Check out the new design

Përkthimi i kuptimeve të Kuranit Fisnik - El Muhtesar fi tefsir el Kuran el Kerim - Përkthimi ujgurisht * - Përmbajtja e përkthimeve


Përkthimi i kuptimeve Surja: El A’raf   Ajeti:
وَٱلۡبَلَدُ ٱلطَّيِّبُ يَخۡرُجُ نَبَاتُهُۥ بِإِذۡنِ رَبِّهِۦۖ وَٱلَّذِي خَبُثَ لَا يَخۡرُجُ إِلَّا نَكِدٗاۚ كَذَٰلِكَ نُصَرِّفُ ٱلۡأٓيَٰتِ لِقَوۡمٖ يَشۡكُرُونَ
مۇنبەت يەرنىڭ گىياھلىرى ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن تولۇق ئۈنىدۇ، ۋەز-نەسىھەتكە قۇلاق سېلىپ، ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىدىغان، ئاندىن ۋەز-نەسىھەتنىڭ نەتىجىسىدە ياخشى ئەمەل قىلىدىغان مۇئمىننىڭ مىسالى شۇنىڭغا ئوخشايدۇ. ساسلىق، شورلۇق زېمىننىڭ گىياھلىرى ناھايىتى تەستە ئۆسىدۇ، ئۇنىڭ ھېچقانداق پايدىسىمۇ يوق. كاپىر مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ، ۋەز-نەسىھەتلەردىن مەنپەئەت ئالالمايدۇ ھەمدە ئۇ ۋەز-نەسىھەتلەر ئۇنىڭغا پايدا ئېلىپ كېلىدىغان ياخشى ئەمەلنىمۇ ۋۇجۇدقا چىقارمايدۇ. مانا مۇشۇنداق ئاجايىپ تۈرلەرگە ئوخشاش، ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىپ، تۇزكورلۇق قىلمايدىغان ۋە پەرۋەردىگارىغا ئىتائەت قىلىدىغانلارغا ھەقنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن دەلىل-پاكىتلارنى تۈرلۈك-تۈرلۈك بايان قىلىمىز.
Tefsiret në gjuhën arabe:
لَقَدۡ أَرۡسَلۡنَا نُوحًا إِلَىٰ قَوۡمِهِۦ فَقَالَ يَٰقَوۡمِ ٱعۡبُدُواْ ٱللَّهَ مَا لَكُم مِّنۡ إِلَٰهٍ غَيۡرُهُۥٓ إِنِّيٓ أَخَافُ عَلَيۡكُمۡ عَذَابَ يَوۡمٍ عَظِيمٖ
شەك-شۈبھىسىزكى، بىز نۇھنى ئۆز قەۋمىنى ئاللاھنى يەككە-يېگانە دەپ بىلىشكە ۋە ئۇنىڭدىن باشقىغا چوقۇنۇشنى تاشلاشقا چاقىرىدىغان پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئاندىن ئۇ قەۋمىگە: ئەي قەۋمىم! بىر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرنىڭ ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي مەبۇدۇڭلار يوق. ئەي قەۋمىم! سىلەر كۇپۇرلۇقتا مۇشۇنداق چىڭ تۇرۇۋالىدىغانلا بولساڭلار، مەن ھەقىقەتەن بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن قورقىمەن.
Tefsiret në gjuhën arabe:
قَالَ ٱلۡمَلَأُ مِن قَوۡمِهِۦٓ إِنَّا لَنَرَىٰكَ فِي ضَلَٰلٖ مُّبِينٖ
نۇھ قەۋمىنىڭ چوڭلىرى ئۇنىڭغا: ئەي نۇھ! بىز سىنى ھەقىقەتتىن ئوپئوچۇق يىراقلىقتا دەپ قارايمىز» دېدى.
Tefsiret në gjuhën arabe:
قَالَ يَٰقَوۡمِ لَيۡسَ بِي ضَلَٰلَةٞ وَلَٰكِنِّي رَسُولٞ مِّن رَّبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ
نۇھ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا: مەن سىلەر ئويلىغاندەك ئازغۇن ئەمەسمەن، پەقەت پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن كەلگەن ھىدايەت ئۈستىدە مېڭىۋاتىمەن. مەن سىلەرگە مېنىڭ، سىلەرنىڭ ۋە پۈتكۈل ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىدۇرمەن، دېدى.
Tefsiret në gjuhën arabe:
أُبَلِّغُكُمۡ رِسَٰلَٰتِ رَبِّي وَأَنصَحُ لَكُمۡ وَأَعۡلَمُ مِنَ ٱللَّهِ مَا لَا تَعۡلَمُونَ
مەن سىلەرگە ئاللاھ مېنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىش ئارقىلىق ۋەھىي قىلغاننى يەتكۈزىمەن، سىلەرنى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈشكە ۋە ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان مۇكاپاتقا قىزىقتۇرۇش، گۇناھ-مەئسىيەتلەر ۋە ئۇنىڭ جازاسىدىن قورقۇتۇش ئارقىلىق سىلەرگە ياخشى بولسىكەن دەيمەن. ئاللاھنىڭ ماڭا ۋەھىي ئارقىلىق ئۆگەتكەنلىرىدىن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن.
Tefsiret në gjuhën arabe:
أَوَعَجِبۡتُمۡ أَن جَآءَكُمۡ ذِكۡرٞ مِّن رَّبِّكُمۡ عَلَىٰ رَجُلٖ مِّنكُمۡ لِيُنذِرَكُمۡ وَلِتَتَّقُواْ وَلَعَلَّكُمۡ تُرۡحَمُونَ
