Check out the new design

قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى


مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: قەلەم   ئايەت:

قەلەم

سۈرىنىڭ مەقسەتلىرىدىن:
شهادة الله للنبي بحسن الخُلق، والدفاع عنه وتثبيته.
ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ گۈزەل ئەخلاقىغا گۇۋاھلىق بېرىشى، ئۇنى مۇداپىئە قىلىشى ۋە ھەقتە مۇستەھكەم قىلىشىنىڭ بايانى.

نٓۚ وَٱلۡقَلَمِ وَمَا يَسۡطُرُونَ
سۈرە بەقەرەنىڭ بېشىدا بۇنىڭغا ئوخشاش ئۈزۈك تاۋۇشلار ھەققىدىكى قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بولدى. ئاللاھ قەلەم بىلەن ھەمدە ئىنسانلار قەلەملىرى ئارقىلىق يازىدىغان خەتلەر بىلەن قەسەم قىلدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
مَآ أَنتَ بِنِعۡمَةِ رَبِّكَ بِمَجۡنُونٖ
ئەي پەيغەمبەر! سەن ئاللاھنىڭ ساڭا ئاتا قىلغان پەيغەمبەرلىك نېئمىتى بىلەن مەجنۇن ئەمەسسەن. ئەكسىچە سەن مۇشرىكلار ساڭا چاپلىغان مەجنۇنلۇقتىن خالىيدۇرسەن.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَإِنَّ لَكَ لَأَجۡرًا غَيۡرَ مَمۡنُونٖ
ھەقىقەتەن سەن پەيغەمبەرلىك ۋەزىپەڭنى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈش يولىدا چەككەن ئازار - كۈلپەتلەرنىڭ بەدىلىگە ئۈزۈلمەس ساۋابقا ئېرىشىسەنكى، بۇ ساۋابقا قارىتا ھېچكىمنىڭ ساڭا مىننەت قىلىش ھەققى يوق.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَإِنَّكَ لَعَلَىٰ خُلُقٍ عَظِيمٖ
سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەنكى، بۇ سۈپەتنى قۇرئان ئېلىپ كەلدى. دېمەك، سەن ئەڭ مۇكەممەل رەۋىشتە ئەخلاق بىلەن زىننەتلەنگەن كىشىسەن.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَسَتُبۡصِرُ وَيُبۡصِرُونَ
پات يېقىندا ھەقىقەت ئاشكارا بولغان چاغدا (قايسىڭلارنىڭ مەجنۇن ئىكەنلىكىنى) سەنمۇ كۆرىسەن، ئاۋۇ ئىنكارچىلارمۇ كۆرىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بِأَييِّكُمُ ٱلۡمَفۡتُونُ
پات يېقىندا ھەقىقەت ئاشكارا بولغان چاغدا (قايسىڭلارنىڭ مەجنۇن ئىكەنلىكىنى) سەنمۇ كۆرىسەن، ئاۋۇ ئىنكارچىلارمۇ كۆرىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِنَّ رَبَّكَ هُوَ أَعۡلَمُ بِمَن ضَلَّ عَن سَبِيلِهِۦ وَهُوَ أَعۡلَمُ بِٱلۡمُهۡتَدِينَ
ئەي پەيغەمبەر! ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭ كىمنىڭ ئۆز يولىدىن چەتنەپ كەتكەنلىكىنى بىلىدۇ، ئۇ توغرا يول تاپقۇچىلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ. دېمەك، ئۇ مۇشرىكلارنىڭ ئازغۇنلىقىنىمۇ، سېنىڭ ھىدايەت تاپقانلىقىڭنىمۇ بىلىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَلَا تُطِعِ ٱلۡمُكَذِّبِينَ
ئەي پەيغەمبەر! سەن ئېلىپ كەلگەن دىننى ئىنكار قىلغۇچىلارغا ئىتائەت قىلمىغىن.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَدُّواْ لَوۡ تُدۡهِنُ فَيُدۡهِنُونَ
ئۇلار سېنىڭ دىندىن ۋاز كېچىش بەدىلىگە ئۇلار بىلەن مادارا قىلىپ، ئۇلارغا سىلىق مۇئامىلە قىلىشىڭنى، ئاندىن ئۇلارمۇ سەن بىلەن مادارا قىلىپ، ساڭا سىلىق مۇئامىلە قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَلَا تُطِعۡ كُلَّ حَلَّافٖ مَّهِينٍ
