Check out the new design

قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى


مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: ھاققە   ئايەت:

ھاققە

سۈرىنىڭ مەقسەتلىرىدىن:
إثبات أن وقوع القيامة والجزاء فيها حقٌّ لا ريب فيه.
قىيامەتنىڭ بولىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭدىكى جازا-مۇكاپاتنىڭ شەك-شۈبھىسىز ھەق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش.

ٱلۡحَآقَّةُ
ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننىڭ بېشىغا چوقۇم كېلىدىغان قايتا تىرىلىپ قوپۇش ۋاقتىنى ئەسلىتىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
مَا ٱلۡحَآقَّةُ
ئاندىن ئاللاھ تائالا: قىيامەت نېمىدۇر؟ دېگەن سوئال بىلەن قىيامەتنىڭ كاتتىلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَمَآ أَدۡرَىٰكَ مَا ٱلۡحَآقَّةُ
قىيامەتنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
كَذَّبَتۡ ثَمُودُ وَعَادُۢ بِٱلۡقَارِعَةِ
دەھشىتىدىن پۈتۈن ئىنسانلار قورقۇپ كېتىدىغان قىيامەتنى، سالىھنىڭ قەۋمى سەمۇد ۋە ھۇدنىڭ قەۋمى ئاد ئىنكار قىلدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَأَمَّا ثَمُودُ فَأُهۡلِكُواْ بِٱلطَّاغِيَةِ
سەمۇد قەۋمىگە كەلسەك، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى قاتتىقلىقى ۋە قورقۇنچلۇقلۇقىدا چېكىگە يەتكەن ئاۋاز بىلەن ھالاك قىلدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَأَمَّا عَادٞ فَأُهۡلِكُواْ بِرِيحٖ صَرۡصَرٍ عَاتِيَةٖ
ئاد قەۋمىنى بولسا، ئاللاھ تائالا ناھايىتى قاتتىق سوغۇق شامال بىلەن ھالاك قىلدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
سَخَّرَهَا عَلَيۡهِمۡ سَبۡعَ لَيَالٖ وَثَمَٰنِيَةَ أَيَّامٍ حُسُومٗاۖ فَتَرَى ٱلۡقَوۡمَ فِيهَا صَرۡعَىٰ كَأَنَّهُمۡ أَعۡجَازُ نَخۡلٍ خَاوِيَةٖ
ئاللاھ ئۇلارغا يەتتە كېچە، سەككىز كۈندۈز ئۈزۈلدۈرمەي بوران ئەۋەتكەن بولۇپ، بوران ئۇلارنى ئۆيلىرىنىڭ بوسۇغىلىرىدىلا ھالاك قىلدى. سەن ئۇ قەۋمنى ئۆز دىيارلىرىدا ھالاك بولغان ھالدا، ھالاكەتتىن كېيىن خۇددى چىرىپ قېلىپ يەرگە چۈشكەن خورما كۆتەكلىرىگە ئوخشاش يەردە ياتقانلىقىنى كۆرۈسەن.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَهَلۡ تَرَىٰ لَهُم مِّنۢ بَاقِيَةٖ
ئۇلارغا ئازاب كەلگەندىن كېيىن ئۇلاردىن بىرەر ئادەمنىڭ ساق قالغانلىقىنى كۆرەلەمسەن؟
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• الصبر خلق محمود لازم للدعاة وغيرهم.
سەۋرىچانلىق دەۋەتچىلەردە ۋە باشقا مۇسۇلمانلاردا بولۇشقا تېگىشلىك، ئېسىل ئەخلاقتۇر.

• التوبة تَجُبُّ ما قبلها وهي من أسباب اصطفاء الله للعبد وجعله من عباده الصالحين.
تەۋبە ئىلگىرىكى گۇناھلارنى يوققا چىقىرىدىغان بولۇپ، ئۇ ئاللاھنىڭ بەندىسىنى تاۋلاپ، ئۇنى سالىھ بەندىلىرىنىڭ قاتارىدىن قىلىش سەۋەبلىرىدىن بىرىدۇر.

