Check out the new design

அல்குர்ஆன் மொழிபெயர்ப்பு - அல்முக்தஸர் பீ தப்ஸீரில் குர்ஆனில் கரீமுக்கான உய்கூர் மொழிபெயர்ப்பு * - மொழிபெயர்ப்பு அட்டவணை


மொழிபெயர்ப்பு அத்தியாயம்: அல்முஃமினூன்   வசனம்:
بَلۡ أَتَيۡنَٰهُم بِٱلۡحَقِّ وَإِنَّهُمۡ لَكَٰذِبُونَ
ئەمەلىيەت ئۇلار دەۋا قىلغاندەك ئەمەس، بەلكى بىز ھېچ قانداق شەك بولمىغان ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلدۇق. شەكسىزكى ئۇلار ئاللاھنىڭ شېرىكى ۋە بالىسى بارلىقىنى دەۋا قىلىشىدا ئەلۋەتتە يالغانچىلاردۇر. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىدىن تولىمۇ ئۈستۈن ۋە ئۇلۇغدۇر.
அரபு விரிவுரைகள்:
مَا ٱتَّخَذَ ٱللَّهُ مِن وَلَدٖ وَمَا كَانَ مَعَهُۥ مِنۡ إِلَٰهٍۚ إِذٗا لَّذَهَبَ كُلُّ إِلَٰهِۭ بِمَا خَلَقَ وَلَعَلَا بَعۡضُهُمۡ عَلَىٰ بَعۡضٖۚ سُبۡحَٰنَ ٱللَّهِ عَمَّا يَصِفُونَ
كاپىرلار بىلجىرلىغاندەك ئاللاھنىڭ بالىسى يوق، ئۇنىڭ بىلەن باشقا ھەقىقىي مەبۇدمۇ يوق. مۇبادا ئاللاھ بىلەن باشقا بىر ھەقىقىي مەبۇد بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ھەر بىر مەبۇد ئۆزى ياراتقان مەخلۇقاتلىرىنى ئىگىلەيتتى ھەمدە بىر - بىرىنى يېڭىۋالاتتى - دە، كائىناتنىڭ تەرتىپى بۇزۇلۇپ كېتەتتى. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭدىن ھېچنەرسە يۈز بەرگىنى يوق. دېمەك بۇ، ھەقىقىي مەبۇدنىڭ پەقەت يەككە - يېگانە ئاللاھ ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ بەردى. ئۇ مۇشرىكلار سۈپەتلىگەن بالىسى ۋە شېرىكى بولۇش دېگەندەك نالايىق سۈپەتلەردىن پاك ۋە مۇقەددەستۇر.
அரபு விரிவுரைகள்:
عَٰلِمِ ٱلۡغَيۡبِ وَٱلشَّهَٰدَةِ فَتَعَٰلَىٰ عَمَّا يُشۡرِكُونَ
ئاللاھ مەخلۇقاتلىرىدىن كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان ۋە كۆرگىلى بولىدىغان، شۇنداقلا سەزگۈ ئەزالار ئارقىلىق بىلگىلى بولىدىغان ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر، ئۇنىڭغا بۇلاردىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ. ئاللاھ تائالا شېرىكى بولۇشتىن تولىمۇ بۈيۈكتۇر.
அரபு விரிவுரைகள்:
قُل رَّبِّ إِمَّا تُرِيَنِّي مَا يُوعَدُونَ
ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، پەرۋەردىگارىم! ئەگەر ماڭا بۇ مۇشرىكلارغا ۋەدە قىلغان ئازابنى كۆرسىتىدىغان بولساڭ،
அரபு விரிவுரைகள்:
رَبِّ فَلَا تَجۡعَلۡنِي فِي ٱلۡقَوۡمِ ٱلظَّٰلِمِينَ
ئەي رەببىم! ناۋادا سەن ئۇلارنى ئازابلاپ، مەن بۇنىڭغا شاھىت بوپقالسام، مېنى ئۇلارنىڭ قاتارىدا قىلمىغىنكى، ئۇلارغا كەلگەن ئازاب ماڭىمۇ كەپقالمىسۇن.
