Check out the new design

قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى


مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: پۇرقان   ئايەت:
۞ وَقَالَ ٱلَّذِينَ لَا يَرۡجُونَ لِقَآءَنَا لَوۡلَآ أُنزِلَ عَلَيۡنَا ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ أَوۡ نَرَىٰ رَبَّنَاۗ لَقَدِ ٱسۡتَكۡبَرُواْ فِيٓ أَنفُسِهِمۡ وَعَتَوۡ عُتُوّٗا كَبِيرٗا
بىزگە ئۇچرىشىشنى ئۈمىد قىلمايدىغان ۋە ئازابىمىزدىن قورقمايدىغان كاپىرلار مۇنداق دېيىشتى: ئاللاھ نېمىشقا بىزگە مۇھەممەدنىڭ راست پەيغەمبەرلىكىنى ئېيتىپ بېرىدىغان پەرىشتىلەرنى چۈشۈرمەيدۇ؟ ياكى بىز نېمىشقا پەرۋەردىگارىمىزنى كۆرمەيمىز؟ ئۇ چاغدا ئۇ بىزگە بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرەر ئىدى. بۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىدىكى ھاكاۋۇرلۇق ئۇلارنى ئىماندىن چەكلەيدىغان دەرىجىدە ھەقىقەتەن چوڭىيىپ كەتتى. ئۇلار مۇشۇ سۆزلىرى ئارقىلىق كۇپرى ۋە زۇلۇمدا ھەقىقەتەنمۇ ھەدددىن ئاشتى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
يَوۡمَ يَرَوۡنَ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةَ لَا بُشۡرَىٰ يَوۡمَئِذٖ لِّلۡمُجۡرِمِينَ وَيَقُولُونَ حِجۡرٗا مَّحۡجُورٗا
كاپىرلار ئۆلىدىغان چاغدا، بەرزەختە ۋە قايتا تىرىلدۈرۈلگەن چاغدا پەرىشتىلەرنى كۆرگەن كۈندە ھېساب ئېلىنىش ئۈچۈن يالاپ ئېلىپ مېڭىلىدۇ. بۇ چاغدا ئۇلار دوزاخقا كىرىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن بۇ ئورۇنلاردا مۇئمىنلەرنىڭ ئەكسىچە ھېچقانداق خۇشبېشارەت بولمايدۇ. پەرىشتىلەر ئۇلارغا: ئاللاھنىڭ خۇشبېشارىتى سىلەرگە مەڭگۈلۈك ھارامدۇر، دەيدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَقَدِمۡنَآ إِلَىٰ مَا عَمِلُواْ مِنۡ عَمَلٖ فَجَعَلۡنَٰهُ هَبَآءٗ مَّنثُورًا
بىز كاپىرلارنىڭ دۇنيادا قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى ئۇلارنىڭ كاپىر بولغانلىقى تۈپەيلىدىن پۈتۈنلەي بىكار قىلىپ، قىلچە پايدىسىز، قارىغان ئادەمگە دېرىزىدىن چۈشكەن قۇياشنىڭ شولىسىدا ئۇچۇپ يۈرگەن چاڭ - توزاندەك كۆرۈنىدىغان قىلىۋېتىمىز.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أَصۡحَٰبُ ٱلۡجَنَّةِ يَوۡمَئِذٍ خَيۡرٞ مُّسۡتَقَرّٗا وَأَحۡسَنُ مَقِيلٗا
جەننەت ئەھلى بولغان مۇئمىنلەر بۇ كۈندە ئەڭ ئېسىل ئورۇندا، بۇ كاپىرلار دۇنيادىكى ۋاقىتلىرىدا دېگەن چاغدىكى راھەتتىنمۇ نەچچە ھەسسە ياخشى راھەتتە بولىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلىقى ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلىقى ئۈچۈندۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَيَوۡمَ تَشَقَّقُ ٱلسَّمَآءُ بِٱلۡغَمَٰمِ وَنُزِّلَ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ تَنزِيلًا
ئەي پەيغەمبەر! ئاسمان نېپىز ئاق بۇلۇت بىلەن يېرىلىپ كېتىدىغان كۈننى ئەسلىگىنكى، ئۇ كۈندە تاكى مەھشەر زېمىنىغا قەدەر ئىنتايىن كۆپ پەرىشتىلەر چۈشۈرۈلىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
ٱلۡمُلۡكُ يَوۡمَئِذٍ ٱلۡحَقُّ لِلرَّحۡمَٰنِۚ وَكَانَ يَوۡمًا عَلَى ٱلۡكَٰفِرِينَ عَسِيرٗا
قىيامەت كۈنىدىكى قولدىن كەتمەيدىغان، ھەقىقىي پادىشاھلىق ئاللاھقا خاستۇركى، بۇ كۈن كاپىرلارغا قىيىندۇر، مۇئمىنلەرگە ئاساندۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَيَوۡمَ يَعَضُّ ٱلظَّالِمُ عَلَىٰ يَدَيۡهِ يَقُولُ يَٰلَيۡتَنِي ٱتَّخَذۡتُ مَعَ ٱلرَّسُولِ سَبِيلٗا
