Check out the new design

قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى- مۇھەممەد سالىھ * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

XML CSV Excel API
Please review the Terms and Policies

مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: تەۋبە   ئايەت:
وَعَلَى ٱلثَّلَٰثَةِ ٱلَّذِينَ خُلِّفُواْ حَتَّىٰٓ إِذَا ضَاقَتۡ عَلَيۡهِمُ ٱلۡأَرۡضُ بِمَا رَحُبَتۡ وَضَاقَتۡ عَلَيۡهِمۡ أَنفُسُهُمۡ وَظَنُّوٓاْ أَن لَّا مَلۡجَأَ مِنَ ٱللَّهِ إِلَّآ إِلَيۡهِ ثُمَّ تَابَ عَلَيۡهِمۡ لِيَتُوبُوٓاْۚ إِنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلتَّوَّابُ ٱلرَّحِيمُ
جىھادقا چىقمىغان ئۈچ كىشىنىڭ تەۋبىسىنىمۇ ئاللاھ قوبۇل قىلدى. شۇنچە كەڭ زېمىن ئۇلارغا تار تۇيۇلغان، ئۇلارنىڭ جانلىرى سىقىلغان، ئۇلار ئاللاھقا تەۋبە قىلماي تۇرۇپ ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن قۇتۇلۇش مۇمكىن ئەمەسلىكىگە ئىشەنگەن ئىدى. ئاندىن ئۇلارنىڭ تەۋبە قىلغۇچىلاردىن بولۇشى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنى تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلدى. ئاللاھ تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر[118].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَكُونُواْ مَعَ ٱلصَّٰدِقِينَ
ئى مۆمىنلەر! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، راستچىللار بىلەن بىللە بولۇڭلار[119].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
مَا كَانَ لِأَهۡلِ ٱلۡمَدِينَةِ وَمَنۡ حَوۡلَهُم مِّنَ ٱلۡأَعۡرَابِ أَن يَتَخَلَّفُواْ عَن رَّسُولِ ٱللَّهِ وَلَا يَرۡغَبُواْ بِأَنفُسِهِمۡ عَن نَّفۡسِهِۦۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمۡ لَا يُصِيبُهُمۡ ظَمَأٞ وَلَا نَصَبٞ وَلَا مَخۡمَصَةٞ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ وَلَا يَطَـُٔونَ مَوۡطِئٗا يَغِيظُ ٱلۡكُفَّارَ وَلَا يَنَالُونَ مِنۡ عَدُوّٖ نَّيۡلًا إِلَّا كُتِبَ لَهُم بِهِۦ عَمَلٞ صَٰلِحٌۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُضِيعُ أَجۡرَ ٱلۡمُحۡسِنِينَ
مەدىنە ئاھالىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئەئرابىيلارنىڭ رەسۇلۇللاھ بىلەن جىھادقا بىللە چىقماي قېلىپ قېلىشى، ئۆزلىرىنىڭ ئارامى بىلەنلا بولۇپ، جاپادا رەسۇلۇللاھ بىلەن بىللە بولماسلىقى توغرا ئەمەس ئىدى. بۇ (يەنى ئۇلارنى جىھادقا چىقماي قېلىپ قېلىشتىن مەنئى قىلىش) شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار ئاللاھنىڭ يولىدا ئۇچرىغان ئۇسسۇزلۇق، تارتقان جاپا ـ مۇشەققەت ۋە ئاچلىق، ئۇلارنىڭ كاپىرلارنى خاپىلىققا سالىدىغان ھەر بىر قەدىمى، دۈشمەنلەر ئۈستىدىن ئېرىشكەن (ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش، ئەسىر ئېلىش، مەغلۇپ قىلىش قاتارلىق) ھەر بىر نەرسىسى ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) ئۇلارغا ياخشىلىق (يەنى ساۋاب) يېزىلىدۇ، ئاللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ[120].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَلَا يُنفِقُونَ نَفَقَةٗ صَغِيرَةٗ وَلَا كَبِيرَةٗ وَلَا يَقۡطَعُونَ وَادِيًا إِلَّا كُتِبَ لَهُمۡ لِيَجۡزِيَهُمُ ٱللَّهُ أَحۡسَنَ مَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ
ئۇلارنىڭ (ئاللاھنىڭ يولىدا) مەيلى كىچىك بولسۇن ياكى چوڭ بولسۇن، سەرپ قىلغان نەرسىسى ۋە جىھاد ئۈچۈن باسقان ھەر بىر مۇساپىسى ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە ئەڭ ياخشى مۇكاپات بېرىش يۈزىسىدىن ئۇلارغا يېزىلىدۇ[121].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
۞ وَمَا كَانَ ٱلۡمُؤۡمِنُونَ لِيَنفِرُواْ كَآفَّةٗۚ فَلَوۡلَا نَفَرَ مِن كُلِّ فِرۡقَةٖ مِّنۡهُمۡ طَآئِفَةٞ لِّيَتَفَقَّهُواْ فِي ٱلدِّينِ وَلِيُنذِرُواْ قَوۡمَهُمۡ إِذَا رَجَعُوٓاْ إِلَيۡهِمۡ لَعَلَّهُمۡ يَحۡذَرُونَ
مۆمىنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ جىھادقا چىقىشى شەرت ئەمەس (ئۇلارنىڭ بىر تۈركۈمى جىھادقا چىققان ئىكەن)، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەر بىر جامائەدىن يەنە بىر تۈركۈمى دىنىي ئالىم بولۇپ، ئۇلار قەۋمىنىڭ قېشىغا قايتقاندىن كېيىن، قەۋمىنىڭ ئاللاھتىن قورقۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇش مەقسىتىدە نېمىشقا (ئىلىم تەلەپ قىلىشقا) چىقمىدى؟[122]
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
 
مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: تەۋبە
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى- مۇھەممەد سالىھ - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

ئۇستاز مۇھەممەد سالىھ تەرجىمە قىلغان. ئىزاھات: رۇۋۋاد تەرجىمە مەركىزىنىڭ نازارىتىدا تەرەققى قىلدۇرۇلغان، پىكىر ئەركىنلىكى باھالاش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش مەقسىتىدە ئەسلى تەرجىمىدىنمۇ پايدىلىنىشقا رۇخسەت قىلىنغان.

تاقاش