قرآن کریم کے معانی کا ترجمہ - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - ترجمے کی لسٹ


معانی کا ترجمہ سورت: سورۂ فرقان   آیت:

سۈرە پۇرقان

سورہ کے بعض مقاصد:
الانتصار للرسول صلى الله عليه وسلم وللقرآن ودفع شبه المشركين.
مۇشرىكلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بولغان شۈبھىلىرىنى يوققا چىقىرىش ئارقىلىق رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ياردەم بېرىش بۇ سۈرىنىڭ مەقسەتلىرىدىن بىرىدۇر.

تَبَارَكَ ٱلَّذِي نَزَّلَ ٱلۡفُرۡقَانَ عَلَىٰ عَبۡدِهِۦ لِيَكُونَ لِلۡعَٰلَمِينَ نَذِيرًا
ئۆز بەندىسى ۋە ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى قۇرئاننى نازىل قىلغان ئاللاھنىڭ ياخشىلىقى ھەقىقەتەنمۇ كاتتا ھەم كۆپتۇركى، (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قۇرئاننىڭ نازىل قىلىنىشى) ئۇنىڭ ئىنسان ۋە جىنلارغا پەيغەمبەر بولۇپ، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرۇشى ئۈچۈندۇر.
عربی تفاسیر:
ٱلَّذِي لَهُۥ مُلۡكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَلَمۡ يَتَّخِذۡ وَلَدٗا وَلَمۡ يَكُن لَّهُۥ شَرِيكٞ فِي ٱلۡمُلۡكِ وَخَلَقَ كُلَّ شَيۡءٖ فَقَدَّرَهُۥ تَقۡدِيرٗا
ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى يالغۇز ئاللاھقا مەنسۇپتۇر، ئۇنىڭ بالىسى يوق، پادىشاھلىقىدا شېرىكىمۇ يوقتۇر. ئاللاھ پۈتكۈل مەخلۇقاتلىرىنىڭ يارىتىلىشىنى ئۆز ئىلمى ۋە ھېكمىتىگە ئۇيغۇن ھالەتتە يارىتىشنى بېكىتكەن بولۇپ، ھەر نەرسە ئۇنىڭ بەلگىلىمىسىگە مۇناسىپتۇر.
عربی تفاسیر:
حالیہ صفحہ میں آیات کے فوائد:
• دين الإسلام دين النظام والآداب، وفي الالتزام بالآداب بركة وخير.
ئىسلام دىنى قانۇن - تۈزۈم ۋە ئەدەب - ئەخلاق دىنىدۇر، ئۇنىڭ ئەدەب - ئەخلاقلىرىغا ئەمەل قىلىشتا بەرىكەت ۋە ياخشىلىق بار.

• منزلة رسول الله صلى الله عليه وسلم تقتضي توقيره واحترامه أكثر من غيره.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مەرتىۋىسى ئۇنى باشقىلاردىنمۇ بەكرەك چوڭ بىلىشنى ھەم ھۆرمەتلەشنى تەلەپ قىلىدۇ.

• شؤم مخالفة سُنَّة النبي صلى الله عليه وسلم.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە خىلاپلىق قىلىش بەختسىزلىكتۇر.

• إحاطة ملك الله وعلمه بكل شيء.
ئاللاھنىڭ پادىشاھلىقى ۋە ئىلمى ھەر نەرسىنى تولۇق ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

وَٱتَّخَذُواْ مِن دُونِهِۦٓ ءَالِهَةٗ لَّا يَخۡلُقُونَ شَيۡـٔٗا وَهُمۡ يُخۡلَقُونَ وَلَا يَمۡلِكُونَ لِأَنفُسِهِمۡ ضَرّٗا وَلَا نَفۡعٗا وَلَا يَمۡلِكُونَ مَوۡتٗا وَلَا حَيَوٰةٗ وَلَا نُشُورٗا
مۇشرىكلار ئاللاھنى قويۇپ چوڭ - كىچىك ھەر قانداق نەرسىنى پەيدا قىلالمايدىغان نەرسىلەرنى مەبۇد قىلىۋېلىشتى. ھالبۇكى ئۇلارنىڭ تۇتۇۋالغان مەبۇدلىرى يارىتىلغان نەرسىلەر بولۇپ، ئاللاھ ئۇلارنى يوقتىن بار قىلغان ئىدى. ئۇلار ھەتتا ئۆزلىرىدىن بىرەر زىياننىمۇ قايتۇرالمايدۇ، قىلچە پايدىمۇ ئېلىپ كېلەلمەيدۇ، بىرەر جانلىقنىمۇ ئۆلتۈرەلمەيدۇ، بىرەر ئۆلۈككە ھاياتلىقمۇ بېرەلمەيدۇ، ئۆلۈكلەرنى قەبرىلىرىدىن تىرىلدۈرۈپمۇ چىقىرالمايدۇ.
عربی تفاسیر:
وَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ إِنۡ هَٰذَآ إِلَّآ إِفۡكٌ ٱفۡتَرَىٰهُ وَأَعَانَهُۥ عَلَيۡهِ قَوۡمٌ ءَاخَرُونَۖ فَقَدۡ جَآءُو ظُلۡمٗا وَزُورٗا
ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە كاپىر بولغانلار: بۇ قۇرئان مۇھەممەد ئۆزى توقۇپ چىقىپ، يالغاندىن ئاللاھقا نىسبەت بەرگەن ئويدۇرمىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇنىڭ قۇرئاننى توقۇپ چىقىشىغا باشقىلارمۇ ھەمكارلاشقان، دېيىشتى. بۇ كاپىرلار تامامەن ئاساسسىز سۆزنى قىلدى. چۈنكى قۇرئان ئاللاھنىڭ كالامىدۇركى، ئىنسانلارنىڭ ۋە جىنلارنىڭ ئۇنىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرەلىشى مۇمكىن ئەمەس.
عربی تفاسیر:
وَقَالُوٓاْ أَسَٰطِيرُ ٱلۡأَوَّلِينَ ٱكۡتَتَبَهَا فَهِيَ تُمۡلَىٰ عَلَيۡهِ بُكۡرَةٗ وَأَصِيلٗا
