Check out the new design

قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى


مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: ئەلەق   ئايەت:
أَرَءَيۡتَ إِن كَذَّبَ وَتَوَلَّىٰٓ
قېنى ئېيتقىنا، پەيغەمبەر ئېلىپ كەلگەن دىننى ئىنكار قىلىپ، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەن بۇ توسقۇچى ئاللاھتىن قورقمامدۇ؟
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أَلَمۡ يَعۡلَم بِأَنَّ ٱللَّهَ يَرَىٰ
بۇ بەندىنى نامازدىن توسقان ئادەم ئاللاھنىڭ ئۇنىڭ قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۇنىڭغا ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدىغانلىقىنى بىلمىدىمۇ؟
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
كَلَّا لَئِن لَّمۡ يَنتَهِ لَنَسۡفَعَۢا بِٱلنَّاصِيَةِ
ئەمەلىي ئەھۋال بۇ نادان خىيال قىلغاندەك ئەمەس، ئەگەر ئۇ بەندىمىزگە ئەزىيەت بېرىپ، ئۇنى ئىنكار قىلىشتىن توختىمىسا، بىز چوقۇم ئۇنىڭ كوكۇلىسىدىن چىڭ تۇتۇپ جەھەننەمگە سۆرەيمىز.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
نَاصِيَةٖ كَٰذِبَةٍ خَاطِئَةٖ
ئاشۇ كوكۇلا چاچنىڭ ئىگىسى سۆزىدە يالغانچى، ئىشىدا خاتالاشقۇچىدۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَلۡيَدۡعُ نَادِيَهُۥ
ئۇ كوكۇلىسىدىن تۇتۇلغان چاغدا دوزاختىكى ھەمراھلىرىنى ۋە سورۇنداشلىرىنى ئۆزىنى ئازابتىن قۇتۇلدۇرۇشى ئۈچۈن ياردەمگە چاقىرىپ باقسۇن.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
سَنَدۡعُ ٱلزَّبَانِيَةَ
بىزمۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا ئاسىيلىق قىلمايدىغان، بۇيرۇلغاننى قىلىدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەرنى چاقىرىمىز. ئىككى تەرەپنىڭ قايسى كۈچلۈكرەك ئىكەنلىكىنى كۆرسۇن.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
كَلَّا لَا تُطِعۡهُ وَٱسۡجُدۡۤ وَٱقۡتَرِب۩
ئەمەلىي ئەھۋال بۇ زالىم ئويلىغاندەك ئۇنىڭغا ھېچبىر خاپىلىق يەتمەيدىغان ئىش يوق. شۇڭا مەيلى بۇيرۇقتا، مەيلى چەكلىمىدە ئۇنىڭغا بويسۇنما، ئاللاھقا سەجدە قىلغىن، ئۇنىڭغا ئىتائەت بىلەن يېقىنلاشقىن. چۈنكى ئۇنىڭغا ئىتائەت بىلەن يېقىنلاشقىلى بولىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• فضل ليلة القدر على سائر ليالي العام.
قەدرى كېچىسى باشقا بارلىق كېچىلەردىن پەزىلەتلىكتۇر.

• الإخلاص في العبادة من شروط قَبولها.
ئىبادەتتە ئىخلاس قىلىش ئىبادەتنىڭ قوبۇل بولۇشىنىڭ شەرتلىرىدىندۇر.

• اتفاق الشرائع في الأصول مَدعاة لقبول الرسالة.
پۈتۈن شەرىئەتلەرنىڭ ئەسلىنىڭ بىرلىكى پەيغەمبەرلىكنى قوبۇل قىلىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىدۇر.

 
مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: ئەلەق
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

قۇرئان تەتقىقاتى تەپسىر مەركىزى چىقارغان.

تاقاش