Check out the new design

పవిత్ర ఖురాన్ యొక్క భావార్థాల అనువాదం - ఉయ్ఘుర్ అనువాదం - అల్ ఖుర్ఆన్ అల్ కరీమ్ సంక్షిప్త వ్యాఖ్యానం * - అనువాదాల విషయసూచిక


భావార్ధాల అనువాదం సూరహ్: తహా   వచనం:
قَالَ كَذَٰلِكَ أَتَتۡكَ ءَايَٰتُنَا فَنَسِيتَهَاۖ وَكَذَٰلِكَ ٱلۡيَوۡمَ تُنسَىٰ
ئاللاھ تائالا كاپىرغا رەددىيە بېرىپ: سەن دۇنيادىمۇ شۇنداق قىلغان، ھەقىقەتەن ساڭا بىزنىڭ روشەن ئايەتلىرىمىز كەلگەندە، سەن ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىدىڭ، شۇنىڭغا ئوخشاش بۈگۈن سەن تەرك ئېتىلىپ ئازابقا دۇچار بولىسەن، دېدى.
అరబీ భాషలోని ఖుర్ఆన్ వ్యాఖ్యానాలు:
وَكَذَٰلِكَ نَجۡزِي مَنۡ أَسۡرَفَ وَلَمۡ يُؤۡمِنۢ بِـَٔايَٰتِ رَبِّهِۦۚ وَلَعَذَابُ ٱلۡأٓخِرَةِ أَشَدُّ وَأَبۡقَىٰٓ
ھەددىدىن ئىشىپ چەكلەنگەن شەيتانى ھەۋەسكە چۆمگەن، پەرۋەردىگارىدىن ئوچۇق دەلىللەر كەلسىمۇ بۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشتىن باش تارتقان بەدبەختلەرنى مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان جازالار بىلەن ئازابلايمىز. ئاللاھنىڭ ئاخىرەتتە بېرىدىغان جازاسى دۇنيادىكى جاپا-مۇشەققەتتىن، بەرزەخ ھاياتىدىكى قېيىنچىلىقتىن ئېغىر، ئېچىنىشلىق ۋە ئەبەدىيدۇر.
అరబీ భాషలోని ఖుర్ఆన్ వ్యాఖ్యానాలు:
أَفَلَمۡ يَهۡدِ لَهُمۡ كَمۡ أَهۡلَكۡنَا قَبۡلَهُم مِّنَ ٱلۡقُرُونِ يَمۡشُونَ فِي مَسَٰكِنِهِمۡۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّأُوْلِي ٱلنُّهَىٰ
مۇشرىكلارغا ئۇلاردىن ئىلگىرىكى نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغانلىقىمىز ئاشكارا بولمىدىمۇ؟، ئۇلار ئاشۇ ھالاك قېلىنغۇچى ئۈممەتلەرنىڭ ماكانلىرىدىن ماڭىدۇ، ئۇلارغا يەتكەن ئازابنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوچۇق كۆرىدۇ، ئاشۇ كۆپ مىللەتلەرگە يەتكەن ھالاكەت، .ۋەيرانچىلىق ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئىبرەتتۇر
అరబీ భాషలోని ఖుర్ఆన్ వ్యాఖ్యానాలు:
وَلَوۡلَا كَلِمَةٞ سَبَقَتۡ مِن رَّبِّكَ لَكَانَ لِزَامٗا وَأَجَلٞ مُّسَمّٗى
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! پەرۋەردىگارىڭ ھېچ كىشىنى قىلمىشىغا دەلىل-ئىسپات تۇرغۇزۇشتىن ئىلگىرى ئازابلىمايدۇ. ئەگەر ئاللاھ ئازاب ئۈچۈن مۇئەييەن ۋاقىت بەلگىلىمىگەن بولسا ئېدى، ئۇلار ئازابقا ھەقلىق .بولغانلىقى ئۈچۈن ئەلۋەتتە دەرھال ھالاك بولغان بولاتتى
అరబీ భాషలోని ఖుర్ఆన్ వ్యాఖ్యానాలు:
فَٱصۡبِرۡ عَلَىٰ مَا يَقُولُونَ وَسَبِّحۡ بِحَمۡدِ رَبِّكَ قَبۡلَ طُلُوعِ ٱلشَّمۡسِ وَقَبۡلَ غُرُوبِهَاۖ وَمِنۡ ءَانَآيِٕ ٱلَّيۡلِ فَسَبِّحۡ وَأَطۡرَافَ ٱلنَّهَارِ لَعَلَّكَ تَرۡضَىٰ
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! يالغانچىلارنىڭ سېنى باتىل سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىگەن سۆزلىرىگە سەۋىر قىلغىن. پەرۋەردىگارىڭنى مەدھىيىلەش بىلەن بىرگە بامدات ۋاقتىدا كۈن چېقىشتىن ئىلگىرى، ئەسىر ۋاقتىدا كۈن پېتىشتىن ئىلگىرى، شام-خۇپتەن ۋاقتىدا كېچىنىڭ مەلۇم ۋاقىتلىرى، پېشىن ۋاقتىدا كۈندۈزنىڭ ئاۋۋالقى قىسمى ئاخىرلىشىپ كۈن ئىگىلگەندە، شام نامىزىدا كۈندۈزنىڭ ئىككىنچى قىسمى تامام بولغاندا ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلىدىغان ئەجىر-ساۋابقا ئېرىشىشنى ئۈمىد .قىلىپ تەسبىھ ئېيتقىن
అరబీ భాషలోని ఖుర్ఆన్ వ్యాఖ్యానాలు:
وَلَا تَمُدَّنَّ عَيۡنَيۡكَ إِلَىٰ مَا مَتَّعۡنَا بِهِۦٓ أَزۡوَٰجٗا مِّنۡهُمۡ زَهۡرَةَ ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا لِنَفۡتِنَهُمۡ فِيهِۚ وَرِزۡقُ رَبِّكَ خَيۡرٞ وَأَبۡقَىٰ
ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! بىز تۈرلۈك يالغانچى كاپىرلارنى بەھرىمان قىلىۋاتقان ۋە ئۇلار مەنپەئەتلىنىۋاتقان دۇنيانىڭ زىننەتلىرىگە قارىمىغىن، بۇ ئۇلارنى سىنىشىمىز ئۈچۈندۇر. ئۇلار ئۈچۈن قىلغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى يوقالغۇچىدۇر. سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭنىڭ ساڭا ۋەدە قىلغان سەن رازى بولغۇدەك ساۋابى ئۇلارنىڭ دۇنيادا مەلۇم مۇددەت مەنپەئەتلىنىپ يوق بولىدىغان نەرسىلىرىدىن ياخشىدۇر، چۈنكى ئۇ ئۈزۈلمەيدۇ داۋاملىشىپ تۇرىدۇ.
అరబీ భాషలోని ఖుర్ఆన్ వ్యాఖ్యానాలు:
وَأۡمُرۡ أَهۡلَكَ بِٱلصَّلَوٰةِ وَٱصۡطَبِرۡ عَلَيۡهَاۖ لَا نَسۡـَٔلُكَ رِزۡقٗاۖ نَّحۡنُ نَرۡزُقُكَۗ وَٱلۡعَٰقِبَةُ لِلتَّقۡوَىٰ
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئائىلەڭدىكىلەرنى ۋە ئۈممىتىڭنى ناماز ئادا قىلىشقا بۇيرىغىن، سەن بۇنى ئادا قىلىشتا چىدامچان بولغىن، سەندىن ئۆزۇڭ ۋە باشقىلار ئۈچۈن رىزىق تەلەپ قىلمايمىز، ساڭا رىزىق بېرىشكە بىز كىپىل. دۇنيا-ئاخىرەتتىكى ماختالغۇچى ياخشى ئاقىۋەت ئاللاھتىن قورقىدىغان تەقۋادارلار ئۈچۈندۇر. ئۇلار ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنىدۇ ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولىدۇ.
అరబీ భాషలోని ఖుర్ఆన్ వ్యాఖ్యానాలు:
وَقَالُواْ لَوۡلَا يَأۡتِينَا بِـَٔايَةٖ مِّن رَّبِّهِۦٓۚ أَوَلَمۡ تَأۡتِهِم بَيِّنَةُ مَا فِي ٱلصُّحُفِ ٱلۡأُولَىٰ
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغان ئاشۇ يالغانچى كاپىرلار: مۇھەممەد پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن راس پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدىغان بىر مۆجىزە كەلتۈرگەن بولسا! دەيدۇ، ئاشۇ قۇرئان كەرىمنى ئىنكار قىلغۇچىلارغا ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ساماۋى كىتابلارنى تەستىقلايدىغان قۇرئان كەرىم كەلمىدىمۇ؟.
అరబీ భాషలోని ఖుర్ఆన్ వ్యాఖ్యానాలు:
وَلَوۡ أَنَّآ أَهۡلَكۡنَٰهُم بِعَذَابٖ مِّن قَبۡلِهِۦ لَقَالُواْ رَبَّنَا لَوۡلَآ أَرۡسَلۡتَ إِلَيۡنَا رَسُولٗا فَنَتَّبِعَ ءَايَٰتِكَ مِن قَبۡلِ أَن نَّذِلَّ وَنَخۡزَىٰ
ئەگەر بىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلىۋاتقان يالغانچى كاپىرلارنى ئۇلارنىڭ كارپىرلىقى ۋە گەردەنكەشلىكى سەۋەبىدىن ئۇلارغا پەيغەمبەر ئەۋەتىشتىن ۋە كىتاب نازىل قىلىشتىن ئىلگىرى ئۇلارنى ھالاك قىلساق، ئەلۋەتتە ئۇلار قىيامەت كۈنىدە ئۆزلىرىنىڭ كاپىر بولغانلىقىغا ئۈزۈر ئېيتىپ: پەرۋەردىگارىمىز! دۇنيادا بىزگە بىر پەيغەمبەر ئەۋەتكەن بولساڭ، سېنىڭ ئازابىڭ سەۋەبىدىن بىزگە خار ۋە زەبۇنلۇق چۈشۈشتىن ئىلگىرى، بىز ئۇ پەيغەمبەرگە ئىمان ئېيتىپ ۋە ئىلىپ كەلگەن ئايەتلىرىگە ئەگەشكەن بولاتتۇق دەيتتى.
అరబీ భాషలోని ఖుర్ఆన్ వ్యాఖ్యానాలు:
قُلۡ كُلّٞ مُّتَرَبِّصٞ فَتَرَبَّصُواْۖ فَسَتَعۡلَمُونَ مَنۡ أَصۡحَٰبُ ٱلصِّرَٰطِ ٱلسَّوِيِّ وَمَنِ ٱهۡتَدَىٰ
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئاشۇ يالغانچىلارغا: بىز ۋە سىلەر ھەربىرىمىز ئاللاھدىن ئىشىمىزنىڭ ئاقىۋىتىنى كۈتمەكتىمىز. كىم توغرا يول ئىگىسى؟ كىم ھىدايەت تاپقۇچى؟ بىزمۇ ياكى سىلەرمۇ؟ بۇنى چوقۇم بىلىسىلەر، دېگىن.
అరబీ భాషలోని ఖుర్ఆన్ వ్యాఖ్యానాలు:
ఈ పేజీలోని వచనాల ద్వారా లభించే ప్రయోజనాలు:
• من الأسباب المعينة على تحمل إيذاء المعرضين استثمار الأوقات الفاضلة في التسبيح بحمد الله.
ھەقتىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەرنىڭ ئەزىيەتلىرىنى كۆتۈرۈشكە ياردىمى بولىدىغان سەۋەبلەردىن: ئاللاھنى مەدھىيلەش ۋە تەسبىھ ئېيتىشتا .پەزىلەتلىك ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىش لازىم