يالغاندىن كۆپ قەسەم قىلغۇچى، پەسكەش، باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى تولا قىلىدىغان، كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى بۇزۇش ئۈچۈن گەپ توشۇيدىغان، بېخىل، باشقىلارنىڭ ماللىرىغا، يۈز - ئابرۇيلىرىغا ۋە جانلىرىغا تاجاۋۇز قىلغۇچى، گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى كۆپ قىلغۇچى، قوپال، توڭ، قەۋمى ئىچىدە ھارامدىن بولغان دەپ نامى بار ئادەمگە ئىتائەت قىلمىغىن.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
هَمَّازٖ مَّشَّآءِۭ بِنَمِيمٖ
يالغاندىن كۆپ قەسەم قىلغۇچى، پەسكەش، باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى تولا قىلىدىغان، كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى بۇزۇش ئۈچۈن گەپ توشۇيدىغان، بېخىل، باشقىلارنىڭ ماللىرىغا، يۈز - ئابرۇيلىرىغا ۋە جانلىرىغا تاجاۋۇز قىلغۇچى، گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى كۆپ قىلغۇچى، قوپال، توڭ، قەۋمى ئىچىدە ھارامدىن بولغان دەپ نامى بار ئادەمگە ئىتائەت قىلمىغىن.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
مَّنَّاعٖ لِّلۡخَيۡرِ مُعۡتَدٍ أَثِيمٍ
يالغاندىن كۆپ قەسەم قىلغۇچى، پەسكەش، باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى تولا قىلىدىغان، كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى بۇزۇش ئۈچۈن گەپ توشۇيدىغان، بېخىل، باشقىلارنىڭ ماللىرىغا، يۈز - ئابرۇيلىرىغا ۋە جانلىرىغا تاجاۋۇز قىلغۇچى، گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى كۆپ قىلغۇچى، قوپال، توڭ، قەۋمى ئىچىدە ھارامدىن بولغان دەپ نامى بار ئادەمگە ئىتائەت قىلمىغىن.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
عُتُلِّۭ بَعۡدَ ذَٰلِكَ زَنِيمٍ
يالغاندىن كۆپ قەسەم قىلغۇچى، پەسكەش، باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى تولا قىلىدىغان، كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى بۇزۇش ئۈچۈن گەپ توشۇيدىغان، بېخىل، باشقىلارنىڭ ماللىرىغا، يۈز - ئابرۇيلىرىغا ۋە جانلىرىغا تاجاۋۇز قىلغۇچى، گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى كۆپ قىلغۇچى، قوپال، توڭ، قەۋمى ئىچىدە ھارامدىن بولغان دەپ نامى بار ئادەمگە ئىتائەت قىلمىغىن.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أَن كَانَ ذَا مَالٖ وَبَنِينَ
ئۇ مال - مۈلكى ۋە بالا - چاقىلىرى كۆپ بولغاچقا، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتىشتىن تەكەببۇرلۇق قىلىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِذَا تُتۡلَىٰ عَلَيۡهِ ءَايَٰتُنَا قَالَ أَسَٰطِيرُ ٱلۡأَوَّلِينَ
ناۋادا ئۇنىڭغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئوقۇپ بېرىلسە، ئۇ: بۇ ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئەپسانىلىرىدىن يېزىپ قالدۇرۇلغان نەرسىدۇر، دەيدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
سَنَسِمُهُۥ عَلَى ٱلۡخُرۡطُومِ
بىز ئۇنىڭ بۇرنىغا ئەسكىلىكىنىڭ ئالامىتى قىلىپ بەلگە سېلىپ قويىمىز، ئۇ ئالامەت ئۇنىڭدىن ئۆمۈر بويى ئايرىلمايدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• اتصاف الرسول صلى الله عليه وسلم بأخلاق القرآن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇرئاننىڭ ئەخلاقى بىلەن زىننەتلەنگەندۇر.