قۇرئاننى ئىنكار قىلغۇچى بۇ يالغانچىلار: بۇ قۇرئان ئىلگىرىكىلەرنىڭ ھېكايىلىرى ۋە ئۇلار يېزىپ قالدۇرغان ئاساسسىز سەپسەتىلەردىن ئىبارەتتۇر. مۇھەممەد ئۇنى كۆچۈرۈۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەتىگەن - ئاخشاملىرى ئوقۇپ بېرىلىدۇ، دېدى.
عربی تفاسیر:
قُلۡ أَنزَلَهُ ٱلَّذِي يَعۡلَمُ ٱلسِّرَّ فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ إِنَّهُۥ كَانَ غَفُورٗا رَّحِيمٗا
ئەي پەيغەمبەر! بۇ يالغانچىلارغا ئېيتقىنكى، قۇرئاننى ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرغۇچى ئاللاھ نازىل قىلدى، ئۇ سىلەرنىڭ بىلجىرلىغىنىڭلاردەك ئويدۇرما ئەمەس. ئاندىن كېيىن ئاللاھ تائالا ئۇلارنى تەۋبىگە رىغبەتلەندۈرۈپ: شەكسىزكى ئاللاھ بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارغا مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا رەھىمدىلدۇر، دېدى.
عربی تفاسیر:
وَقَالُواْ مَالِ هَٰذَا ٱلرَّسُولِ يَأۡكُلُ ٱلطَّعَامَ وَيَمۡشِي فِي ٱلۡأَسۡوَاقِ لَوۡلَآ أُنزِلَ إِلَيۡهِ مَلَكٞ فَيَكُونَ مَعَهُۥ نَذِيرًا
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغۇچى مۇشرىكلار ئېيتتى: ئۆزىنى ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر دەۋالغان بۇ ئادەم باشقىلارغا ئوخشاش تاماق يەيدۇ، جان بېقىش ئۈچۈن بازارلارنى ئايلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا نېمىشقا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ، ئۇنى تەستىقلايدىغان ۋە ياردەم بېرىدىغان بىرەر پەرىشتە چۈشۈرمىدى؟
عربی تفاسیر:
أَوۡ يُلۡقَىٰٓ إِلَيۡهِ كَنزٌ أَوۡ تَكُونُ لَهُۥ جَنَّةٞ يَأۡكُلُ مِنۡهَاۚ وَقَالَ ٱلظَّٰلِمُونَ إِن تَتَّبِعُونَ إِلَّا رَجُلٗا مَّسۡحُورًا
ياكى نېمىشقا ئۇنىڭغا ئاسماندىن بىرەر خەزىنە چۈشۈرۈلمىدى؟ ياكى نېمىشقا ئۇنىڭ مېۋىلىرىنى يېگىلى بولىدىغان بىرەر بېغى يوق؟ ئۇ چاغدا ئۇ بازارلارنى ئايلىنىپ، جان باقىمەن دەپ ئاۋارە بولمايتتى. زالىملار مۇنداق دەيدۇ: ئەي مۇئمىنلەر! سىلەر بىر پەيغەمبەرگە ئەمەس، بەلكى سېھىرلەنگەنلكتىن ئەقلىدىن ئادىشىپ قالغان بىر ساراڭغا ئەگىشىۋاتىسىلەر.
عربی تفاسیر:
ٱنظُرۡ كَيۡفَ ضَرَبُواْ لَكَ ٱلۡأَمۡثَٰلَ فَضَلُّواْ فَلَا يَسۡتَطِيعُونَ سَبِيلٗا
ئەي پەيغەمبەر! مۇشرىكلارنىڭ سېنى تامامەن ئاساسسىز سۈپەتلەر بىلەن قانداق تەسۋىرلىگەنلىكىگە ئەجەبلىنىپ قاراپ باققىن. ئۇلار سېنى سېھىرگەر دەپ باقتى، سېھىرلەنگەنمۇ دەپ باقتى، ساراڭمۇ دەپ باقتى. نەتىجىدە ئۇلار مۇشۇ سەۋەبلىك ھەقتىن ئېزىپ كەتتى. ئەمدى ئۇلار ھىدايەت يولىنى تاپالمايدۇ، سېنىڭ راستچىللىقىڭ ۋە ئامانەتچانلىقىڭغا داغمۇ يەتكۈزەلمەيدۇ.
عربی تفاسیر:
تَبَارَكَ ٱلَّذِيٓ إِن شَآءَ جَعَلَ لَكَ خَيۡرٗا مِّن ذَٰلِكَ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ وَيَجۡعَل لَّكَ قُصُورَۢا
ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇركى، ئەگەر ئۇ خالىسا ساڭا مۇشۇ دۇنيادىلا سارايلىرى ۋە دەرەخلىرىنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان، مېۋىلىرى يېيىلىدىغان باغلارنى ھەمدە ھۇزۇر - ھالاۋەت سۈرۈپ ياشايدىغان سارايلارنى ئاتا قىلىش ئارقىلىق ئۇلار تەلەپ قىلغاندىنمۇ ياخشىراق نېئمەتلەرنى بېرەتتى.
عربی تفاسیر:
بَلۡ كَذَّبُواْ بِٱلسَّاعَةِۖ وَأَعۡتَدۡنَا لِمَن كَذَّبَ بِٱلسَّاعَةِ سَعِيرًا
ئۇلار ھەقىقەتكە يېتىشنى كۆزلەپ، دەلىل - پاكىت ئىزدەيدىغان گەپ - سۆزلەرنى قىلمىدى. ئەكسىچە ئۇلارنىڭ قىلغىنى قىيامەت كۈنىنى ئىنكار قىلىش بولدى. بىز قىيامەت كۈنىنى ئىنكار قىلغانلارغا قاتتىق يالقۇنجاپ تۇرغان كاتتا ئوتنى تەييارلىدۇق.
عربی تفاسیر:
حالیہ صفحہ میں آیات کے فوائد:
• اتصاف الإله الحق بالخلق والنفع والإماتة والإحياء، وعجز الأصنام عن كل ذلك.
ھەقىقى ئىلاھ يارىتىش، پايدا ئېلىپ كېلىش، جاننى ئېلىش ۋە تىرگۈزۈش دېگەندەك سۈپەتلەرگە ئىگە. بۇتلار بولسا بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىدىن ئاجىزدۇر.

