Check out the new design

قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى


مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: رۇم   ئايەت:
وَلَئِنۡ أَرۡسَلۡنَا رِيحٗا فَرَأَوۡهُ مُصۡفَرّٗا لَّظَلُّواْ مِنۢ بَعۡدِهِۦ يَكۡفُرُونَ
ئەگەر بىز ئۇلارنىڭ زىرائەتلىرى ۋە ئۆسۈملۈكلىرىگە زىيانلىق شامالنى ئەۋەتسەك، ئۇلار زىرائەتلىرىنىڭ يېشىللىققا پۈركەنگەندىن كېيىن سارغىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسە، ئۇلار بۇ ئەھۋالنى كۆرگەندىن كېيىن ئاللاھنىڭ بۇرۇن ئاتا قىلغان نۇرغۇن نېئمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَإِنَّكَ لَا تُسۡمِعُ ٱلۡمَوۡتَىٰ وَلَا تُسۡمِعُ ٱلصُّمَّ ٱلدُّعَآءَ إِذَا وَلَّوۡاْ مُدۡبِرِينَ
سەن ھەقىقەتەن ئۆلۈكلەرگە ئاڭلىتالمايسەن، گاسلارغىمۇ ئاڭلىتالمايسەن. ئۇلارنىڭ ئاڭلىمايدىغانلىقى ئېنىق بولۇشى ئۈچۈن ئۇلار سەندىن تولىمۇ يىراقلاپ كەتتى. شۇڭا سەن يۈز ئۆرۈش ۋە مەنپەئەتلىنەلمەسلىكتە بۇ دەرىجىدە بوپكەتكەنلەرنى ھىدايەت قىلالمايسەن.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَمَآ أَنتَ بِهَٰدِ ٱلۡعُمۡيِ عَن ضَلَٰلَتِهِمۡۖ إِن تُسۡمِعُ إِلَّا مَن يُؤۡمِنُ بِـَٔايَٰتِنَا فَهُم مُّسۡلِمُونَ
سەن توغرا يولدىن ئېزىپ كەتكەنلەرنى ھەق يولغا باشلىيالمايسەن، ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتقانلاردىن باشقىلارغا مەنپەئەتلىنەلەيدىغان رەۋىشتە ئاڭلىتالمايسەن. چۈنكى ئىمان ئېيتقان ئادەم سېنىڭ دېگەنلىرىڭدىن پايدىلىنالايدۇ ۋە بۇيرۇقىمىزغا بويسۇنىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
۞ ٱللَّهُ ٱلَّذِي خَلَقَكُم مِّن ضَعۡفٖ ثُمَّ جَعَلَ مِنۢ بَعۡدِ ضَعۡفٖ قُوَّةٗ ثُمَّ جَعَلَ مِنۢ بَعۡدِ قُوَّةٖ ضَعۡفٗا وَشَيۡبَةٗۚ يَخۡلُقُ مَا يَشَآءُۚ وَهُوَ ٱلۡعَلِيمُ ٱلۡقَدِيرُ
ئەي ئىنسانلار! ئاللاھ سىلەرنى ئەرزىمەس سۇدىن ياراتتى، ئاندىن سىلەرنى ئاجىزلىقتىن كېيىن كۈچلۈك قىلدى، ئاندىن كۈچلۈكلۈكتىن ئاجىز قىلدى. ئاللاھ تائالا ئاجىزلىق ۋە كۈچلۈكلۈكتىن خالىغىنىنى يارىتىدۇ. ئۇ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇركى، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ. قادىردۇركى، ئۇنى ھېچ نەرسە ئاجىز قىلالمايدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَيَوۡمَ تَقُومُ ٱلسَّاعَةُ يُقۡسِمُ ٱلۡمُجۡرِمُونَ مَا لَبِثُواْ غَيۡرَ سَاعَةٖۚ كَذَٰلِكَ كَانُواْ يُؤۡفَكُونَ
قىيامەت قايىم بولغان كۈندە گۇناھكارلار قەبرىلىرىدە پەقەت ئازغىنا ۋاقىت تۇرغانلىقىغا قەسەم قىلىدۇ. ئۇلار قەبرىلىرىدە قانچىلىك تۇرغانلىقىنى بىلىشتىن بۇرۇۋېتىلگىنىدەك، دۇنيادا ھەقىقەتتىنمۇ بۇرۇۋېتىلگەن ئىدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَقَالَ ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡعِلۡمَ وَٱلۡإِيمَٰنَ لَقَدۡ لَبِثۡتُمۡ فِي كِتَٰبِ ٱللَّهِ إِلَىٰ يَوۡمِ ٱلۡبَعۡثِۖ فَهَٰذَا يَوۡمُ ٱلۡبَعۡثِ وَلَٰكِنَّكُمۡ كُنتُمۡ لَا تَعۡلَمُونَ