• تنوّع ما يرسله الله على الكفار والعصاة من عذاب دلالة على كمال قدرته وكمال عدله.
ئاللاھ تائالانىڭ كاپىرلار ۋە ئاسىيلارغا ئەۋەتىدىغان ئازابلىرىنىڭ ھەر تۈرلۈك بولىشى، شۇنداقلا ئۇنىڭ قۇدرىتى ۋە ئادالىتىنىڭ مۇكەممەللىكىنىڭ ئالامىتىدۇر.

وَجَآءَ فِرۡعَوۡنُ وَمَن قَبۡلَهُۥ وَٱلۡمُؤۡتَفِكَٰتُ بِٱلۡخَاطِئَةِ
پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئۈممەتلەر ھەمدە ئاھالىسى دۈم كۆمتۈرۈۋېتىلگەن لۇت قەۋمى، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەردىن ئىبارەت خاتا قىلمىشلارنى قىلدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَعَصَوۡاْ رَسُولَ رَبِّهِمۡ فَأَخَذَهُمۡ أَخۡذَةٗ رَّابِيَةً
ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلىرىگە ئاسىيلىق قىلدى ۋە ئۇلار ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتنى ئىنكار قىلدى. ئاللاھ ئۇلارنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلىۋېتىدىغان ئازاب بىلەن جازالىدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِنَّا لَمَّا طَغَا ٱلۡمَآءُ حَمَلۡنَٰكُمۡ فِي ٱلۡجَارِيَةِ
شەكسىزكى سۇ بەك يۇقىرى ئۆرلەپ كەتكەن چاغدا بىز سىلەر پۇشتىدا بولغان ئەجدادلىرىڭلارنى نۇھ ئەلەيھىسسالام بىزنىڭ ئەمرىمىز بىلەن ياسىغان كېمىگە سالدۇق. ئاندىن ئۇ كېمە سىلەرگە قاتناش ۋاستىسى بولدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
لِنَجۡعَلَهَا لَكُمۡ تَذۡكِرَةٗ وَتَعِيَهَآ أُذُنٞ وَٰعِيَةٞ
بىز نۇھنىڭ كېمىسىنىڭ ۋەقەلىكىنى كاپىرلارنىڭ ھالاك بولۇپ، مۇئمىنلەرنىڭ قۇتۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدىغانغا دەلىل قىلدۇق. ئۇنداق بولغانىكەن، ئۇنى ئاڭلاپ ئېسىدە تۇتىدىغانلار ئېسىدە تۇتسۇن.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَإِذَا نُفِخَ فِي ٱلصُّورِ نَفۡخَةٞ وَٰحِدَةٞ
سۈر چېلىشقا مۇئەككەل قىلىنغان پەرىشتە ئىككىنچى قېتىملىق سۈرنى بىر چالغاندا،
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَحُمِلَتِ ٱلۡأَرۡضُ وَٱلۡجِبَالُ فَدُكَّتَا دَكَّةٗ وَٰحِدَةٗ
زېمىن ۋە تاغلار ئورۇنلىرىدىن كۆتۈرۈلۈپ، بىر - بىرىگە قاتتىق ئۇرۇلۇپ، كۇكۇم - تالقان بوپكېتىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَيَوۡمَئِذٖ وَقَعَتِ ٱلۡوَاقِعَةُ
ئاشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى مەيدانغا كەلگەن كۈندە قىيامەت قايىم بولىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَٱنشَقَّتِ ٱلسَّمَآءُ فَهِيَ يَوۡمَئِذٖ وَاهِيَةٞ