• إثبات صفتي المغفرة والرحمة لله.
مەغپىرەت قىلىش ۋە رەھمەت قىلىش دېگەن ئىككى سۈپەت ئاللاھقا مەنسۇپتۇر.

• الرسالة لا تستلزم انتفاء البشرية عن الرسول.
پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسى پەيغەمبەرلەردىن ئىنسانلىق خاراكتېرىنىڭ يوق بولۇشىنى تەلەپ قىلمايدۇ.

• تواضع النبي صلى الله عليه وسلم حيث يعيش كما يعيش الناس.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ باشقا ئىنسانلارغا ئوخشاش ياشىشى ئۇنىڭ كەمتەرلىكىدۇر.

إِذَا رَأَتۡهُم مِّن مَّكَانِۭ بَعِيدٖ سَمِعُواْ لَهَا تَغَيُّظٗا وَزَفِيرٗا
دوزاخ كاپىرلارنىڭ يىراقتىن ئۆزى تەرەپكە يالاپ ئېلىپ كېلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە كاپىرلار ئۇنىڭ غەزىپىنىڭ قاتتىقلىقىدىن قاتتىق قاينىغان، بىئارام قىلغۇچى ئاۋازىنى ئاڭلايدۇ.
عربی تفاسیر:
وَإِذَآ أُلۡقُواْ مِنۡهَا مَكَانٗا ضَيِّقٗا مُّقَرَّنِينَ دَعَوۡاْ هُنَالِكَ ثُبُورٗا
بۇ كاپىرلار جەھەننەمنىڭ ئەڭ تار يېرىگە قوللىرى زەنجىرلەر بىلەن بويۇنلىرىغا باغلانغان ھالدا تاشلانغان چاغدا دوزاختىن قۇلۇش ئارزۇسىدا ئۆزلىرىگە ئۆلۈم تىلەيدۇ.
عربی تفاسیر:
لَّا تَدۡعُواْ ٱلۡيَوۡمَ ثُبُورٗا وَٰحِدٗا وَٱدۡعُواْ ثُبُورٗا كَثِيرٗا
ئەي كاپىرلار! بۈگۈن سىلەر بىر ئۆلۈم ئەمەس، مىڭ ئۆلۈم تىلەڭلار. لېكىن سىلەرنىڭ تەلىپىڭلار ئورۇندالمايدۇ. ئەكسىچە دەرتلىك ئازابتا مەڭگۈ قالىسىلەر.
عربی تفاسیر:
قُلۡ أَذَٰلِكَ خَيۡرٌ أَمۡ جَنَّةُ ٱلۡخُلۡدِ ٱلَّتِي وُعِدَ ٱلۡمُتَّقُونَۚ كَانَتۡ لَهُمۡ جَزَآءٗ وَمَصِيرٗا
ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، يۇقىرىدا سىلەرگە سۈپەتلەپ بېرىلگەن ئاشۇ ئازاب ياخشىمۇ ياكى نېئمەتلىرى ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدىغان، قەتئىي ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان مەڭگۈلۈك جەننەت ياخشىمۇ؟ ئۇ جەننەت ئاللاھ تائالا مۇئمىن بەندىلىرى ئىچىدىن تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلغان ساۋاب - مۇكاپات ۋە قىيامەت كۈنى قايتىپ بارىدىغان قارارگاھتۇر.
عربی تفاسیر:
لَّهُمۡ فِيهَا مَا يَشَآءُونَ خَٰلِدِينَۚ كَانَ عَلَىٰ رَبِّكَ وَعۡدٗا مَّسۡـُٔولٗا
ئۇلار بۇ جەننەتتە خالىغان نېئمەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ ۋەدىسىدۇركى، بۇنى ئاللاھنىڭ تەقۋادار بەندىلىرى ئۇنىڭدىن سورايدۇ، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى چوقۇم ئىشقا ئاشىدۇ، ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ.
عربی تفاسیر:
وَيَوۡمَ يَحۡشُرُهُمۡ وَمَا يَعۡبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ فَيَقُولُ ءَأَنتُمۡ أَضۡلَلۡتُمۡ عِبَادِي هَٰٓؤُلَآءِ أَمۡ هُمۡ ضَلُّواْ ٱلسَّبِيلَ
قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا يالغانچى مۇشرىكلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان مەبۇدلىرىنى توپلايدۇ، ئاندىن بۇتلارغا چوقۇنغۇچىلارغا تەنە قىلىش يۈزىسىدىن مەبۇدلارغا: سىلەر مېنىڭ بەندىلىرىمنى ئۆزۈڭلارغا چوقۇنۇشقا بۇيرۇش ئارقىلىق ئازدۇردۇڭلارمۇ ياكى ئۇلار ئۆزلىرى ئېزىپ كەتتىمۇ؟ دەيدۇ.
عربی تفاسیر:
قَالُواْ سُبۡحَٰنَكَ مَا كَانَ يَنۢبَغِي لَنَآ أَن نَّتَّخِذَ مِن دُونِكَ مِنۡ أَوۡلِيَآءَ وَلَٰكِن مَّتَّعۡتَهُمۡ وَءَابَآءَهُمۡ حَتَّىٰ نَسُواْ ٱلذِّكۡرَ وَكَانُواْ قَوۡمَۢا بُورٗا
مەبۇدلار ئېيتىدۇكى، پەرۋەردىگارىمىز! سەن ھەر قانداق شېرىكىڭ بولۇشتىن پاكتۇرسەن. بىزگە ھەتتا سېنى قويۇپ دوستلارنى تۇتۇشمۇ ياراشمايدىغان تۇرسا، قانداقسىگە بەندىلىرىڭنى سېنى قويۇپ ئۆزىمىزگە چوقۇنۇشقا چاقىرىمىز؟ لېكىن سەن بۇ مۇشرىكلارنى بۇ دۇنيانىڭ ھۇزۇر - ھالاۋەتلىرىدىن بەھرىمەن قىلدىڭ. ئۇلاردىن بۇرۇنمۇ ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنى بىخۇتلاشتۇرۇش ئۈچۈن دۇنيادىن بەھرىمەن قىلغان ئىدىڭ. نىھايەت ئۇلار سېنى ئۇنتۇپ، ساڭا باشقىلارنىمۇ قوشۇپ چوقۇندى، شۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىنىڭ بەدبەختلىكى تۈپەيلىدىن ھالاك بولغان ئىدى.
عربی تفاسیر:
فَقَدۡ كَذَّبُوكُم بِمَا تَقُولُونَ فَمَا تَسۡتَطِيعُونَ صَرۡفٗا وَلَا نَصۡرٗاۚ وَمَن يَظۡلِم مِّنكُمۡ نُذِقۡهُ عَذَابٗا كَبِيرٗا
ئەي مۇشرىكلار! سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان مەبۇدلىرىڭلار سىلەرنىڭ ئۇلارنى مەبۇد دەپ چوقۇنغىنىڭلارنى ئىنكار قىلدى. ئەمدى سىلەر ئۆزۈڭلاردىن ئازابنى قايتۇرالمايسىلەر، ئاجىز بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئۆزۈڭلارغا ياردەممۇ قىلالمايسىلەر. ئەي مۇئمىنلەر! ئاراڭلاردىن كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ئارقىلىق زۇلۇم قىلىدىكەن، بىز ئۇنىڭغا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كىشىلەرگە تېتىتقىنىمىزدەك كاتتا ئازابنى تېتىتىمىز.
عربی تفاسیر:
وَمَآ أَرۡسَلۡنَا قَبۡلَكَ مِنَ ٱلۡمُرۡسَلِينَ إِلَّآ إِنَّهُمۡ لَيَأۡكُلُونَ ٱلطَّعَامَ وَيَمۡشُونَ فِي ٱلۡأَسۡوَاقِۗ وَجَعَلۡنَا بَعۡضَكُمۡ لِبَعۡضٖ فِتۡنَةً أَتَصۡبِرُونَۗ وَكَانَ رَبُّكَ بَصِيرٗا
ئەي پەيغەمبەر! بىز سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرنىمۇ تاماق يەيدىغان، بازار ئايلىنىدىغان ئىنسان قىلدۇق. سەن بۇنىڭدا تۇنجى پەيغەمبەر ئەمەسسەن. ئەي ئىنسانلار! بىز سىلەرنى بايلىق ۋە كەمبەغەللىكتە، ساقلىق ۋە كېسەللىكتە پەرقلىق قىلىش ئارقىلىق بىر - بىرىڭلارغا سىناق قىلدۇق. سىلەر مۇپتىلا بولغان خاپىلىقلارغا سەۋر قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ سەۋرچانلىقىڭلارغا قارىتا ساۋاب - مۇكاپات بېرىدۇغۇ؟ سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ سەۋر قىلغان ۋە سەۋر قىلمىغانلارنىمۇ، ئىتائەت قىلغان ۋە ئاسىيلىق قىلغانلارنىمۇ كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
عربی تفاسیر:
حالیہ صفحہ میں آیات کے فوائد:
• الجمع بين الترهيب من عذاب الله والترغيب في ثوابه.
بۇ ئايەتلەردە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇتۇش بىلەن مۇكاپاتىغا قىزىقتۇرۇشنىڭ ئارىسى جەملەنگەن.

