Қуръони Карим маъноларининг таржимаси - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - Таржималар мундарижаси


Маънолар таржимаси Сура: Муҳаммад сураси   Оят:

سۈرە مۇھەممەد

Суранинг мақсадларидан..:
تحريض المؤمنين على القتال، تقويةً لهم وتوهينًا للكافرين.
مۇئمىنلەرنى كۈچەيتىپ، كاپىرلارنى ئاجىزلاشتۇرۇش يۈزىسىدىن جىھادقا تەشۋىق قىلىش بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق نىشانلىرىنىڭ بىرىدۇر.

ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ وَصَدُّواْ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ أَضَلَّ أَعۡمَٰلَهُمۡ
ئاللاھقا كاپىر بولغان ۋە كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ دىنىدىن توسقانلارنىڭ ئەمەللىرىنى ئاللاھ تائالا بىكار قىلىۋېتىدۇ.
Арабча тафсирлар:
وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ وَءَامَنُواْ بِمَا نُزِّلَ عَلَىٰ مُحَمَّدٖ وَهُوَ ٱلۡحَقُّ مِن رَّبِّهِمۡ كَفَّرَ عَنۡهُمۡ سَيِّـَٔاتِهِمۡ وَأَصۡلَحَ بَالَهُمۡ
ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، شۇنداقلا ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرى مۇھەممەدكە نازىل قىلغان قۇرئانغا (ئۇ قۇرئان ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەتتۇر) ئىمان ئېيتقانلارنىڭ خاتالىقلىرىنى ئاللاھ يوققا چىقىرىپ، ئۇلارنى خاتالىقلىرى تۈپەيلىدىن جازالىمايدۇ، ئۇلارنىڭ دۇنيالىق ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى ياخشىلاپ بېرىدۇ.
Арабча тафсирлар:
ذَٰلِكَ بِأَنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ ٱتَّبَعُواْ ٱلۡبَٰطِلَ وَأَنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱتَّبَعُواْ ٱلۡحَقَّ مِن رَّبِّهِمۡۚ كَذَٰلِكَ يَضۡرِبُ ٱللَّهُ لِلنَّاسِ أَمۡثَٰلَهُمۡ
ئىككى گۇرۇھ كىشىلەرگە بېرىلىدىغانلىقى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئاشۇ جازا - مۇكاپات ئاللاھقا كاپىر بولغانلارنىڭ ئاساسسىز سەپسەتىگە ئەگەشكەنلىكى، ئاللاھقا ۋە پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەرنىڭ بولسا پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەتكە ئەگەشكەنلىكى سەۋەبىدىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى ئوخشىمىغانلىقى ئۈچۈن جازا - مۇكاپاتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. شۇنداقلا ئاللاھ تائالا مۇئمىنلەر گۇرۇھى ۋە كاپىرلار گۇرۇھىدىن ئىبارەت ئىككى گۇرۇھ كىشىلەر ھەققىدىكى ھۆكمىنى بايان قىلغان بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا ئۇلارنىڭ مىسالىنى بايان قىلىدۇ، ئاندىن ھەر كىمنى ئۆز جىنسىغا قوشۇۋېتىدۇ.
Арабча тафсирлар:
فَإِذَا لَقِيتُمُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ فَضَرۡبَ ٱلرِّقَابِ حَتَّىٰٓ إِذَآ أَثۡخَنتُمُوهُمۡ فَشُدُّواْ ٱلۡوَثَاقَ فَإِمَّا مَنَّۢا بَعۡدُ وَإِمَّا فِدَآءً حَتَّىٰ تَضَعَ ٱلۡحَرۡبُ أَوۡزَارَهَاۚ ذَٰلِكَۖ وَلَوۡ يَشَآءُ ٱللَّهُ لَٱنتَصَرَ مِنۡهُمۡ وَلَٰكِن لِّيَبۡلُوَاْ بَعۡضَكُم بِبَعۡضٖۗ وَٱلَّذِينَ قُتِلُواْ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ فَلَن يُضِلَّ أَعۡمَٰلَهُمۡ
ئەي مۇئمىنلەر! كاپىرلارنىڭ ئىچىدىن سىلەرگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقانلارنى ئۇچراتساڭلار، قىلىچلىرىڭلار بىلەن ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا چېپىڭلار، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنى يەر چىشلەتكەنگە قەدەر ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار ئۇلارنىڭ ھەيۋىتىنى يەرگە ئۇرالايسىلەر. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنى يوقىتىپ بولغىنىڭلاردا ئەسىر ئېلىشقا باشلاڭلار. قولۇڭلارغا ئەسىر چۈشكەنلەرنى مەنپەئەتكە قاراپ بىتەرەپ قىلساڭلار بولىدۇ. يەنى ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىپ، بەدەلسىز قويۇۋەتسەڭلارمۇ ياكى مال يا باشقا بىرەر نەرسە ئېلىپ قويۇۋەتسەڭلارمۇ بولىدۇ. تاكى ئۇرۇش كاپىرلارنىڭ تەسلىم بولۇشى ياكى سۈلھىلىشىش بىلەن ئاخىرلاشقانغا قەدەر ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىش ۋە ئەسىر ئېلىشنى داۋاملاشتۇرۇڭلار. مۇئمىنلەرنى كاپىرلار ئارقىلىق سىناش، غەلىبىنىڭ ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئايلىنىپ تۇرۇشى، بەزىدە بىر تەرەپ غەلىبە قىلسا، بەزىدە يەنە بىر تەرەپنىڭ غەلىبە قىلىشى ئاللاھنىڭ ھۆكمىدۇر. ئەگەر ئاللاھ ئۇرۇش قىلماستىن كاپىرلانىڭ يېڭىلىشىنى خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە شۇنداق قىلغان بولاتتى. لېكىن ئاللاھ سىلەرنى بىر - بىرىڭلار ئارقىلىق سىناش ئۈچۈن جىھادنى يولغا قويدى. يەنى مۇئمىنلەردىن كىمنىڭ ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، كىمنىڭ قاتناشمايدىغانلىقىنى سىنايدۇ، كاپىرنى بولسا مۇئمىن بىلەن سىنايدۇ. چۈنكى مۇئمىن ئۆلتۈرۈلسە جەننەتكە كىرىدۇ، ئەگەر مۇئمىن كاپىرنى ئۆلتۈرۈۋەتسە كاپىر دوزاخقا كىرىدۇ. ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرگە كەلسەك، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى ھەرگىزمۇ زايە قىلىۋەتمەيدۇ.