ئۇ كۈندە پەرىشتىلەرنىڭ چۈشۈشى ئۈچۈن ئاسمان يېرىلىدۇ. ئۇ كۈندە يەنە ئىنتايىن مۇستەھكەم بولغان ئاسمان ئاجىزلاپ قالىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَٱلۡمَلَكُ عَلَىٰٓ أَرۡجَآئِهَاۚ وَيَحۡمِلُ عَرۡشَ رَبِّكَ فَوۡقَهُمۡ يَوۡمَئِذٖ ثَمَٰنِيَةٞ
پەرىشتىلەر ئاسماننىڭ ئەتراپىدا تۇرىدۇ. بۇ بۈيۈك كۈندە پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەرشىنى مۇقەررەب پەرىشتىلەردىن سەككىز پەرىشتە باشلىرى ئۈستىدە كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
يَوۡمَئِذٖ تُعۡرَضُونَ لَا تَخۡفَىٰ مِنكُمۡ خَافِيَةٞ
ئەي ئىنسانلار! بۈ كۈندە ھېساب بېرىش ئۈچۈن ئاللاھقا توغرىلىنىسىلەر. سىلەرنىڭ ھېچ بىر مەخپىيەتلىكىڭلار ئاللاھقا مەخپىي قالمايدۇ، بەلكى ئاللاھ ئۇنى بىلگۈچىدۇر ۋە خەۋەرداردۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَأَمَّا مَنۡ أُوتِيَ كِتَٰبَهُۥ بِيَمِينِهِۦ فَيَقُولُ هَآؤُمُ ٱقۡرَءُواْ كِتَٰبِيَهۡ
نامە - ئەمالى ئوڭ قولىغا بېرىلگەنلەر خۇشاللىق ۋە خۇرسەنلىكتىن: بۇ مېنىڭ نامە - ئەمال كىتابىم، قېنى ئوقۇپ بېقىڭلار. مەن ھەقىقەتەن دۇنيادىكى ۋاقتىمدا ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىدىغانلىقىمىزنى ۋە جازا - مۇكاپاتقا تارتىلىدىغانلىقىمىزنى بىلىپ، چىنپۈتكەن ئىدىم، دەيدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِنِّي ظَنَنتُ أَنِّي مُلَٰقٍ حِسَابِيَهۡ
نامە - ئەمالى ئوڭ قولىغا بېرىلگەنلەر خۇشاللىق ۋە خۇرسەنلىكتىن: بۇ مېنىڭ نامە - ئەمال كىتابىم، قېنى ئوقۇپ بېقىڭلار. مەن ھەقىقەتەن دۇنيادىكى ۋاقتىمدا ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىدىغانلىقىمىزنى ۋە جازا - مۇكاپاتقا تارتىلىدىغانلىقىمىزنى بىلىپ، چىنپۈتكەن ئىدىم، دەيدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَهُوَ فِي عِيشَةٖ رَّاضِيَةٖ
ئۇ مەڭگۈلۈك نازۇ-نېئمەتلەرنى كۆرگەنلىكتىن كۆڭۈللۈك تۇرمۇشتا بولىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فِي جَنَّةٍ عَالِيَةٖ
ئالى ۋە مەرتىۋىسى يۇقىرى بولغان جەننەتتە بولىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
قُطُوفُهَا دَانِيَةٞ
ئۇ جەننەتنىڭ مېۋىلىرى ئالماقچى بولغانلارغا يېقىن بولىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
كُلُواْ وَٱشۡرَبُواْ هَنِيٓـَٔۢا بِمَآ أَسۡلَفۡتُمۡ فِي ٱلۡأَيَّامِ ٱلۡخَالِيَةِ
ئۇلارنى ھۆرمەتلەش يۈزىسىدىن: يەڭلار، ئىچىڭلار، (جەننەتتىكى بۇ يېمەكلىكلەر ۋە ئىچىملىكلەر) سىلەرگە زىيان قىلمايدۇ. سىلەر دۇنيادا ئۆتكەن كۈنلىرىڭلاردا سالىھ ئەمەللەرنى قىلغان ئىدىڭلار، دېيىلىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَأَمَّا مَنۡ أُوتِيَ كِتَٰبَهُۥ بِشِمَالِهِۦ فَيَقُولُ يَٰلَيۡتَنِي لَمۡ أُوتَ كِتَٰبِيَهۡ
