Check out the new design

قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى


مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: ساد   ئايەت:
وَقَالُواْ مَا لَنَا لَا نَرَىٰ رِجَالٗا كُنَّا نَعُدُّهُم مِّنَ ٱلۡأَشۡرَارِ
ھەددىدىن ئاشقان تەكەببۇرلار: بىز نېمىشقا دۇنيادىكى ۋاقىتتا ئازابقا لايىق دەپ ئويلايدىغان بەدبەختلەرنى دوزاختا يېنىمىزدا كۆرمەيمىز؟
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أَتَّخَذۡنَٰهُمۡ سِخۡرِيًّا أَمۡ زَاغَتۡ عَنۡهُمُ ٱلۡأَبۡصَٰرُ
ئەجىبا بىزنىڭ مەسخىرىلىرىمىز، ئۇلارنى مازاق قىلىشلىرىمىز خاتا بولۇپ، ئۇلار ئازابقا لايىق كىشىلەر ئەمەسمىدى ياكى بىزنىڭ ئۇلارنى مەسخىرە قىلىشلىرىمىز توغرا بولۇپ، ئۇلار دوزاخقا كىرگەن بولسىمۇ بىز ئۇلارنى كۆرمەي قالدۇقمۇ؟ دېيىشىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِنَّ ذَٰلِكَ لَحَقّٞ تَخَاصُمُ أَهۡلِ ٱلنَّارِ
شەكسىزكى بىز سىلەرگە ئېيتقان قىيامەت كۈنىدىكى كاپىرلارنىڭ ئۆزئارا قىلىشىدىغان ئاشۇ دەتالاشلىرى ئەلۋەتتە ھەقىقەتتۇركى، ئۇنىڭدا قىلچە گۇمان ۋە شەك يوق.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
قُلۡ إِنَّمَآ أَنَا۠ مُنذِرٞۖ وَمَا مِنۡ إِلَٰهٍ إِلَّا ٱللَّهُ ٱلۡوَٰحِدُ ٱلۡقَهَّارُ
ئەي مۇھەممەد! قەۋمىڭدىن كاپىر بولغانلارغا ئېيتقىنكى: مەن پەقەت سىلەرنىڭ كۇپرىڭلار ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقىڭلار سەۋەبلىك بېشىڭلارغا ئاللاھنىڭ ئازابى كەپقېلىشىدىن ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن. بۇ دۇنيادا ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچبىر ئىلاھ مەۋجۇت ئەمەس. ئاللاھ تائالا كاتتىلىقى، گۈزەل ئىسىم ۋە سۈپەتلىرىدە يەككە - يېگانە زاتتۇركى، ئۇ ھەر نەرسىنى بويسۇندۇرغان، ھەر نەرسە ئۇنىڭغا باش ئېگىدىغان، ھەممىدىن كۈچلۈك زاتتۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
رَبُّ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَمَا بَيۡنَهُمَا ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡغَفَّٰرُ
ئاللاھ تائالا ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسى ئارىسىدىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. ئۇ پادىشاھلىقىدا غالىب، ھېچكىم ئۇنى يېڭەلمەيدىغان، بەندىلىرىدىن تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ گۇناھلىرىنى تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچى زاتتۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
قُلۡ هُوَ نَبَؤٌاْ عَظِيمٌ
ئەي پەيغەمبەر! بۇ ئىنكارچىلارغا ئېيتقىنكى: شەكسىزكى قۇرئان كەرىم شانۇ-شەۋكەتلىك خەۋەردۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أَنتُمۡ عَنۡهُ مُعۡرِضُونَ
سىلەر بۇ كاتتا خەۋەردىن يۈز ئۆرۈپ، ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمايسىلەر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
مَا كَانَ لِيَ مِنۡ عِلۡمِۭ بِٱلۡمَلَإِ ٱلۡأَعۡلَىٰٓ إِذۡ يَخۡتَصِمُونَ
ئەگەر ئاللاھ ماڭا ۋەھىي قىلىش ئارقىلىق بىلدۈرمىگەن بولسا، مېنىڭ ئادەمنىڭ يارىتىلىشى ھەققىدە پەرىشتىلەر ئارىسىدا بولۇنغان پاراڭلاردىن خەۋرىم يوق ئىدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِن يُوحَىٰٓ إِلَيَّ إِلَّآ أَنَّمَآ أَنَا۠ نَذِيرٞ مُّبِينٌ
شەكسىزكى ئاللاھ ماڭا ۋەھىي قىلىپ، مېنىڭ سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئازابىدىن ئوچۇق - ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچى ئىكەنلىكىمنى ئۇقتۇردى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِذۡ قَالَ رَبُّكَ لِلۡمَلَٰٓئِكَةِ إِنِّي خَٰلِقُۢ بَشَرٗا مِّن طِينٖ
ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە ئېيتتى: شەكسىزكى مەن لايدىن ئىنسان يارىتىمەن، ئۇ بولسا ئادەمدۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَإِذَا سَوَّيۡتُهُۥ وَنَفَخۡتُ فِيهِ مِن رُّوحِي فَقَعُواْ لَهُۥ سَٰجِدِينَ