• متع الدنيا مُنْسِية لذكر الله.
دۇنيانىڭ ھۇزۇر - ھالاۋەتلىرى ئاللاھنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ.

• بشرية الرسل نعمة من الله للناس لسهولة التعامل معهم.
پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىنسان بولغانلىقى كىشىلەرنىڭ ئۇلار بىلەن مۇئامىلە قىلىشىنى قولايلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغان نېئمىتىدۇر.

• تفاوت الناس في النعم والنقم اختبار إلهي لعباده.
ئىنسانلارنىڭ نېئمەتتە ۋە خاپىلىقتا پەرقلىق بولۇشى بەندىلەرگە ئىلاھىي سىناقتۇر.

۞ وَقَالَ ٱلَّذِينَ لَا يَرۡجُونَ لِقَآءَنَا لَوۡلَآ أُنزِلَ عَلَيۡنَا ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ أَوۡ نَرَىٰ رَبَّنَاۗ لَقَدِ ٱسۡتَكۡبَرُواْ فِيٓ أَنفُسِهِمۡ وَعَتَوۡ عُتُوّٗا كَبِيرٗا
بىزگە ئۇچرىشىشنى ئۈمىد قىلمايدىغان ۋە ئازابىمىزدىن قورقمايدىغان كاپىرلار مۇنداق دېيىشتى: ئاللاھ نېمىشقا بىزگە مۇھەممەدنىڭ راست پەيغەمبەرلىكىنى ئېيتىپ بېرىدىغان پەرىشتىلەرنى چۈشۈرمەيدۇ؟ ياكى بىز نېمىشقا پەرۋەردىگارىمىزنى كۆرمەيمىز؟ ئۇ چاغدا ئۇ بىزگە بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرەر ئىدى. بۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىدىكى ھاكاۋۇرلۇق ئۇلارنى ئىماندىن چەكلەيدىغان دەرىجىدە ھەقىقەتەن چوڭىيىپ كەتتى. ئۇلار مۇشۇ سۆزلىرى ئارقىلىق كۇپرى ۋە زۇلۇمدا ھەقىقەتەنمۇ ھەدددىن ئاشتى.
عربی تفاسیر:
يَوۡمَ يَرَوۡنَ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةَ لَا بُشۡرَىٰ يَوۡمَئِذٖ لِّلۡمُجۡرِمِينَ وَيَقُولُونَ حِجۡرٗا مَّحۡجُورٗا
كاپىرلار ئۆلىدىغان چاغدا، بەرزەختە ۋە قايتا تىرىلدۈرۈلگەن چاغدا پەرىشتىلەرنى كۆرگەن كۈندە ھېساب ئېلىنىش ئۈچۈن يالاپ ئېلىپ مېڭىلىدۇ. بۇ چاغدا ئۇلار دوزاخقا كىرىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن بۇ ئورۇنلاردا مۇئمىنلەرنىڭ ئەكسىچە ھېچقانداق خۇشبېشارەت بولمايدۇ. پەرىشتىلەر ئۇلارغا: ئاللاھنىڭ خۇشبېشارىتى سىلەرگە مەڭگۈلۈك ھارامدۇر، دەيدۇ.
عربی تفاسیر:
وَقَدِمۡنَآ إِلَىٰ مَا عَمِلُواْ مِنۡ عَمَلٖ فَجَعَلۡنَٰهُ هَبَآءٗ مَّنثُورًا
بىز كاپىرلارنىڭ دۇنيادا قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى ئۇلارنىڭ كاپىر بولغانلىقى تۈپەيلىدىن پۈتۈنلەي بىكار قىلىپ، قىلچە پايدىسىز، قارىغان ئادەمگە دېرىزىدىن چۈشكەن قۇياشنىڭ شولىسىدا ئۇچۇپ يۈرگەن چاڭ - توزاندەك كۆرۈنىدىغان قىلىۋېتىمىز.
عربی تفاسیر:
أَصۡحَٰبُ ٱلۡجَنَّةِ يَوۡمَئِذٍ خَيۡرٞ مُّسۡتَقَرّٗا وَأَحۡسَنُ مَقِيلٗا
جەننەت ئەھلى بولغان مۇئمىنلەر بۇ كۈندە ئەڭ ئېسىل ئورۇندا، بۇ كاپىرلار دۇنيادىكى ۋاقىتلىرىدا دېگەن چاغدىكى راھەتتىنمۇ نەچچە ھەسسە ياخشى راھەتتە بولىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلىقى ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلىقى ئۈچۈندۇر.
عربی تفاسیر:
وَيَوۡمَ تَشَقَّقُ ٱلسَّمَآءُ بِٱلۡغَمَٰمِ وَنُزِّلَ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ تَنزِيلًا
ئەي پەيغەمبەر! ئاسمان نېپىز ئاق بۇلۇت بىلەن يېرىلىپ كېتىدىغان كۈننى ئەسلىگىنكى، ئۇ كۈندە تاكى مەھشەر زېمىنىغا قەدەر ئىنتايىن كۆپ پەرىشتىلەر چۈشۈرۈلىدۇ.
عربی تفاسیر:
ٱلۡمُلۡكُ يَوۡمَئِذٍ ٱلۡحَقُّ لِلرَّحۡمَٰنِۚ وَكَانَ يَوۡمًا عَلَى ٱلۡكَٰفِرِينَ عَسِيرٗا
قىيامەت كۈنىدىكى قولدىن كەتمەيدىغان، ھەقىقىي پادىشاھلىق ئاللاھقا خاستۇركى، بۇ كۈن كاپىرلارغا قىيىندۇر، مۇئمىنلەرگە ئاساندۇر.
عربی تفاسیر:
وَيَوۡمَ يَعَضُّ ٱلظَّالِمُ عَلَىٰ يَدَيۡهِ يَقُولُ يَٰلَيۡتَنِي ٱتَّخَذۡتُ مَعَ ٱلرَّسُولِ سَبِيلٗا
ئەي پەيغەمبەر! زالىم ئۇ كۈندە پەيغەمبەرگە ئەگەشمىگەنلىكىگە قاتتىق پۇشايمان قىلىپ: كاشكى، مەن پەيغەمبەر پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئېلىپ كەلگەن قۇرئانغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە نىجاتلىق يولىغا ماڭغان بولسامچۇ؟ دېگىنىچە بارماقلىرىنى چىشلەيدۇ.
عربی تفاسیر:
يَٰوَيۡلَتَىٰ لَيۡتَنِي لَمۡ أَتَّخِذۡ فُلَانًا خَلِيلٗا
كاپىر قاتتىق ئەپسۇسلىنىپ، ئۆز - ئۆزىگە ھالاكەت تىلەپ مۇنداق دەيدۇ: ئىسىت ماڭا، پالانى كاپىرنى دوست تۇتمىغان بولسامچۇ؟.
عربی تفاسیر:
لَّقَدۡ أَضَلَّنِي عَنِ ٱلذِّكۡرِ بَعۡدَ إِذۡ جَآءَنِيۗ وَكَانَ ٱلشَّيۡطَٰنُ لِلۡإِنسَٰنِ خَذُولٗا
قۇرئان ماڭا پەيغەمبەر ئارقىلىق يېتىپ كەلگەندىن كېيىن مۇشۇ كاپىر دوست مېنى قۇرئاندىن ئايرىۋەتكەن ئىدى. شەيتان ئىنسانغا كۆپ خارلىق كەلتۈرىدىكەن. ئىنساننىڭ بېشىغا خاپىلىق كەلگەن چاغدا ئۇنىڭدىن ئادا - جۇدا بولىدىكەن.
عربی تفاسیر:
وَقَالَ ٱلرَّسُولُ يَٰرَبِّ إِنَّ قَوۡمِي ٱتَّخَذُواْ هَٰذَا ٱلۡقُرۡءَانَ مَهۡجُورٗا
پەيغەمبەر ئۇ كۈندە قەۋمىنىڭ ھالىدىن شىكايەت قىلىپ: ئەي پەرۋەردىگارىم! ھەقىقەتەن سەن مېنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن قەۋمىم بۇ قۇرئاننى تاشلاپ، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈدى، دەيدۇ.
عربی تفاسیر:
وَكَذَٰلِكَ جَعَلۡنَا لِكُلِّ نَبِيٍّ عَدُوّٗا مِّنَ ٱلۡمُجۡرِمِينَۗ وَكَفَىٰ بِرَبِّكَ هَادِيٗا وَنَصِيرٗا
ئەي پەيغەمبەر! سەنمۇ قەۋمىڭنىڭ ئەزىيەتلىرىگە ۋە يولۇڭدىن توسۇشلىرىغا ئۇچرىغىنىڭدەك، سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەر بىرىگە قەۋمىنىڭ جىنايەتچىلىرىدىن دۈشمەنلەرنى قىلدۇق. پەرۋەردىگارىڭ سېنى ھەقكە يېتەكلەشكە، دۈشمەنلىرىڭگە قارشى ساڭا ياردەم بېرىشكە يېتەرلىكتۇر.
عربی تفاسیر:
وَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لَوۡلَا نُزِّلَ عَلَيۡهِ ٱلۡقُرۡءَانُ جُمۡلَةٗ وَٰحِدَةٗۚ كَذَٰلِكَ لِنُثَبِّتَ بِهِۦ فُؤَادَكَۖ وَرَتَّلۡنَٰهُ تَرۡتِيلٗا
ئاللاھقا كاپىر بولغانلار: بۇ قۇرئان نېمىشقا پەيغەمبەرگە بىر قتېىمدىلا نازىل قىلىنماي، پارچە - پارچە نازىل قىلىندى؟ دېيىشتى. ئەي پەيغەمبەر! بىز قۇرئاننى ئاستا - ئاستا نازىل قىلىش ئارقىلىق دىلىڭنى مۇستەھكەم قىلىش ئۈچۈن ئاشۇنداق پارچە - پارچە نازىل قىلدۇق، شۇنداقلا ئۇنى چۈشىنىشىڭ ۋە ئېسىڭدە ساقلىۋېلىشىڭ قولاي بولسۇن ئۈچۈن ئاز - ئازدىن نازىل قىلدۇق.
عربی تفاسیر:
حالیہ صفحہ میں آیات کے فوائد:
• الكفر مانع من قبول الأعمال الصالحة.
كۇپۇرلۇق ياخشى ئەمەللەرنىڭ قوبۇل بولۇشىنى چەكلەيدۇ.

• خطر قرناء السوء.
ناچار دوست خەتەرلىكتۇر.

• ضرر هجر القرآن.
قۇرئاننى تاشلىۋېتىش زىيانلىقتۇر.

• من حِكَمِ تنزيل القرآن مُفَرّقًا طمأنة النبي صلى الله عليه وسلم وتيسير فهمه وحفظه والعمل به.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆڭلىنى تىندۇرۇش ھەمدە چۈشىنىش، ئېسىدە ساقلىۋېلىش ۋە ئەمەل قىلىشنى قولايلاشتۇرۇش قۇرئان كەرىمنىڭ پارچە - پارچە نازىل قىلىنىشىدىكى ھېكمەتلەرنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