Арабча тафсирлар:
سَيَهۡدِيهِمۡ وَيُصۡلِحُ بَالَهُمۡ
ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ھاياتىي دۇنيادا ھەق يولدا مېڭىشقا مۇۋەپپەق قىلىدۇ ھەمدە ئەھۋالىنى ياخشىلاپ بېرىدۇ.
Арабча тафсирлар:
وَيُدۡخِلُهُمُ ٱلۡجَنَّةَ عَرَّفَهَا لَهُمۡ
قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارنى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا دۇنيادىكى ۋاقىتتا جەننەتنىڭ سۈپەتلىرىنى بايان قىلىپ بەرگەن بولۇپ، شۇڭا ئۇلار جەننەتنى تونۇيدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا يەنە ئاخىرەتتە جەننەتتىكى تۇرالغۇلىرىنىمۇ تونۇشتۇرۇپ بولغان.
Арабча тафсирлар:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِن تَنصُرُواْ ٱللَّهَ يَنصُرۡكُمۡ وَيُثَبِّتۡ أَقۡدَامَكُمۡ
ئەي ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئاللاھ يولغا قويغان ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلغان مۇئمىنلەر! ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە دىنىغا ياردەم بىرىش ھەمدە كاپىرلارغا قارشى جىھاد قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىغا) ياردەم بەرسەڭلار، ئاللاھ سىلەرگە دۈشمىنىڭلار ئۈستىدىن غەلىبە ئاتا قىلىش ئارقىلىق ياردەم بېرىدۇ، جەڭ مەيدانىغا دۈشمىنىڭلار بىلەن ئۇچراشقىنىڭلاردا قەدەملىرىڭلارنى مۇستەھكەم قىلىدۇ.
Арабча тафсирлар:
وَٱلَّذِينَ كَفَرُواْ فَتَعۡسٗا لَّهُمۡ وَأَضَلَّ أَعۡمَٰلَهُمۡ
ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە كاپىر بولغانلار زىيانغا ۋە ھالاكەتكە مەھكۇم بولۇپ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىنى بىكار قىلىۋېتىدۇ.
Арабча тафсирлар:
ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمۡ كَرِهُواْ مَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ فَأَحۡبَطَ أَعۡمَٰلَهُمۡ
ئۇلارغا كەلگەن بۇ ئازاب ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئۆز پەيغەمبىرىگە نازىل قىلغان قۇرئان كەرىمدىكى بىر ئىلاھلىق ئېتىقادىنى ئۆچ كۆرگەنلىكى تۈپەيلىدىندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى بىكار قىلىۋەتتى. نەتىجىدە ئۇلار بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان تارتتى.
Арабча тафсирлар:
۞ أَفَلَمۡ يَسِيرُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ فَيَنظُرُواْ كَيۡفَ كَانَ عَٰقِبَةُ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡۖ دَمَّرَ ٱللَّهُ عَلَيۡهِمۡۖ وَلِلۡكَٰفِرِينَ أَمۡثَٰلُهَا
بۇ ئىنكارچىلار يەر يۈزىدە سەپەر قىلىپ، ئۆزلىرىدىن ئىلگىرىكى ئىنكارچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى ئويلىنىپ باقمىدىمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى تولىمۇ ئېچىنىشلىق بولغان بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ تۇرالغۇلىرىنى تامامەن ۋەيران قىلىۋەتكەن، شۇنداقلا ئۇلارنى بالا - چاقىلىرى ۋە مال - ۋارانلىرى بىلەن قوشۇپ ھالاك قىلىۋەتكەن ئىدى. ھەر ۋاقىت ۋە ھەر يەردە كاپىرلار مۇشۇنداق ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدۇ.
Арабча тафсирлар:
ذَٰلِكَ بِأَنَّ ٱللَّهَ مَوۡلَى ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَأَنَّ ٱلۡكَٰفِرِينَ لَا مَوۡلَىٰ لَهُمۡ
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بۇ جازا - مۇكاپات شۇ ئىككى گۇرۇھ كىشىلەر ئۈچۈندۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ياردەمچىسىدۇر. ئاخىرەتتە كاپىرلارنىڭ ھېچ ياردەمچىسى بولمايدۇ.
Арабча тафсирлар:
Ушбу саҳифадаги оят фойдаларидан:
• النكاية في العدوّ بالقتل وسيلة مُثْلى لإخضاعه.
دۈشمەننى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق ئىبرەت قىلىش ئۇنى بويسۇندۇرۇشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتىدۇر.