• صفات الكفار صفات ذميمة يجب على المؤمن الابتعاد عنها، وعن طاعة أهلها.
كاپىرلارنىڭ سۈپەتلىرى ناچار سۈپەتلەر بولۇپ، مۇئمىنلەر بۇنداق سۈپەتلەردىن ۋە شۇ سۈپەت كىشىلەرگە ئىتائەت قىلىشتىن يىراق تۇرۇشى كېرەك.

• من أكثر الحلف هان على الرحمن، ونزلت مرتبته عند الناس.
كۆپ قەسەم قىلغان كىشى ئاللاھنىڭ ئالدىدا خار بولىدۇ، ئىنسانلارنىڭ نەزىرىدىمۇ ئابرۇيى چۈشۈپ كېتىدۇ.

إِنَّا بَلَوۡنَٰهُمۡ كَمَا بَلَوۡنَآ أَصۡحَٰبَ ٱلۡجَنَّةِ إِذۡ أَقۡسَمُواْ لَيَصۡرِمُنَّهَا مُصۡبِحِينَ
ھەقىقەتەن بىز (ئىلگىرىكى زاماندا) باغ ئىگىلىرىنى سىنىغاندەك، بۇ مۇشرىكلارنىمۇ قەھەتچىلىك ۋە ئاچارچىلىق بىلەن سىنىدۇق. ئەينى چاغدا مەزكۇر باغ ئىگىلىرى يوقسۇللارنىڭ يەۋالماسلىقى ئۈچۈن تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن ئالدىراپ مېۋىلىرىنى ئۈزۈۋېلىشقا قەسەم قىلىشقان ئىدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَلَا يَسۡتَثۡنُونَ
ئۇلار قىلغان قەسەملىرىدە: «ئاللاھ خالىسا» دېمىگەن ئىدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَطَافَ عَلَيۡهَا طَآئِفٞ مِّن رَّبِّكَ وَهُمۡ نَآئِمُونَ
مەزكۇر باغنىڭ ئىگىلىرى ئۇخلاۋاتقاندا ئاللاھ ئۇ باغقا بىر ئوت ئەۋەتتى، ئاندىن ئۇ ئوت باغلارنى كۆيدۈرۈپ كۈلگە ئايلاندۇرۇۋەتتى. ئۇلارنىڭ ئۇ ئوتنى توسۇپ قېلىشقا كۈچى يەتمەيتتى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَأَصۡبَحَتۡ كَٱلصَّرِيمِ
نەتىجىدە ئۇ باغ زۇلمەتلىك كېچىگە ئوخشاش قاپقارا كۈلگە ئايلىنىپ قالدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَتَنَادَوۡاْ مُصۡبِحِينَ
ئۇلار سەھەر ۋاقتىدا بىر - بىرىنى چاقىرىشىپ: مېۋىلىرىڭلارنى ئۈزمەكچى بولساڭلار كەمبەغەللەر كېلىشتىن بۇرۇن بېغىڭلارغا بالدۇر بېرىڭلار، دېيىشتى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أَنِ ٱغۡدُواْ عَلَىٰ حَرۡثِكُمۡ إِن كُنتُمۡ صَٰرِمِينَ
ئۇلار سەھەر ۋاقتىدا بىر - بىرىنى چاقىرىشىپ: مېۋىلىرىڭلارنى ئۈزمەكچى بولساڭلار كەمبەغەللەر كېلىشتىن بۇرۇن بېغىڭلارغا بالدۇر بېرىڭلار، دېيىشتى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَٱنطَلَقُواْ وَهُمۡ يَتَخَٰفَتُونَ
ئۇلار پەس ئاۋازدا بىر - بىرىگە: بۈگۈن بېغىڭلارغا ھەرگىز بىرەر مىسكىن كىرىپ قالمىسۇن، دەپ كۇسۇرلاشقىنىچە بېغىغا ئالدىراپ مېڭىشتى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أَن لَّا يَدۡخُلَنَّهَا ٱلۡيَوۡمَ عَلَيۡكُم مِّسۡكِينٞ
ئۇلار پەس ئاۋازدا بىر - بىرىگە: بۈگۈن بېغىڭلارغا ھەرگىز بىرەر مىسكىن كىرىپ قالمىسۇن، دەپ كۇسۇرلاشقىنىچە بېغىغا ئالدىراپ مېڭىشتى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَغَدَوۡاْ عَلَىٰ حَرۡدٖ قَٰدِرِينَ
ئۇلار مېۋىلىرىدىن كەمبەغەللەرگە بەرمەسلىكنى قارار قىلىشىپ ئەتىگەندە يولغا چىقتى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَلَمَّا رَأَوۡهَا قَالُوٓاْ إِنَّا لَضَآلُّونَ