அரபு விரிவுரைகள்:
وَإِنَّا عَلَىٰٓ أَن نُّرِيَكَ مَا نَعِدُهُمۡ لَقَٰدِرُونَ
بىز ئۇلارغا ۋەدە قىلغان ئازابنى ساڭا كۆرسىتىشكە ئەلۋەتتە قادىرمىز، نە بۇنىڭدىن، نە باشقا ھېچبىر ئىشتىن ئاجىز كەلمەيمىز.
அரபு விரிவுரைகள்:
ٱدۡفَعۡ بِٱلَّتِي هِيَ أَحۡسَنُ ٱلسَّيِّئَةَۚ نَحۡنُ أَعۡلَمُ بِمَا يَصِفُونَ
ئەي پەيغەمبەر! ساڭا يامانلىق قىلغانلارنى كەچۈرۈۋېتىش ئارقىلىق يامانلىققا ياخشىلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرغىن، ئۇلارنىڭ ئەزىيىتىگە سەۋر قىلغىن. بىز مۇشرىكلار سۈپەتلىگەن شېرىك ۋە يالغانچىلىقنى ھەمدە سېنى سېھىرگەر، ساراڭ دېگەنگە ئوخشاش نالايىق سۆزلەر بىلەن قارىلىغانلىقىنى ئوبدان بىلىمىز.
அரபு விரிவுரைகள்:
وَقُل رَّبِّ أَعُوذُ بِكَ مِنۡ هَمَزَٰتِ ٱلشَّيَٰطِينِ
ئېيتقىنكى، پەرۋەردىگارىم! ساڭا سېغىنىپ شەيتانلارنىڭ ئازدۇرۇشى ۋە ۋەسۋەسىلىرىدىن پاناھ تىلەيمەن.
அரபு விரிவுரைகள்:
وَأَعُوذُ بِكَ رَبِّ أَن يَحۡضُرُونِ
پەرۋەردىگارىم! ساڭا سېغىنىپ شەيتانلارنىڭ مېنىڭ ئىشلىرىمدىن ھەر قاندىقىدا ماڭا ھەمراھ بولۇۋېلىشىدىن پاناھ تىلەيمەن.
அரபு விரிவுரைகள்:
حَتَّىٰٓ إِذَا جَآءَ أَحَدَهُمُ ٱلۡمَوۡتُ قَالَ رَبِّ ٱرۡجِعُونِ
ناۋادا بۇ مۇشرىكلارنىڭ بىرىگە ئۆلۈم كېلىپ، ئۆلۈمنىڭ ئالامەتلىرىنى كۆرسە ئۆتۈپ كەتكەن ئۆمرىگە ھەم ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە سەل قارىغانلىقىغا پۇشايمان قىلىپ: پەرۋەردىگارىم! مېنى دۇنياغا قايتۇرغىن.
அரபு விரிவுரைகள்:
لَعَلِّيٓ أَعۡمَلُ صَٰلِحٗا فِيمَا تَرَكۡتُۚ كَلَّآۚ إِنَّهَا كَلِمَةٌ هُوَ قَآئِلُهَاۖ وَمِن وَرَآئِهِم بَرۡزَخٌ إِلَىٰ يَوۡمِ يُبۡعَثُونَ
مەن دۇنياغا قايتىپ قالسام ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشىم مۇمكىن، دەيدۇ. ئەمەلىيەت سەن تەلەپ قىلغاندەك ئەمەس. بۇ پەقەتلا قۇرۇق گەپ. مۇبادا ئۇ دۇنياغا قايتۇرۇلغان تەقدىردىمۇ ھەرگىز ۋەدىسىدە تۇرمايتتى. ئۆلۈپ كەتكەن بۇ كىشىلەر تاكى قايتا تىرىلىپ، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا توپلانغانغا قەدەر دۇنيا بىلەن ئاخىرەت ئارىسىدىكى بىر توسۇقنىڭ ئىچىدە تۇرىدۇ، شۇڭا قولدىن كەتكەننى قايتۇرۇۋېلىپ، قىلغان يامانلىقلىرىنى تۈزۈۋېلىش ئۈچۈن ئۇ توسۇقتىن دۇنياغا قايتالمايدۇ.
அரபு விரிவுரைகள்:
فَإِذَا نُفِخَ فِي ٱلصُّورِ فَلَآ أَنسَابَ بَيۡنَهُمۡ يَوۡمَئِذٖ وَلَا يَتَسَآءَلُونَ