• المن والفداء والقتل والاسترقاق خيارات في الإسلام للتعامل مع الأسير الكافر، يؤخذ منها ما يحقق المصلحة.
ياخشىلىق قىلىش، تۆلەم ئېلىش، ئۆلتۈرۈش ۋە قۇل قىلىش ئىسلامدا كاپىر ئەسىرلەرنى بىتەرەپ قىلىشتىكى تاللاشلار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىن مەنپەئەتكە قايسى ئۇيغۇن بولسا شۇنىڭغا ئەمەل قىلىنىدۇ.

• عظم فضل الشهادة في سبيل الله.
ئاللاھ يولىدا شېھىت بولۇشنىڭ پەزىلىتىنىڭ كاتتىلىقى

• نصر الله للمؤمنين مشروط بنصرهم لدينه.
ئاللاھنىڭ مۇئمىنلەرگە ياردەم بېرىشى ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بېرىشىگە باغلىق.

إِنَّ ٱللَّهَ يُدۡخِلُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُۖ وَٱلَّذِينَ كَفَرُواْ يَتَمَتَّعُونَ وَيَأۡكُلُونَ كَمَا تَأۡكُلُ ٱلۡأَنۡعَٰمُ وَٱلنَّارُ مَثۡوٗى لَّهُمۡ
شەكسىزكى ئاللاھ تائالا ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتقان ھەمدە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى سارايلىرى ۋە دەل - دەرەخلىرىنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ. ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە كاپىر بولغانلار ھاۋايى - ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرىش ئارقىلىق مۇشۇ دۇنيادىلا ھۇزۇر - ھالاۋەت كۆرىدۇ، خۇددى ھايۋانلارغا ئوخشاش يەپ - ئىچىدۇ، ئۇلارنىڭ قورسىقى ۋە شەھۋىتىدىن باشقا غېمى بولمايدۇ. دوزاخ قىيامەت كۈنى ئۇلار ئورۇنلىشىدىغان قارارگاھتۇر.
Арабча тафсирлар:
وَكَأَيِّن مِّن قَرۡيَةٍ هِيَ أَشَدُّ قُوَّةٗ مِّن قَرۡيَتِكَ ٱلَّتِيٓ أَخۡرَجَتۡكَ أَهۡلَكۡنَٰهُمۡ فَلَا نَاصِرَ لَهُمۡ
سېنى مەككىدىن چىقىرىۋەتكەن مەككىلىكلەردىن مال - دۇنيا ۋە بالا - چاقا جەھەتلەردە تولىمۇ كۈچلۈك بولغان ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ كۆپۈنچىسى پەيغەمبەرلىرىنى يالغانغا چىقارغانلىقلىرى ئۈچۈن ھالاك قىلغان ئىدۇق. ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابى كەلگەندە ئۇنىڭدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالىدىغان بىرەر ياردەمچى بولمىغان ئىدى. دېمەك، ناۋادا مەككىلىكلەرنى ھالاك قىلماقچى بولساق، ئۇنىڭغىمۇ ئەلۋەتتە كۈچىمىز يېتىدۇ.
Арабча тафсирлар:
أَفَمَن كَانَ عَلَىٰ بَيِّنَةٖ مِّن رَّبِّهِۦ كَمَن زُيِّنَ لَهُۥ سُوٓءُ عَمَلِهِۦ وَٱتَّبَعُوٓاْ أَهۡوَآءَهُم
پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بېرىلگەن روشەن دەلىل - پاكىتى بار بولغان، شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگارىغا دەلىل بىلەن ئىبادەت قىلىدىغان كىشى، شەيتان يامان ئەمىلىنى چىرايلىق كۆرسەتكەن، بۇتلارغا چوقۇنۇش، گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى قىلىش ۋە پەيغەمبەرلەرنى يالغانغا چىقىرىش دېگەندەك نەپسى - خاھىشلىرى تارتقان ئىشلارنى قىلغان كىشىگە ئوخشاش بولامدۇ؟
Арабча тафсирлар:
مَّثَلُ ٱلۡجَنَّةِ ٱلَّتِي وُعِدَ ٱلۡمُتَّقُونَۖ فِيهَآ أَنۡهَٰرٞ مِّن مَّآءٍ غَيۡرِ ءَاسِنٖ وَأَنۡهَٰرٞ مِّن لَّبَنٖ لَّمۡ يَتَغَيَّرۡ طَعۡمُهُۥ وَأَنۡهَٰرٞ مِّنۡ خَمۡرٖ لَّذَّةٖ لِّلشَّٰرِبِينَ وَأَنۡهَٰرٞ مِّنۡ عَسَلٖ مُّصَفّٗىۖ وَلَهُمۡ فِيهَا مِن كُلِّ ٱلثَّمَرَٰتِ وَمَغۡفِرَةٞ مِّن رَّبِّهِمۡۖ كَمَنۡ هُوَ خَٰلِدٞ فِي ٱلنَّارِ وَسُقُواْ مَآءً حَمِيمٗا فَقَطَّعَ أَمۡعَآءَهُمۡ
ئاللاھ تائالا -بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق- تەقۋادار بولغانلارنى كىرگۈزىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە قىلغان جەننەتنىڭ سۈپىتى مۇنۇلاردۇر: ئۇ جەننەتلەردە ئۇزۇن تۇرۇپ قالغانلىقتىن پۇرىقى ۋە تەمى ئۆزگىرىپ كەتمىگەن سۇدىن ئۆستەڭلەر، تەمى ئۆزگەرمىگەن سۈتتىن ئۆستەڭلەر، ئىچكۈچىلەرگە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان شاراپتىن ئۆستەڭلەر، ئارىلاشمىلاردىن ساپ بولغان ھەسەلدىن ئۆستەڭلەر بار. ئۇلار ئۈچۈن جەننەتلەردە ھەرتۈرلۈك مېۋە - چىۋىلەردىن ئۇلارنىڭ خالىغىنى بار. ئۇلارنىڭ يەنە بۇلاردىن سىرت ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىپ، كىچىك گۇناھلىرىغا قارىتا جازاغا تارتىلمايدۇ. مۇكاپاتى مۇشۇنداق بولغان ئادەم دوزاخقا چۈشكەن، ئۇنىڭدىن مەڭگۈ چىقالمايدىغان، ھارارىتى ئىنتايىن قىزىق قايناق سۇ بىلەن سۇغۇرۇلۇپ، ھارارەتنىڭ قاتتىقلىقىدىن ئۈچەي باغلىرى پارە - پارە بوپكېتىدىغان ئادەمگە ئوخشاش بولامدۇ؟
Арабча тафсирлар:
وَمِنۡهُم مَّن يَسۡتَمِعُ إِلَيۡكَ حَتَّىٰٓ إِذَا خَرَجُواْ مِنۡ عِندِكَ قَالُواْ لِلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡعِلۡمَ مَاذَا قَالَ ءَانِفًاۚ أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ طَبَعَ ٱللَّهُ عَلَىٰ قُلُوبِهِمۡ وَٱتَّبَعُوٓاْ أَهۡوَآءَهُمۡ