ئۇلار باغنىڭ كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغانلىقىنى كۆرۈپ بىر - بىرىگە شۇنداق دېيىشتى: بىز ھەقىقەتەن يولدىن ئادىشىپ قاپتىمىز.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بَلۡ نَحۡنُ مَحۡرُومُونَ
بەلكى بىز كەمبەغەللەرگە باغنىڭ مېۋىلىرىدىن بەرمەسلىكنى قارار قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن بىزمۇ ئۇنىڭ مېۋىسىنى ئۈزۈشتىن مەھرۇم قاپتۇق.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
قَالَ أَوۡسَطُهُمۡ أَلَمۡ أَقُل لَّكُمۡ لَوۡلَا تُسَبِّحُونَ
ئۇلاردىن تەقۋادارراق بولغان بىرى: سىلەر باغنىڭ مېۋىلىرىدىن كەمبەغەللەرنى مەھرۇم قويۇشنى قارار قىلغىنىڭلاردا مەن سىلەرگە: نېمىشقا ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىپ، تەۋبە قىلمايسىلەر، دېمىگەنمىدىم؟ دېدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
قَالُواْ سُبۡحَٰنَ رَبِّنَآ إِنَّا كُنَّا ظَٰلِمِينَ
ئۇلار: پەرۋەردىگارىمىز پاكتۇر. بىز ھەقىقەتەن بېغىمىزنىڭ مېۋىلىرىدىن كەمبەغەللەرگە بەرمەسلىكنى قارار قىلغىنىمىز ئۈچۈن ئۆزىمىزگە زۇلۇم قىلغۇچى بوپتۇق، دېيىشتى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَأَقۡبَلَ بَعۡضُهُمۡ عَلَىٰ بَعۡضٖ يَتَلَٰوَمُونَ
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر - بىرىگە تاپا - تەنە قىلىشقا باشلىدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
قَالُواْ يَٰوَيۡلَنَآ إِنَّا كُنَّا طَٰغِينَ
ئۇلار قىلغانلىرىغا پۇشايمان قىلغان ھالدا: ۋاي ئېسىت! بىز كەمبەغەللەرنىڭ ھەققىنى بەرمەسلىك بىلەن ھەقىقەتەن چەكتىن ئېشىپتۇق، دېيىشتى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
عَسَىٰ رَبُّنَآ أَن يُبۡدِلَنَا خَيۡرٗا مِّنۡهَآ إِنَّآ إِلَىٰ رَبِّنَا رَٰغِبُونَ
ئۈمىدكى، پەرۋەردىگارىمىز بىزگە بۇ باغدىنمۇ ياخشىراقنى بەرگەي. بىز ھەقىقەتەن يالغۇز ئاللاھقىلا يۈزلەنگۈچىلەرمىز. ئۇنىڭدىن خاتالىقلىرىمىزنى ئەپۇ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ۋە ياخشىلىق تىلەيمىز.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
كَذَٰلِكَ ٱلۡعَذَابُۖ وَلَعَذَابُ ٱلۡأٓخِرَةِ أَكۡبَرُۚ لَوۡ كَانُواْ يَعۡلَمُونَ
بىز رىزىقتىن مەھرۇملۇق بىلەن مۇشۇنداق ئازابلىغانغا ئوخشاش، بىزگە ئاسىيلىق قىلغانلارنىمۇ شۇنداق ئازابلايمىز. ئاخىرەتنىڭ ئازابى ئەلۋەتتە تېخىمۇ قاتتىقتۇركى، كاشكى ئۇلار ئۇ ئازابنىڭ قاتتىقلىقىنى ۋە مەڭگۈلۈكلىكىنى بىلسە.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِنَّ لِلۡمُتَّقِينَ عِندَ رَبِّهِمۡ جَنَّٰتِ ٱلنَّعِيمِ
ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ھەم چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادار بولغانلارغا پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا نازۇنېئمەتلىك جەننەتلەر بار بولۇپ، ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە شاد - خۇرام ياشايدۇ، ئۇلارغا بېرىلگەن نېئمەتلەر قەتئىي ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أَفَنَجۡعَلُ ٱلۡمُسۡلِمِينَ كَٱلۡمُجۡرِمِينَ
مەككە مۇشرىكلىرى بىلجىرلىغاندەك، بىز مۇسۇلمانلارنى جازا - مۇكاپاتتا كاپىرلار بىلەن ئوخشاش قىلىمىزمۇ؟
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
مَا لَكُمۡ كَيۡفَ تَحۡكُمُونَ
ئى مۇشرىكلار! سىلەرگە نېمە بولدى؟ قانداقسىگە بۇنداق ئادالەتسىز، خاتا ھۆكۈم چىقىرىسىلەر؟
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أَمۡ لَكُمۡ كِتَٰبٞ فِيهِ تَدۡرُسُونَ
ياكى سىلەردە بىرەر كىتاب بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئىتائەتمەن بىلەن ئىسيانكارنىڭ باراۋەر بولىدىغانلىقىنى ئوقۇۋاتامسىلەر؟
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِنَّ لَكُمۡ فِيهِ لَمَا تَخَيَّرُونَ
ياكى ئاشۇ كىتابتا ئاخىرەتتە سىلەر خالىغىنىڭلارغا ئېرىشەلەيسىلەر، دەپ بارمۇ؟
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أَمۡ لَكُمۡ أَيۡمَٰنٌ عَلَيۡنَا بَٰلِغَةٌ إِلَىٰ يَوۡمِ ٱلۡقِيَٰمَةِ إِنَّ لَكُمۡ لَمَا تَحۡكُمُونَ
ياكى سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلار ئۈچۈن چىقارغان ھۆكمىڭلارنىڭ كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقى ھەققىدە بىزدىن قەسەملەر بىلەن ئالغان چىن ئەھدەڭلار بارمۇ؟
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
سَلۡهُمۡ أَيُّهُم بِذَٰلِكَ زَعِيمٌ
ئەي پەيغەمبەر! مۇشۇ گەپنى دېگۈچىلەردىن سوراپ باققىنكى، ئۇلاردىن كىم مۇشۇنىڭغا كېپىل بولالايدىكىن؟
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أَمۡ لَهُمۡ شُرَكَآءُ فَلۡيَأۡتُواْ بِشُرَكَآئِهِمۡ إِن كَانُواْ صَٰدِقِينَ
ياكى ئۇلارنى جازا - مۇكاپاتتا مۇئمىنلەر بىلەن باراۋەر قىلىدىغان ئاللاھتىن باشقا شېرىكلىرى بارمۇ؟ ئەگەر ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ جازا - مۇكاپاتتا مۇئمىنلەر بىلەن باراۋەر بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى دەۋاسىدا راستچىل بولسا، قېنى شېرىكلىرىنى كەلتۈرۈپ باقسۇن؟
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
يَوۡمَ يُكۡشَفُ عَن سَاقٖ وَيُدۡعَوۡنَ إِلَى ٱلسُّجُودِ فَلَا يَسۡتَطِيعُونَ
قىيامەت كۈنى قورقۇنچ ئاشكارا بولۇپ، پەرۋەردىگارىمىز ساقىنى ئاچىدۇ. بارلىق كىشىلەر سەجدىگە چاقىرىلىدۇ، ئەمما مۇئمىنلەر سەجدە قىلسىمۇ، كاپىرلار ۋە مۇناپىقلار سەجدە قىلالماي تۇرۇپ قالىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• منع حق الفقير سبب في هلاك المال.
كەمبەغەللەرنىڭ ھەققىنى بەرمەسلىك مال - مۈلۈكنىڭ ھالاك بوپكېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ.

