وَلَيَأۡتِيَنَّهُم بَغۡتَةٗ وَهُمۡ لَا يَشۡعُرُونَ
ئەي پەيغەمبەر! مۇشرىكلار سەن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغان ئازابنى تېز كەلتۈرۈشۈڭنى تەلەپ قىلىدۇ. ناۋادا ئاللاھ ئۇلارنى ئازابلاش ئۈچۈن ئىلگىرى ھەم كېيىن بولمايدىغان مۇئەييەن ۋاقىت بېكىتمىگەن بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلار تەلەپ قىلغان ئازاب ئۇلار خەۋەرسىز تۇرغان ھالەتتە ئۇشتۇمتۇت كەلگەن بولاتتى.
Tefsiret në gjuhën arabe:
يَسۡتَعۡجِلُونَكَ بِٱلۡعَذَابِ وَإِنَّ جَهَنَّمَ لَمُحِيطَةُۢ بِٱلۡكَٰفِرِينَ
ئۇلار سەن ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. شەك - شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا كاپىرلارغا ۋەدە قىلغان جەھەننەم ئۇلارنى ھەر تەرەپتىن قورشاپ تۇرىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭ ئازابىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.
Tefsiret në gjuhën arabe:
يَوۡمَ يَغۡشَىٰهُمُ ٱلۡعَذَابُ مِن فَوۡقِهِمۡ وَمِن تَحۡتِ أَرۡجُلِهِمۡ وَيَقُولُ ذُوقُواْ مَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ
ئۇ كۈندە ئازاب ئۇلارنى ئۈستىلىرىدىن يېپىنچا، ئاياغلىرى ئاستىدىن سېلىنچا بولۇپ ئورىۋالىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا كايىپ: سىلەر شېرىك كەلتۈرگىنىڭلارنىڭ ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلىرىڭلارنىڭ جازاسىنى تېتىڭلار، دەيدۇ.
Tefsiret në gjuhën arabe:
يَٰعِبَادِيَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِنَّ أَرۡضِي وَٰسِعَةٞ فَإِيَّٰيَ فَٱعۡبُدُونِ
ئەي مۇئمىن بەندىلىرىم! ماڭا ئىبادەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمىگەن زېمىندىن كۆچۈپ كېتىڭلار، مېنىڭ زېمىنىم ھەقىقەتەن كەڭرىدۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار، ماڭا ھېچكىمنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار.
Tefsiret në gjuhën arabe:
كُلُّ نَفۡسٖ ذَآئِقَةُ ٱلۡمَوۡتِۖ ثُمَّ إِلَيۡنَا تُرۡجَعُونَ
ئۆلۈمدىن قورقۇش سىلەرنى ھىجرەت قىلىشتىن توسۇپ قويمىسۇن. ھەر بىر جاندار ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىيدۇ. ئاندىن سىلەر قىيامەت كۈنى ھېساب بېرىش ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن پەقەت بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلۇسىلەر.
Tefsiret në gjuhën arabe:
وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ لَنُبَوِّئَنَّهُم مِّنَ ٱلۡجَنَّةِ غُرَفٗا تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَاۚ نِعۡمَ أَجۡرُ ٱلۡعَٰمِلِينَ
ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ھەمدە ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان سالىھ ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرنى جەننەتتە ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان ھۇجرىلارغا ئورۇنلاشتۇرىمىز، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ. ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچىلار ئېرىشكەن بۇ مۇكاپات نېمىدېگەن ياخشى ھە!
Tefsiret në gjuhën arabe:
ٱلَّذِينَ صَبَرُواْ وَعَلَىٰ رَبِّهِمۡ يَتَوَكَّلُونَ
ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ۋە گۇناھ - مەئسىيەتتىن يىراق بولۇشتا سەۋرچان بولغانلارنىڭ مۇكاپاتى نېمىدېگەن ياخشى! ئۇلار بارلىق ئىشلىرىدا پەقەت يېگانە ئاللاھقىلا تايىنىدۇ.
Tefsiret në gjuhën arabe:
وَكَأَيِّن مِّن دَآبَّةٖ لَّا تَحۡمِلُ رِزۡقَهَا ٱللَّهُ يَرۡزُقُهَا وَإِيَّاكُمۡۚ وَهُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلۡعَلِيمُ
