Check out the new design

قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى


مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: زۇھا   ئايەت:

زۇھا

سۈرىنىڭ مەقسەتلىرىدىن:
بيان عناية الله بنبيه في أول أمره وآخره.
ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئىشنىڭ ئاۋۋىلىدىمۇ ۋە ئاخىرىدىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشىنىڭ بايانى.

وَٱلضُّحَىٰ
ئاللاھ تائالا كۈندۈزنىڭ ئەۋۋىلى بىلەن قەسەم قىلدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَٱلَّيۡلِ إِذَا سَجَىٰ
قاراڭغۇلۇقى (ئەتراپنى قاپلىغان)، كىشىلەر ھەرىكەتتىن توختىغان چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەم قىلدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
مَا وَدَّعَكَ رَبُّكَ وَمَا قَلَىٰ
ئەي پەيغەمبەر! ۋەھىي ئۈزۈلۈپ قالغان ۋاقىتتا مۇشرىكلار ئېيتقاندەك، پەرۋەردىگارىڭ سېنى تاشلىۋەتكىنى يوق، شۇنداقلا سېنى يامان كۆرۈپ قالغىنىمۇ يوق.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَلَلۡأٓخِرَةُ خَيۡرٞ لَّكَ مِنَ ٱلۡأُولَىٰ
ساڭا نىسبەتەن ئاخىرەت ئەلۋەتتە دۇنيادىن ياخشىدۇر. چۈنكى ئۇنىڭغا ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان مەڭگۈلۈك نېئمەت بار.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَلَسَوۡفَ يُعۡطِيكَ رَبُّكَ فَتَرۡضَىٰٓ
ئاللاھ چوقۇم ساڭا ۋە ئۈممىتىڭگە سىلەر مەمنۇن بولغۇدەك دەرىجىدە كۆپ ساۋاب - مۇكاپاتلارنى بېرىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أَلَمۡ يَجِدۡكَ يَتِيمٗا فَـَٔاوَىٰ
ئاللاھ ھەقىقەتەن سېنىڭ دادىسى ئۆلۈپ كەتكەن يېتىم ئىكەنلىكىڭنى بىلىپ، ساڭا پاناھلىنىدىغان جاي بەردى. يەنى بوۋاڭ ئابدۇلمۇتتەلىب، ئۇنىڭدىن كېيىن تاغاڭ ئەبۇتالىب ساڭا مېھرىبانلىق قىلدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَوَجَدَكَ ضَآلّٗا فَهَدَىٰ
سېنىڭ كىتاب نېمە، ئىمان نېمە بىلمەيدىغانلىقىڭنى بىلىپ، ساڭا بىلمىگەننى ئۆگەتتى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَوَجَدَكَ عَآئِلٗا فَأَغۡنَىٰ
سېنى يوقسۇل بىلىپ، بىھاجەت قىلدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَأَمَّا ٱلۡيَتِيمَ فَلَا تَقۡهَرۡ
شۇڭا كىچىك تۇرۇپ دادىسىدىن ئايرىلىپ قالغان يېتىمگە قاتتىق مۇئامىلە قىلما، ئۇنى خارلىما.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَأَمَّا ٱلسَّآئِلَ فَلَا تَنۡهَرۡ
مۇھتاج بوپقالغان سائىلغا قوپاللىق قىلما.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَأَمَّا بِنِعۡمَةِ رَبِّكَ فَحَدِّثۡ
ئاللاھنىڭ ساڭا ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىپ، باشقىلارغا سۆزلەپ بەرگىن.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• منزلة النبي صلى الله عليه وسلم عند ربه لا تدانيها منزلة.
بۇ ئايەتلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى مەرتىۋىسىگە ھېچبىر مەرتىۋىنىڭ تەڭ كەلمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

• شكر النعم حقّ لله على عبده.
نېئمەتلەرگە شۈكرى قىلىش ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئۈستىدىكى ھەققىدۇر.

• وجوب الرحمة بالمستضعفين واللين لهم.
ئاجىزلارغا شەپقەتلىك بولۇش ۋە سىلىق مۇئامىلە قىلىش ۋاجىبتۇر.

 
مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: زۇھا
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

قۇرئان تەتقىقاتى تەپسىر مەركىزى چىقارغان.

تاقاش