Check out the new design

قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى


مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: ساد   ئايەت:

ساد

سۈرىنىڭ مەقسەتلىرىدىن:
ذكر المخاصمة بالباطل وعاقبتها.
ئاساسسىز سەپسەتىلەرگە تايىنىپ دەتالاش قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش بۇ سۈرىنىڭ مەقسەتلىرىدىن بىرىدۇر.

صٓۚ وَٱلۡقُرۡءَانِ ذِي ٱلذِّكۡرِ
بۇنىڭغا ئوخشاش ئۈزۈك تاۋۇشلار ھەققىدىكى قاراشلار سۈرە بەقەرەنىڭ بېشىدا ئۆتتى. كىشىلەرنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرىتىگە مەنپەئەت بېرىدىغان مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇرئان كەرىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ھەقىقىي ئەھۋال مۇشرىكلار ئويلىغاندەك ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بَلِ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ فِي عِزَّةٖ وَشِقَاقٖ
لېكىن كاپىرلار ئاللاھنى بىر دەپ ئېتىقاد قىلىشتىن باش تارتىپ، مۇھەممەد بىلەن قارشىلىشىش ۋە دۈشمەنلىشىش پوزىتسىيەسىدە بولدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
كَمۡ أَهۡلَكۡنَا مِن قَبۡلِهِم مِّن قَرۡنٖ فَنَادَواْ وَّلَاتَ حِينَ مَنَاصٖ
بىز ئۇلاردىن ئىلگىرىمۇ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغان نۇرغۇن ئاھالىلەرنى ھالاك قىلىۋەتتۇق. ئۇلار ئۆزلىرىگە ئازاب كەلگەندە پەرياد قىلىشتى. بىراق بۇ ۋاقىت ئۇلار ئازابتىن قۇتۇلىدىغان، پەرياد قىلىش ئەسقاتىدىغان ۋاقىت ئەمەس ئىدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَعَجِبُوٓاْ أَن جَآءَهُم مُّنذِرٞ مِّنۡهُمۡۖ وَقَالَ ٱلۡكَٰفِرُونَ هَٰذَا سَٰحِرٞ كَذَّابٌ
ئۇلار ناۋادا ئۆزلىرىنىڭ كۇپرىسىدا ئۈزلۈكسىز چىڭ تۇرۇپ قالسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقىتىدىغان بىرەر پەيغەمبەرنىڭ كىلىشىدىن ھەيران قېلىشتى. كاپىرلار مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېلىپ كەلگەن دىننىڭ راستلىقىنىڭ دەلىل - پاكىتلىرىنى كۆرگەندە: بۇ ئادەم كىشىلەرنىڭ كۆزىنى باغلايدىغان سېھىرگەردۇر، ئۇ ئۆزىنى ئاللاھ تەرىپىدىن ۋەھىي كېلىدىغان پەيغەمبەر دېگەن دەۋاسىدا يالغانچىدۇر، دېيىشتى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أَجَعَلَ ٱلۡأٓلِهَةَ إِلَٰهٗا وَٰحِدًاۖ إِنَّ هَٰذَا لَشَيۡءٌ عُجَابٞ
ئۇلار يەنە: بۇ ئادەم بىر قانچە ئىلاھنى پەقەت بىرلا ئىلاھ قىلامدىكەن؟ ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقمىكەن؟ شەكسىزكى ئۇنىڭ بۇ قىلىقى تولىمۇ ھەيران قالارلىق، دېيىشتى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَٱنطَلَقَ ٱلۡمَلَأُ مِنۡهُمۡ أَنِ ٱمۡشُواْ وَٱصۡبِرُواْ عَلَىٰٓ ءَالِهَتِكُمۡۖ إِنَّ هَٰذَا لَشَيۡءٞ يُرَادُ
