Check out the new design

அல்குர்ஆன் மொழிபெயர்ப்பு - அல்முக்தஸர் பீ தப்ஸீரில் குர்ஆனில் கரீமுக்கான உய்கூர் மொழிபெயர்ப்பு * - மொழிபெயர்ப்பு அட்டவணை


மொழிபெயர்ப்பு அத்தியாயம்: அஷ்ஷுஅரா   வசனம்:
وَٱجۡعَل لِّي لِسَانَ صِدۡقٖ فِي ٱلۡأٓخِرِينَ
مەندىن كېيىن كېلىدىغان كىشىلەر ئارىسىدا ياخشى نامىمنى قالدۇرغىن.
அரபு விரிவுரைகள்:
وَٱجۡعَلۡنِي مِن وَرَثَةِ جَنَّةِ ٱلنَّعِيمِ
مېنى مۇئمىن بەندىلىرىڭ راھەت - پاراغەتتە ياشايدىغان جەننەتنىڭ تۇرالغۇلىرىغا ئىگە قىلغىن، مېنى شۇ جايلاردا تۇرغۇزغىن.
அரபு விரிவுரைகள்:
وَٱغۡفِرۡ لِأَبِيٓ إِنَّهُۥ كَانَ مِنَ ٱلضَّآلِّينَ
ئاتامنى مەغپىرەت قىلغىن، ئۇ ھەقىقەتەن شېرىك سەۋەبىدىن توغرا يولدىن ئېزىپ كەتتى. ئىبراھىم ئاتىسىنىڭ دوزاخ ئەھلى ئىكەنلىكىنى بىلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ھەققىدە ياخشى دۇئا قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ دوزاخ ئەھلى ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭدىن ئادا-جۇدا بولۇپ، دۇئا قىلمايدىغان بولدى.
அரபு விரிவுரைகள்:
وَلَا تُخۡزِنِي يَوۡمَ يُبۡعَثُونَ
ھېساب ئۈچۈن خالايىقلارنى تىرىلدۈرىدىغان كۈندە مېنى رەسۋا قىلمىغىن.
அரபு விரிவுரைகள்:
يَوۡمَ لَا يَنفَعُ مَالٞ وَلَا بَنُونَ
ئۇ كۈندە ئىنساننىڭ دۇنيادا توپلىغان مال - مۈلۈك ۋە ئۇلارغا ياردەملىشىدىغان ئوغۇللار ئەسقاتمايدۇ.
அரபு விரிவுரைகள்:
إِلَّا مَنۡ أَتَى ٱللَّهَ بِقَلۡبٖ سَلِيمٖ
پەقەت ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا شېرىك، نىپاق، رىيا ۋە مەنمەنچىلىك بولمىغان ساغلام قەلب بىلەن كەلگەنلەر بۇنىڭ سىرتىدا بولۇپ، بۇنداق كىشىلەرگە ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلغان مال - مۈلكى ۋە ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان ئوغۇللىرى ئەسقاتىدۇ.
அரபு விரிவுரைகள்:
وَأُزۡلِفَتِ ٱلۡجَنَّةُ لِلۡمُتَّقِينَ
جەننەت پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، چەكلىمىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەقۋادار بولغانلارغا يېقىنلاشتۇرۇلىدۇ.
அரபு விரிவுரைகள்:
وَبُرِّزَتِ ٱلۡجَحِيمُ لِلۡغَاوِينَ
مەھشەردە توغرا دىندىن ئېزىپ كەتكەن ئازغۇنلارغا دوزاخ ئېنىق كۆرسىتىلىدۇ.
அரபு விரிவுரைகள்:
وَقِيلَ لَهُمۡ أَيۡنَ مَا كُنتُمۡ تَعۡبُدُونَ
ئۇلارغا قاتتىق كايىپ دېيىلىدۇكى: سىلەر دۇنيادا ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان بۇتلىرىڭلار قېنى؟
அரபு விரிவுரைகள்:
مِن دُونِ ٱللَّهِ هَلۡ يَنصُرُونَكُمۡ أَوۡ يَنتَصِرُونَ
سىلەر ئاللاھنى قويۇپ شۇلارغا چوقۇناتتىڭلارغۇ؟ ئەمدى ئۇلار سىلەردىن ئاللاھنىڭ ئازابىنى توسۇش ئارقىلىق ياردەم قىلالامدۇ؟ ياكى ئۇلار ئۆزلىرىگە بولسىمۇ ياردەم بېرەلەمدۇ؟
அரபு விரிவுரைகள்:
فَكُبۡكِبُواْ فِيهَا هُمۡ وَٱلۡغَاوُۥنَ
ئۇلار ۋە ئۇلارنى ئازدۇرغانلار دوزاخقا ئۈستى - ئۈستىلەپ تاشلىنىدۇ.
அரபு விரிவுரைகள்:
وَجُنُودُ إِبۡلِيسَ أَجۡمَعُونَ
ئىبلىسنىڭ ياردەمچى شەيتانلىرىمۇ ھەممىسى دوزاخقا تاشلىنىدۇ، ئۇلاردىن ھېچكىم چەتتە قالمايدۇ.
அரபு விரிவுரைகள்:
قَالُواْ وَهُمۡ فِيهَا يَخۡتَصِمُونَ
ئاللاھنىڭ غەيرىگە چوقۇنغان ۋە ئاللاھنى قويۇپ شېرىكلەرنى تۇتۇۋالغان مۇشرىكلار ئۆزلىرى چوقۇنغان بۇتلىرى بىلەن تاكاللىشىپ مۇنداق دەيدۇ:
அரபு விரிவுரைகள்:
تَٱللَّهِ إِن كُنَّا لَفِي ضَلَٰلٖ مُّبِينٍ
ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز ھەقىقەتەن ئوپئوچۇق ئازغۇنلۇقتا ئىكەنمىز.
அரபு விரிவுரைகள்:
إِذۡ نُسَوِّيكُم بِرَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ
ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەرنى پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارىغا تەڭ قىلىپ، خۇددى شۇنىڭغا چوقۇنغاندەك چوقۇنۇپتىكەنمىز.
அரபு விரிவுரைகள்:
وَمَآ أَضَلَّنَآ إِلَّا ٱلۡمُجۡرِمُونَ