ئەي پەيغەمبەر! زالىم ئۇ كۈندە پەيغەمبەرگە ئەگەشمىگەنلىكىگە قاتتىق پۇشايمان قىلىپ: كاشكى، مەن پەيغەمبەر پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئېلىپ كەلگەن قۇرئانغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە نىجاتلىق يولىغا ماڭغان بولسامچۇ؟ دېگىنىچە بارماقلىرىنى چىشلەيدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
يَٰوَيۡلَتَىٰ لَيۡتَنِي لَمۡ أَتَّخِذۡ فُلَانًا خَلِيلٗا
كاپىر قاتتىق ئەپسۇسلىنىپ، ئۆز - ئۆزىگە ھالاكەت تىلەپ مۇنداق دەيدۇ: ئىسىت ماڭا، پالانى كاپىرنى دوست تۇتمىغان بولسامچۇ؟.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
لَّقَدۡ أَضَلَّنِي عَنِ ٱلذِّكۡرِ بَعۡدَ إِذۡ جَآءَنِيۗ وَكَانَ ٱلشَّيۡطَٰنُ لِلۡإِنسَٰنِ خَذُولٗا
قۇرئان ماڭا پەيغەمبەر ئارقىلىق يېتىپ كەلگەندىن كېيىن مۇشۇ كاپىر دوست مېنى قۇرئاندىن ئايرىۋەتكەن ئىدى. شەيتان ئىنسانغا كۆپ خارلىق كەلتۈرىدىكەن. ئىنساننىڭ بېشىغا خاپىلىق كەلگەن چاغدا ئۇنىڭدىن ئادا - جۇدا بولىدىكەن.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَقَالَ ٱلرَّسُولُ يَٰرَبِّ إِنَّ قَوۡمِي ٱتَّخَذُواْ هَٰذَا ٱلۡقُرۡءَانَ مَهۡجُورٗا
پەيغەمبەر ئۇ كۈندە قەۋمىنىڭ ھالىدىن شىكايەت قىلىپ: ئەي پەرۋەردىگارىم! ھەقىقەتەن سەن مېنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن قەۋمىم بۇ قۇرئاننى تاشلاپ، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈدى، دەيدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَكَذَٰلِكَ جَعَلۡنَا لِكُلِّ نَبِيٍّ عَدُوّٗا مِّنَ ٱلۡمُجۡرِمِينَۗ وَكَفَىٰ بِرَبِّكَ هَادِيٗا وَنَصِيرٗا
ئەي پەيغەمبەر! سەنمۇ قەۋمىڭنىڭ ئەزىيەتلىرىگە ۋە يولۇڭدىن توسۇشلىرىغا ئۇچرىغىنىڭدەك، سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەر بىرىگە قەۋمىنىڭ جىنايەتچىلىرىدىن دۈشمەنلەرنى قىلدۇق. پەرۋەردىگارىڭ سېنى ھەقكە يېتەكلەشكە، دۈشمەنلىرىڭگە قارشى ساڭا ياردەم بېرىشكە يېتەرلىكتۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لَوۡلَا نُزِّلَ عَلَيۡهِ ٱلۡقُرۡءَانُ جُمۡلَةٗ وَٰحِدَةٗۚ كَذَٰلِكَ لِنُثَبِّتَ بِهِۦ فُؤَادَكَۖ وَرَتَّلۡنَٰهُ تَرۡتِيلٗا
ئاللاھقا كاپىر بولغانلار: بۇ قۇرئان نېمىشقا پەيغەمبەرگە بىر قتېىمدىلا نازىل قىلىنماي، پارچە - پارچە نازىل قىلىندى؟ دېيىشتى. ئەي پەيغەمبەر! بىز قۇرئاننى ئاستا - ئاستا نازىل قىلىش ئارقىلىق دىلىڭنى مۇستەھكەم قىلىش ئۈچۈن ئاشۇنداق پارچە - پارچە نازىل قىلدۇق، شۇنداقلا ئۇنى چۈشىنىشىڭ ۋە ئېسىڭدە ساقلىۋېلىشىڭ قولاي بولسۇن ئۈچۈن ئاز - ئازدىن نازىل قىلدۇق.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• الكفر مانع من قبول الأعمال الصالحة.
كۇپۇرلۇق ياخشى ئەمەللەرنىڭ قوبۇل بولۇشىنى چەكلەيدۇ.

• خطر قرناء السوء.
ناچار دوست خەتەرلىكتۇر.

• ضرر هجر القرآن.
قۇرئاننى تاشلىۋېتىش زىيانلىقتۇر.

• من حِكَمِ تنزيل القرآن مُفَرّقًا طمأنة النبي صلى الله عليه وسلم وتيسير فهمه وحفظه والعمل به.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆڭلىنى تىندۇرۇش ھەمدە چۈشىنىش، ئېسىدە ساقلىۋېلىش ۋە ئەمەل قىلىشنى قولايلاشتۇرۇش قۇرئان كەرىمنىڭ پارچە - پارچە نازىل قىلىنىشىدىكى ھېكمەتلەرنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

 
مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: پۇرقان
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

قۇرئان تەتقىقاتى تەپسىر مەركىزى چىقارغان.

تاقاش