Check out the new design

قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى- مۇھەممەد سالىھ * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

XML CSV Excel API
Please review the Terms and Policies

مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: تەۋبە   ئايەت:
ٱنفِرُواْ خِفَافٗا وَثِقَالٗا وَجَٰهِدُواْ بِأَمۡوَٰلِكُمۡ وَأَنفُسِكُمۡ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِۚ ذَٰلِكُمۡ خَيۡرٞ لَّكُمۡ إِن كُنتُمۡ تَعۡلَمُونَ
(ئى مۆمىنلەر جامائەسى!) سىلەر يىنىك بولغان ياكى ئېغىر بولغان ھالەتتە (يەنى مەيلى ياش ـ قېرى، پىيادە، ئۇلاغلىق بولۇڭلار ، ئوڭۇشلۇق ۋە قىيىن شارائىتتا بولۇڭلار ، ئىختىيارىي ۋە ئىختىيارسىز بولۇڭلار ، ھەممە ئەھۋالدا) جىھادقا چىقىڭلار، ئاللاھنىڭ يولىدا مېلىڭلار بىلەن، جېنىڭلار بىلەن جىھاد قىلىڭلار، ئەگەر بىلسەڭلار مۇنداق قىلىش سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر[41].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
لَوۡ كَانَ عَرَضٗا قَرِيبٗا وَسَفَرٗا قَاصِدٗا لَّٱتَّبَعُوكَ وَلَٰكِنۢ بَعُدَتۡ عَلَيۡهِمُ ٱلشُّقَّةُۚ وَسَيَحۡلِفُونَ بِٱللَّهِ لَوِ ٱسۡتَطَعۡنَا لَخَرَجۡنَا مَعَكُمۡ يُهۡلِكُونَ أَنفُسَهُمۡ وَٱللَّهُ يَعۡلَمُ إِنَّهُمۡ لَكَٰذِبُونَ
ئەگەر (ئۇلارنىڭ دەۋەت قىلىنغىنى) ئاسان قولغا كېلىدىغان غەنىيمەت ۋە (يىراق ئەمەس) ئوتتۇراھال سەپەر بولىدىغان بولسا، ئۇلار چوقۇم ساڭا ئەگىشىپ (غەنىيمەت ئېلىش مەقسىتىدە) چىقاتتى. لېكىن، بۇ ئارىلىق ئۇلارغا يىراق بىلىندى. ئۇلار ئاللاھ بىلەن قەسەم ئىچىپ: «ئەگەر چىقىشقا قادىر بولالىغان بولساق، ئەلۋەتتە سىلەر بىلەن بىللە چىقاتتۇق» دەيدۇ، ئۇلار (يالغان قەسەملىرى تۈپەيلىدىن) ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى ھالاك قىلىدۇ. ئاللاھ بىلىدۇكى، ئۇلار شەك ـ شۈبھىسىز يالغانچىلاردۇر[42].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
عَفَا ٱللَّهُ عَنكَ لِمَ أَذِنتَ لَهُمۡ حَتَّىٰ يَتَبَيَّنَ لَكَ ٱلَّذِينَ صَدَقُواْ وَتَعۡلَمَ ٱلۡكَٰذِبِينَ
(ئى مۇھەممەد!) ئاللاھ سېنى كەچۈردى، (ئۆزرىسىدە) راستچىللار بىلەن يالغانچىلار (ساڭا ئېنىق بولمىغىچە نېمىشقا ئۇلارغا چىقماسلىققا) رۇخسەت بەردىڭ[43].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
لَا يَسۡتَـٔۡذِنُكَ ٱلَّذِينَ يُؤۡمِنُونَ بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِ أَن يُجَٰهِدُواْ بِأَمۡوَٰلِهِمۡ وَأَنفُسِهِمۡۗ وَٱللَّهُ عَلِيمُۢ بِٱلۡمُتَّقِينَ
(ئى مۇھەممەد!) ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغانلار سەندىن ماللىرى بىلەن ۋە جانلىرى بىلەن جىھاد قىلىشقا رۇخسەت سورىمايدۇ. ئاللاھ تەقۋادارلارنى ئوبدان بىلىدۇ[44].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِنَّمَا يَسۡتَـٔۡذِنُكَ ٱلَّذِينَ لَا يُؤۡمِنُونَ بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِ وَٱرۡتَابَتۡ قُلُوبُهُمۡ فَهُمۡ فِي رَيۡبِهِمۡ يَتَرَدَّدُونَ
(ئى مۇھەممەد!) پەقەت ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغانلار، دىللىرىدا (ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە ۋە سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭگە) گۇمانى بارلار سەندىن رۇخسەت سورايدۇ، ئۇلار ئۆز گۇمانىدا تېڭىرقاپ يۈرىدۇ[45].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
۞ وَلَوۡ أَرَادُواْ ٱلۡخُرُوجَ لَأَعَدُّواْ لَهُۥ عُدَّةٗ وَلَٰكِن كَرِهَ ٱللَّهُ ٱنۢبِعَاثَهُمۡ فَثَبَّطَهُمۡ وَقِيلَ ٱقۡعُدُواْ مَعَ ٱلۡقَٰعِدِينَ
ئەگەر ئۇلارنىڭ جىھادقا چىقىش نىيىتى بولسا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا تەييارلىق قىلاتتى، لېكىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ چىقىشىنى ياقتۇرمىدى، (ئۇلارنىڭ دىللىرىغا ھۇرۇنلۇقنى سېلىپ) ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇردى. (ئۇلارغا) «ئۆيلىرىدە قېلىپ قالغۇچىلار (يەنى ئاياللار، كىچىك بالىلار، ئاجىزلار) بىلەن قېلىڭلار» دېيىلدى[46].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
لَوۡ خَرَجُواْ فِيكُم مَّا زَادُوكُمۡ إِلَّا خَبَالٗا وَلَأَوۡضَعُواْ خِلَٰلَكُمۡ يَبۡغُونَكُمُ ٱلۡفِتۡنَةَ وَفِيكُمۡ سَمَّٰعُونَ لَهُمۡۗ وَٱللَّهُ عَلِيمُۢ بِٱلظَّٰلِمِينَ
ئەگەر ئۇلار سىلەر بىلەن بىرلىكتە چىققان بولسا، ئاراڭلاردا پەقەت پىتنە ـ پاساتنى كۆپەيتەتتى، ئاراڭلارغا بۆلگۈنچىلىك سېلىش ئۈچۈن چوقۇم سۇخەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىناتتى، ئاراڭلاردا ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلايدىغانلار بار. ئاللاھ زالىملارنى (يەنى مۇناپىقلارنىڭ ئىچى ـ تېشىنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر[47].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
 
مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: تەۋبە
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى- مۇھەممەد سالىھ - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

ئۇستاز مۇھەممەد سالىھ تەرجىمە قىلغان. ئىزاھات: رۇۋۋاد تەرجىمە مەركىزىنىڭ نازارىتىدا تەرەققى قىلدۇرۇلغان، پىكىر ئەركىنلىكى باھالاش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش مەقسىتىدە ئەسلى تەرجىمىدىنمۇ پايدىلىنىشقا رۇخسەت قىلىنغان.

تاقاش