سۈر چېلىشقا مۇئەككەل قىلىنغان پەرىشتە قىيامەتنىڭ بولغانلىقىنى ئېلان قىلىپ ئىككىنچى قېتىملىق سۈرنى چالغان چاغدا ئۇلار ئاخىرەتنىڭ قورقۇنچلۇق ئەھۋاللىرى بىلەن قېلىپ، ئۆزئارا نەسەبلىرى بىلەن پەخىر قىلىشىدىغان ئىش بولمايدۇ، ئۆز ھالى بىلەن ئاۋارە بولۇپ بىر - بىرىنىڭ ئەھۋالىنىمۇ سورىشالمايدۇ.
அரபு விரிவுரைகள்:
فَمَن ثَقُلَتۡ مَوَٰزِينُهُۥ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡمُفۡلِحُونَ
ياخشىلىق تارازىسى ئېغىر كېلىپ ياخشىلىقى يامانلىقىنى بېسىپ چۈشكەنلەر بەختكە ئېرىشكۈچىلەر بولۇپ، ئۇلار كۆزلىگەن مەقسەتلىرىگە يېتىدۇ، ئەنسىرىگەن ئىشتىن يىراق قىلىنىدۇ.
அரபு விரிவுரைகள்:
وَمَنۡ خَفَّتۡ مَوَٰزِينُهُۥ فَأُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ خَسِرُوٓاْ أَنفُسَهُمۡ فِي جَهَنَّمَ خَٰلِدُونَ
تارازىسى يەڭگىل كېلىپ يامانلىقى ياخشىلىقىنى بېسىپ چۈشكەنلەرگە كەلسەك، بۇلار ئۆزلىرىگە زىيانلىق ئىشلارنى قىلىپ، ئىمان ئېيتىش ۋە سالىھ ئەمەللەرنى قىلىشتىن ئىبارەت پايدىلىق ئىشلارنى قىلماسلىق بىلەن ئۆزلىرىنى نابۇت قىلىۋەتكەن كىشىلەردۇر. ئۇلار جەھەننەمنىڭ ئوتىغا كىرىپ، شۇ جايدا مەڭگۈ قالىدۇ، قەتئىي چىقالمايدۇ.
அரபு விரிவுரைகள்:
تَلۡفَحُ وُجُوهَهُمُ ٱلنَّارُ وَهُمۡ فِيهَا كَٰلِحُونَ
ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى ئوت كۆيدۈرىدۇ، چىرايلىرى قاتتىق تۈرۈلگەنلىكتىن ئۈستۈن كالپۇكى قورۇلۇپ، ئاستىن كالپۇكى ساڭگىلاپ، چىشلىرى چىقىپ بەتبەشىرە بوپكېتىدۇ.
அரபு விரிவுரைகள்:
இப்பக்கத்தின் வசனங்களிலுள்ள பயன்கள்:
• الاستدلال باستقرار نظام الكون على وحدانية الله.
كائىنات تەرتىپىنىڭ تۇراقلىق بولۇشى ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانىلىكىنىڭ دەلىلىدۇر.

• إحاطة علم الله بكل شيء.
ئاللاھنىڭ ئىلمى ھەر نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

• معاملة المسيء بالإحسان أدب إسلامي رفيع له تأثيره البالغ في الخصم.
يامانلىققا ياخشىلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش يۈكسەك ئىسلامىي ئەخلاق بولۇپ، ئۇنىڭ قارشى تەرەپتىكىلەرگە چوڭقۇر تەسىرى بار.

• ضرورة الاستعاذة بالله من وساوس الشيطان وإغراءاته.
ئاللاھقا سىغىنىپ شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن ۋە قۇترىتىشلىرىدىن پاناھلىق تىلەش زۆرۈردۇر.

 
மொழிபெயர்ப்பு அத்தியாயம்: அல்முஃமினூன்
அத்தியாயங்களின் அட்டவணை பக்க எண்
 
அல்குர்ஆன் மொழிபெயர்ப்பு - அல்முக்தஸர் பீ தப்ஸீரில் குர்ஆனில் கரீமுக்கான உய்கூர் மொழிபெயர்ப்பு - மொழிபெயர்ப்பு அட்டவணை

வெளியீடு அல்குர்ஆன் ஆய்வுகளுக்கான தப்ஸீர் மையம்

மூடுக