نامە - ئەمالى سول قولىغا بېرىلگەنلەر قاتتىق پۇشايمان قىلغانلىقتىن دەيدۇكى، كاشكى ماڭا نامە - ئەمالىم بېرىلمىسە بوپتىكەن. چۈنكى ئۇنىڭغا ماڭا ئازاب كەلتۈرىدىغان يامان ئەمەللەر توشۇپ كېتىپتۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَلَمۡ أَدۡرِ مَا حِسَابِيَهۡ
كاشكى مەن ھېسابىمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمىگەن بولسامچۇ!
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
يَٰلَيۡتَهَا كَانَتِ ٱلۡقَاضِيَةَ
كاشكى مېنىڭ ئۆلىمىم مەڭگۈ تىرىلمەيدىغان ئۆلۈم بولسىچۇ!
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
مَآ أَغۡنَىٰ عَنِّي مَالِيَهۡۜ
مال - مۈلكۈم مەندىن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ نەرسىنى توسۇپ قالالمىدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
هَلَكَ عَنِّي سُلۡطَٰنِيَهۡ
ئەمدى مېنىڭ دەلىل - پاكىتىم ھەمدە مەن تايىنىپ كەلگەن كۈچ - قۇۋۋەت ۋە يۈز - ئابرۇي ھەممىسى يوق بولدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
خُذُوهُ فَغُلُّوهُ
ئاللاھ پەرىشتىلەرگە ئېيتىدۇ: ئى پەرىشتىلەر! بۇنى تۇتۇپ، بوينىغا تاقاق سېلىڭلار.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
ثُمَّ ٱلۡجَحِيمَ صَلُّوهُ
ئاندىن ئۇنى ئوتنىڭ ھارارىتىنى تېتىشى ئۈچۈن دوزاخقا تاشلاڭلار.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
ثُمَّ فِي سِلۡسِلَةٖ ذَرۡعُهَا سَبۡعُونَ ذِرَاعٗا فَٱسۡلُكُوهُ
ئاندىن ئۇنى ئۇزۇنلۇقى 70 گەز كېلىدىغان زەنجىر بىلەن باغلاپ دوزاخقا تاشلاڭلار.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِنَّهُۥ كَانَ لَا يُؤۡمِنُ بِٱللَّهِ ٱلۡعَظِيمِ
(ئۇنىڭ بۇنداق ئازابلىنىشى شۇ سەۋەبتىندۇركى) ئۇ ئۇلۇغ ئاللاھقا ئىمان ئېيتمىغان ئىدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَلَا يَحُضُّ عَلَىٰ طَعَامِ ٱلۡمِسۡكِينِ
باشقىلارنى كەمبەغەللەرگە تاماق بېرىشكە رىغبەتلەندۈرمەيتتى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَلَيۡسَ لَهُ ٱلۡيَوۡمَ هَٰهُنَا حَمِيمٞ
قىيامەت كۈنى ئۇنىڭدىن ئازابنى توسۇپ قالىدىغان دوست يوق.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• المِنَّة التي على الوالد مِنَّة على الولد تستوجب الشكر.
ئاتىغا بېرىلگەن نېئمەتنىڭ ئۆزى بالىغا بېرىلگەن نېئمەت بولۇپ، ئۇنىڭغا شۈكرى ئېيتىش زۆرۈر.

