Қуръони Карим маъноларининг таржимаси - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - Таржималар мундарижаси


Маънолар таржимаси Оят: (112) Сура: Наҳл сураси
وَضَرَبَ ٱللَّهُ مَثَلٗا قَرۡيَةٗ كَانَتۡ ءَامِنَةٗ مُّطۡمَئِنَّةٗ يَأۡتِيهَا رِزۡقُهَا رَغَدٗا مِّن كُلِّ مَكَانٖ فَكَفَرَتۡ بِأَنۡعُمِ ٱللَّهِ فَأَذَٰقَهَا ٱللَّهُ لِبَاسَ ٱلۡجُوعِ وَٱلۡخَوۡفِ بِمَا كَانُواْ يَصۡنَعُونَ
ئاللاھ مەككىدىن ئىبارەت بىر شەھەرنىڭ مىسالىنى بايان قىلىپ، مەككە ئەھلى تېنچ-خاتىرجەم بولۇپ پاراۋان تۇرمۇشتا ياشايتتى، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر تالان-تاراجقا ئۇچرايتتى، مەككە ئەھلىنىڭ رىزقى ھەرتەرەپتىن ئاسانلا كېلەتتى، ئۇلار ئاللاھنىڭ بەرگەن نېمەتلىرىگە كاپىر بولدى شۈكۈر ئېيتمىدى، ئاللاھ ئۇلارنى جىسىملىرىدا نامايەندە بولىدىغان ئاچارچىلىقتىن ئورۇقلاش، قاتتىق قورقۇنچتىن بىئارام بولۇش قاتارلىق جازالار بىلەن ئازابلىدى، ئۇلارنىڭ ئاللاھقا كاپىر بولۇش ۋە پەيغەمبەرنى ئىنكار قىلىشقا ئوخشىغان ئەمەللىرى سەۋەبىدىن بۇ ئازابلار ئۇلاردىن .ئايرىلمىدى
Арабча тафсирлар:
Ушбу саҳифадаги оят фойдаларидан:
• الجزاء من جنس العمل؛ فإن أهل القرية لما بطروا النعمة بُدِّلوا بنقيضها، وهو مَحْقُها وسَلْبُها ووقعوا في شدة الجوع بعد الشبع، وفي الخوف والهلع بعد الأمن والاطمئنان، وفي قلة موارد العيش بعد الكفاية.
جازا قىلغان ئىشنىڭ تۈرىدىن بولىدۇ؛ مەككە ئەھلى نېئمەتكە شۈكۈر قىلىشتىن باش تارتىپ نېئمەتنى ئۇنىڭ ئەكسىگە ئالماشتۇردى، شۇنىڭ بىلەن نېئمەت ئۇلاردىن تارتىۋىلىنىشقا ھەقلىق بولدى. ئۇلار كەڭرىچىلىكتىن كېيىن قاتتىق ئاچارچىلىققا، تېنچ-خاتىرجەملىكتىن كېيىن قاتتىق قورقۇنچقا، كۇپايە قىلغۇدەك تۇرمۇشتىن كېيىن تۇرمۇشتا قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى.

• وجوب الإيمان بالله وبالرسل، وعبادة الله وحده، وشكره على نعمه وآلائه الكثيرة، وأن العذاب الإلهي لاحقٌ بكل من كفر بالله وعصاه، وجحد نعمة الله عليه.
ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىمان كەلتۈرۈش، يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش، ئاللاھنىڭ چەكسىز نېئمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىش قاتارلىقلار ۋاجىبتۇر. ئاللاھنىڭ ئازابى ئاللاھقا كاپىر بولغان، ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلغان، ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە تانغان ھەر بىر كىشىگە بولىدۇ.

• الله تعالى لم يحرم علينا إلا الخبائث تفضلًا منه، وصيانة عن كل مُسْتَقْذَر.
ئاللاھ تائالا بىزگە رەھمەت قىلىپ، نېجىس نەرسىلەردىن ساقلىنىشىمىز ئۈچۈن پاسكىنا نەرسىلەرنى ھارام قىلدى.

 
Маънолар таржимаси Оят: (112) Сура: Наҳл сураси
Суралар мундарижаси Бет рақами
 
Қуръони Карим маъноларининг таржимаси - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - Таржималар мундарижаси

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

Ёпиш