Check out the new design

அல்குர்ஆன் மொழிபெயர்ப்பு - அல்முக்தஸர் பீ தப்ஸீரில் குர்ஆனில் கரீமுக்கான உய்கூர் மொழிபெயர்ப்பு * - மொழிபெயர்ப்பு அட்டவணை


மொழிபெயர்ப்பு அத்தியாயம்: புஸ்ஸிலத்   வசனம்:
وَمِنۡ ءَايَٰتِهِۦٓ أَنَّكَ تَرَى ٱلۡأَرۡضَ خَٰشِعَةٗ فَإِذَآ أَنزَلۡنَا عَلَيۡهَا ٱلۡمَآءَ ٱهۡتَزَّتۡ وَرَبَتۡۚ إِنَّ ٱلَّذِيٓ أَحۡيَاهَا لَمُحۡيِ ٱلۡمَوۡتَىٰٓۚ إِنَّهُۥ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٌ
ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا، بىرلىكىگە ۋە قايتا تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدىغان ئالامەتلىرىدىن بىرى سەن كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان گىياھسىز زېمىندۇر. ناۋادا بىز زېمىنغا يامغۇر ياغدۇرساق، ئۇ ئۆزىگە كۆمۈلگەن ئۇرۇقلار تۈپەيلىدىن بىردىنلا ھەرىكەتكە كېلىپ، كۆپۈشۈشكە باشلايدۇ. مۇشۇ قاقاس زېمىننى ئۆسۈملۈكلەر ئارقىلىق تىرىلدۈرگەن زات ئەلۋەتتە ئۆلۈكلەرنىمۇ تىرىلدۈرىدۇ، ئۇلارنى ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن قايتا تىرىلدۈرىدۇ. شەكسىزكى ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇركى، ئۇنى نە قاقاسلىققا ئايلىنىپ كەتكەن زېمىننى ياشارتىش، نە ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈپ، قەبرىلىرىدىن چىقىرىش ئاجىز قىلالمايدۇ.
அரபு விரிவுரைகள்:
إِنَّ ٱلَّذِينَ يُلۡحِدُونَ فِيٓ ءَايَٰتِنَا لَا يَخۡفَوۡنَ عَلَيۡنَآۗ أَفَمَن يُلۡقَىٰ فِي ٱلنَّارِ خَيۡرٌ أَم مَّن يَأۡتِيٓ ءَامِنٗا يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِۚ ٱعۡمَلُواْ مَا شِئۡتُمۡ إِنَّهُۥ بِمَا تَعۡمَلُونَ بَصِيرٌ
ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلىش، يالغانغا چىقىرىش ۋە بۇرمىلاش ئارقىلىق توغرىدىن چەتنەپ كەتكەنلەرنىڭ ھالى بىزگە مەخپىي ئەمەس، بىز ئۇلارنى بىلىپ تۇرىمىز. قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلانغان ئادەم ياخشىمۇ ياكى ئازابتىن ئەمىن بولغان ھالدا كېلىدىغان ئادەم ياخشىمۇ؟ ئى ئىنسانلار! ياخشىلىق ۋە يامانلىقتىن خالىغىنىڭلارنى قىلىڭلار. چۈنكى بىز سىلەرگە ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنى ئېنىق يورۇتۇپ بەردۇق. ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇنىڭغا ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
அரபு விரிவுரைகள்:
إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ بِٱلذِّكۡرِ لَمَّا جَآءَهُمۡۖ وَإِنَّهُۥ لَكِتَٰبٌ عَزِيزٞ
