Check out the new design

قرآن کریم کے معانی کا ترجمہ - المختصر فی تفسیر القرآن الکریم کا اویغوری ترجمہ * - ترجمے کی لسٹ


معانی کا ترجمہ سورت: علَق   آیت:

ئەلەق

سورہ کے بعض مقاصد:
الإنسان بين هدايته بالوحي وضلاله بالاستكبار والجهل.
ئىنسان ۋەھىي بىلەن ھىدايەت تېپىش، تەكەببۇرلۇق ۋە نادانلىق بىلەن ئېزىپ كېتىشنىڭ ئارىسىدىدۇر.

ٱقۡرَأۡ بِٱسۡمِ رَبِّكَ ٱلَّذِي خَلَقَ
ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھ ساڭا قىلغان ۋەھىينى پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامى بىلەن باشلاپ ئوقۇغىن.
عربی تفاسیر:
خَلَقَ ٱلۡإِنسَٰنَ مِنۡ عَلَقٍ
ئۇ ئىنساننى مەنىيلىك ھالىتىدىن كېيىن بىر پارچە ئۇيۇل قاندىن ياراتتى.
عربی تفاسیر:
ٱقۡرَأۡ وَرَبُّكَ ٱلۡأَكۡرَمُ
ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھ ساڭا قىلغان ۋەھىينى ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىك زاتتۇركى، ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا ھېچبىر ئۇلۇغ تەڭ كەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇ سېخىيلىقى ۋە ئېھسانى كۆپ زاتتۇر.
عربی تفاسیر:
ٱلَّذِي عَلَّمَ بِٱلۡقَلَمِ
ئۇ قەلەم بىلەن خەت يېزىشنى ۋە يېزىقچىلىقنى ئۆگەتتى.
عربی تفاسیر:
عَلَّمَ ٱلۡإِنسَٰنَ مَا لَمۡ يَعۡلَمۡ
ئىنسانغا ئىلگىرى بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلدۈردى.
عربی تفاسیر:
كَلَّآ إِنَّ ٱلۡإِنسَٰنَ لَيَطۡغَىٰٓ
دەرۋەقە ئەبۇجەھىل كەبى گۇناھكار ئىنسان ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدىكى چەكتىن ئېشىپ كېتىدۇ.
عربی تفاسیر:
أَن رَّءَاهُ ٱسۡتَغۡنَىٰٓ
ئۇ يۈز - ئابرويى ۋە مال - مۈلكى بىلەن ئۆزىنى بىھاجەت سانىغانلىقتىن ھەددىدىن ئاشىدۇ.
عربی تفاسیر:
إِنَّ إِلَىٰ رَبِّكَ ٱلرُّجۡعَىٰٓ
ئەي ئىنسان! شەكسىزكى قىيامەت كۈنى قايتىپ بارىدىغان جايىڭ پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدۇركى، ئۇ ھەر كىمگە لايىق جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.
عربی تفاسیر:
أَرَءَيۡتَ ٱلَّذِي يَنۡهَىٰ
سەن (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) توسقان ئەبۇجەھىلنىڭ ئىشىدىنمۇ غەلىتىرەك بىر ئىشنى كۆردۈڭمۇ؟
عربی تفاسیر:
عَبۡدًا إِذَا صَلَّىٰٓ
بەندىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كەبىنىڭ يېنىدا ناماز ئوقۇۋاتقاندا ئۇنى توستى.
عربی تفاسیر:
أَرَءَيۡتَ إِن كَانَ عَلَى ٱلۡهُدَىٰٓ
قېنى ئېيتقىنا؟ چەكلەنگۈچى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن كەلگەن ھىدايەت ۋە پاراسەت ئۈستىدە بولسىچۇ؟
عربی تفاسیر:
أَوۡ أَمَرَ بِٱلتَّقۡوَىٰٓ
ياكى تەقۋادارلىققا بۇيرۇغان بولسىچۇ؟
عربی تفاسیر:
حالیہ صفحہ میں آیات کے فوائد:
• رضا الله هو المقصد الأسمى.
ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ نام-شۆھرىتىنى ئۈستۈن قېلىش بىلەن ئىكرام قىلىشى.

• أهمية القراءة والكتابة في الإسلام.
ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئەڭ يۈكسەك غايىدۇر.

• خطر الغنى إذا جرّ إلى الكبر والبُعد عن الحق.
ئىسلامدا ئوقۇش ۋە يېزىش ئىنتايىن مۇھىم ئىشتۇر.

• النهي عن المعروف صفة من صفات الكفر.
كۆرەڭلەش ۋە ھەقتىن يىراقلىشىشقا ئېلىپ بارىدىغان بايلىق خەتەرلىكتۇر.

• إكرام الله تعالى نبيه صلى الله عليه وسلم بأن رفع له ذكره.
ياخشى ئىشتىن چەكلەش كاپىرنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرىدۇر.

 
معانی کا ترجمہ سورت: علَق
سورتوں کی لسٹ صفحہ نمبر
 
قرآن کریم کے معانی کا ترجمہ - المختصر فی تفسیر القرآن الکریم کا اویغوری ترجمہ - ترجمے کی لسٹ

مرکز تفسیر للدراسات القرآنیۃ سے شائع ہوا ہے۔

بند کریں