Check out the new design

قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى


مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: رۇم   ئايەت:
وَإِذَا مَسَّ ٱلنَّاسَ ضُرّٞ دَعَوۡاْ رَبَّهُم مُّنِيبِينَ إِلَيۡهِ ثُمَّ إِذَآ أَذَاقَهُم مِّنۡهُ رَحۡمَةً إِذَا فَرِيقٞ مِّنۡهُم بِرَبِّهِمۡ يُشۡرِكُونَ
مۇشرىكلارغا كېسەللىك، كەمبەغەللىك ياكى قەھەتچىلىككە ئوخشاش بىرەر خاپىلىق كەلسە، پەرۋەردىگارىغا يېلىنىپ، يالۋۇرۇپ، ئۆزلىرىگە كەلگەن خاپىلىقلارنى كۆتۈرۈۋېتىشىنى ئۈمىد قىلىپ پەقەت شۇنىڭغىلا دۇئا قىلىدۇ. ئاندىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەن خاپىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىش ئارقىلىق ئۇلارغا شەپقەت قىلسا، ئۇلاردىن بىر بۆلۈكى دەرھال شېرىككە قايتىپ، ئاللاھقا باشقىلارنى قوشۇپ دۇئا قىلىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
لِيَكۡفُرُواْ بِمَآ ءَاتَيۡنَٰهُمۡۚ فَتَمَتَّعُواْ فَسَوۡفَ تَعۡلَمُونَ
ناۋادا ئۇلار ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە كاپىر بولۇپ، -باشلىرىغا كەلگەن خاپىلىقنى كۆتۈرۈۋەتكەنلىكىمۇ بىر نېئمەت- قوللىرىدا بار نەرسىدىن مۇشۇ دۇنيادىلا بەھرىمەن بولۇشنى كۆزلىسە، قىيامەت كۈنى چوقۇم ئۆزلىرىنىڭ روشەن ئازغۇنلۇقتا ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أَمۡ أَنزَلۡنَا عَلَيۡهِمۡ سُلۡطَٰنٗا فَهُوَ يَتَكَلَّمُ بِمَا كَانُواْ بِهِۦ يُشۡرِكُونَ
ھېچقانداق پاكىتسىز ھالەتتە ئۇلارنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشكە ئۈندىگەن نەرسە نېمە؟ بىز ئۇلارغا ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشكە پاكىت قىلىدىغان بىرەر كىتاب چۈشۈرگىنىمىز يوق. ئۇلارنىڭ قولىدا شېرىكلىرى ھەققىدە سۆزلەيدىغان، ئۇلارنىڭ كۇپرىسىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدىغان بىرەر كىتابمۇ يوق.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَإِذَآ أَذَقۡنَا ٱلنَّاسَ رَحۡمَةٗ فَرِحُواْ بِهَاۖ وَإِن تُصِبۡهُمۡ سَيِّئَةُۢ بِمَا قَدَّمَتۡ أَيۡدِيهِمۡ إِذَا هُمۡ يَقۡنَطُونَ
ئەگەر بىز ئىنسانلارغا ساقلىق ۋە باي - باياشاتلىققا ئوخشاش نېئمەتلىرىمىزنى تېتىتساق ئۇلار كۆرەڭلەپ، ھاكاۋۇرلۇق قىلىدۇ. ئەگەر ئۇلارغا ئۆزلىرى قىلغان گۇناھلىرى سەۋەبلىك كېسەللىك ۋە كەمبەغەللىككە ئوخشاش كۆڭۈلسىزلىك يەتسە ئۇلار ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىپ، خاپىلىقنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشىدىن ئۈمىدىنى ئۈزىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أَوَلَمۡ يَرَوۡاْ أَنَّ ٱللَّهَ يَبۡسُطُ ٱلرِّزۡقَ لِمَن يَشَآءُ وَيَقۡدِرُۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يُؤۡمِنُونَ
ئۇلار بىلمەمدۇكى، ئاللاھ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىنى ئۆزىگە شۈكرى قىلامدۇ ياكى تۇزكورلۇق قىلامدۇ؟ دەپ سىناش ئۈچۈن رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ. ئۇلاردىن خالىغان ئادەمنى سەۋر قىلامدۇ ياكى نارازى بولامدۇ؟ دەپ سىناش ئۈچۈن رىزقىنى تار قىلىدۇ. ھەقىقەتەن بەزىلەرنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىپ، بەزىلەرنىڭ رىزقىنى تار قىلىشتا مۇئمىنلەرگە ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى ۋە رەھمىتىنىڭ دەلىل - پاكىتلىرى بار.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَـَٔاتِ ذَا ٱلۡقُرۡبَىٰ حَقَّهُۥ وَٱلۡمِسۡكِينَ وَٱبۡنَ ٱلسَّبِيلِۚ ذَٰلِكَ خَيۡرٞ لِّلَّذِينَ يُرِيدُونَ وَجۡهَ ٱللَّهِۖ وَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡمُفۡلِحُونَ
ئەي مۇسۇلمان! خىش - ئەقرىبالىرىڭغا ئۆز لايىقىدا ۋاپادارلىق ۋە سىلە - رەھىم قىلغىن، ھاجەتمەنلەرنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلغىن، يۇرتىدىن ئايرىلغان مۇساپىرغىمۇ ياخشىلىق قىلغىن. ئاشۇنداق يوللارغا مال سەرپ قىلىش ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەيدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. مۇشۇنداق ياردەملەرنى قىلىپ، مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلغانلار كۆزلىگەن جەننەتكە ئېرىشىش ھەمدە قورققان ئازابتىن ئامان قېلىش ئارقىلىق نىجاتلىققا ئېرىشكۈچىلەردۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَمَآ ءَاتَيۡتُم مِّن رِّبٗا لِّيَرۡبُوَاْ فِيٓ أَمۡوَٰلِ ٱلنَّاسِ فَلَا يَرۡبُواْ عِندَ ٱللَّهِۖ وَمَآ ءَاتَيۡتُم مِّن زَكَوٰةٖ تُرِيدُونَ وَجۡهَ ٱللَّهِ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡمُضۡعِفُونَ
سىلەرنىڭ بىراۋغا تېخىمۇ كۆپ قايتۇرۇپ ئېلىش مەقسىتىدە بەرگەن مېلىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۆسمەيدۇ. ماللىرىڭلارنى كىشىلەردىن ھېچقانداق مەرتىۋە ۋە مۇكاپات كۈتمەستىن پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ بەرسەڭلار، ئەنە شۇنداق كىشىلەرنىڭ ئەجرى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ھەسسىلىنىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
ٱللَّهُ ٱلَّذِي خَلَقَكُمۡ ثُمَّ رَزَقَكُمۡ ثُمَّ يُمِيتُكُمۡ ثُمَّ يُحۡيِيكُمۡۖ هَلۡ مِن شُرَكَآئِكُم مَّن يَفۡعَلُ مِن ذَٰلِكُم مِّن شَيۡءٖۚ سُبۡحَٰنَهُۥ وَتَعَٰلَىٰ عَمَّا يُشۡرِكُونَ
ئاللاھ سىلەرنى يالغۇز ئۆزى ياراتتى، ئاندىن سىلەرگە رىزىق بەردى، ئاندىن سىلەرنى قەبزى روھ قىلىدۇ، ئاندىن قايتا تىرىلدۈرىدۇ. سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىڭلاردىن قايسى بىرى شۇنداق قىلالايدۇ؟ ئاللاھ مۇشرىكلارنىڭ دېگەنلىرىدىن ۋە ئېتىقاد قىلغانلىرىدىن پاكتۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
ظَهَرَ ٱلۡفَسَادُ فِي ٱلۡبَرِّ وَٱلۡبَحۡرِ بِمَا كَسَبَتۡ أَيۡدِي ٱلنَّاسِ لِيُذِيقَهُم بَعۡضَ ٱلَّذِي عَمِلُواْ لَعَلَّهُمۡ يَرۡجِعُونَ
كىشلەرنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىدە كېمىيىش، ئۆزلىرىدە كېسەللىك ھەم ۋابا تارقىلىش ئارقىلىق دېڭىزدا ۋە قۇرۇقلۇقتا ئاپەت يۈز بەردى. بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى؛ ئاللاھ ئۇلارنى ئۆزىگە تەۋبە قىلسۇن دەپ ھاياتىي دۇنيادىكى بىر قىسىم ناچار قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى ئۇلارغا تېتىتىشنى ئىرادە قىلدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• فرح البطر عند النعمة، والقنوط من الرحمة عند النقمة؛ صفتان من صفات الكفار.
نېئمەتكە ئېرىشكەندە كۆرەڭلەش، ئازابقا يولۇققاندا رەھمەتتىن ئۈمىدسىزلىنىش كاپىرلارنىڭ سۈپەتلىرىدىندۇر.

• إعطاء الحقوق لأهلها سبب للفلاح.
ھەقلەرنى ئۆز ئىگىسىگە بېرىش نىجاتلىققا ئېرىشىشنىڭ سەۋەبىدۇر.

• مَحْقُ الربا، ومضاعفة أجر الإنفاق في سبيل الله.
جازانىنىڭ بەرىكىتى ئۇچۇپ كېتىدۇ، ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلغان مالنىڭ مۇكاپاتى ھەسسىلەپ بېرىلىدۇ.

• أثر الذنوب في انتشار الأوبئة وخراب البيئة مشاهد.
يوقۇملۇق كېسەللەرنىڭ تارقىلىشى ۋە مۇھىتنىڭ بۇزۇلۇشىدا گۇناھلارنىڭ تەسىرى كۆرۈنەرلىكتۇر.

 
مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: رۇم
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

قۇرئان تەتقىقاتى تەپسىر مەركىزى چىقارغان.

تاقاش