அல்குர்ஆன் மொழிபெயர்ப்பு - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - மொழிபெயர்ப்பு அட்டவணை


மொழிபெயர்ப்பு வசனம்: (82) அத்தியாயம்: ஸூரா அல்மாயிதா
۞ لَتَجِدَنَّ أَشَدَّ ٱلنَّاسِ عَدَٰوَةٗ لِّلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱلۡيَهُودَ وَٱلَّذِينَ أَشۡرَكُواْۖ وَلَتَجِدَنَّ أَقۡرَبَهُم مَّوَدَّةٗ لِّلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱلَّذِينَ قَالُوٓاْ إِنَّا نَصَٰرَىٰۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّ مِنۡهُمۡ قِسِّيسِينَ وَرُهۡبَانٗا وَأَنَّهُمۡ لَا يَسۡتَكۡبِرُونَ
ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، كىشىلەر ئىچىدە ساڭا ۋە سەن ئېلىپ كەلگەن ھەق دىنغا ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەرگە ئەڭ قاتتىق دۈشمەنلىك قىلىدىغانلارنىڭ يەھۇدىيلار ئىكەنلىكىنى بايقايسەن. چۈنكى ئۇلاردا ئۇنىڭغا قارىتا ئۆچمەنلىك، ھەسەتخورلۇق ۋە تەكەببۇرلۇق بار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇتپەرەسلەر ۋە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىغان مۇشرىكلارنىڭمۇ ئەڭ ئەشەددىي دۈشمەن ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىسەن. شۇنداقلا ئىنسانلاردىن ساڭا ۋە سەن ئېلىپ كەلگەن ھەق دىنغا ئەڭ يېقىن كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ناسارالار دەيدىغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىسەن. بۇلارنىڭ مۇئمىنلەرگە دوستانە ھالەتتە يېقىنلىشىشى شۇ سەۋەبتىندۇركى، ئۇلار ئىچىدە ئۆلىمالار ۋە ئابىدلار بار ھەمدە ئۇلار كەمتەر كىشىلەر بولۇپ، تەكەببۇر ئەمەستۇر. چۈنكى ياخشىلىق تەكەببۇر ئادەمنىڭ قەلبىگە يېتىپ بارمايدۇ.
அரபு விரிவுரைகள்:
இப்பக்கத்தின் வசனங்களிலுள்ள பயன்கள்:
• ترك الأمر بالمعروف والنهي عن المنكر موجب لِلَّعْنِ والطرد من رحمة الله تعالى.
ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن چەكلەشنى تەرك ئېتىش ئاللاھنىڭ لەنىتىگە ئۇچراشقا ۋە رەھمىتىدىن قوغلىنىشقا سەۋەب بولىدۇ.

• من علامات الإيمان: الحب في الله والبغض في الله.
ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈش ۋە ئاللاھ ئۈچۈن ئۆچ كۆرۈش ئىماننىڭ ئالامىتىدىندۇر.

• موالاة أعداء الله توجب غضب الله عز وجل على فاعلها.
ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىنى دوست تۇتۇش، ئۇ كىشىنى ئاللاھ تائالانىڭ غەزىبىگە دۇچار قىلىدۇ.

• شدة عداوة اليهود والمشركين لأهل الإسلام، وفي المقابل وجود طوائف من النصارى يدينون بالمودة للإسلام؛ لعلمهم أنه دين الحق.
يەھۇدىيلار ۋە مۇشرىكلار مۇسۇلمانلارغا ئەشەددىي دۈشمەندۇر. شۇنىڭدەك ئىسلام دىنىنىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئىسلامغا دوستانە ھالدا يېقىنلىشىدىغان بىر بۆلۈك ناسارالارمۇ بار.

 
மொழிபெயர்ப்பு வசனம்: (82) அத்தியாயம்: ஸூரா அல்மாயிதா
அத்தியாயங்களின் அட்டவணை பக்க எண்
 
அல்குர்ஆன் மொழிபெயர்ப்பு - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - மொழிபெயர்ப்பு அட்டவணை

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

மூடுக