ئۇلارنىڭ مۆتىۋەرلىرى ۋە كاتتىلىرى ئەگەشكۈچىلىرىگە: بۇرۇندىن مېڭىپ كەلگەن يولۇڭلارنى داۋاملاشتۇرۇڭلار، مۇھەممەدنىڭ دىنىغا كىرگۈچى بولماڭلار، ئۆزۈڭلارنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇنۇشتا چىڭ تۇرۇڭلار. شەكسىزكى مۇھەممەد سىلەرنى چاقىرغان بىر ئىلاھقا قۇلچىلىق قىلىش ئىشى، ئۇ ئۆزى بىزدىن ئۈستۈن بولۇۋېلىپ، بىزنىڭ ئۆزىگە ئەگەشكۈچى بولۇشىمىز ئۈچۈن ئالدىن پىلانلىغان ئىشتۇر، دېگىنىچە يۈرۈپ كېتىشتى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
مَا سَمِعۡنَا بِهَٰذَا فِي ٱلۡمِلَّةِ ٱلۡأٓخِرَةِ إِنۡ هَٰذَآ إِلَّا ٱخۡتِلَٰقٌ
بىز مۇھەممەد چاقىرىۋاتقان «ئاللاھنى بىر دەپ بىلىش» دېگەن گەپنى نە ئىلگىرىكى ئاتا - بوۋىلىرىمىزدىن، نە ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىدىن ئاڭلاپ باقمىغان. بىز مۇھەممەدتىن ئاڭلىغان بۇ گەپ يالغان ۋە بوھتاندىن باشقا نەرسە ئەمەس.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أَءُنزِلَ عَلَيۡهِ ٱلذِّكۡرُ مِنۢ بَيۡنِنَاۚ بَلۡ هُمۡ فِي شَكّٖ مِّن ذِكۡرِيۚ بَل لَّمَّا يَذُوقُواْ عَذَابِ
قۇرئان كەرىم بىزنىڭ ئىچىمىزدىن پەقەت ئۇنىڭغىلا چۈشۈپ، بىزدەك ئاقسۆڭەك، مۆتىۋەرلەرگە چۈشمەسلىكى توغرىمۇ؟ بۇ مۇشرىكلار ساڭا نازىل بولغان ۋەھىيدىن گۇماندىدۇر. ئۇلار تېخى ئاللاھنىڭ ئازابىنى تېتىمىغاچقا شۇنداق پەرۋاسىزلىق قىلىدۇ. ناۋادا ئاللاھنىڭ ئازابىنى تېتىغان بولسىدى، ھەرگىزمۇ ئاللاھقا كاپىر بولۇشقا، شېرىك كەلتۈرۈشكە ۋە ساڭا ۋەھىي قىلىنغان نەرسىدە گۇمان قىلىشقا پېتىنالمىغان بولاتتى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أَمۡ عِندَهُمۡ خَزَآئِنُ رَحۡمَةِ رَبِّكَ ٱلۡعَزِيزِ ٱلۡوَهَّابِ
بۇ يالغانچى مۇشرىكلارنىڭ يېنىدا ھېچكىم يېڭەلمەيدىغان، ھەممىدىن غالىب پەرۋەردىگارىڭنىڭ پەزلى - مەرھەمىتىنىڭ خەزىنىلىرى بارمۇ؟ ئاللاھ خالىغان كىشىگە خالىغىنىنى بېرىدۇ. پەيغەمبەرلىكمۇ ئۇنىڭ پەزلى - مەرھەمىتىنىڭ خەزىنىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇنىمۇ ئۆزى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ. مۇشرىكلارنىڭ بۇنىڭغا ئارىلىشىپ، ئۆزلىرى خالىغان كىشىگە بېرىپ، خالىغىنىغا بەرمەسلىك ھوقۇقى يوق.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أَمۡ لَهُم مُّلۡكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَمَا بَيۡنَهُمَاۖ فَلۡيَرۡتَقُواْ فِي ٱلۡأَسۡبَٰبِ
ياكى ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسى ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ ئىگىدارچىلىقى ئۇلارنىڭ قولىدىمۇ؟ ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ بېرىش - بەرمەسلىك ھوقۇقى بولار ئىدى. ئۇلار مۇشۇنداق بىلجىرلىغان ئىكەن، بېرىش - بەرمەسلىكتە ئۆزلىرى خالىغان قارارنى چىقىرىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئاسمانغا چىقالايدىغاننىڭ ئامالىنى قىلىپ باقسۇن قېنى؟ ئۇلار ھەرگىز بۇنداق قىلالمايدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
جُندٞ مَّا هُنَالِكَ مَهۡزُومٞ مِّنَ ٱلۡأَحۡزَابِ
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغان بۇ كىشىلەر ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغان قوشۇنلارغا ئوخشاش مەغلۇبىيەتكە مەھكۇم قوشۇندۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