ئەي پەيغەمبەر! مۇناپىقلار ئىچىدە قوبۇل قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سېنىڭ دېگەنلىرىڭنى تىڭشاپ بېقىش ئۈچۈن، ئەكسىچە يۈز ئۆرۈپ تۇرۇپ ساڭا قۇلاق سالىدىغانلارمۇ بار. ئۇلار سېنىڭ يېنىڭدىن چىققىنىدا ئاللاھ تائالا ئىلىم بەرگەن كىشىلەرگە: مۇھەممەد باياتىن گەپ ئارىلىقىدا نېمە دېدى؟ دەيدۇ. ئۇلار بۇ گەپنى ھېچنېمىنى بىلمىگەن قىياپەتتە ۋە يۈز ئۆرۈگەن ھالدا دەيدۇ. ئەنە شۇلار ئاللاھ تائالا قەلبلىرىگە مۆھۈر بېسىۋەتكەنلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە ياخشىلىق كىرەلمەيدۇ، ئۇلار ھاۋايى - ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرگەن بولغاچقا، ھاۋايى - ھەۋەسلىرى ئۇلارنى ھەقتىن كور قىلىۋەتكەندۇر.
Арабча тафсирлар:
وَٱلَّذِينَ ٱهۡتَدَوۡاْ زَادَهُمۡ هُدٗى وَءَاتَىٰهُمۡ تَقۡوَىٰهُمۡ
ھەق يولنى تاپالىغان ھەمدە پەيغەمبەر ئېلىپ كەلگەن دىنغا ئەگەشكەنلەرگە كەلسەك، پەرۋەردىگارى ئۇلارنىڭ ھىدايىتىنى تېخىمۇ زىيادە قىلىپ، ياخشىلىققا تېخىمۇ كۆپ مۇۋەپپەق قىلىدۇ، ھەمدە ئۇلارنى دوزاختىن ساقلايدىغان ئەمەللەرنى ئىلھام قىلىدۇ.
Арабча тафсирлар:
فَهَلۡ يَنظُرُونَ إِلَّا ٱلسَّاعَةَ أَن تَأۡتِيَهُم بَغۡتَةٗۖ فَقَدۡ جَآءَ أَشۡرَاطُهَاۚ فَأَنَّىٰ لَهُمۡ إِذَا جَآءَتۡهُمۡ ذِكۡرَىٰهُمۡ
كاپىرلار قىيامەتنىڭ ئۆزلىرىمۇ تۇيماي قالغاندا، ھېچقانداق ئالدىن بېشارەتسىز ھالدا كېلىشىنىلا كۈتەمدۇ؟ ئەمەلىيەتتە قىيامەتنىڭ نۇرغۇنلىغان ئالامەتلىرى مەيدانغا كەلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋەتلىشى ۋە ئاينىڭ يېرىلىشى قاتارلىقلار شۇ ئالامەتلەرنىڭ جۈملىسىدىندۇر. قىيامەت كەلگەندە ئۇلارغا قانداقمۇ ئىبرەت ئالغۇدەك پۇرسەت بولسۇن؟
Арабча тафсирлар:
فَٱعۡلَمۡ أَنَّهُۥ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا ٱللَّهُ وَٱسۡتَغۡفِرۡ لِذَنۢبِكَ وَلِلۡمُؤۡمِنِينَ وَٱلۡمُؤۡمِنَٰتِۗ وَٱللَّهُ يَعۡلَمُ مُتَقَلَّبَكُمۡ وَمَثۡوَىٰكُمۡ
ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھتىن باشقا بەرھەق مەبۇدنىڭ يوقلۇقىغا چىن پۈتكىن، گۇناھلىرىڭ ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن، مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىن ئاياللارنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈنمۇ مەغپىرەت تىلىگىن. ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ كۈندۈزدىكى ئىش - پائالىيەتلىرىڭلارنىمۇ، كېچىدىكى قارارگاھىڭلارنىمۇ بىلىدۇ، ئۇنىڭغا بۇلاردىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
Арабча тафсирлар:
Ушбу саҳифадаги оят фойдаларидан:
• اقتصار همّ الكافر على التمتع في الدنيا بالمتع الزائلة.
كاپىرلارنىڭ بارچە غېمى پەقەت مۇشۇ دۇنيانىڭ ئۆتكۈنچى لەززەتلىرىدىن ھۇزۇرلىنىشتۇر.