ئاللاھ ئىلىم ئاتا قىلغان پەيغەمبەرلەر ۋە پەرىشتىلەر: ھەقىقەتەن سىلەر ئاللاھ ئىلمى ئەزەلىيدە پۈتۈۋەتكەن مۇددەت، يەنى سىلەرنى ياراتقان كۈندىن باشلاپ تاكى سىلەر ئىنكار قىلىپ كەلگەن قايتا تىرىلىش كۈنىگە قەدەر تۇردۇڭلار. لېكىن سىلەر قايتا تىرىلىشنىڭ چوقۇم يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلمەي كاپىر بولغان ئىدىڭلار، دەيدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَيَوۡمَئِذٖ لَّا يَنفَعُ ٱلَّذِينَ ظَلَمُواْ مَعۡذِرَتُهُمۡ وَلَا هُمۡ يُسۡتَعۡتَبُونَ
ئاللاھ تائالا پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنى ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن قايتا تىرىلدۈرىدىغان كۈندە زالىملارنىڭ يالغان باھانىلىرى ئەسقاتمايدۇ، ئۇلاردىن تەۋبە قىلىپ ئاللاھنى رازى قىلىشمۇ تەلەپ قىلىنمايدۇ، چۈنكى تەۋبىنىڭ ۋاقتى ئاللىبۇرۇن ئۆتۈپ كەتتى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَلَقَدۡ ضَرَبۡنَا لِلنَّاسِ فِي هَٰذَا ٱلۡقُرۡءَانِ مِن كُلِّ مَثَلٖۚ وَلَئِن جِئۡتَهُم بِـَٔايَةٖ لَّيَقُولَنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ إِنۡ أَنتُمۡ إِلَّا مُبۡطِلُونَ
ھەقىقەت باتىلدىن ئايرىلسۇن ئۈچۈن ئىنسانلارغا ھەر تۈرلۈك مىساللارنى بايان قىلدۇق، ئەي پەيغەمبەر! گەرچە سەن ئۇلارغا ئۆزۈڭنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىت كەلتۈرسەڭمۇ، ئۇلار: ئېلىپ كەلگەن نەرسەڭلەردە پەقەت يالغانچىسىلەر، دەيدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
كَذَٰلِكَ يَطۡبَعُ ٱللَّهُ عَلَىٰ قُلُوبِ ٱلَّذِينَ لَا يَعۡلَمُونَ
سەن مۆجىزە ئىلىپ كەلسەڭمۇ ئىشەنمەيدىغان بۇ ئادەملەرنىڭ قەلبلىرى مۇشۇنداق پېچەتلەنگەنگە ئوخشاش، ئاللاھ سەن ئېلىپ كەلگەن نەرسىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان ھەر كىمنىڭ دىللىرىنىمۇ پېچەتلىۋېتىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَٱصۡبِرۡ إِنَّ وَعۡدَ ٱللَّهِ حَقّٞۖ وَلَا يَسۡتَخِفَّنَّكَ ٱلَّذِينَ لَا يُوقِنُونَ
ئەي پەيغەمبەر! قەۋمىڭنىڭ سېنى يالغانغا چىقارغانلىقىغا سەۋر قىلغىن، ئاللاھنىڭ ساڭا نۇسرەت ئاتا قىلىپ، قۇدرەت تاپقۇزۇش ھەققىدىكى ۋەدىسى شەكسىز ھەقىقەتتۇر. قايتا تىرىلىشكە چىن پۈتمەيدىغانلار سېنى ئالدىراقسانلىققا ۋە سەۋرسىزلىككە ئېلىپ بارمىسۇن.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• يأس الكافرين من رحمة الله عند نزول البلاء.
كاپىرلار بېشىغا كۈن چۈشكەندە ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ.

• هداية التوفيق بيد الله، وليست بيد الرسول صلى الله عليه وسلم.
ھېدايەتكە مۇۋەپپەق قىلىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قولىدا ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ قولىدىدۇر.

• مراحل العمر عبرة لمن يعتبر.
ئۆمۈر مەنزىللىرى پەند - نەسىھەت ئالىدىغان كىشىگە ئىبرەتتۇر.

• الختم على القلوب سببه الذنوب.
دىللارنىڭ پېچەتلىنىشىنىڭ سەۋەبى گۇناھلاردۇر.

 
مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: رۇم
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

قۇرئان تەتقىقاتى تەپسىر مەركىزى چىقارغان.

تاقاش