Check out the new design

قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى


مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: ۋاقىئە   ئايەت:
ثُمَّ إِنَّكُمۡ أَيُّهَا ٱلضَّآلُّونَ ٱلۡمُكَذِّبُونَ
ئاندىن سىلەر ئەي ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى ۋە توغرا يولدىن ئازغۇچىلار! قىيامەت كۈنى ئۇلار ئەلۋەتتە زەققۇم دەرىخىنىڭ مېۋىسىنى يەيدۇ، بۇ بەك نىجىس ۋە ناچار مېۋىدۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
لَأٓكِلُونَ مِن شَجَرٖ مِّن زَقُّومٖ
ئاندىن سىلەر ئەي ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى ۋە توغرا يولدىن ئازغۇچىلار! قىيامەت كۈنى ئۇلار ئەلۋەتتە زەققۇم دەرىخىنىڭ مېۋىسىنى يەيدۇ، بۇ بەك نىجىس ۋە ناچار مېۋىدۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَمَالِـُٔونَ مِنۡهَا ٱلۡبُطُونَ
ئاشۇ دەرەخنىڭ ئاچچىق مېۋىسىدىن ئېچىپ كەتكەن قورسىقىڭلارنى تولدۇرىسىلەر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَشَٰرِبُونَ عَلَيۡهِ مِنَ ٱلۡحَمِيمِ
ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقىرى ھارارەتلىك قايناق سۇنى ئىچىسىلەر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَشَٰرِبُونَ شُرۡبَ ٱلۡهِيمِ
يۇقىرى ھارارەتلىك قايناق سۇنى خۇددى قاتتىق چاڭقاپ كەتكەنلىكتىن كۆپ ئىچىدىغان تۆگىدەك ئىچىسىلەر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
هَٰذَا نُزُلُهُمۡ يَوۡمَ ٱلدِّينِ
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئەنە شۇ ئاچچىق يېمەكلىك ۋە قايناق سۇ ئۇلارنىڭ زىياپىتى بولۇپ، ئۇلار قىيامەت كۈنى شۇ زىياپەتلەر بىلەن كۈتۈۋېلىنىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
نَحۡنُ خَلَقۡنَٰكُمۡ فَلَوۡلَا تُصَدِّقُونَ
ئەي ئىنكارچىلار! بىز سىلەرنى يوقلۇقتىن بار قىلغان تۇرساق. ئەمدىلىكتە بىزنىڭ سىلەرنى ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىمىزغا ئىشەنمەمسىلەر؟
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أَفَرَءَيۡتُم مَّا تُمۡنُونَ
ئەي ئىنسانلار! سىلەر ئاياللىرىڭلارنىڭ بەچچىدانلىرىغا تۆكۈۋاتقان مەنىنى دەپ بېقىڭلارچۇ!
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
ءَأَنتُمۡ تَخۡلُقُونَهُۥٓ أَمۡ نَحۡنُ ٱلۡخَٰلِقُونَ
ئاشۇ مەنىنى سىلەر (ئىنسان قىلىپ) يارىتىۋاتامسىلەر ياكى بىز يارىتىۋاتامدۇق؟
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
نَحۡنُ قَدَّرۡنَا بَيۡنَكُمُ ٱلۡمَوۡتَ وَمَا نَحۡنُ بِمَسۡبُوقِينَ
بىز سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۆلۈمنى بېكىتتۇقكى، ھەر بىرىڭلارنىڭ قىلچە ئىلگىرى - كېيىن بولمايدىغان مۇئەييەن ئۆلۈش ۋاقتىڭلار بار. بىز سىلەرنى ئۆزۈڭلارغا تونۇشلۇق بولغان ھازىرقى يارىتىلىشىڭلار ۋە شەكلىڭلاردىن باشقا بىر ھالەتكە ئالماشتۇرۇپ، سىلەرنى سىلەر بىلمەيدىغان باشقا بىر يارىتىش ۋە شەكىلدە پەيدا قىلىشتىنمۇ ئاجىز ئەمەسمىز.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