• المقابلة بين جزاء المؤمنين وجزاء الكافرين تبيّن الفرق الشاسع بينهما؛ ليختار العاقل أن يكون مؤمنًا، ويختار الأحمق أن يكون كافرًا.
مۇئمىنلەر بىلەن كاپىرلارنىڭ جازا - مۇكاپاتى ئارىسىدىكى سېلىشتۇرما بۇ ئىككى گۇرۇھنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ نەقەدەر چوڭلۇقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. بۇنداق سېلىشتۇرما قىلىش ئاقىللارنىڭ مۇئمىنلىكنى تاللىۋېلىشى، نادانلارنىڭ كاپىر بولۇشنى تاللىۋېلىشى ئۈچۈندۇر.

• بيان سوء أدب المنافقين مع رسول الله صلى الله عليه وسلم.
مۇناپىقلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىدا تولىمۇ ئەدەبسىزدۇر.

• العلم قبل القول والعمل.
ئىلىم دېگەن سۆز ۋە ئەمەلدىن ئىلگىرىدۇر.

وَيَقُولُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَوۡلَا نُزِّلَتۡ سُورَةٞۖ فَإِذَآ أُنزِلَتۡ سُورَةٞ مُّحۡكَمَةٞ وَذُكِرَ فِيهَا ٱلۡقِتَالُ رَأَيۡتَ ٱلَّذِينَ فِي قُلُوبِهِم مَّرَضٞ يَنظُرُونَ إِلَيۡكَ نَظَرَ ٱلۡمَغۡشِيِّ عَلَيۡهِ مِنَ ٱلۡمَوۡتِۖ فَأَوۡلَىٰ لَهُمۡ
ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەر -ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز پەيغەمبىرىگە جىھادنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرەر سۈرە نازىل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىپ-: ئاللاھ نېمىشقا جىھادنىڭ ھۆكۈملىرى تىلغا ئېلىنغان بىرەر سۈرە نازىل قىلمىدى، دېيىشىدۇ. ئاللاھ تائالا بايانى ۋە ھۆكۈملىرى ئېنىق بېكىتىلگەن (مۇھكەم)، جىھادنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرەر سۈرە نازىل قىلسا، -ئەي پەيغەمبەر!- قەلبىدە گۇمان بار مۇناپىقلارنىڭ ساڭا خۇددى قاتتىق قورقۇپ، ئالاقىزادە بوپكەتكەنلىكتىن ھوشىنى يوقاتقان ئادەمدەك قاراۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا كېلىدىغان ئازابنىڭ ئاللىبۇرۇن ئۇلارنى چىرمىۋالغانلىقى ھەمدە ئۇلارنىڭ جىھادتىن قورقۇپ، جىھادقا چىققىلى ئۇنىمىغانلىقى تۈپەيلىدىن ئازابنىڭ ئۇلارغا تولىمۇ يېقىنلاپ قالغانلىقى بىلەن تەھدىت قىلىدۇ.
Арабча тафсирлар:
طَاعَةٞ وَقَوۡلٞ مَّعۡرُوفٞۚ فَإِذَا عَزَمَ ٱلۡأَمۡرُ فَلَوۡ صَدَقُواْ ٱللَّهَ لَكَانَ خَيۡرٗا لَّهُمۡ
ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىپ، ئىنكار قىلماستىن ياخشى سۆزنى قىلىشى ئۆزلىرىگە نىسبەتەن تېخىمۇ ياخشى ئىدى. جىھاد پەرز قىلىنىپ، ئىش چىڭغا چىققاندا ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا بولغان ئىمانىدا ۋە ئىتائىتىدە سەمىمىي بولغان بولسا ئىدى، بۇنداق قىلىش ئۇلارغا نىسبەتەن نىفاقتىن ۋە ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئاسىيلىق قىلىشتىن كۆپ ياخشى بولغان بولاتتى.
Арабча тафсирлар:
فَهَلۡ عَسَيۡتُمۡ إِن تَوَلَّيۡتُمۡ أَن تُفۡسِدُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَتُقَطِّعُوٓاْ أَرۡحَامَكُمۡ
ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشتىن ۋە ئىتائەت قىلىشتىن يۈز ئۆرۈسەڭلار، جاھىلىيەت دەۋرىدە قىلغىنىڭلاردەك چوقۇم كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىسىلەر، ئۇرۇق - تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزىسىلەر.
Арабча тафсирлар:
أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ لَعَنَهُمُ ٱللَّهُ فَأَصَمَّهُمۡ وَأَعۡمَىٰٓ أَبۡصَٰرَهُمۡ
يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىش ۋە ئۇرۇق - تۇغقانچىلىقنى ئۈزۈۋېتىش دېگەن سۈپەتلەرگە ئىگە ئاشۇ كىشىلەر ئاللاھ تائالا ئۆز رەھمىتىدىن يىراق قىلغان، ھەقنى قوبۇل قىلىپ، بويسۇنىدىغان تەرزدە ئاڭلاشتىن قۇلاقلىرىنى پاڭ قىلىۋەتكەن، كۆزلىرىنى ئىبرەت نەزىرىدە كۆرۈشتىن كور قىلىۋەتكەنلەردۇر.
Арабча тафсирлар:
أَفَلَا يَتَدَبَّرُونَ ٱلۡقُرۡءَانَ أَمۡ عَلَىٰ قُلُوبٍ أَقۡفَالُهَآ