شۈبھىسىزكى، قۇرئان ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن كەلگەندە ئۇنى ئىنكار قىلغانلار قىيامەت كۈنى ئازاابقا دۇچار بولىدۇ. شۈبھىسىزكى، قۇرئان غالىب، پاكىتى كۈچلۈك كىتابتۇر. قۇرئاننى ھېچكىم بۇرمىلىيالمايدۇ ھەم ئۆزگەرتەلمەيدۇ.
அரபு விரிவுரைகள்:
لَّا يَأۡتِيهِ ٱلۡبَٰطِلُ مِنۢ بَيۡنِ يَدَيۡهِ وَلَا مِنۡ خَلۡفِهِۦۖ تَنزِيلٞ مِّنۡ حَكِيمٍ حَمِيدٖ
ئۇنىڭ ئالدىدىنمۇ ، كەينىدىنمۇ كېمەيتىش، ياكى قوشۇپ قويۇش، ياكى ئۆزگەرتىش، ياكى بۇرمىلاش دېگەندەك يالغانلار كىرەلمەيدۇ. ئۇ يارىتىشىدا، ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ۋە ھۆكۈم يولغا قويۇشىدا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، ھەر قانداق ئەھۋالدا مەدھىيەگە لايىق زات تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر.
அரபு விரிவுரைகள்:
مَّا يُقَالُ لَكَ إِلَّا مَا قَدۡ قِيلَ لِلرُّسُلِ مِن قَبۡلِكَۚ إِنَّ رَبَّكَ لَذُو مَغۡفِرَةٖ وَذُو عِقَابٍ أَلِيمٖ
ئى پەيغەمبەر! ساڭا دېيىلگەنلەرنىڭ ھەممىسى سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگىمۇ دېيىلگەن ئىدى. شۇڭا سەۋرچان بولغىن. پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تەۋبە قىلماي گۇناھلىرىدا چىڭ تۇرغانلارنى ئېغىر ئازابلىغۇچىدۇر.
அரபு விரிவுரைகள்:
وَلَوۡ جَعَلۡنَٰهُ قُرۡءَانًا أَعۡجَمِيّٗا لَّقَالُواْ لَوۡلَا فُصِّلَتۡ ءَايَٰتُهُۥٓۖ ءَا۬عۡجَمِيّٞ وَعَرَبِيّٞۗ قُلۡ هُوَ لِلَّذِينَ ءَامَنُواْ هُدٗى وَشِفَآءٞۚ وَٱلَّذِينَ لَا يُؤۡمِنُونَ فِيٓ ءَاذَانِهِمۡ وَقۡرٞ وَهُوَ عَلَيۡهِمۡ عَمًىۚ أُوْلَٰٓئِكَ يُنَادَوۡنَ مِن مَّكَانِۭ بَعِيدٖ
ناۋادا بىز بۇ قۇرئاننى ئەرەب تىلىدىن باشقا بىر تىلدا نازىل قىلساق ئىدۇق، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كاپىرلار: ئۇنىڭ ئايەتلىرى نېمىشقا بىز چۈشەنگۈدەك ئوچۇق بايان قىلىنمىدى. ئۇنى ئېلىپ كەلگەن پەيغەمبەر ئەرەب، ئەمما قۇرئان ئەجەمچە بولامدىكەن؟ دېيىشكەن بولاتتى. ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، قۇرئان ئاللاھقا ئىمان ئېيتىپ، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىشەنگەنلەرگە ئازغۇنلۇقتىن ھىدايەتتۇر، دىللاردىكى نادانلىق ۋە باشقا ئىللەتلەرگە شىپالىقتۇر. ئاللاھقا ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ قۇلاقلىرى ئېغىردۇر، قۇرئان ئۇلارغا كورلۇقتۇركى، ئۇلار ئۇنى چۈشەنمەيدۇ. ئاشۇ ئىللەت بولغان كىشىلەر يىراق جايدىن چاقىرىلىۋاتقانلارغا ئوخشايدۇ. ئۇنداق بولغانىكەن، ئۇلار چاقىرغۇچىنىڭ نىداسىنى قانداقمۇ ئاڭلىيالىسۇن؟!
அரபு விரிவுரைகள்:
وَلَقَدۡ ءَاتَيۡنَا مُوسَى ٱلۡكِتَٰبَ فَٱخۡتُلِفَ فِيهِۚ وَلَوۡلَا كَلِمَةٞ سَبَقَتۡ مِن رَّبِّكَ لَقُضِيَ بَيۡنَهُمۡۚ وَإِنَّهُمۡ لَفِي شَكّٖ مِّنۡهُ مُرِيبٖ