مەن ئۇنى تولۇق يارىتىپ، قەددى - قامىتىنى مۇكەممەل قىلىپ، ئۇنىڭغا روھىمدىن پۈۋلىگەن چېغىمدا ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَسَجَدَ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ كُلُّهُمۡ أَجۡمَعُونَ
پەرىشتىلەر پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، ھەممىسى ھۆرمەت سەجدىسىگە باردى، ئۇلاردىن ھېچكىم قالماي، ھەممەيلەن ئادەمگە سەجدە قىلىشتى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِلَّآ إِبۡلِيسَ ٱسۡتَكۡبَرَ وَكَانَ مِنَ ٱلۡكَٰفِرِينَ
لېكىن ئىبلىس سەجدە قىلىشتىن باش تارتىپ، پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىگە چوڭچىلىق قىلىش ئارقىلىق كاپىرلاردىن بوپكەتتى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
قَالَ يَٰٓإِبۡلِيسُ مَا مَنَعَكَ أَن تَسۡجُدَ لِمَا خَلَقۡتُ بِيَدَيَّۖ أَسۡتَكۡبَرۡتَ أَمۡ كُنتَ مِنَ ٱلۡعَالِينَ
ئاللاھ ئېيتتى: ئەي ئىبلىس! مەن ئۆز قولۇم بىلەن ياراتقان ئادەمگە سەجدە قىلىشتىن سېنى نېمە توستى؟ سېنى سەجدە قىلىشتىن تەكەببۇرلۇق توسۇپ قالدىمۇ ياكى سەن ئەزەلدىن پەرۋەردىگارىڭغا تەكەببۇرلۇق قىلىدىغان، چوڭچى بىرىمىدىڭ؟
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
قَالَ أَنَا۠ خَيۡرٞ مِّنۡهُ خَلَقۡتَنِي مِن نَّارٖ وَخَلَقۡتَهُۥ مِن طِينٖ
ئىبلىس: مەن ئادەمدىن ياخشى. چۈنكى سەن مېنى ئوتتىن، ئۇنى بولسا لايدىن ياراتتىڭ، دېدى. ئۇنىڭچە بولغاندا ئوتنىڭ ماددىسى لايدىن ئۇلۇغراق ئىدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
قَالَ فَٱخۡرُجۡ مِنۡهَا فَإِنَّكَ رَجِيمٞ
ئاللاھ ئىبلىسقا: جەننەتتىن چىق، ھەقىقەتەن سەن دەرگاھىمدىن قوغلاندىڭ، دېدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَإِنَّ عَلَيۡكَ لَعۡنَتِيٓ إِلَىٰ يَوۡمِ ٱلدِّينِ
شەكسىزكى قىيامەت كۈنى سەن جەننەتتىنمۇ قوغلىنىشقا مەھكۇمسەن، دېدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
قَالَ رَبِّ فَأَنظِرۡنِيٓ إِلَىٰ يَوۡمِ يُبۡعَثُونَ
ئىبلىس: ماڭا مۆھلەت بەرگىن، تاكى بەندىلىرىڭنى قايتا تىرىلدۈرىدىغان كۈنگە قەدەر مېنىڭ جېنىمنى ئالمىغىن، دېدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
قَالَ فَإِنَّكَ مِنَ ٱلۡمُنظَرِينَ
ئاللاھ: ساڭا ھالاكىتىڭ بېكىتىلگەن مۇئەييەن ۋاقىتقىچە مۆھلەت بېرىلدى، دېدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِلَىٰ يَوۡمِ ٱلۡوَقۡتِ ٱلۡمَعۡلُومِ
ئاللاھ: ساڭا ھالاكىتىڭ بېكىتىلگەن مۇئەييەن ۋاقىتقىچە مۆھلەت بېرىلدى، دېدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
قَالَ فَبِعِزَّتِكَ لَأُغۡوِيَنَّهُمۡ أَجۡمَعِينَ
ئىبلىس ئېيتتى: سېنىڭ قۇدرىتىڭ ۋە كۈچ - قۇۋۋىتىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن چوقۇم پۈتۈن ئادەمزاتنى ئازدۇرۇۋېتىمەن.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِلَّا عِبَادَكَ مِنۡهُمُ ٱلۡمُخۡلَصِينَ
لېكىن سەن مېنىڭ ئازدۇرۇشۇمدىن ساقلاپ قالغان ھەمدە يالغۇز ئۆزۈڭنىڭ قۇلچىلىقىغا تاللىغان بەندىلىرىڭ بۇنىڭدىن مۇستەسنا.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• القياس والاجتهاد مع وجود النص الواضح مسلك باطل.
ئېنىق دەلىل بار يەردە قىياس ۋە ئىجتىھاد قىلىش خاتا يولدۇر.

• كفر إبليس كفر عناد وتكبر.
ئىبلىسنىڭ كۇپرىسى بويۇنتاۋلىق ۋە تەكەببۇرلۇق كۇپرىسىدۇر.

• من أخلصهم الله لعبادته من الخلق لا سبيل للشيطان عليهم.
ئاللاھ تائالا مەخلۇقاتلىرىدىن كىمنى ئۆزىنىڭ ئىبادىتىدە ئىخلاس ئاتا قىلسا، شەيتان ئۇلارنى ئازدۇرالمايدۇ.

 
مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: ساد
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

قۇرئان تەتقىقاتى تەپسىر مەركىزى چىقارغان.

تاقاش