قۇرئاندىن يۈز ئۆرۈگەن بۇ كىشىلەر قۇرئان ھەققىدە ئويلىنىپ، تەپەككۇر قىلىپ باقمىدىمۇ؟ ئەگەر ئۇلار ئويلىنىپ باققان بولسا ئىدى، قۇرئان ئەلۋەتتە ئۇلارنى ھەر قانداق ياخشىلىققا يېتەكلەپ، ھەر قانداق يامانلىقتىن يىراقلاشتۇرغان بولاتتى. ياكى ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدە قۇلۇپلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ قەلبلىرى پەند - نەسىھەت كىرمەيدىغان ۋە مەنپەئەت قىلمايدىغان دەرىجىدە مەھكەم ئېتىلىپ قالغانمۇ؟
Арабча тафсирлар:
إِنَّ ٱلَّذِينَ ٱرۡتَدُّواْ عَلَىٰٓ أَدۡبَٰرِهِم مِّنۢ بَعۡدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُمُ ٱلۡهُدَى ٱلشَّيۡطَٰنُ سَوَّلَ لَهُمۡ وَأَمۡلَىٰ لَهُمۡ
دەلىل - پاكىتلار ئوتتۇرىغا چىقىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ راست پەيغەمبەرلىكى ئىسپاتلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئىمانىدىن كۇپرى ۋە نىفاققا قايتىۋالغانلارغا كەلسەك، شەيتان ئۇلارغا كۇپرىنى، نىفاقنى چىرايلىق كۆرسەتكەن ھەمدە ئۇلارغا ئۇنىڭ يوللىرىنى قولايلاشتۇرۇپ بەرگەن ۋە ئۇلارنى ئايىغى چىقماس خام خىياللارغا چۆمدۈرگەن كىشىلەردۇر.
Арабча тафсирлар:
ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمۡ قَالُواْ لِلَّذِينَ كَرِهُواْ مَا نَزَّلَ ٱللَّهُ سَنُطِيعُكُمۡ فِي بَعۡضِ ٱلۡأَمۡرِۖ وَٱللَّهُ يَعۡلَمُ إِسۡرَارَهُمۡ
ئۇلارنىڭ بۇ ئازغۇنلۇقى ئاللاھ تائالا ئۆز پەيغەمبىرىگە نازىل قىلغان ۋەھىينى يامان كۆرىدىغان مۇشرىكلارغا خۇپىيانە ھالدا: بىز باشقىلارنى جىھادتىن بوشاشتۇرۇشقا ئوخشاش بىر قىسىم ئىشلاردا چوقۇم سىلەرگە ئىتائەت قىلىمىز، دېگەنلىكى تۈپەيلىدىندۇر. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن قىلغانلىرىنىڭ ھەممىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭغا ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ. نەتىجىدە بۇ ئىشلاردىن ئاللاھ ئۆز پەيغەمبىرى ئۈچۈن خالىغان نەرسىنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ.
Арабча тафсирлар:
فَكَيۡفَ إِذَا تَوَفَّتۡهُمُ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ يَضۡرِبُونَ وُجُوهَهُمۡ وَأَدۡبَٰرَهُمۡ
ئۇلارنىڭ جانلىرىنى ئېلىشقا مەسئۇل قىلىنغان پەرىشتىلەر ئۇلارنىڭ جانلىرىنى ئېلىۋاتقان ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ئېچىنىشلىق ھالەتتە قىينالغانلىقىنى كۆرگەن بولساڭ، قانداق بولۇپ كېتەتتىڭ!؟ بۇ چاغدا پەرىشتىلەر ئۇلارنىڭ يۈزلىرىگە ۋە كاسىلىرىغا تۆمۈر توقماقلار بىلەن ئۇرىدۇ.
Арабча тафсирлар:
ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمُ ٱتَّبَعُواْ مَآ أَسۡخَطَ ٱللَّهَ وَكَرِهُواْ رِضۡوَٰنَهُۥ فَأَحۡبَطَ أَعۡمَٰلَهُمۡ
بۇ ئازاب ئۇلارنىڭ كۇپۇرلۇق، مۇناپىقلىق، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشى چىقىش دېگەندەك ئاللاھنىڭ غەزىبىنى كەلتۈرىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىنى قىلىپ، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش ۋە پەيغەمبىرىگە ئەگىشىش دېگەندەك ئۆزلىرىنى رەببىگە يېقىنلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشتۈرىدىغان ئىشلارنى يامان كۆرگەنلىكى تۈپەيلىدىن بولۇپ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى بىكار قىلىۋەتتى.
Арабча тафсирлар:
أَمۡ حَسِبَ ٱلَّذِينَ فِي قُلُوبِهِم مَّرَضٌ أَن لَّن يُخۡرِجَ ٱللَّهُ أَضۡغَٰنَهُمۡ
قەلبلىرىدە شەك بار مۇناپىقلار ئاللاھ تائالا ئۆزلىرىنىڭ ئۆچمەنلىكىنى ھەرگىزمۇ ئاشكارىلىمايدۇ، دەپ ئويلامدۇ؟ ئاللاھ تائالا ھەقىقىي ئىمانلىق كىشىلەرنى ساختىپەزدىن ئايرىش، ھەقىقىي مۇئمىننى ئاشكارىلاپ، مۇناپىقنى رەسۋا قىلىش ئۈچۈن جاپا - مۇشەققەتلەرگە مۇپتىلا قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۆچمەنلىكىنى چوقۇم ئاشكارا قىلىدۇ.
Арабча тафсирлар:
Ушбу саҳифадаги оят фойдаларидан:
• التكليف بالجهاد في سبيل الله يميّز المنافقين من صفّ المؤمنين.
ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىشقا تەكلىپ قىلىش مۇناپىقلارنى مۇئمىنلەرنىڭ سېپىدىن ئايرىيدۇ.

