قرآن کریم کے معانی کا ترجمہ - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - ترجمے کی لسٹ


معانی کا ترجمہ آیت: (12) سورت: سورۂ رعد
هُوَ ٱلَّذِي يُرِيكُمُ ٱلۡبَرۡقَ خَوۡفٗا وَطَمَعٗا وَيُنشِئُ ٱلسَّحَابَ ٱلثِّقَالَ
ئەي ئىنسانلار! ئاللاھ سىلەرگە چاقماقنى كۆرسىتىدۇ ھەمدە بىر تەرەپتىن گۈلدۈرمامىنىڭ (قاتتىق ئاۋازى ئارقىلىق) سىلەرنى قورقۇتسا، يەنە بىر تەرەپتىن يامغۇرغا تەلپۈندۈرىدۇ. ئاللاھ تائالا مول يامغۇر سۈيىنى كۆتۈرۈپ ماڭىدىغان بۇلۇتلارنى پەيدا قىلىدۇ.
عربی تفاسیر:
حالیہ صفحہ میں آیات کے فوائد:
• عظيم مغفرة الله وحلمه عن خطايا بني آدم، فهم يستكبرون ويَتَحَدَّوْنَ رسله وأنبياءه، ومع هذا يرزقهم ويعافيهم ويحلم عنهم.
بۇ ئايەتلەر ئاللاھ تائالانىڭ مەغپىرىتىنىڭ كەڭرىلىكىنى ۋە ئادەم بالىلىرىنىڭ خاتالىقلىرىغا قارىتا جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئىنسانلار ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە تەكەببۇرلۇق قىلىپ، قارشىلاشسىمۇ يەنىلا ئۇلارغا رىزىق بېرىپ، تەنلىرىنى ساق قىلىپ، جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

• سعة علم الله تعالى بما في ظلمة الرحم، فهو يعلم أمر النطفة الواقعة في الرحم، وصَيْرُورتها إلى تخليق ذكر أو أنثى، وصحته واعتلاله، ورزقه وأجله، وشقي أو سعيد، فعلمه بها عام شامل.
ئاللاھنىڭ ئىلمىنىڭ كەڭلىكى ئانىنىڭ قارنىدىكى تۆرەلمىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئۇ بالىياتقۇلارغا كىرگەن ئىسپىرمىنىڭ ئەھۋالىنى، ئۇنىڭ ئەركەك ياكى چىشى بولۇپ يارىتىلىدىغانلىقىنى، ساقلىقى ۋە كېسەللىكىنى، رىزقىنى، ئەجىلىنى، بەختسىز ياكى بەختلىك بولىدىغانلىقىنىمۇ بىلىدۇ. دېمەك، ئۇنىڭ ئىلمى ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

• عظيم عناية الله ببني آدم، وإثبات وجود الملائكة التي تحرسه وتصونه وغيرهم مثل الحَفَظَة.
ئاللاھنىڭ ئادەم بالىلىرىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنى قوغدايدىغان ۋە خەتەرلەردىن ساقلايدىغان پەرىشتىلەرنىڭ ھەمدە ئۇنىڭدىن باشقا پەرىشتىلەرنىڭمۇ بارلىقىنى ئىسپاتلاشنى ئىپادىلەيدۇ.

• أن الله تعالى يغير حال العبد إلى الأفضل متى ما رأى منه اتباعًا لأسباب الهداية، فهداية التوفيق منوطة باتباع هداية البيان.
شەكسىزكى ئاللاھ تائالا بەندىنىڭ توغرا يولنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى كۆرسە ئۇنىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ بېرىدۇ. چۈنكى ئاللاھنىڭ ئىنساننى ھىدايەتكە مۇۋەپپەق قىلىشى ئۇنىڭ ئاللاھ كۆرسەتكەن توغرا يولنى ئىزدىشىگە باغلىقتۇر.

 
معانی کا ترجمہ آیت: (12) سورت: سورۂ رعد
سورتوں کی لسٹ صفحہ نمبر
 
قرآن کریم کے معانی کا ترجمہ - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - ترجمے کی لسٹ

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

بند کریں