بىزنى ھەق يولدىن ئازدۇرۇۋەتكىنى پەقەت ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارغا چوقۇنۇشقا چاقىرغان جىنايەتچىلەردۇر.
அரபு விரிவுரைகள்:
فَمَا لَنَا مِن شَٰفِعِينَ
ئەمدى بىزگە ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئۇنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇشىمىز ئۈچۈن شاپائەت قىلىدىغان شاپائەتچىلەر يوق.
அரபு விரிவுரைகள்:
وَلَا صَدِيقٍ حَمِيمٖ
بىزگە چاپان ياپىدىغان ۋە بىزگە شاپائەت قىلىدىغان سەمىمىي دوستمۇ يوق.
அரபு விரிவுரைகள்:
فَلَوۡ أَنَّ لَنَا كَرَّةٗ فَنَكُونَ مِنَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ
كاشكى بىز ھاياتىي دۇنياغا قايتالىغان بولساق، ئاللاھقا ئىمان ئېيتقۇچىلاردىن بولاتتۇق.
அரபு விரிவுரைகள்:
إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗۖ وَمَا كَانَ أَكۡثَرُهُم مُّؤۡمِنِينَ
ھەقىقەتەن يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسىسى ۋە كاپىرلارنىڭ ئاقىۋىتى توغرىسىدىكى بايانلاردا ئىبرەت ئالغۇچىلار ئۈچۈن ئىبرەت باردۇر. ئۇلارنىڭ تولىسى مۇئمىن بولمىدى.
அரபு விரிவுரைகள்:
وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ
ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ ئەلۋەتتە غالىبتۇر، دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئالالايدۇ، ئۇلاردىن تەۋبە قىلغانلارغا تولىمۇ مېھرىباندۇر.
அரபு விரிவுரைகள்:
كَذَّبَتۡ قَوۡمُ نُوحٍ ٱلۡمُرۡسَلِينَ
نۇھنىڭ قەۋمى نۇھ ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغان ۋاقتىدا بارلىق پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى.
அரபு விரிவுரைகள்:
إِذۡ قَالَ لَهُمۡ أَخُوهُمۡ نُوحٌ أَلَا تَتَّقُونَ
ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا ئۆز قېرىندىشى نۇھ ئېيتتى: ئاللاھنىڭ غەيرىگە چوقۇنۇشنى تاشلاپ ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلمامسىلەر؟
அரபு விரிவுரைகள்:
إِنِّي لَكُمۡ رَسُولٌ أَمِينٞ
مەن شەكسىزكى سىلەرنىڭ پەيغەمبىرىڭلاردۇرمەن، ئاللاھ مېنى سىلەرگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى. مەن ئىشەنچلىك بولۇپ، ئاللاھنىڭ ماڭا ۋەھىي قىلغىنىغا قوشۇپمۇ قويمايمەن، كەممۇ قىلمايمەن.
அரபு விரிவுரைகள்:
فَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَأَطِيعُونِ
ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق ئاللاھتىن قورقۇڭلار، مەن بۇيرۇغان ۋە چەكلىگەن ئىشلاردا ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.
அரபு விரிவுரைகள்:
وَمَآ أَسۡـَٔلُكُمۡ عَلَيۡهِ مِنۡ أَجۡرٍۖ إِنۡ أَجۡرِيَ إِلَّا عَلَىٰ رَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ
مەن پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن سىلەرگە يەتكۈزگەن نەرسىگە ھەق تەلەپ قىلمايمەن. ماڭا مۇكاپات بېرىشنى باشقىسى ئەمەس، پەقەت پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالغان.
அரபு விரிவுரைகள்:
فَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَأَطِيعُونِ
ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق ئاللاھتىن قورقۇڭلار، مەن بۇيرۇغان ۋە چەكلىگەن ئىشلاردا ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.
அரபு விரிவுரைகள்:
۞ قَالُوٓاْ أَنُؤۡمِنُ لَكَ وَٱتَّبَعَكَ ٱلۡأَرۡذَلُونَ
نۇھنىڭ قەۋمى ئۇنىڭغا: ئەي نۇھ! سېنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىڭ تۆۋەن تەبىقىدىكى كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئېچىدە دۆلەتمەن، كاتتىباشلار بولمىسا، بىز يەنە ساڭا ئىمان ئېيتىپ، دىنىڭغا ئەمەل قىلىمىزمۇ؟ دېيىشتى.
அரபு விரிவுரைகள்:
இப்பக்கத்தின் வசனங்களிலுள்ள பயன்கள்:
• أهمية سلامة القلب من الأمراض كالحسد والرياء والعُجب.
قەلبنىڭ ھەسەتخورلۇق، رىيا ۋە مەنمەنچىلىككە ئوخشاش كېسەللىكلەردىن ساغلام بولۇشى ئىنتايىن مۇھىمدۇر.