• ينبغي على العبد إذا رأى من نفسه طموحًا إلى زينة الدنيا وإقبالًا عليها أن يوازن بين زينتها الزائلة ونعيم الآخرة الدائم.
ئىنساننىڭ قەلبىدە دۇنيانىڭ زىننەتلىرىنى تاما قىلىش ۋە ئۇنىڭغا يۈزلىنىش ئېستىكى سېزىلسە، پانى دۇنيانىڭ زىننەتلىرى بىلەن ئاخىرەتنىڭ ئەبەدىي نېئمىتىنىڭ ئارىسىنى سېلىشتۇرۇشى لازىم.

• على العبد أن يقيم الصلاة حق الإقامة، وإذا حَزَبَهُ أمْر صلى وأَمَر أهله بالصلاة، وصبر عليهم تأسيًا بالرسول صلى الله عليه وسلم.
بەندە نامازنى تولۇق بەرپا قىلىشى، ئەگەر ئۇ بىرەر ئىشقا دۇچكەلگەندە ناماز ئوقۇشى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى ناماز ئوقۇشقا بۇيرىشى، قېيىنچىلىقلارغا سەۋىر قېلىشتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ئۈلگە قىلىشى لازىمدۇر.

• العاقبة الجميلة المحمودة هي الجنة لأهل التقوى.
جەننەتتىن ئىبارەت مەدھىيىلەنگۈچى گۈزەل ئاقىۋەت تەقۋادارلار .ئۈچۈندۇر

 
భావార్ధాల అనువాదం సూరహ్: తహా
సూరాల విషయసూచిక పేజీ నెంబరు
 
పవిత్ర ఖురాన్ యొక్క భావార్థాల అనువాదం - ఉయ్ఘుర్ అనువాదం - అల్ ఖుర్ఆన్ అల్ కరీమ్ సంక్షిప్త వ్యాఖ్యానం - అనువాదాల విషయసూచిక

ఇది తఫ్సీర్ ఖుర్ఆన్ అధ్యయన కేంద్రం ద్వారా విడుదల చేయబడింది.

మూసివేయటం