• تعجيل العقوبة في الدنيا من إرادة الخير بالعبد ليتوب ويرجع.
(بىر قىسىم كىشىلەرگە) مۇشۇ دۇنيادىلا جازا بېرىلىشى بەندىنىڭ تەۋبە قىلىپ، خاتالىقتىن قايتىۋېلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ياخشىلىق ئىرادە قىلىنغانلىقىدىندۇر.

• لا يستوي المؤمن والكافر في الجزاء، كما لا تستوي صفاتهما.
مۇئمىن بىلەن كاپىرنىڭ سۈپەتلىرىمۇ ئوخشىمىغاندەك، ئۇلار جازا - مۇكاپاتتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

خَٰشِعَةً أَبۡصَٰرُهُمۡ تَرۡهَقُهُمۡ ذِلَّةٞۖ وَقَدۡ كَانُواْ يُدۡعَوۡنَ إِلَى ٱلسُّجُودِ وَهُمۡ سَٰلِمُونَ
ئۇلارنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ، ۋۇجۇدىنى ھەسرەت - نادامەت چىرمىۋالىدۇ. ئۇلاردىن دۇنيادىكى ۋاقىتلىرىدىمۇ ئاللاھقا سەجدە قىلىش تەلەپ قىلىنغان ئىدى. ھالبۇكى ئۇلار ئۇ چاغدا بۈگۈنكىدىنمۇ ساغلام ئىدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَذَرۡنِي وَمَن يُكَذِّبُ بِهَٰذَا ٱلۡحَدِيثِۖ سَنَسۡتَدۡرِجُهُم مِّنۡ حَيۡثُ لَا يَعۡلَمُونَ
ئەي پەيغەمبەر! ساڭا نازىل قىلىنغان بۇ قۇرئاننى ئىنكار قىلغانلارنى ماڭا قويغىن. بىز ئۇلارنى ئازابقا شۇ دەرىجىدە ئاستا - ئاستا ھەيدەپ ئاپىرىمىزكى، ئۇلار بۇنىڭ ئۆزلىرىگە قوللىنىلغان بىر ۋاسىتە ۋە تۇيدۇرماي جازالاش ئىكەنلىكىنى سەزمەي قالىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَأُمۡلِي لَهُمۡۚ إِنَّ كَيۡدِي مَتِينٌ
مەن ئۇلارغا گۇناھلىرىدا تېخىمۇ ئەزۋەيلىشى ئۈچۈن مەلۇم مەزگىل مۆھلەت بېرىمەن. مېنىڭ كاپىرلارغا ۋە ئىنكارچىلارغا قوللىنىدىغان تەدبىرىم ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر. ئۇلار مېنىڭ قولۇمدىن قېچىپ كېتەلمەيدۇ ۋە ئازابىمدىن قۇتۇلۇپ قالالمايدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أَمۡ تَسۡـَٔلُهُمۡ أَجۡرٗا فَهُم مِّن مَّغۡرَمٖ مُّثۡقَلُونَ
ئەي پەيغەمبەر! سەن ئۇلارنى دەۋەت قىلغىنىڭ ئۈچۈن ئۇلاردىن ھەق بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتامسەن؟ ئۇلار مۇشۇ سەۋەبلىك جاپادا قېلىۋاتامدۇ؟ ئاندىن ئۇلارنىڭ سەندىن يۈز ئۆرۈشىنىڭ سەۋەبى مۇشۇمۇ؟ ئەمەلىيەت بۇنىڭ دەل ئەكسىچىدۇر. يەنى سەن ئۇلاردىن ھەق تەلەپ قىلغىنىڭ يوق. ئۇنداقتا، ئۇلارنى ساڭا ئەگىشىشتىن توسۇپ قالغان نەرسە زادى نېمە؟
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أَمۡ عِندَهُمُ ٱلۡغَيۡبُ فَهُمۡ يَكۡتُبُونَ
ياكى ئۇلاردا غەيبنىڭ ئىلمى بولۇپ، سەن بىلەن مۇنازىرىلىشىدىغان دەلىل - پاكىتلاردىن ئۆزلىرىگە ياققان نەرسىلەرنى يېزىۋالامدۇ؟
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَٱصۡبِرۡ لِحُكۡمِ رَبِّكَ وَلَا تَكُن كَصَاحِبِ ٱلۡحُوتِ إِذۡ نَادَىٰ وَهُوَ مَكۡظُومٞ
ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئۇلارنى تۇيدۇرماي جازالىشىدىن ئىبارەت ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن. ئۆز قەۋمىدىن زېرىكىپ قېلىشتا بېلىق ساھىبى يۇنۇس ئەلەيھىسسالامدەك بولمىغىن. ئۆز ۋاقتىدا يۇنۇس دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقى ۋە بېلىق قارنىنىڭ قاراڭغۇلىقىدا غەمكىن ھالدا پەرۋەردىگارىغا ئىلتىجا قىلدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
لَّوۡلَآ أَن تَدَٰرَكَهُۥ نِعۡمَةٞ مِّن رَّبِّهِۦ لَنُبِذَ بِٱلۡعَرَآءِ وَهُوَ مَذۡمُومٞ
ئەگەر ئۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشمىگەن بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇنى بېلىق قىلمىشىغا مالامەت قىلىنغان ھالدا بىر دالاغا تاشلاپ قويغان بولاتتى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَٱجۡتَبَٰهُ رَبُّهُۥ فَجَعَلَهُۥ مِنَ ٱلصَّٰلِحِينَ
ئاندىن پەرۋەردىگارى ئۇنى (پەيغەمبەرلىككە) تاللاپ، سالىھ بەندىلىرى قاتارىدىن قىلدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَإِن يَكَادُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لَيُزۡلِقُونَكَ بِأَبۡصَٰرِهِمۡ لَمَّا سَمِعُواْ ٱلذِّكۡرَ وَيَقُولُونَ إِنَّهُۥ لَمَجۡنُونٞ
ئاللاھقا كاپىر بولغان ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلغانلار ساڭا نازىل قىلىنغان بۇ قۇرئاننى ئاڭلىغان ۋاقىتلىرىدا ساڭا قاتتىق تىكىلىپ قاراۋېرىپ، سېنى كۆزلىرى بىلەن يىقىتىۋېتىشكە تاس قالىدۇ. ئۇلار ھاۋايى - ھەۋەسلىرىگە ئەگەشكەنلىكى ۋە ھەقتىن يۈز ئۆرۈگەنلىكىدىن: بۇ قۇرئاننى ئېلىپ كەلگەن پەيغەمبەر ھەقىقەتەن بىر مەجنۇندۇر، دېيىشىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَمَا هُوَ إِلَّا ذِكۡرٞ لِّلۡعَٰلَمِينَ
ساڭا نازىل قىلىنغان بۇ قۇرئان پەقەت ئىنسان ۋە جىنلارغا ۋەز - نەسىھەتتۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• الصبر خلق محمود لازم للدعاة وغيرهم.
سەۋرىچانلىق دەۋەتچىلەردە ۋە باشقا مۇسۇلمانلاردا بولۇشقا تېگىشلىك، ئېسىل ئەخلاقتۇر.

• التوبة تَجُبُّ ما قبلها وهي من أسباب اصطفاء الله للعبد وجعله من عباده الصالحين.
تەۋبە ئىلگىرىكى گۇناھلارنى يوققا چىقىرىدىغان بولۇپ، ئۇ ئاللاھنىڭ بەندىسىنى تاۋلاپ، ئۇنى سالىھ بەندىلىرىنىڭ قاتارىدىن قىلىش سەۋەبلىرىدىن بىرىدۇر.

• تنوّع ما يرسله الله على الكفار والعصاة من عذاب دلالة على كمال قدرته وكمال عدله.
ئاللاھ تائالانىڭ كاپىرلار ۋە ئاسىيلارغا ئەۋەتىدىغان ئازابلىرىنىڭ ھەر تۈرلۈك بولىشى، شۇنداقلا ئۇنىڭ قۇدرىتى ۋە ئادالىتىنىڭ مۇكەممەللىكىنىڭ ئالامىتىدۇر.

 
مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: قەلەم
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

قۇرئان تەتقىقاتى تەپسىر مەركىزى چىقارغان.

تاقاش