• تعليق المسؤولية عن الضلال على المضلين لا تنفع الضالين.
گۇمراھلىققا ئازغۇنلارنىڭ ئۆزى جاۋابكار بولىدۇ ۋە بۇ ئازغۇنلارغا ئەسقاتمايدۇ.

• التكذيب برسول الله تكذيب بجميع الرسل.
رەسۇلۇللاھنى ئىنكار قىلىش بارلىق پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغانلىقتۇر.

• حُسن التخلص في قصة إبراهيم من الاستطراد في ذكر القيامة ثم الرجوع إلى خاتمة القصة.
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسىدە قىيامەت ھەققىدە ئومۇمىي مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن ۋەقەلىكنى ئاخىرلاشتۇرۇش ياخشى بىر خۇلاسىدۇر.

 
மொழிபெயர்ப்பு அத்தியாயம்: அஷ்ஷுஅரா
அத்தியாயங்களின் அட்டவணை பக்க எண்
 
அல்குர்ஆன் மொழிபெயர்ப்பு - அல்முக்தஸர் பீ தப்ஸீரில் குர்ஆனில் கரீமுக்கான உய்கூர் மொழிபெயர்ப்பு - மொழிபெயர்ப்பு அட்டவணை

வெளியீடு அல்குர்ஆன் ஆய்வுகளுக்கான தப்ஸீர் மையம்

மூடுக