وَلَا يَأۡتُونَكَ بِمَثَلٍ إِلَّا جِئۡنَٰكَ بِٱلۡحَقِّ وَأَحۡسَنَ تَفۡسِيرًا
ئەي پەيغەمبەر! مۇشرىكلار سەندىن قانداق ئىشنى تەلەپ قىلسا، بىز ساڭا مۇستەھكەم، توغرا جاۋابنى ھەمدە ئەڭ گۈزەل بولغان باياننى كەلتۈرىمىز.
عربی تفاسیر:
ٱلَّذِينَ يُحۡشَرُونَ عَلَىٰ وُجُوهِهِمۡ إِلَىٰ جَهَنَّمَ أُوْلَٰٓئِكَ شَرّٞ مَّكَانٗا وَأَضَلُّ سَبِيلٗا
ئۇلار قىيامەت كۈنى دۇم پېتى جەھەننەمگە سۆرىلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۇرىدىغان جايى يامان جايدۇر، چۈنكى ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەمدۇر. ئۇلارنىڭ يولى ھەقتىن تولىمۇ يىراقتۇر، چۈنكى ئۇلارنىڭ يولى كۇپرى ۋە ئازغۇنلۇق يولىدۇر.
عربی تفاسیر:
وَلَقَدۡ ءَاتَيۡنَا مُوسَى ٱلۡكِتَٰبَ وَجَعَلۡنَا مَعَهُۥٓ أَخَاهُ هَٰرُونَ وَزِيرٗا
شۈبھىسىزكى بىز مۇساغا تەۋراتنى بەردۇق، ئۇنىڭغا ياردەمچى بولۇشى ئۈچۈن قېرىندىشى ھارۇننى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە پەيغەمبەر قىلدۇق.
عربی تفاسیر:
فَقُلۡنَا ٱذۡهَبَآ إِلَى ٱلۡقَوۡمِ ٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَا فَدَمَّرۡنَٰهُمۡ تَدۡمِيرٗا
مۇسا ۋە ھارۇن ئىككىسىگە: ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ قېشىغا بېرىڭلار، دېدۇق. ئۇلار بۇيرۇقىمىزغا بويسۇنۇپ، ئۇلارنىڭ يېنىغا باردى ھەمدە ئۇلارنى ئاللاھنى بىر دەپ بىلىشكە چاقىردى. لېكىن ئۇلار ئۇ ئىككىسىنى ئىنكار قىلدى، ئاندىن بىز ئۇلارنى ئېچىنىشلىق شەكىلدە ھالاك قىلدۇق.
عربی تفاسیر:
وَقَوۡمَ نُوحٖ لَّمَّا كَذَّبُواْ ٱلرُّسُلَ أَغۡرَقۡنَٰهُمۡ وَجَعَلۡنَٰهُمۡ لِلنَّاسِ ءَايَةٗۖ وَأَعۡتَدۡنَا لِلظَّٰلِمِينَ عَذَابًا أَلِيمٗا
نۇھنىڭ قەۋمى نۇھنى ئىنكار قىلغانلىق سەۋەبتىن پۈتۈن پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغان چاغدا بىز ئۇلارنى دېڭىزغا غەرق قىلىپ ھالاك قىلىۋەتتۇق. ئۇلارنىڭ ھالاكىتىنى بىزنىڭ زالىملارنى تەلتۆكۈس يوقىتىۋېتىشكە كۈچىمىز يېتىدىغانلىقىنىڭ پاكىتى قىلدۇق. بىز زالىملارغا قىيامەت كۈنى دەرتلىك ئازابنى تەييارلىدۇق.
عربی تفاسیر:
وَعَادٗا وَثَمُودَاْ وَأَصۡحَٰبَ ٱلرَّسِّ وَقُرُونَۢا بَيۡنَ ذَٰلِكَ كَثِيرٗا
ھۇدنىڭ قەۋمى ئادنى، سالىھنىڭ قەۋمى سەمۇدنى ھالاك قىلدۇق، ئەسھابۇلبىئرىنى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق.
عربی تفاسیر:
وَكُلّٗا ضَرَبۡنَا لَهُ ٱلۡأَمۡثَٰلَۖ وَكُلّٗا تَبَّرۡنَا تَتۡبِيرٗا
ھالاك قىلىنغان ئاشۇ قەۋملەرنىڭ پەند - نەسىھەت ئېلىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ ھالاك قىلىنغانلىقىنى ھەمدە ھالاك قىلىنىش سەۋەبىنى ئېيتىپ بەردۇق. بىز ئۇلاردىن ھەر بىرىنى كۇپرىسى ۋە تەرسالىقى تۈپەيلىدىن ئېچىنىشلىق رەۋىشتە ھالاك قىلدۇق.
عربی تفاسیر:
وَلَقَدۡ أَتَوۡاْ عَلَى ٱلۡقَرۡيَةِ ٱلَّتِيٓ أُمۡطِرَتۡ مَطَرَ ٱلسَّوۡءِۚ أَفَلَمۡ يَكُونُواْ يَرَوۡنَهَاۚ بَلۡ كَانُواْ لَا يَرۡجُونَ نُشُورٗا
سېنىڭ قەۋمىڭدىن چىققان ئىنكارچىلار شامغا بېرىش يولىدا تاش ياغدۇرۇلۇپ ھالاك قىلىنغان لۇت قەۋمىنىڭ ئاھالىسىدىن ئۆتىدۇ، ئۇلار قەبىھ گۇناھ قىلغانلىقى ئۈچۈن باشقىلارغا ئىبرەت قىلىش ئۈچۈن جازالىغان ئىدۇق. سېنىڭ قەۋمىڭنىڭ كۆزى كۆرمەس بولۇپ، ئۇلارنى كۆرمەي قالدىمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ھېسابقا تارتىلىشىنى ئويلىمايدۇ.
عربی تفاسیر:
وَإِذَا رَأَوۡكَ إِن يَتَّخِذُونَكَ إِلَّا هُزُوًا أَهَٰذَا ٱلَّذِي بَعَثَ ٱللَّهُ رَسُولًا
ئەي پەيغەمبەر! بۇ ئىنكارچىلار ساڭا ئۇچراشقاندا سېنى مەسخىرە قىلىپ، كەم سۇندۇرۇپ ئىنكار قىلغان تەرزدە: ئاللاھ بىزگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن كىشى مۇشۇما؟.
عربی تفاسیر:
إِن كَادَ لَيُضِلُّنَا عَنۡ ءَالِهَتِنَا لَوۡلَآ أَن صَبَرۡنَا عَلَيۡهَاۚ وَسَوۡفَ يَعۡلَمُونَ حِينَ يَرَوۡنَ ٱلۡعَذَابَ مَنۡ أَضَلُّ سَبِيلًا
ھەقىقەتەن ئۇ بىزنى ئىلاھلىرىمىزغا چوقۇنۇشتىن قايتۇرۇۋەتكىلى تاسلا قالدى. ھېلىمۇ بىز شۇ ئىلاھلىرىمىزغا چوقۇنۇشتا چىڭ تۇرمىغان بولساق، ئۇ بىزنى دەلىل - پاكىتلىرى ئارقىلىق ئۇنىڭدىن بۇرۇۋېتەتتى، دېيىشىدۇ. ئۇلار قەبرىلىرىدە ۋە قىيامەت كۈنىدە ئازابنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرگەن چاغدا كىمنىڭ ئەڭ ئازغۇن ئىكەنلىكىنى، يەنى ئۆزلىرىمۇ ياكى بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىزمۇ؟ چوقۇم بىلىپ قالىدۇ. ئۇلار چوقۇم كىمنىڭ ئەڭ ئازغۇن ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىدۇ.
عربی تفاسیر:
أَرَءَيۡتَ مَنِ ٱتَّخَذَ إِلَٰهَهُۥ هَوَىٰهُ أَفَأَنتَ تَكُونُ عَلَيۡهِ وَكِيلًا
ئەي پەيغەمبەر! قېنى ئېيتقىنە؟ ھاۋايى - ھەۋىسىنى ئىلاھ قىلىپ، شۇنىڭغا ئىتائەت قىلغان ئادەمگە سەن كۆزەتچى بولۇپ، ئۇنى ئىمانغا قايتۇرۇپ، كۇپرىدىن توسۇپ قالالامسەن؟
عربی تفاسیر:
حالیہ صفحہ میں آیات کے فوائد:
• الكفر بالله والتكذيب بآياته سبب إهلاك الأمم.
ئاللاھقا كاپىر بولۇش ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىش ئۈممەتلەرنىڭ ھالاك قىلىنىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

• غياب الإيمان بالبعث سبب عدم الاتعاظ.
ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشكە ئىمان ئېيتماسلىقنىڭ سەۋەبى؛ ئىبرەت ئالماسلىقتۇر.

• السخرية بأهل الحق شأن الكافرين.
ھەقىقەتپەرۋەر كىشىلەرنى مەسخىرە قلىش كاپىرلارنىڭ ئىشىدۇر.

• خطر اتباع الهوى.
نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىش خەتەرلىكتۇر.

