Check out the new design

قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى


مەنالار تەرجىمىسى ئايەت: (180) سۈرە: ئەئراپ
وَلِلَّهِ ٱلۡأَسۡمَآءُ ٱلۡحُسۡنَىٰ فَٱدۡعُوهُ بِهَاۖ وَذَرُواْ ٱلَّذِينَ يُلۡحِدُونَ فِيٓ أَسۡمَٰٓئِهِۦۚ سَيُجۡزَوۡنَ مَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ
ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان گۈزەل ئىسىملىرى بار. مەقسىتىڭلارنى تەلەپ قىلىشتا ئاللاھقا شۇ ئىسىملارنى ۋەسىلە قىلىپ دۇئا قىلىڭلار. ئاللاھنى شۇ ئىسىملار بىلەن مەدھىيىلەڭلار. بۇ ئىسىملارنى ئاللاھتىن باشقىسىغا قوللۇنۇپ ياكى بۇ ئىسىملارنى ئاللاھقا ئىشلەتمەي مەنالىرىنى بۇرمىلاپ ئاللاھنى مەخلۇقاتلارغا ئوخشىتىش ئارقىلىق ھەقىقەتتىن چەتنەپ كەتكەنلەرنى تەرك ئېتىڭلار. بىز ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلى دەرتلىك ئازاب بىلەن جازالايمىز.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• خلق الله للبشر آلات الإدراك والعلم - القلوب والأعين والآذان - لتحصيل المنافع ودفع المضار.
ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈپ زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىشى ئۈچۈن دىللار، كۆزلەر ۋە قۇلاقلاردىن ئىبارەت ئىلىم، ئىدراك ۋاستىلىرىنى ياراتتى.

• الدعاء بأسماء الله الحسنى سبب في إجابة الدعاء، فيُدْعَى في كل مطلوب بما يناسب ذلك المطلوب، مثل: اللهمَّ تب عَلَيَّ يا تواب.
ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بىلەن دۇئا قىلىش دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشىغا سەۋەب بولىدۇ. ھەرقانداق تەلەپ قىلىنغۇچىدىن ئۆزىگە يارىشا نەرسىلەر تەلەپ قىلىنىدۇ، مەسىلەن: ئى ئاللاھ! مېنىڭ تەۋبەمنى قۇبۇل قىلغىن، ئى تەۋبىنى قۇبۇل قىلغۇچى زات.

• التفكر في عظمة السماوات والأرض، والتوصل بهذا التفكر إلى أن الله تعالى هو المستحق للألوهية دون غيره؛ لأنه المنفرد بالصنع.
ئاسمان ۋە زېمىننىڭ بۈيۇكلىكى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىش، بۇ ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ئىلاھلىقتا يېگانە ئىكەنلىكىگە يېتىش، چۈنكى ئاللاھ يارىتىشتا يەككە-يېگانىدۇر.

 
مەنالار تەرجىمىسى ئايەت: (180) سۈرە: ئەئراپ
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

قۇرئان تەتقىقاتى تەپسىر مەركىزى چىقارغان.

تاقاش