كَذَّبَتۡ قَبۡلَهُمۡ قَوۡمُ نُوحٖ وَعَادٞ وَفِرۡعَوۡنُ ذُو ٱلۡأَوۡتَادِ
بۇ ئىنكارچىلار تۇنجى ئىنكارچى ئەمەس. ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمىمۇ ئىنكار قىلغان ئىدى، ئادمۇ ئىنكار قىلغان ئىدى. كىشىلەرنى قوزۇقلارغا قېقىپ قىينايدىغان پىرئەۋنمۇ ئىنكار قىلغان ئىدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَثَمُودُ وَقَوۡمُ لُوطٖ وَأَصۡحَٰبُ لۡـَٔيۡكَةِۚ أُوْلَٰٓئِكَ ٱلۡأَحۡزَابُ
سەمۇد قەۋمىمۇ ئىنكار قىلدى، لۇت قەۋمىمۇ ئىنكار قىلدى، شۇئەيب قەۋمىمۇ ئىنكار قىلدى. ئەنە شۇلار پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇلار ئېلىپ كەلگەن نەرسىگە كاپىر بولۇشتا بىردەكلىك ھاسىل قىلغان گۇرۇھلاردۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِن كُلٌّ إِلَّا كَذَّبَ ٱلرُّسُلَ فَحَقَّ عِقَابِ
بۇ گۇرۇھلاردىن ھەر كىم پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلماي قالمىدى، شۇ سەۋەبتىن ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئازابى لايىق بولۇپ، گەرچە كېچىكىپ بولسىمۇ ئاللاھنىڭ ئازابى كەلدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَمَا يَنظُرُ هَٰٓؤُلَآءِ إِلَّا صَيۡحَةٗ وَٰحِدَةٗ مَّا لَهَا مِن فَوَاقٖ
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغان بۇ ئادەملەر پەقەت ئىككىنچى قېتىملىق سۈر پۈۋلىنىشىنى كۈتىدۇكى، ئۇ چاغدا قايتىش بولمايدۇ، ئۇلار ناۋادا پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغان پېتى ئۆلۈپ كەتسە، ئۇلارغا ئازاب چۈشىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَقَالُواْ رَبَّنَا عَجِّل لَّنَا قِطَّنَا قَبۡلَ يَوۡمِ ٱلۡحِسَابِ
ئۇلار مەسخىرە قىلىشىپ: ئەي رەببىمىز! قىيامەت كېلىشتىن بۇرۇن مۇشۇ دۇنيادىلا بىزگە تېگىشلىك ئازابنى كەلتۈرگىن، دېيىشتى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• أقسم الله عز وجل بالقرآن العظيم، فالواجب تَلقِّيه بالإيمان والتصديق، والإقبال على استخراج معانيه.
ئاللاھ تائالا ئۇلۇغ قۇرئان بىلەن قەسەم قىلدى. بۇ، ئۇنى ئىمان ۋە چىن پۈتۈش بىلەن، ئۇنىڭ مەنىلىرىنى بىلىشكە بېرىلىش بىلەن قوبۇل قىلىش دېمەكتۇر.

• غلبة المقاييس المادية في أذهان المشركين برغبتهم في نزول الوحي على السادة والكبراء.
مۇشرىكلار ۋەھىينىڭ ئاقسۆڭەك، مۆتىۋەرلەرگە نازىل بولۇشىنى ئىشتىياق بىلەن كۈتكەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ زېھنىنى تامامەن ماددىي ئۆلچەملەر چىرمىۋالغان.

• سبب إعراض الكفار عن الإيمان: التكبر والتجبر والاستعلاء عن اتباع الحق.
كاپىرلارنىڭ ئىماندىن يۈز ئۆرۈشىنىڭ سەۋەبى: تەكەببۇرلۇق، چوڭچىلىق ۋە ھەقىقەتكە ئەگىشىشتىن ئۆزىنى چوڭ تۇتۇشتۇر.

 
مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: ساد
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

قۇرئان تەتقىقاتى تەپسىر مەركىزى چىقارغان.

تاقاش