Check out the new design

قرآن کریم کے معانی کا ترجمہ - المختصر فی تفسیر القرآن الکریم کا اویغوری ترجمہ * - ترجمے کی لسٹ


معانی کا ترجمہ سورت: فجر   آیت:
وَجِاْيٓءَ يَوۡمَئِذِۭ بِجَهَنَّمَۚ يَوۡمَئِذٖ يَتَذَكَّرُ ٱلۡإِنسَٰنُ وَأَنَّىٰ لَهُ ٱلذِّكۡرَىٰ
ئۇ كۈندە جەھەننەم كەلتۈرۈلىدۇ، ئۇنىڭ يەتمىش مىڭ ھالقىسى بار بولۇپ، ھەر بىر ھالقىنى يەتمىش مىڭ پەرىشتە تۇتۇپ، سۆرەپ ماڭىدۇ. ئۇ كۈندە ئىنسان سەلقارىغان ئاللاھنىڭ ھەقلىرىنى ئېسىگە ئالىدۇ. لېكىن ئۇ كۈنكى ئەسلەشنىڭ نېمىگە پايدىسى بولسۇن؟ چۈنكى ئۇ ئەمەل كۈنى ئەمەس، بەلكى دۇنيادا قىلغاننىڭ جازا - مۇكاپاتىنى كۆرىدىغان كۈندۇر.
عربی تفاسیر:
يَقُولُ يَٰلَيۡتَنِي قَدَّمۡتُ لِحَيَاتِي
ئىنسان قاتتىق پۇشايماندىن: كاشكى ھەقىقىي ھايات بولغان ئاخىرەت ھاياتىغا ئەسقاتىدىغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان بولسامچۇ؟ دەيدۇ.
عربی تفاسیر:
فَيَوۡمَئِذٖ لَّا يُعَذِّبُ عَذَابَهُۥٓ أَحَدٞ
ئۇ كۈندە ھېچكىم ئاللاھ ئازابلىغانغا ئوخشاش ئازابلىيالمايدۇ. چۈنكى ئاللاھنىڭ ئازابى ئەڭ قاتتىق ۋە داۋاملىقتۇر.
عربی تفاسیر:
وَلَا يُوثِقُ وَثَاقَهُۥٓ أَحَدٞ
ھېچكىم ئاللاھ كاپىرلارنى باغلىغانغا ئوخشاش زەنجىرلەردە باغلىيالمايدۇ.
عربی تفاسیر:
يَٰٓأَيَّتُهَا ٱلنَّفۡسُ ٱلۡمُطۡمَئِنَّةُ
مۇئمىنگە جېنى ئېلىنىدىغان چاغدا ۋە قىيامەت كۈنى مۇنداق دېيىلىدۇ: ئەي ئىمان ۋە ياخشى ئەمەل بىلەن ئارام تاپقۇچى جان!
عربی تفاسیر:
ٱرۡجِعِيٓ إِلَىٰ رَبِّكِ رَاضِيَةٗ مَّرۡضِيَّةٗ
ئېرىشكەن مول مۇكاپاتلاردىن مەمنۇن بولغان، قىلغان ياخشى ئەمەللىرىڭ ئارقىلىق پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدا رازىلىققا ئېرىشكەن ھالدا پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھۇزۇرىغا قايتقىن.
عربی تفاسیر:
فَٱدۡخُلِي فِي عِبَٰدِي
مېنىڭ ياخشى بەندىلىرىمنىڭ سىپىگە قوشۇلغىن.
عربی تفاسیر:
وَٱدۡخُلِي جَنَّتِي
ئۇلار بىلەن بىرگە مەن ئۇلارغا تەييارلىغان جەننىتىمگە كىرگىن.
عربی تفاسیر:
حالیہ صفحہ میں آیات کے فوائد:
• عتق الرقاب، وإطعام المحتاجين في وقت الشدة، والإيمان بالله، والتواصي بالصبر والرحمة: من أسباب دخول الجنة.
قۇل ئازات قىلىش، قىيىن پەيتلەردە موھتاجلارغا يېمەكلىك بېرىش، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش، ئۆزئارا سەۋرچان ھەم شەپقەتلىك بولۇشقا تەۋسىيە قىلىش جەننەتكە كىرىشنىڭ سەۋەبلىرىدىندۇر.

• من دلائل النبوة إخباره أن مكة ستكون حلالًا له ساعة من نهار.
ئاللاھ تائالانىڭ مەككىنىڭ كۈندۈزدىن مەلۇم ۋاقىت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھالال بولىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەنلىكى ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىك مۆجىزلىرىدىن بىرىدۇر.

• لما ضيق الله طرق الرق وسع طرق العتق، فجعل الإعتاق من القربات والكفارات.
ئاللاھ تائالا قۇللۇق يوللىرىنى تارلاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا قۇل ئازات قىلىش يوللىرىنى كېڭەيتتى. شۇڭا قۇل ئازات قىلىشنى ئاللاھقا قىلىنغان ئىبادەتلەر ۋە كاپپارەتلەردىن قىلىپ بېكىتتى.

 
معانی کا ترجمہ سورت: فجر
سورتوں کی لسٹ صفحہ نمبر
 
قرآن کریم کے معانی کا ترجمہ - المختصر فی تفسیر القرآن الکریم کا اویغوری ترجمہ - ترجمے کی لسٹ

مرکز تفسیر للدراسات القرآنیۃ سے شائع ہوا ہے۔

بند کریں