أَمۡ تَحۡسَبُ أَنَّ أَكۡثَرَهُمۡ يَسۡمَعُونَ أَوۡ يَعۡقِلُونَۚ إِنۡ هُمۡ إِلَّا كَٱلۡأَنۡعَٰمِ بَلۡ هُمۡ أَضَلُّ سَبِيلًا
ئەي پەيغەمبەر! سەن ئاللاھنى بىر دەپ بىلىشكە ھەم ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشقا چاقىرىۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسىنى (گېپىڭنى) قوبۇل قىلىدىغان تەرزدە ئاڭلايدىغان ياكى دەلىل - پاكىتلارنى چۈشىنىدىغان كىشىلەر دەپ ئويلامسەن؟ ئۇلار ئاڭلاش، ئويلىنىش ۋە چۈشىنىشتە پەقەت چارىپايلارغىلا ئوخشايدىغان كىشىلەردۇر، بەلكى ئۇلار ئازغۇنلۇقتا چارىپايلاردىنمۇ بەتتەررەكتۇر.
عربی تفاسیر:
أَلَمۡ تَرَ إِلَىٰ رَبِّكَ كَيۡفَ مَدَّ ٱلظِّلَّ وَلَوۡ شَآءَ لَجَعَلَهُۥ سَاكِنٗا ثُمَّ جَعَلۡنَا ٱلشَّمۡسَ عَلَيۡهِ دَلِيلٗا
ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھ تائالا يەر يۈزىدە سايىنى سوزغان ۋاقتىدا ئۇنىڭ يارىتىشتىكى ئالامەتلىرىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئەگەر ئاللاھ ئۇ سايىنى مىدىرلىماي، جىم تۇرىدىغان قىلىۋېتىشنى خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە شۇنداق قىلغان بولاتتى. ئاندىن كېيىن بىز قۇياشنى سايىنىڭ ئالامىتى قىلدۇقكى، ئۇ سايە قۇياش سەۋەبىدىن بەزىدە ئۇزىراپ، بەزىدە قىسقىرايدۇ.
عربی تفاسیر:
ثُمَّ قَبَضۡنَٰهُ إِلَيۡنَا قَبۡضٗا يَسِيرٗا
ئاندىن قۇياشنىڭ كۆتۈرۈلۈشى بىلەن سايىنى تارايتىپ، تەدرىجىي يىغدۇق.
عربی تفاسیر:
وَهُوَ ٱلَّذِي جَعَلَ لَكُمُ ٱلَّيۡلَ لِبَاسٗا وَٱلنَّوۡمَ سُبَاتٗا وَجَعَلَ ٱلنَّهَارَ نُشُورٗا
ئاللاھ تائالا كېچىنى سىلەرنى ۋە باشقا نەرسىلەرنى يۆگەيدىغان لىباسنىڭ ئورنىدا قىلدى، ئۇيقۇنى سىلەرگە راھەت قىلدىكى، شۇ ئارقىلىق مەشغۇلاتلىرىڭلاردىن ئارام ئالىسىلەر. كۈندۈزنى سىلەرگە تىرىكچىلىك قىلىدىغان ۋاقىت قىلىپ بەردى.
عربی تفاسیر:
وَهُوَ ٱلَّذِيٓ أَرۡسَلَ ٱلرِّيَٰحَ بُشۡرَۢا بَيۡنَ يَدَيۡ رَحۡمَتِهِۦۚ وَأَنزَلۡنَا مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ طَهُورٗا
ئاللاھ تائالا شاماللارنى بەندىلىرىگە رەھمىتى بولغان يامغۇرنىڭ ياغىدىغانلىقىغا خۇش بېشارەت قىلىپ ئەۋەتتى. بىز ئاسماندىن پاك يامغۇر سۈيىنى چۈشۈرۈپ بەردۇق، ئىنسانلار شۇ ئارقىلىق پاكلىنىدۇ.
عربی تفاسیر:
لِّنُحۡـِۧيَ بِهِۦ بَلۡدَةٗ مَّيۡتٗا وَنُسۡقِيَهُۥ مِمَّا خَلَقۡنَآ أَنۡعَٰمٗا وَأَنَاسِيَّ كَثِيرٗا
بىز (ئاسماندىن) چۈشكەن ئاشۇ سۇ بىلەن ھېچقانداق گىياھ ئۆسمەيدىغان قاقاس زېمىننى تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈپ، يېشىللىققا پۈركەش ئارقىلىق تىرگۈزىمىز، يەنە ئاشۇ سۇ ئارقىلىق بىز ياراتقان چارىپايلارنى ۋە كۆپلىگەن ئىنسانلارنى سۇغىرىمىز.
عربی تفاسیر:
وَلَقَدۡ صَرَّفۡنَٰهُ بَيۡنَهُمۡ لِيَذَّكَّرُواْ فَأَبَىٰٓ أَكۡثَرُ ٱلنَّاسِ إِلَّا كُفُورٗا
ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن قۇرئان كەرىمدە تۈرلۈك دەلىل -پاكىتلارنى بايان قىلدۇق، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى ھەقكە كۇپۇرلۇق قىلىپ، ئۇنى ئىنكار قىلىدۇ.
عربی تفاسیر:
وَلَوۡ شِئۡنَا لَبَعَثۡنَا فِي كُلِّ قَرۡيَةٖ نَّذِيرٗا
ئەگەر بىز خالىغان بولساق، ھەر بىر شەھەرگە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدىغان ھەم ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇتىدىغان بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتكەن بولاتتۇق، لېكىن بىز بۇنداق قىلىشنى خالىمىدۇق. بىز ھەقىقەتەن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدنى بارلىق ئىنسانلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق.
عربی تفاسیر:
فَلَا تُطِعِ ٱلۡكَٰفِرِينَ وَجَٰهِدۡهُم بِهِۦ جِهَادٗا كَبِيرٗا
كاپىرلارنىڭ خۇشامەتگۇيلۇق بىلەن سەندىن قىلغان تەلەپلىرى ۋە تەكلىپلىرىگە قوشۇلمىغىن. ساڭا نازىل قىلىنغان مۇشۇ قۇرئانغا تايىنىپ ئۇلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە سەۋر قىلىش ھەمدە كىشىلەرنى ئاللاھ تەرەپكە چاقىرىشتا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىش ئارقىلىق بار كۈچۈڭ بىلەن كۈرەش قىلغىن.
عربی تفاسیر:
۞ وَهُوَ ٱلَّذِي مَرَجَ ٱلۡبَحۡرَيۡنِ هَٰذَا عَذۡبٞ فُرَاتٞ وَهَٰذَا مِلۡحٌ أُجَاجٞ وَجَعَلَ بَيۡنَهُمَا بَرۡزَخٗا وَحِجۡرٗا مَّحۡجُورٗا
ئاللاھ تائالا ئىككى دېڭىزنىڭ سۈيىنى، يەنى تاتلىق سۇنى تۇزلۇق سۇ بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا ئۆزئارا ئارىلىشىپ كېتىشىدىن ساقلايدىغان توسۇق پەيدا قىلدى.
عربی تفاسیر:
وَهُوَ ٱلَّذِي خَلَقَ مِنَ ٱلۡمَآءِ بَشَرٗا فَجَعَلَهُۥ نَسَبٗا وَصِهۡرٗاۗ وَكَانَ رَبُّكَ قَدِيرٗا
ئاللاھ تائالا ئەر بىلەن ئايالنىڭ مەنىي ئىسپىرمىسىدىن ئىنساننى ياراتتى، ئىنساننى ياراتقان زات ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇرۇق - تۇغقانچىلىق ھەم قۇدا - باجىلىق ئالاقىلىرىنى پەيدا قىلدى. ئەي پەيغەمبەر! پەۋەردىگارىڭ ھەممىگە قادىردۇركى، ئۇنى ھېچنەرسە ئاجىز قىلالمايدۇ. ئىنساننى ئەر بىلەن ئايالنىڭ مەنىي ئىسپىرمىسىدىن ياراتقانلىقىمۇ ئۇنىڭ قۇدرىتىدىندۇر.
عربی تفاسیر:
وَيَعۡبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ مَا لَا يَنفَعُهُمۡ وَلَا يَضُرُّهُمۡۗ وَكَانَ ٱلۡكَافِرُ عَلَىٰ رَبِّهِۦ ظَهِيرٗا
كاپىرلار ئاللاھنى قويۇپ ئىتائەت قىلغانغا پايدىسى بولمايدىغان، ئاسىيلىق قىلغانغا زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان بۇتلارغا چوقۇنىدۇ. كاپىرلار ئاللاھنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈشىگە قارىماي يەنىلا شەيتانغا ئەگىشىدۇ.
عربی تفاسیر:
حالیہ صفحہ میں آیات کے فوائد:
• انحطاط الكافر إلى مستوى دون مستوى الحيوان بسبب كفره بالله.
كاپىرلارنىڭ ھايۋانلاردىنمۇ بەتتەر ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشى ئاللاھ تائالاغا كاپىر بولغانلىقى تۈپەيلىدىندۇر.

• ظاهرة الظل آية من آيات الله الدالة على قدرته.
سايە ھادىسىسى ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغان ئالامەتلەردىندۇر.

• تنويع الحجج والبراهين أسلوب تربوي ناجح.
دەلىل - پاكىتلارنى خىلمۇخىل قىلىش ئۈنۈملۈك تەربىيەۋى ئۇسلۇبدۇر.

• الدعوة بالقرآن من صور الجهاد في سبيل الله.
قۇرئان بىلەن دەۋەت قىلىش ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشنىڭ بىر تۈرىدۇر.