عَلَىٰٓ أَن نُّبَدِّلَ أَمۡثَٰلَكُمۡ وَنُنشِئَكُمۡ فِي مَا لَا تَعۡلَمُونَ
بىز سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۆلۈمنى بېكىتتۇقكى، ھەر بىرىڭلارنىڭ قىلچە ئىلگىرى - كېيىن بولمايدىغان مۇئەييەن ئۆلۈش ۋاقتىڭلار بار. بىز سىلەرنى ئۆزۈڭلارغا تونۇشلۇق بولغان ھازىرقى يارىتىلىشىڭلار ۋە شەكلىڭلاردىن باشقا بىر ھالەتكە ئالماشتۇرۇپ، سىلەرنى سىلەر بىلمەيدىغان باشقا بىر يارىتىش ۋە شەكىلدە پەيدا قىلىشتىنمۇ ئاجىز ئەمەسمىز.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَلَقَدۡ عَلِمۡتُمُ ٱلنَّشۡأَةَ ٱلۡأُولَىٰ فَلَوۡلَا تَذَكَّرُونَ
ھەقىقەتەن سىلەر بىزنىڭ ئۆزۈڭلارنى دەسلەپتە قانداق ياراتقانلىقىمىزنى بىلىسىلەر. شۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىپ، سىلەرنى دەسلەپتە ياراتقان زاتنىڭ ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىلەر؟
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أَفَرَءَيۡتُم مَّا تَحۡرُثُونَ
قېنى ئۆزۈڭلار يەرگە تېرىۋاتقان ئۇرۇقلارنى دەپ بېقىڭلارچۇ!
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
ءَأَنتُمۡ تَزۡرَعُونَهُۥٓ أَمۡ نَحۡنُ ٱلزَّٰرِعُونَ
ئاشۇ ئۇرۇقلارنى سىلەر ئۈندۈرۈۋاتامسىلەر ياكى بىز ئۈندۈرۈۋاتىمىزمۇ؟
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
لَوۡ نَشَآءُ لَجَعَلۡنَٰهُ حُطَٰمٗا فَظَلۡتُمۡ تَفَكَّهُونَ
ئەگەر بىز خالىساق ئىدۇق، ئاشۇ زىرائەتلەر پىشىپ، ھوسۇل بېرەي دېگەندە قۇرۇق چۆپكە ئايلاندۇرۇۋېتەتتۇق - دە، ئاندىن سىلەر بۇ ئەھۋالدىن ئەجەبلىنىپ قايغۇراتتىڭلار.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِنَّا لَمُغۡرَمُونَ
سىلەر: بىز ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا سەرپ قىلغان (ئەمگەك كۈچى ھەم ئۇرۇقلاردىن) قۇرۇق قېلىش بىلەن جازالاندۇق، بەلكى بىز رىزىقتىن مەھرۇم قالدۇق، دەيتتىڭلار.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بَلۡ نَحۡنُ مَحۡرُومُونَ
سىلەر: بىز ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا سەرپ قىلغان (ئەمگەك كۈچى ھەم ئۇرۇقلاردىن) قۇرۇق قېلىش بىلەن جازالاندۇق، بەلكى بىز رىزىقتىن مەھرۇم قالدۇق، دەيتتىڭلار.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أَفَرَءَيۡتُمُ ٱلۡمَآءَ ٱلَّذِي تَشۡرَبُونَ
قېنى سىلەر ئۇسسىغاندا ئىچىۋاتقان سۇنى دەپ بېقىڭلارچۇ!
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
ءَأَنتُمۡ أَنزَلۡتُمُوهُ مِنَ ٱلۡمُزۡنِ أَمۡ نَحۡنُ ٱلۡمُنزِلُونَ
ئۇنى ئاسماندىكى بۇلۇتتىن سىلەر چۈشۈردۈڭلارمۇ ياكى بىز چۈشۈردۇقمۇ؟
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
لَوۡ نَشَآءُ جَعَلۡنَٰهُ أُجَاجٗا فَلَوۡلَا تَشۡكُرُونَ