ئاراڭلاردىكى سىلەر تونۇيدىغان بىرىنىڭ تىلى ئارقىلىق سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرەپتىن ۋەھىي ۋە پەند-نەسىھەت كەلگەنلىكىدىن ھەيران قالدىڭلارما؟ ئۇ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۆسۈپ يېتىلگەن تۇرسا، يالغانچى ۋە يولدىن چىققان بىرى بولمىسا، ياكى باشقا بىر مەخلۇق بولمىسا؟ ئۇ ئەگەر سىلەر ئىنكار قىلىپ، ئاسىيلىق قىلساڭلار، سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىپ، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادار بولۇشۇڭلار ئۈچۈن كەلدى. ئەگەر ئىمان ئېيتساڭلار ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈمىدلىكتۇر.
Tefsiret në gjuhën arabe:
فَكَذَّبُوهُ فَأَنجَيۡنَٰهُ وَٱلَّذِينَ مَعَهُۥ فِي ٱلۡفُلۡكِ وَأَغۡرَقۡنَا ٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَآۚ إِنَّهُمۡ كَانُواْ قَوۡمًا عَمِينَ
ئاندىن قەۋمى نۇھنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنىڭغا ئىشەنمىدى، ئەكسىچە كۇپۇرلۇقىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن نۇھ ئاللاھنىڭ ئۇلارنى ھالاك قىلىۋېتىشىنى (تىلەپ) ئۇلارغا بەددۇئا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىز نۇھنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن كىمىگە چىققان مۇئمىنلەرنى غەرق بوپكېتىشتىن قۇتۇلدۇردۇق، ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ۋە ئىنكار قىلىشنى داۋاملاشتۇرغانلارنى جازالاش ئۈچۈن چۈشۈرۈلگەن توپان بالاسىغا غەرق قىلدۇق. ئۇلارنىڭ قەلبلىرى ھەقىقەتەن ھەقتىن كور ئىدى.
Tefsiret në gjuhën arabe:
۞ وَإِلَىٰ عَادٍ أَخَاهُمۡ هُودٗاۚ قَالَ يَٰقَوۡمِ ٱعۡبُدُواْ ٱللَّهَ مَا لَكُم مِّنۡ إِلَٰهٍ غَيۡرُهُۥٓۚ أَفَلَا تَتَّقُونَ
بىز ئاد قەبىلىسىگە ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ھۇدنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ھۇد ئېيتتى: ئەي قەۋمىم! بىر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرنىڭ ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي مەبۇدۇڭلار يوق. ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇشۇڭلار ئۈچۈن ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق تەقۋادار بولمامسىلەر؟
Tefsiret në gjuhën arabe:
قَالَ ٱلۡمَلَأُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ مِن قَوۡمِهِۦٓ إِنَّا لَنَرَىٰكَ فِي سَفَاهَةٖ وَإِنَّا لَنَظُنُّكَ مِنَ ٱلۡكَٰذِبِينَ
ھۇدنىڭ قەۋمى ئىچىدىن ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلغان چوڭلىرى ئېيتتى: ئەي ھۇد! سەن بىزنى بىر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا، بۇتلارغا چوقۇنۇشنى تاشلاشقا چاقىرغىنىڭدا بىز سېنى نادان ۋە تەنتەك دەپ بىلىمىز، ئۆزۈڭنى پەيغەمبەر دەۋېلىشىڭدا سېنى چوقۇم يالغانچى دەپ قارايمىز.
Tefsiret në gjuhën arabe:
قَالَ يَٰقَوۡمِ لَيۡسَ بِي سَفَاهَةٞ وَلَٰكِنِّي رَسُولٞ مِّن رَّبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ
ھۇد قەۋمىگە رەددىيە قايتۇرۇپ: ئەي قەۋمىم! مەن نادان ۋە تەنتەك ئەمەسمەن، ئەكسىچە ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن، دېدى.
Tefsiret në gjuhën arabe:
Dobitë e ajeteve të kësaj faqeje:
• الأرض الطيبة مثال للقلوب الطيبة حين ينزل عليها الوحي الذي هو مادة الحياة، وكما أن الغيث مادة الحياة، فإن القلوب الطيبة حين يجيئها الوحي، تقبله وتعلمه وتنبت بحسب طيب أصلها، وحسن عنصرها، والعكس.
مۇنبەت زېمىن پاك قەلبكە ئوخشايدۇ، پاك قەلبلەرگە ۋەھىي نازىل بولغان چاغدا ئۇ، قەلبكە ھاياتلىق ئېلمېنتى بولىدۇ، گوياكى يامغۇر ھاياتلىق ئېلمېنتى بولغاندەك. چۈنكى پاك قەلبلەر ۋەھىي كەلگەن چاغدا ئۇنى قوبۇل قىلىپ، ئۆگىنىدۇ، يىلتىزى ۋە ئېلمېنتىنىڭ ياخشىلىقىغا قاراپ ياشىرىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىمۇ مۇشۇ نىسبەتتە بولىدۇ.

