Check out the new design

قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى- مۇھەممەد سالىھ * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

XML CSV Excel API
Please review the Terms and Policies

مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: كاپىرۇن   ئايەت:

كاپىرۇن

قُلۡ يَٰٓأَيُّهَا ٱلۡكَٰفِرُونَ
(ئى مۇھەممەد! سېنى بۇتلارغا چوقۇنۇشقا ئۈندىگۈچى كۇففارلارغا) ئېيتقىنكى، «ئى كاپىرلار![1]
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
لَآ أَعۡبُدُ مَا تَعۡبُدُونَ
سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارغا مەن چوقۇنمايمەن[2].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَلَآ أَنتُمۡ عَٰبِدُونَ مَآ أَعۡبُدُ
سىلەرمۇ مەن ئىبادەت قىلىۋاتقان ئاللاھقا ئىبادەت قىلمايسىلەر[3].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَلَآ أَنَا۠ عَابِدٞ مَّا عَبَدتُّمۡ
سىلەر چوقۇنغان بۇتلارغا مېنىڭ چوقۇنغىنىم يوق[4].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَلَآ أَنتُمۡ عَٰبِدُونَ مَآ أَعۡبُدُ
سىلەرنىڭمۇ مەن ئىبادەت قىلغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلغىنىڭلار يوق[5].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
لَكُمۡ دِينُكُمۡ وَلِيَ دِينِ
سىلەرنىڭ دىنىڭلار ئۆزۈڭلار ئۈچۈن، مېنىڭ دىنىممۇ ئۆزۈم ئۈچۈن»[6].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
 
مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: كاپىرۇن
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى- مۇھەممەد سالىھ - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

ئۇستاز مۇھەممەد سالىھ تەرجىمە قىلغان. ئىزاھات: رۇۋۋاد تەرجىمە مەركىزىنىڭ نازارىتىدا تەرەققى قىلدۇرۇلغان، پىكىر ئەركىنلىكى باھالاش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش مەقسىتىدە ئەسلى تەرجىمىدىنمۇ پايدىلىنىشقا رۇخسەت قىلىنغان.

تاقاش