بىز ھەقىقەتەن مۇساغا تەۋراتنى ئاتا قىلدۇق. ئاندىن ئۇ ھەقتە ئىختىلاپ قىلىندى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە تەۋراتقا ئىمان ئېيتقانلارمۇ، كاپىر بولغانلارمۇ بار. ئەگەر ئاللاھنىڭ قىيامەت كۈنى بەندىلەر ئىختىلاپلىشىپ قالغان ئىشلاردا ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىش ھەققىدە ۋەدىسى بولمىسا ئىدى، ئەلۋەتتە تەۋرات ھەققىدە ئىختىلاپلاشقۇچىلار ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىناتتى. شۇنىڭ بىلەن توغرا يولدىكى ئادەم بىلەن خاتا يولدىكى ئادەم ئاشكارا بولۇپ، ئاللاھ ھەق تەرەپدارىنى ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىپ، خاتا يولدىكىلەرنى خار قىلاتتى. كاپىرلار ھەقىقەتەن قۇرئاننىڭ ئىشىدىن زىيادە شەك ئىچىدىدۇر.
அரபு விரிவுரைகள்:
مَّنۡ عَمِلَ صَٰلِحٗا فَلِنَفۡسِهِۦۖ وَمَنۡ أَسَآءَ فَعَلَيۡهَاۗ وَمَا رَبُّكَ بِظَلَّٰمٖ لِّلۡعَبِيدِ
كىمكى ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، ئۇنىڭ پايدىسىنى ئۆزى كۆرىدۇ. ھېچكىمنىڭ ياخشى ئەمەلىنىڭ ئاللاھقا قىلچە پايدىسى بولمايدۇ. كىمكى يامان ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ زىيىنىمۇ ئۆزىگە. ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىدىن ھېچكىمنىڭ گۇناھ - مەئسىيىتى ئاللاھقا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ ھەر كىمگە لايىق رەۋىشتە جازا - مۇكاپات بېرىدۇ. ئى پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەس. شۇڭا ئاللاھ ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ بىرەر ياخشىلىقىنى كېمەيتىپ، بىرەر يامانلىقىنى كۆپەيتىپ قويمايدۇ.
அரபு விரிவுரைகள்:
இப்பக்கத்தின் வசனங்களிலுள்ள பயன்கள்:
• حَفِظ الله القرآن من التبديل والتحريف، وتَكَفَّل سبحانه بهذا الحفظ، بخلاف الكتب السابقة له.
ئاللاھ قۇرئاننى بۇرمىلىنىشتىن ۋە ئۆزگەرتىلىشتىن ساقلىغان بولۇپ، ئىلگىرىكى كىتابلاردىكىگە ئوخشىمايدىغان ھالدا ئۇنى قوغداشقا ئۆزى كېپىل بولغان.

• قطع الحجة على مشركي العرب بنزول القرآن بلغتهم.
قۇرئان كەرىم ئەرەب مۇشرىكلىرىنىڭ تىلىدا نازىل بولغاچقا، ئۇلارنىڭ باھانە - سەۋەب كۆرسىتىشىگە يوچۇق يوق.

• نفي الظلم عن الله، وإثبات العدل له.
ئاللاھ زۇلۇم قىلمايدۇ، ئەكسىچە ئادىل زاتتۇر.

 
மொழிபெயர்ப்பு அத்தியாயம்: புஸ்ஸிலத்
அத்தியாயங்களின் அட்டவணை பக்க எண்
 
அல்குர்ஆன் மொழிபெயர்ப்பு - அல்முக்தஸர் பீ தப்ஸீரில் குர்ஆனில் கரீமுக்கான உய்கூர் மொழிபெயர்ப்பு - மொழிபெயர்ப்பு அட்டவணை

வெளியீடு அல்குர்ஆன் ஆய்வுகளுக்கான தப்ஸீர் மையம்

மூடுக