Check out the new design

قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى


مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: پۇرقان   ئايەت:
وَلَا يَأۡتُونَكَ بِمَثَلٍ إِلَّا جِئۡنَٰكَ بِٱلۡحَقِّ وَأَحۡسَنَ تَفۡسِيرًا
ئەي پەيغەمبەر! مۇشرىكلار سەندىن قانداق ئىشنى تەلەپ قىلسا، بىز ساڭا مۇستەھكەم، توغرا جاۋابنى ھەمدە ئەڭ گۈزەل بولغان باياننى كەلتۈرىمىز.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
ٱلَّذِينَ يُحۡشَرُونَ عَلَىٰ وُجُوهِهِمۡ إِلَىٰ جَهَنَّمَ أُوْلَٰٓئِكَ شَرّٞ مَّكَانٗا وَأَضَلُّ سَبِيلٗا
ئۇلار قىيامەت كۈنى دۇم پېتى جەھەننەمگە سۆرىلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۇرىدىغان جايى يامان جايدۇر، چۈنكى ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەمدۇر. ئۇلارنىڭ يولى ھەقتىن تولىمۇ يىراقتۇر، چۈنكى ئۇلارنىڭ يولى كۇپرى ۋە ئازغۇنلۇق يولىدۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَلَقَدۡ ءَاتَيۡنَا مُوسَى ٱلۡكِتَٰبَ وَجَعَلۡنَا مَعَهُۥٓ أَخَاهُ هَٰرُونَ وَزِيرٗا
شۈبھىسىزكى بىز مۇساغا تەۋراتنى بەردۇق، ئۇنىڭغا ياردەمچى بولۇشى ئۈچۈن قېرىندىشى ھارۇننى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە پەيغەمبەر قىلدۇق.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَقُلۡنَا ٱذۡهَبَآ إِلَى ٱلۡقَوۡمِ ٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَا فَدَمَّرۡنَٰهُمۡ تَدۡمِيرٗا
مۇسا ۋە ھارۇن ئىككىسىگە: ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ قېشىغا بېرىڭلار، دېدۇق. ئۇلار بۇيرۇقىمىزغا بويسۇنۇپ، ئۇلارنىڭ يېنىغا باردى ھەمدە ئۇلارنى ئاللاھنى بىر دەپ بىلىشكە چاقىردى. لېكىن ئۇلار ئۇ ئىككىسىنى ئىنكار قىلدى، ئاندىن بىز ئۇلارنى ئېچىنىشلىق شەكىلدە ھالاك قىلدۇق.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَقَوۡمَ نُوحٖ لَّمَّا كَذَّبُواْ ٱلرُّسُلَ أَغۡرَقۡنَٰهُمۡ وَجَعَلۡنَٰهُمۡ لِلنَّاسِ ءَايَةٗۖ وَأَعۡتَدۡنَا لِلظَّٰلِمِينَ عَذَابًا أَلِيمٗا
نۇھنىڭ قەۋمى نۇھنى ئىنكار قىلغانلىق سەۋەبتىن پۈتۈن پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغان چاغدا بىز ئۇلارنى دېڭىزغا غەرق قىلىپ ھالاك قىلىۋەتتۇق. ئۇلارنىڭ ھالاكىتىنى بىزنىڭ زالىملارنى تەلتۆكۈس يوقىتىۋېتىشكە كۈچىمىز يېتىدىغانلىقىنىڭ پاكىتى قىلدۇق. بىز زالىملارغا قىيامەت كۈنى دەرتلىك ئازابنى تەييارلىدۇق.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَعَادٗا وَثَمُودَاْ وَأَصۡحَٰبَ ٱلرَّسِّ وَقُرُونَۢا بَيۡنَ ذَٰلِكَ كَثِيرٗا
ھۇدنىڭ قەۋمى ئادنى، سالىھنىڭ قەۋمى سەمۇدنى ھالاك قىلدۇق، ئەسھابۇلبىئرىنى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَكُلّٗا ضَرَبۡنَا لَهُ ٱلۡأَمۡثَٰلَۖ وَكُلّٗا تَبَّرۡنَا تَتۡبِيرٗا