• الأنبياء والمرسلون يشفقون على الخلق أعظم من شفقة آبائهم وأمهاتهم.
پەيغەمبەرلەر ئىنسانلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىرىدىنمۇ بەكرەك مېھىر-شەپقەتلىكتۇر.

• من سُنَّة الله إرسال كل رسول من قومه وبلسانهم؛ تأليفًا لقلوب الذين لم تفسد فطرتهم، وتيسيرًا على البشر.
ھەربىر پەيغەمبەرنى ئۆز قەۋمىدىن، شۇلارنىڭ تىلى بىلەن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىش ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتى بولۇپ، بۇ پىترىتى بۇزۇلمىغان كىشىلەرنىڭ دىللىرىنى مايىل قىلىش ۋە ئىنسانلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈندۇر.

• من أعظم السفهاء من قابل الحق بالرد والإنكار، وتكبر عن الانقياد للعلماء والنصحاء، وانقاد قلبه وقالبه لكل شيطان مريد.
ھەقىقەتكە رەت قىلىش ۋە ئىنكار قىلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرغانلار، ئۆلىمالار ۋە نەسىھەتكارلارنىڭ سۆزىگە كىرىشتىن چوڭچىلىق قىلىپ، ئىچى-تېشى ئاسىي شەيتانغا باش ئەگكەنلەر ئەڭ ئەقىلسىز ئىنسانلاردىندۇر.

 
Përkthimi i kuptimeve Surja: El A’raf
Përmbajtja e sureve Numri i faqes
 
Përkthimi i kuptimeve të Kuranit Fisnik - El Muhtesar fi tefsir el Kuran el Kerim - Përkthimi ujgurisht - Përmbajtja e përkthimeve

Botuar nga Qendra e Tefsirit për Studime Kuranore.

Mbyll