نۇرغۇن جاندارلار ئۆز رىزقىنى تېپىپ يېيەلمەيدۇ، ئاللاھ ئۇلارغىمۇ، سىلەرگىمۇ رىزىق بېرىدۇ. ئۇنداق بولغان ئىكەن، ئاچ قېلىشتىن قورقۇپ ھىجرەت قىلماسلىققا باھانەڭلار يوق. ئاللاھ سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، نىيىتىڭلارنى ۋە ئىش - ھەرىكىتىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ئاللاھقا بۇلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ ھەمدە ئاللاھ سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.
Tefsiret në gjuhën arabe:
وَلَئِن سَأَلۡتَهُم مَّنۡ خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ وَسَخَّرَ ٱلشَّمۡسَ وَٱلۡقَمَرَ لَيَقُولُنَّ ٱللَّهُۖ فَأَنَّىٰ يُؤۡفَكُونَ
ئەي پەيغەمبەر! ئەگەر مۇشرىكلاردىن: ئاسمانلارنى ياراتقان كىم؟ زېمىننى ياراتقان كىم؟ قۇياش بىلەن ئاينى نۆۋەتلىشىپ تۇرىدىغان ھالەتتە بەندىلەرنىڭ خىزمىتىگە سېلىپ بەرگىنى كىم؟ دەپ سورىساڭ، ئۇلار ئەلۋەتتە: ئاللاھ ياراتتى، دەپ جاۋاب بېرىدۇ. شۇنداق تۇرۇپ ئۇلار قانداقسىگە ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشتىن بۇرۇلۇپ كېتىدۇ؟ قانداقسىگە ئاللاھنى قويۇپ، قىلچە پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان ئىلاھلارغا چوقۇنىدۇ؟
Tefsiret në gjuhën arabe:
ٱللَّهُ يَبۡسُطُ ٱلرِّزۡقَ لِمَن يَشَآءُ مِنۡ عِبَادِهِۦ وَيَقۡدِرُ لَهُۥٓۚ إِنَّ ٱللَّهَ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمٞ
ئاللاھ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ، خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى تار قىلىدۇ، بۇنىڭ ھېكمىتىنى پەقەت ئۆزى بىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە مەخپىي ئەمەس، بەندىلىرىگە پايدىلىق تەدبىرلەرمۇ مەخپىي ئەمەس.
Tefsiret në gjuhën arabe:
وَلَئِن سَأَلۡتَهُم مَّن نَّزَّلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ فَأَحۡيَا بِهِ ٱلۡأَرۡضَ مِنۢ بَعۡدِ مَوۡتِهَا لَيَقُولُنَّ ٱللَّهُۚ قُلِ ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِۚ بَلۡ أَكۡثَرُهُمۡ لَا يَعۡقِلُونَ
ئەي پەيغەمبەر! ئەگەر مۇشرىكلاردىن: ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق قۇرۇپ كەتكەن زېمىندا ئۆسۈملۈكلەرنى چىقارغان كىم؟ دەپ سورىساڭ، ئۇلار: ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق زېمىندا (ئۆسۈملۈكلەرنى) ئۆستۈرگەن ئاللاھ، دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى: بارلىق ھەمدۇسانا سىلەرگە پاكتىلارنى ئوتتۇرىغا قويغان ئاللاھقا خاستۇر. گەپنىڭ قىسقىسى، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئەقلىنى ئىشلەتمەيدۇ. چۈنكى ئۇلار ئەقلىنى ئىشلەتكەن بولسا ئىدى، ھەرگىزمۇ قىلچە پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان بۇتلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلمىغان بولاتتى.
Tefsiret në gjuhën arabe:
Dobitë e ajeteve të kësaj faqeje:
• استعجال الكافر بالعذاب دليل على حمقه.
كاپىرنىڭ ئازابنى ئالدىراتقانلىقى ئۇنىڭ ھاماقەتلىكىنىڭ دەلىلىدۇر.

• باب الهجرة من أجل سلامة الدين مفتوح.
دىنىنى قوغداش ئۈچۈن ھىجرەت ئىشىكى داۋاملىق ئوچۇقتۇر.

• فضل الصبر والتوكل على الله.
سەۋرچانلىق ۋە ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىش پەزىلەتلىك ئەمەلدۇر.

• الإقرار بالربوبية دون الإقرار بالألوهية لا يحقق لصاحبه النجاة والإيمان.
ئاللاھنىڭ پەرۋەردىگارلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئىلاھلىقىنى ئېتىراپ قىلمىغان كىشى نىجاتلىققا ئېرىشەلمەيدۇ ھەمدە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ.

 
Përkthimi i kuptimeve Surja: El Ankebut
Përmbajtja e sureve Numri i faqes
 
Përkthimi i kuptimeve të Kuranit Fisnik - El Muhtesar fi tefsir el Kuran el Kerim - Përkthimi ujgurisht - Përmbajtja e përkthimeve

Botuar nga Qendra e Tefsirit për Studime Kuranore.

Mbyll