وَمَآ أَرۡسَلۡنَٰكَ إِلَّا مُبَشِّرٗا وَنَذِيرٗا
ئەي پەيغەمبەر! بىز سېنى پەقەت ئىمان ئېيتىش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا ئىتائەت قىلغانلارغا خۇشبېشارەت بەرگۈچى، شۇنداقلا كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھلار ئارقىلىق ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغانلارنى ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق.
عربی تفاسیر:
قُلۡ مَآ أَسۡـَٔلُكُمۡ عَلَيۡهِ مِنۡ أَجۡرٍ إِلَّا مَن شَآءَ أَن يَتَّخِذَ إِلَىٰ رَبِّهِۦ سَبِيلٗا
ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، مەن ۋەزىپەمنى يەتكۈزگەنلىكىم ئۈچۈن سىلەردىن ھەق تەلەپ قىلمايمەن. ئاراڭلاردىن مال سەرپ قىلىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشنى خالايدىغانلار شۇنداق قىلسۇن!
عربی تفاسیر:
وَتَوَكَّلۡ عَلَى ٱلۡحَيِّ ٱلَّذِي لَا يَمُوتُ وَسَبِّحۡ بِحَمۡدِهِۦۚ وَكَفَىٰ بِهِۦ بِذُنُوبِ عِبَادِهِۦ خَبِيرًا
ئەي پەيغەمبەر! بارلىق ئىشلىرىڭدا مەڭگۈ ئۆلمەيدىغان ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن، ئۇنى مەدھىيەلىگەن ھالدا (شېرىكلەردىن ۋە ئەيىب - نۇقسانلاردىن) پاكلىغىن. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىدىن تولۇق خەۋەرداردۇركى، ئۇنىڭغا ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ ھەمدە ئۇلارغا شۇ ئەمەللىرىگە ئاساسەن جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.
عربی تفاسیر:
ٱلَّذِي خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ وَمَا بَيۡنَهُمَا فِي سِتَّةِ أَيَّامٖ ثُمَّ ٱسۡتَوَىٰ عَلَى ٱلۡعَرۡشِۖ ٱلرَّحۡمَٰنُ فَسۡـَٔلۡ بِهِۦ خَبِيرٗا
ئاللاھ تائالا ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى ئالتە كۈندە ياراتتى، ئاندىن ئەرشنىڭ ئۈستىدە ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا لايىق رەۋىشتە قارار ئالدى. ئۇ ناھايىتى مەرھەمەتلىكتۇر. ئەي پەيغەمبەر! بۇنى ھەممىدىن خەۋەردار زاتتىن سورىغىن. ئۇ ھەممە نەرسىنى بىلىپ تۇرىدىغان ئاللاھتۇركى، ئۇنىڭغا ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
عربی تفاسیر:
وَإِذَا قِيلَ لَهُمُ ٱسۡجُدُواْۤ لِلرَّحۡمَٰنِ قَالُواْ وَمَا ٱلرَّحۡمَٰنُ أَنَسۡجُدُ لِمَا تَأۡمُرُنَا وَزَادَهُمۡ نُفُورٗا۩
كاپىرلارغا: رەھمان سۈپەتلىك ئاللاھقا سەجدە قىلىڭلار دېيىلسە، ئۇلار: بىز رەھمانغا سەجدە قىلمايمىز. رەھمان دېگەن نېمە؟ بىز ئۇنى تونۇمايمىز ھەم ئېتىراپمۇ قىلمايمىز. سەن بىزنى تونۇمايدىغان نەرسىگە سەجدە قىلىشقا بۇيرۇساڭ، شۇنىڭغا سەجدە قىلىمىزمۇ؟ دېيىشتى. پەيغەمبەرنىڭ ئۇلارنى ئاللاھقا سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغانلىقى ئۇلارنى ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشتىن تېخىمۇ يىراقلاشتۇرۇۋەتتى.
عربی تفاسیر:
تَبَارَكَ ٱلَّذِي جَعَلَ فِي ٱلسَّمَآءِ بُرُوجٗا وَجَعَلَ فِيهَا سِرَٰجٗا وَقَمَرٗا مُّنِيرٗا
ئاسماندا بۇرۇجلارنى، ئايلىنىپ تۇرىدىغان يۇلتۇزلارنى ياراتقان زاتنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇركى، ئۇ قۇياشنى نۇر چاچىدىغان پارلاق قىلدى، ئاينى قۇياشتىن نۇر ئېلىپ زېمىننى يورۇتىدىغان قىلدى.
عربی تفاسیر:
وَهُوَ ٱلَّذِي جَعَلَ ٱلَّيۡلَ وَٱلنَّهَارَ خِلۡفَةٗ لِّمَنۡ أَرَادَ أَن يَذَّكَّرَ أَوۡ أَرَادَ شُكُورٗا
ئاللاھ تائالا مۆجىزىلىرىدىن ئىبرەت ئېلىپ، توغرا يولغا ماڭىدىغان ياكى نېئمەتلىرىگە شۈكرى قىلىشنى خالايدىغانلارغا كېچە بىلەن كۈندۈزنى بىر كەتسە بىرى كېلىپ نۆۋەتلىشىپ تۇرىدىغان قىلدى.
عربی تفاسیر:
وَعِبَادُ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلَّذِينَ يَمۡشُونَ عَلَى ٱلۡأَرۡضِ هَوۡنٗا وَإِذَا خَاطَبَهُمُ ٱلۡجَٰهِلُونَ قَالُواْ سَلَٰمٗا
مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ مۇئمىن بەندىلىرى زېمىندا ئۆزلىرىنى تۆۋەن تۇتۇپ كەمتەرلىك بىلەن ماڭىدۇ. نادانلار ئۇلارغا (يامان) سۆزلەرنى قىلغاندا ئۇلار بىلەن تەڭ بولماي، ياخشى سۆزلەرنى قىلىدۇ، نادانلىق قىلمايدۇ.
عربی تفاسیر:
وَٱلَّذِينَ يَبِيتُونَ لِرَبِّهِمۡ سُجَّدٗا وَقِيَٰمٗا
ئۇلار كېچىلەرنى پەرۋەردىگارىغا سەجدە قىلىش ھەم قىيامدا تۇرۇش ئارقىلىق ئاللاھقا ناماز ئوقۇپ ئۆتكۈزىدۇ.
عربی تفاسیر:
وَٱلَّذِينَ يَقُولُونَ رَبَّنَا ٱصۡرِفۡ عَنَّا عَذَابَ جَهَنَّمَۖ إِنَّ عَذَابَهَا كَانَ غَرَامًا
ئۇلار پەرۋەردىگارىغا مۇنداق دۇئا قىلىدۇ: پەرۋەردىگارىمىز! جەھەننەم ئازابىنى بىزدىن يىراق قىلغىن، شەكسىزكى جەھەننەمنىڭ ئازابى كاپىر پېتى ئۆلگەنلەردىن ئايرىلمايدىغان، ئۈزلۈكسىز ئازابتۇر.
عربی تفاسیر:
إِنَّهَا سَآءَتۡ مُسۡتَقَرّٗا وَمُقَامٗا
جەھەننەم كىرگەنلەرگە ھەقىقەتەن يامان قارارگاھ ھەم يامان جايدۇر.
عربی تفاسیر:
وَٱلَّذِينَ إِذَآ أَنفَقُواْ لَمۡ يُسۡرِفُواْ وَلَمۡ يَقۡتُرُواْ وَكَانَ بَيۡنَ ذَٰلِكَ قَوَامٗا
ئۇلار ماللىرىنى سەرپ قىلغاندا ئىسراپچىلىق قىلمايدۇ، ئۆزى ۋە باشقىلاردىن نەپىقىسىنى بېرىش ۋاجىب بولغانلارنىڭ نەپىقىسىنىمۇ قىسىۋالمايدۇ. ئۇلار ئىسراپمۇ قىلماي، بېخللىقمۇ قىلماي، ئوتتۇراھال چىقىم قىلىدۇ.
عربی تفاسیر:
حالیہ صفحہ میں آیات کے فوائد:
• الداعي إلى الله لا يطلب الجزاء من الناس.
كىشىلەرنى ئاللاھقا چاقىرغۇچى ئۇلاردىن مۇكاپات كۈتمەيدۇ.

• ثبوت صفة الاستواء لله بما يليق به سبحانه وتعالى.
ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىنىڭ شانۇ-شەۋكىتىگە لايىق رەۋىشتە قارار ئېلىش سۈپىتى باردۇر.

• أن الرحمن اسم من أسماء الله لا يشاركه فيه أحد قط، دال على صفة من صفاته وهي الرحمة.
شەكسىزكى «رەھمان» ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى بولۇپ، ئاللاھقا ئۇنىڭدا ھېچكىم شېرىك بولالمايدۇ. بۇ ئىسىم ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى بولغان رەھمەتنى ئۇقتۇرىدۇ.

• إعانة العبد بتعاقب الليل والنهار على تدارُكِ ما فاتَهُ من الطاعة في أحدهما.
بەندە كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەت بىلەن ئالمىشىپ تۇرۇشىدىن پايدىلىنىپ، بىرىدە قولدىن بېرىپ قويغان ياخشىلىقنى يەنە بىرىدە تولۇقلىۋالىدۇ.

• من صفات عباد الرحمن التواضع والحلم، وطاعة الله عند غفلة الناس، والخوف من الله، والتزام التوسط في الإنفاق وفي غيره من الأمور.
كەمتەرلىك، ئېغىر بېسىقلىق، باشقىلار غەپلەتتە قالغاندىمۇ ئاللاھقا تائەت - ئىبادەت قىلىش، ئاللاھتىن قورقۇش، خىراجەتتە ۋە باشقا ئىشلاردا نورمال بولۇش ئاللاھنىڭ مۇئمىن بەندىلىرىنىڭ سۈپەتلىرىدىندۇر.

