Check out the new design

قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى


مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: تەكۋىر   ئايەت:

تەكۋىر

سۈرىنىڭ مەقسەتلىرىدىن:
كمال القرآن في تذكير الأنفس باختلال الكون عند البعث.
قۇرئان كەرىمنىڭ ئىنسانلارغا قىيامەت بولىدىغان ۋاقىتتا كائىناتنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى مۇكەممەل شەكىلدە ئەسلىتىشى.

إِذَا ٱلشَّمۡسُ كُوِّرَتۡ
قۇياشنىڭ جىسمى يىغىلىپ، نۇرى ئۆچكەن چاغدا،
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَإِذَا ٱلنُّجُومُ ٱنكَدَرَتۡ
يۇلتۇزلار تۆكۈلۈپ، نۇرى ئۆچكەن چاغدا،
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَإِذَا ٱلۡجِبَالُ سُيِّرَتۡ
تاغلار ئۆز ئورنىدىن قوزغىتىلغان چاغدا،
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَإِذَا ٱلۡعِشَارُ عُطِّلَتۡ
قىيامەت بولىدىغان ۋاقىتتا ئىگىلىرى ئالاھىدە پەخىر قىلىدىغان ئېسىل بوغاز تۆگىلەرمۇ سەل قارىلىپ تاشلىنىدۇ .
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَإِذَا ٱلۡوُحُوشُ حُشِرَتۡ
ياۋايى ھايۋانلار ئىنسانلار بىلەن بىر يەرگە توپلانغان چاغدا،
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَإِذَا ٱلۡبِحَارُ سُجِّرَتۡ
دېڭىزلار ئوت بولۇپ يانغان چاغدا.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَإِذَا ٱلنُّفُوسُ زُوِّجَتۡ
جانلار ئۆز قاياشلىرىغا قوشۇلۇپ، پاجىر پاجىر بىلەن، تەقۋادار تەقۋادار بىلەن بىر يەرگە كەلگەن چاغدا.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَإِذَا ٱلۡمَوۡءُۥدَةُ سُئِلَتۡ
تىرىك پېتى كۆمۈۋېتىلگەن قىزدىن ئاللاھ: سېنى ئۆلتۈرگەنلەر قايسى گۇناھىڭ ئۈچۈن ئۆلتۈردى؟ دەپ سورىغان چاغدا.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بِأَيِّ ذَنۢبٖ قُتِلَتۡ
تىرىك پېتى كۆمۈۋېتىلگەن قىزدىن ئاللاھ: سېنى ئۆلتۈرگەنلەر قايسى گۇناھىڭ ئۈچۈن ئۆلتۈردى؟ دەپ سورىغان چاغدا.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَإِذَا ٱلصُّحُفُ نُشِرَتۡ
ھەر كىم ئۆزىنىڭ نامە - ئەمەللىرىنى ئوقۇسۇن ئۈچۈن بەندىلەرنىڭ نامە - ئەمەل دەپتەرلىرى ئېچىلغان چاغدا.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَإِذَا ٱلسَّمَآءُ كُشِطَتۡ
ئاسمان قوينىڭ تېرىسى سويۇلغاندەك سويۇپ ئېچىلغان چاغدا.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَإِذَا ٱلۡجَحِيمُ سُعِّرَتۡ
دوزاخقا ئوت يېقىلغان چاغدا.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَإِذَا ٱلۡجَنَّةُ أُزۡلِفَتۡ
جەننەت تەقۋادارلارغا يېقىنلاشتۇرۇلغان چاغدا.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
عَلِمَتۡ نَفۡسٞ مَّآ أَحۡضَرَتۡ
مۇشۇ ئىشلار يۈز بەرگەن چاغدا ھەر كىم ئاشۇ كۈن ئۈچۈن ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرىنى بىلىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَلَآ أُقۡسِمُ بِٱلۡخُنَّسِ
ئاللاھ تائالا كېچىدە چىقىشتىن بۇرۇن يوشۇرۇنغۇچى يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
ٱلۡجَوَارِ ٱلۡكُنَّسِ
ئۇلار تاڭ ئاتقان چاغدا خۇددى كېيىكلەر ئۇۋىلىرىغا كىرگىنىگە ئوخشاش غائىب بولىدىغان ئوربىتلىرىدا ماڭغۇچى يۇلتۇزلاردۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَٱلَّيۡلِ إِذَا عَسۡعَسَ
كېلىش ئالدىدا تۇرغان كېچىنىڭ ئەۋۋىلى بىلەن، كېتىش ئالدىدا تۇرغان كېچىنىڭ ئاخىرى بىلەن قەسەم قىلىمەن.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَٱلصُّبۡحِ إِذَا تَنَفَّسَ
نۇر چېچىشقا باشلىغان تاڭ بىلەن قەسەم قىلىمەن.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِنَّهُۥ لَقَوۡلُ رَسُولٖ كَرِيمٖ
شەكسىزكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان قۇرئان كەرىم ئاللاھنىڭ كالامىدۇركى، ئۇنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىشەنچلىك پەرىشتە جىبرىئىل يەتكۈزدى، ئۇنىڭغا ئاللاھمۇ ئىشەنچ قىلىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
ذِي قُوَّةٍ عِندَ ذِي ٱلۡعَرۡشِ مَكِينٖ
ئۇ كۈچلۈكتۇر، ئەرشنىڭ رەببىنىڭ دەرگاھىدا كاتتا مەرتىۋىگە ئىگىدۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
مُّطَاعٖ ثَمَّ أَمِينٖ
ئاسماندىكىلەرمۇ ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدىغان بولۇپ، ئۇ ۋەھىي يەتكۈزۈشتە ئىشەنچلىكتۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَمَا صَاحِبُكُم بِمَجۡنُونٖ
سىلەر ئەقللىقلىقىنى، ئامانەتچانلىقىنى ۋە راستچىللىقىنى بىلىدىغان ھەمراھىڭلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام سىلەر يالغاندىن بىلجىرلىغاندەك مەجنۇن ئەمەس.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَلَقَدۡ رَءَاهُ بِٱلۡأُفُقِ ٱلۡمُبِينِ
ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) جىبرىئىلنى ھەقىقەتەن ئەسلى يارىتىلغان قىياپىتىدە روشەن ئۇپۇقتا كۆردى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَمَا هُوَ عَلَى ٱلۡغَيۡبِ بِضَنِينٖ
ئۇ سىلەرگە يەتكۈزۈشكە بۇيرۇلغان نەرسىنى يەتكۈزۈشكە بېخىللىق قىلىدىغان بېخىل ئەمەس ھەمدە كاھىنلارغا ئوخشاش ھەق ئالمايدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَمَا هُوَ بِقَوۡلِ شَيۡطَٰنٖ رَّجِيمٖ
بۇ قۇرئان ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن قوغلانغان شەيتاننىڭ سۆزى ئەمەس.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَأَيۡنَ تَذۡهَبُونَ
مۇشۇنچىۋالا دەلىل - پاكىتلاردىن كېيىنمۇ يەنە قۇرئاننىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن كەلگەنلىكىنى ئىنكار قىلىش ئۈچۈن قايسى ئۇسۇلنى قوللىنىۋاتىسىلەر؟
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِنۡ هُوَ إِلَّا ذِكۡرٞ لِّلۡعَٰلَمِينَ
قۇرئان كەرىم پەقەت ئىنسانلار ۋە جىنلارغا (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ۋە نېئمەتلىرىنى) ئەسلىتىش ھەم ۋەز - نەسىھەتتۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
لِمَن شَآءَ مِنكُمۡ أَن يَسۡتَقِيمَ
ئاراڭلاردىن كىمكى ھەق يولىدا مېڭىشنى خالىغانلار ئۈچۈن نەسىھەتتۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَمَا تَشَآءُونَ إِلَّآ أَن يَشَآءَ ٱللَّهُ رَبُّ ٱلۡعَٰلَمِينَ
سىلەر مەيلى توغرا يولدا بولۇش، مەيلى باشقا ئىشلار بولسۇن، پەقەت پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنىڭ رەببى بولغان ئاللاھ شۇنداق بولۇشىنى خالىغاندىلا ئاندىن سىلەر خالايسىلەر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• حَشْر المرء مع من يماثله في الخير أو الشرّ.
ئىنسانلار ياخشىلىق ياكى يامانلىقتا ئۆزىنىڭ قاياشلىرى بىلەن بىر يەرگە توپلىنىدۇ.

• إذا كانت الموءُودة تُسأل فما بالك بالوائد؟ وهذا دليل على عظم الموقف.
تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىز سېنى كۆمگۈچى نېمىشقا كۆمدى؟ دەپ سورالغىنىغا قارىغاندا، قىيامەت مەيدانىدىكى ئەھۋالنىڭ ناھايىتى قىيىن بولىدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر.

• مشيئة العبد تابعة لمشيئة الله.
بەندىنىڭ خالىشى ئاللاھنىڭ خالىشىغا چېتىشلىق بولىدۇ

 
مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: تەكۋىر
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

قۇرئان تەتقىقاتى تەپسىر مەركىزى چىقارغان.

تاقاش