ھالاك قىلىنغان ئاشۇ قەۋملەرنىڭ پەند - نەسىھەت ئېلىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ ھالاك قىلىنغانلىقىنى ھەمدە ھالاك قىلىنىش سەۋەبىنى ئېيتىپ بەردۇق. بىز ئۇلاردىن ھەر بىرىنى كۇپرىسى ۋە تەرسالىقى تۈپەيلىدىن ئېچىنىشلىق رەۋىشتە ھالاك قىلدۇق.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَلَقَدۡ أَتَوۡاْ عَلَى ٱلۡقَرۡيَةِ ٱلَّتِيٓ أُمۡطِرَتۡ مَطَرَ ٱلسَّوۡءِۚ أَفَلَمۡ يَكُونُواْ يَرَوۡنَهَاۚ بَلۡ كَانُواْ لَا يَرۡجُونَ نُشُورٗا
سېنىڭ قەۋمىڭدىن چىققان ئىنكارچىلار شامغا بېرىش يولىدا تاش ياغدۇرۇلۇپ ھالاك قىلىنغان لۇت قەۋمىنىڭ ئاھالىسىدىن ئۆتىدۇ، ئۇلار قەبىھ گۇناھ قىلغانلىقى ئۈچۈن باشقىلارغا ئىبرەت قىلىش ئۈچۈن جازالىغان ئىدۇق. سېنىڭ قەۋمىڭنىڭ كۆزى كۆرمەس بولۇپ، ئۇلارنى كۆرمەي قالدىمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ھېسابقا تارتىلىشىنى ئويلىمايدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَإِذَا رَأَوۡكَ إِن يَتَّخِذُونَكَ إِلَّا هُزُوًا أَهَٰذَا ٱلَّذِي بَعَثَ ٱللَّهُ رَسُولًا
ئەي پەيغەمبەر! بۇ ئىنكارچىلار ساڭا ئۇچراشقاندا سېنى مەسخىرە قىلىپ، كەم سۇندۇرۇپ ئىنكار قىلغان تەرزدە: ئاللاھ بىزگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن كىشى مۇشۇما؟.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِن كَادَ لَيُضِلُّنَا عَنۡ ءَالِهَتِنَا لَوۡلَآ أَن صَبَرۡنَا عَلَيۡهَاۚ وَسَوۡفَ يَعۡلَمُونَ حِينَ يَرَوۡنَ ٱلۡعَذَابَ مَنۡ أَضَلُّ سَبِيلًا
ھەقىقەتەن ئۇ بىزنى ئىلاھلىرىمىزغا چوقۇنۇشتىن قايتۇرۇۋەتكىلى تاسلا قالدى. ھېلىمۇ بىز شۇ ئىلاھلىرىمىزغا چوقۇنۇشتا چىڭ تۇرمىغان بولساق، ئۇ بىزنى دەلىل - پاكىتلىرى ئارقىلىق ئۇنىڭدىن بۇرۇۋېتەتتى، دېيىشىدۇ. ئۇلار قەبرىلىرىدە ۋە قىيامەت كۈنىدە ئازابنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرگەن چاغدا كىمنىڭ ئەڭ ئازغۇن ئىكەنلىكىنى، يەنى ئۆزلىرىمۇ ياكى بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىزمۇ؟ چوقۇم بىلىپ قالىدۇ. ئۇلار چوقۇم كىمنىڭ ئەڭ ئازغۇن ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أَرَءَيۡتَ مَنِ ٱتَّخَذَ إِلَٰهَهُۥ هَوَىٰهُ أَفَأَنتَ تَكُونُ عَلَيۡهِ وَكِيلًا
ئەي پەيغەمبەر! قېنى ئېيتقىنە؟ ھاۋايى - ھەۋىسىنى ئىلاھ قىلىپ، شۇنىڭغا ئىتائەت قىلغان ئادەمگە سەن كۆزەتچى بولۇپ، ئۇنى ئىمانغا قايتۇرۇپ، كۇپرىدىن توسۇپ قالالامسەن؟
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• الكفر بالله والتكذيب بآياته سبب إهلاك الأمم.
ئاللاھقا كاپىر بولۇش ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىش ئۈممەتلەرنىڭ ھالاك قىلىنىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

• غياب الإيمان بالبعث سبب عدم الاتعاظ.
ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشكە ئىمان ئېيتماسلىقنىڭ سەۋەبى؛ ئىبرەت ئالماسلىقتۇر.

• السخرية بأهل الحق شأن الكافرين.
ھەقىقەتپەرۋەر كىشىلەرنى مەسخىرە قلىش كاپىرلارنىڭ ئىشىدۇر.

• خطر اتباع الهوى.
نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىش خەتەرلىكتۇر.

 
مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: پۇرقان
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

قۇرئان تەتقىقاتى تەپسىر مەركىزى چىقارغان.

تاقاش