ئەگەر بىز خالىساق، ئاشۇ سۇنى ئىنتايىن تۇزلۇق قىلىۋېتەتتۇق - دە، ئۇنى نە ئىچكىلى، نە يەر سۇغارغىلى بولمايتتى. ئاللاھنىڭ سىلەرگە شەپقەت قىلىش يۈزىسىدىن ئۇنى تاتلىق قىلىپ چۈشۈرۈپ بەرگىنىگە نېمىشقا شۈكرى قىلمايسىلەر؟
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أَفَرَءَيۡتُمُ ٱلنَّارَ ٱلَّتِي تُورُونَ
ئۆز مەنپەئەتىڭلار ئۈچۈن يېقىلغۇ قىلىۋاتقان ئوتنى دەپ بېقىڭلارچۇ!
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
ءَأَنتُمۡ أَنشَأۡتُمۡ شَجَرَتَهَآ أَمۡ نَحۡنُ ٱلۡمُنشِـُٔونَ
يېقىلغۇ قىلىنىدىغان دەرەخنى سىلەر پەيدا قىلدىڭلارمۇ ياكى سىلەرگە شەپقەت قىلىپ بىز پەيدا قىلدۇقمۇ؟
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
نَحۡنُ جَعَلۡنَٰهَا تَذۡكِرَةٗ وَمَتَٰعٗا لِّلۡمُقۡوِينَ
بىز بۇ ئوتنى سىلەرگە ئاخىرەتنىڭ ئوتىنى ئەسلىتىدىغان قىلدۇق، شۇنداقلا ئۇنى ئاراڭلاردىن سەپەرگە چىققانلارغا پايدىلىق قىلىپ بەردۇق.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَسَبِّحۡ بِٱسۡمِ رَبِّكَ ٱلۡعَظِيمِ
ئەي پەيغەمبەر! ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىڭنى ئۇنىڭغا لايىق كەلمەيدىغان نەرسىلەردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلغىن.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
۞ فَلَآ أُقۡسِمُ بِمَوَٰقِعِ ٱلنُّجُومِ
ئاللاھ تائالا يۇلتۇزلارنىڭ ئورۇن ھەم جايلىرى بىلەن قەسەم قىلدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَإِنَّهُۥ لَقَسَمٞ لَّوۡ تَعۡلَمُونَ عَظِيمٌ
ھەقىقەتەن بۇ ئورۇنلار بىلەن قەسەم قىلىش -ئەگەر ئۇنىڭ كاتتىلىقىنى بىلسەڭلار- ئەلۋەتتە بۈيۈك قەسەمدۇركى، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئالامەتلەر ۋە چەكسىز ئىبرەتلەر بار.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• دلالة الخلق الأول على سهولة البعث ظاهرة.
دەسلەپكى يارىتىش ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈشنىڭ نەقەدەر ئاسانلىقىنىڭ يارقىن ئالامىتىدۇر.

• إنزال الماء وإنبات الأرض والنار التي ينتفع بها الناس نعم تقتضي من الناس شكرها لله، فالله قادر على سلبها متى شاء.
يامغۇر ياغدۇرۇش، زېمىننى كۆكەرتىش ۋە ئىنسانلار پايدىلىنىدىغان ئوتلارنى (يارىتىش) قاتارلىقلار ئىنسانلارنىڭ ئاللاھقا شۈكرى قىلىشىنى تەلەپ قىلىدىغان نېئمەتلەردۇر. چۈنكى ئاللاھ خالىغان ۋاقىتتا ئۇ نېئمەتلەرنى تارتىۋېلىشقىمۇ قادىردۇر.

• الاعتقاد بأن للكواكب أثرًا في نزول المطر كُفْرٌ، وهو من عادات الجاهلية.
يامغۇرنىڭ يېغىشىدا يۇلتۇزلارنىڭ تەسىرى بار دەپ ئېتىقاد قىلىش كۇپۇرلۇق بولۇپ، ئۇ جاھىلىيەتنىڭ ئادەتلىرىدىندۇر.

 
مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: ۋاقىئە
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

قۇرئان تەتقىقاتى تەپسىر مەركىزى چىقارغان.

تاقاش