وَٱلَّذِينَ لَا يَدۡعُونَ مَعَ ٱللَّهِ إِلَٰهًا ءَاخَرَ وَلَا يَقۡتُلُونَ ٱلنَّفۡسَ ٱلَّتِي حَرَّمَ ٱللَّهُ إِلَّا بِٱلۡحَقِّ وَلَا يَزۡنُونَۚ وَمَن يَفۡعَلۡ ذَٰلِكَ يَلۡقَ أَثَامٗا
ئۇلار ئاللاھقا ئىككىنچى بىر مەبۇدنى شېرىك قىلمايدۇ، ئاللاھ ئۆلتۈرۈشنى ھارام قىلغان جاننى ئۆلتۈرمەيدۇ. قاتىلنى ياكى مۇرتەدنى، ياكى توي قىلغان زىناخورنى ئۆلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئاللاھ رۇخسەت قىلغان ئىشلار بۇنىڭ سىرتىدا. ئۇلار زىنا قىلمايدۇ. كىمكى مۇشۇنداق چوڭ گۇناھلارنى سادىر قىلىدىكەن، قىيامەت كۈنى قىلغان گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ.
عربی تفاسیر:
يُضَٰعَفۡ لَهُ ٱلۡعَذَابُ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ وَيَخۡلُدۡ فِيهِۦ مُهَانًا
قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ ئازاب قىلىنىدۇ، ئۇ ئازابتا خارلانغان، كۆزگە ئېلىنمىغان ھالدا مەڭگۈ قالىدۇ.
عربی تفاسیر:
إِلَّا مَن تَابَ وَءَامَنَ وَعَمِلَ عَمَلٗا صَٰلِحٗا فَأُوْلَٰٓئِكَ يُبَدِّلُ ٱللَّهُ سَيِّـَٔاتِهِمۡ حَسَنَٰتٖۗ وَكَانَ ٱللَّهُ غَفُورٗا رَّحِيمٗا
ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ، ئىمان ئېيتقان ھەمدە تەۋبىسىدە سەمىمىيلىكىنى ئىسپاتلاپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ تائالا بۇلارنىڭ قىلىپ سالغان يامانلىقلىرىنى ياخشىلىققا ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىدىن تەۋبە قىلغانلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرگۈچىدۇر، ئۇلارغا مېھرىباندۇر.
عربی تفاسیر:
وَمَن تَابَ وَعَمِلَ صَٰلِحٗا فَإِنَّهُۥ يَتُوبُ إِلَى ٱللَّهِ مَتَابٗا
كىمكى ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ ھەمدە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ۋە يامانلىقلارنى تاشلاش ئارقىلىق تەۋبىسىنىڭ سەمىمىيلىكىنى ئىسپاتلىسا، ئۇنىڭ تەۋبىسى چوقۇم قوبۇل قىلىنىدۇ.
عربی تفاسیر:
وَٱلَّذِينَ لَا يَشۡهَدُونَ ٱلزُّورَ وَإِذَا مَرُّواْ بِٱللَّغۡوِ مَرُّواْ كِرَامٗا
ئۇلار ھارام قىلىنغان گۇناھ - مەئسىيەت ۋە ئويۇن - تاماشا سورۇنلىرىغا ئوخشاش جايلارغا بارمايدۇ. ناچار گەپ - سۆز ۋە ئىش - ھەرىكەتلەرنى كۆرگەندە ئۇنداق ئىشلارغا ئارىلىشىپ ئۆزىنى بۇلغىماستىن، ئېسىللىك بىلەن ئۆتۈپ كېتىدۇ.
عربی تفاسیر:
وَٱلَّذِينَ إِذَا ذُكِّرُواْ بِـَٔايَٰتِ رَبِّهِمۡ لَمۡ يَخِرُّواْ عَلَيۡهَا صُمّٗا وَعُمۡيَانٗا
ئۇلارغا ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئاندىكى ۋە كائىناتتىكى ئايەتلىرى ئەسلىتىلگەندە قۇلاقلىرىنى ئاڭلايدىغان ئايەتلەردىن پاڭ قىلىۋالمايدۇ، كۆرىدىغان مۆجىزىلەرگە كور بولۇۋالمايدۇ.
عربی تفاسیر:
وَٱلَّذِينَ يَقُولُونَ رَبَّنَا هَبۡ لَنَا مِنۡ أَزۡوَٰجِنَا وَذُرِّيَّٰتِنَا قُرَّةَ أَعۡيُنٖ وَٱجۡعَلۡنَا لِلۡمُتَّقِينَ إِمَامًا
ئۇلار پەرۋەردىگارىغا مۇنداق دۇئا قىلىدۇ: پەرۋەردىگارىمىز! بىزنىڭ ئاياللىرىمىز ۋە پەرزەنتلىرىمىزدىن تەقۋالىق ۋە ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇش ئارقىلىق بىزنى خۇرسەن قىلىدىغان كىشىلەرنى چىقىرىپ بەرگىن، بىزنى باشقىلارغا يولباشچى بولىدىغان توغرا يولدىكى پېشۋالاردىن قىلىغىن.
عربی تفاسیر:
أُوْلَٰٓئِكَ يُجۡزَوۡنَ ٱلۡغُرۡفَةَ بِمَا صَبَرُواْ وَيُلَقَّوۡنَ فِيهَا تَحِيَّةٗ وَسَلَٰمًا
مۇشۇنداق سۈپەتلەرگە ئىگە بولغانلار ئاللاھقا تائەت - ئىبادەت قىلىشتا چىدامچان بولغانلىقى تۈپەيلىدىن فىردەۋس جەننىتىدىكى ئالىي سارايلار بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ، ئۇ سارايلاردا پەرىشتىلەر تەرىپىدىن ئىززەت - ئىكرام ۋە سالاملار بىلەن قارشى ئېلىنىدۇ، تۈرلۈك ئاپەتلەردىن ئامان بولىدۇ.
عربی تفاسیر:
خَٰلِدِينَ فِيهَاۚ حَسُنَتۡ مُسۡتَقَرّٗا وَمُقَامٗا
ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇلار ئورۇنلاشقان جەننەت نېمىدېگەن ياخشى جاي!
عربی تفاسیر:
قُلۡ مَا يَعۡبَؤُاْ بِكُمۡ رَبِّي لَوۡلَا دُعَآؤُكُمۡۖ فَقَدۡ كَذَّبۡتُمۡ فَسَوۡفَ يَكُونُ لِزَامَۢا
ئەي پەيغەمبەر! كۇپرى ئۈستىدە چىڭ تۇرغان كاپىرلارغا ئېيتقىنكى، پەرۋەردىگارىم ئۆزىگە سىلەرنىڭ تائىتىڭلارنىڭ بىرەر پايدىسى تېگىپ قالارمىكى، دەپ ئۈمىد قىلىدىغان ئىش يوق. ئەگەر قۇلچىلىق قىلىش ھەم ئىلتىجا قىلىش مەقسىتىدە ئۆزىگە دۇئا قىلىدىغان بەندىلەر بولمىسا ئىدى، سىلەرگە قىلچە پەرۋا قىلمايتتى. چۈنكى پەيغەمبەر سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن ئېلىپ كەلگەن نەرسىنى ئىنكار قىلدىڭلار. سىلەر ئىنكار قىلغانلىقىڭلارنىڭ جازىسىنى چوقۇم تارتىسىلەر.
عربی تفاسیر:
حالیہ صفحہ میں آیات کے فوائد:
• من صفات عباد الرحمن: البعد عن الشرك، وتجنُّب قتل الأنفس بغير حق، والبعد عن الزنى، والبعد عن الباطل، والاعتبار بآيات الله، والدعاء.
شېرىكتىن يىراق تۇرۇش، ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن ساقلىنىش، زىناغا ھەم خاتا ئىشلارغا يېقىن يولىماسلىق، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن ئىبرەت ئېلىش ۋە دۇئا قىلىش قاتارلىق ئىشلار ئاللاھنىڭ مۇئمىن بەندىلىرىنىڭ سۈپەتلىرىدىندۇر.

• التوبة النصوح تقتضي ترك المعصية وفعل الطاعة.
گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى تاشلاپ، تائەت - ئىبادەتلەرنى قىلىش سەمىمىي تەۋبىنىڭ تەقەززاسىدۇر.

• الصبر سبب في دخول الفردوس الأعلى من الجنة.
سەۋرچانلىق ئەڭ ئالىي جەننەت بولغان فىردەۋسكە كىرىشكە ۋەسىلە بولىدۇ.

• غنى الله عن إيمان الكفار.
ئاللاھ تائالا كاپىرلارنىڭ ئىمانىدىن بىھاجەتتۇر.

 
معانی کا ترجمہ سورت: سورۂ فرقان
سورتوں کی لسٹ صفحہ نمبر
 
قرآن کریم کے معانی کا ترجمہ - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - ترجمے کی لسٹ

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

بند کریں