• إطعام الفقير والحض عليه من أسباب الوقاية من عذاب النار.
كەمبەغەللەرگە تائام بېرىش ۋە باشقىلارنى ئۇنىڭغا رىغبەتلەندۈرۈش دوزاخ ئازابىدىن ساقلىنىشنىڭ سەۋەبلىرىدىندۇر.

• شدة عذاب يوم القيامة تستوجب التوقي منه بالإيمان والعمل الصالح.
قىيامەت كۈنىنىڭ قاتتىق ئازابىدىن ئىمان ۋە سالىھ ئەمەللەر بىلەن ساقلىنىش كېرەك.

وَلَا طَعَامٌ إِلَّا مِنۡ غِسۡلِينٖ
ئۇنىڭغا دوزاخ ئەھلىنىڭ بەدەنلىرىدىن ئاققان يىرىڭدىن باشقا يېمەك-ئىچمەك بېرىلمەيدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
لَّا يَأۡكُلُهُۥٓ إِلَّا ٱلۡخَٰطِـُٔونَ
بۇ يېمەكنى پەقەت گۇناھكارلار ۋە ئاسىيلارلا يەيدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَلَآ أُقۡسِمُ بِمَا تُبۡصِرُونَ
مەن سىلەر كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان نەرسىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەن.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَمَا لَا تُبۡصِرُونَ
سىلەر كۆرمەيۋاتقان نەرسىلەر بىلەنمۇ قەسەم قىلىمەن.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِنَّهُۥ لَقَوۡلُ رَسُولٖ كَرِيمٖ
ھەقىقەتەن قۇرئان كەرىم ئاللاھنىڭ كالامى بولۇپ، ئۇنى ھۆرمەتلىك پەيغەمبەر كىشىلەرگە تىلاۋەت قىلىپ بېرىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَمَا هُوَ بِقَوۡلِ شَاعِرٖۚ قَلِيلٗا مَّا تُؤۡمِنُونَ
بۇ شائىرنىڭ سۆزى ئەمەس، چۈنكى ئۇ شېئىر نەزمىسىگە ئوخشىمايدۇ. سىلەر تولىمۇ ئاز ئىشىنىسىلەر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَلَا بِقَوۡلِ كَاهِنٖۚ قَلِيلٗا مَّا تَذَكَّرُونَ
ئۇ كاھىننىڭ سۆزىمۇ ئەمەسكى، كاھىننىڭ سۆزلىرى بۇ قۇرئانغا تامامەن ئوخشىمايدۇ. سىلەر ناھايىتى ئاز پەند - نەسىھەت ئالىسىلەر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
تَنزِيلٞ مِّن رَّبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ
لېكىن ئۇ قۇرئان ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَلَوۡ تَقَوَّلَ عَلَيۡنَا بَعۡضَ ٱلۡأَقَاوِيلِ
ئەگەر مۇھەممەد بىزگە بىز دېمىگەن بەزى سۆزلەرنى توقۇسا،
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
لَأَخَذۡنَا مِنۡهُ بِٱلۡيَمِينِ
بىز ئۇنىڭدىن ئەلۋەتتە ئىنتىقام ئالغان بولاتتۇق، ئۇنى كۈچ - قۇدرىتىمىز بىلەن جازالايتتۇق.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
ثُمَّ لَقَطَعۡنَا مِنۡهُ ٱلۡوَتِينَ
ئاندىن ئۇنىڭ يۈرىكىگە تۇتىشىدىغان قىزىل قان تومۇرىنى كېسىپ تاشلايتتۇق.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَمَا مِنكُم مِّنۡ أَحَدٍ عَنۡهُ حَٰجِزِينَ
ئۇ چاغدا ئۇنىڭ سىلەرنى دەپ بىزگە يالغاننى توقۇشى ئۇياقتا تۇرسۇن، سىلەردىن ھېچكىم ئۇنى قوغداپ قالالمايتتى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَإِنَّهُۥ لَتَذۡكِرَةٞ لِّلۡمُتَّقِينَ
ھەقىقەتەن قۇرئان كەرىم پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ھەم چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولۇش ئارقىلىق تەقۋادارلىق قىلغۇچىلارغا ۋەز - نەسىھەتتۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَإِنَّا لَنَعۡلَمُ أَنَّ مِنكُم مُّكَذِّبِينَ
بىز ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بۇ قۇرئاننىڭ روشەن ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ بارلىقىنى ئوبدان بىلىمىز.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَإِنَّهُۥ لَحَسۡرَةٌ عَلَى ٱلۡكَٰفِرِينَ
ھەقىقەتەن قۇرئان كەرىمنى ئىنكار قىلىش قىيامەت كۈنىدە قاتتىق ھەسرەت - نادامەتتۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَإِنَّهُۥ لَحَقُّ ٱلۡيَقِينِ
ھەقىقەتەن قۇرئان كەرىم ئەلۋەتتە چىن ھەقىقەتتۇركى، ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن كەلگەنلىكىدە ھېچ قانداق شەك - شۈبھە يوقتۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَسَبِّحۡ بِٱسۡمِ رَبِّكَ ٱلۡعَظِيمِ
ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭنى ئۇنىڭغا نالايىق سۈپەتلەردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلغىن، ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامىنى ياد ئەتكىن.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• تنزيه القرآن عن الشعر والكهانة.
قۇرئان كەرىم شېئىر ۋە كاھىنلىقتىن پاكتۇر.

• خطر التَّقَوُّل على الله والافتراء عليه سبحانه.
ئاللاھقا يالغان ۋە بوھتانلارنى توقۇش خەتەرلىكتۇر.

• الصبر الجميل الذي يحتسب فيه الأجر من الله ولا يُشكى لغيره.
چىرايلىقچە سەۋر قىلىش دېگەن ئاللاھتىن ساۋاب ئۈمىد قىلىپ، باشقىلارغا شىكايەت قىلماسلىقتۇر.

 
مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: ھاققە
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

قۇرئان تەتقىقاتى تەپسىر مەركىزى چىقارغان.

تاقاش