• أهمية تدبر كتاب الله، وخطر الإعراض عنه.
ئاللاھنىڭ كىتابى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىش مۇھىم بولغاندەك، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈشمۇ خەتەرلىكتۇر.

• الإفساد في الأرض وقطع الأرحام من أسباب قلة التوفيق والبعد عن رحمة الله.
يەر يۈزىدە بۇرۇقچىلىق قىلىش ۋە ئۇرۇق - تۇغقانچىلىقنى ئۈزۈش ھەقكە ئاز مۇۋەپپەق قىلىنىش ھەمدە ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق بولۇش سەۋەبلىرىدىن بىرىدۇر.

وَلَوۡ نَشَآءُ لَأَرَيۡنَٰكَهُمۡ فَلَعَرَفۡتَهُم بِسِيمَٰهُمۡۚ وَلَتَعۡرِفَنَّهُمۡ فِي لَحۡنِ ٱلۡقَوۡلِۚ وَٱللَّهُ يَعۡلَمُ أَعۡمَٰلَكُمۡ
ئەي پەيغەمبەر! ئەگەر بىز ساڭا مۇناپىقلارنى تونۇتۇشنى خالىغان بولساق، ئەلۋەتتە شۇنداق قىلاتتۇق، ئاندىن سەن ئۇلارنى سىرتقى ئالامەتلىرىگە قاراپلا تونۇۋالاتتىڭ. شۇنداقتىمۇ ئۇزۇنغا قالماي ئۇلارنى سۆز ئۇسلۇبىدىن تونۇۋالىسەن. ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭغا ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ. ئاللاھ سىلەرگە شۇ ئەمەللىرىڭلارغا قارىتا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.
Арабча тафсирлар:
وَلَنَبۡلُوَنَّكُمۡ حَتَّىٰ نَعۡلَمَ ٱلۡمُجَٰهِدِينَ مِنكُمۡ وَٱلصَّٰبِرِينَ وَنَبۡلُوَاْ أَخۡبَارَكُمۡ
ئەي مۇئمىنلەر! بىز سىلەرنى چوقۇم جىھاد، دۈشمەنلەرگە قارشى جەڭ قىلىش ۋە ئۆلتۈرۈلۈش بىلەن سىناپ تۇرىمىز. بۇ سىناق تاكى ئاراڭلاردىن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىدىغان مۇجاھىدلارنى ھەمدە ئاللاھنىڭ دۈشمەنىلىرىگە قارشى جەڭ قىلىشتا سەۋرچان بولغانلارنى ئايرىپ چىققانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ. بىز سىلەرنى سىناش ئارقىلىق ئاراڭلاردىكى راستچىلنى ساختىپەزدىن ئايرىيمىز.
Арабча тафсирлар:
إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ وَصَدُّواْ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ وَشَآقُّواْ ٱلرَّسُولَ مِنۢ بَعۡدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُمُ ٱلۡهُدَىٰ لَن يَضُرُّواْ ٱللَّهَ شَيۡـٔٗا وَسَيُحۡبِطُ أَعۡمَٰلَهُمۡ
شەكسىزكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە كاپىر بولغانلار، ئۆزلىرىنى ۋە باشقىلارنى ئاللاھنىڭ دىنىدىن توسقانلار، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشى چىقىپ، ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكى ئايان بولغاندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ بىلەن دۈشمەنلەشكەنلەر ئاللاھقا ھەرگىز زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، پەقەت ئۆزلىرىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى بىكار قىلىۋېتىدۇ.
Арабча тафсирлар:
۞ يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ أَطِيعُواْ ٱللَّهَ وَأَطِيعُواْ ٱلرَّسُولَ وَلَا تُبۡطِلُوٓاْ أَعۡمَٰلَكُمۡ
ئەي ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان، ئاللاھ يولغا قويغان شەرىئەتكە ئەمەل قىلغان مۇئمىنلەر! ئاللاھ ۋە پەيغەمبەرنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئۇلارغا ئىتائەت قىلىڭلار، كۇپرى ۋە رىياكارلىق بىلەن ئەمەللىرىڭلارنى بىكار قىلۋەتمەڭلار.
Арабча тафсирлар:
إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ وَصَدُّواْ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ ثُمَّ مَاتُواْ وَهُمۡ كُفَّارٞ فَلَن يَغۡفِرَ ٱللَّهُ لَهُمۡ
شەكسىزكى ئاللاھقا كاپىر بولغان، ئۆزلىرىنى ۋە باشقا كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ دىنىدىن بۇرۇۋەتكەن، ئاندىن تەۋبە قىلماي تۇرۇپ كاپىر پېتى ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ گۇناھلىرىنى ئاللاھ تائالا ھەرگىزمۇ يوشۇرۇپ بولدى قىلىۋەتمەيدۇ. ئەكسىچە ئۇلارنى شۇ قىلمىشلىرىغا قارىتا جازالايدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ دوزاخقا كىرگۈزىدۇ. ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ.
Арабча тафсирлар:
فَلَا تَهِنُواْ وَتَدۡعُوٓاْ إِلَى ٱلسَّلۡمِ وَأَنتُمُ ٱلۡأَعۡلَوۡنَ وَٱللَّهُ مَعَكُمۡ وَلَن يَتِرَكُمۡ أَعۡمَٰلَكُمۡ
ئەي مۇئمىنلەر! دۈشمىنىڭلار سىلەرنى سۈلھىلىشىشكە تەكلىپ قىلمىغۇچە، سىلەر ئۇلارغا روبىرو بولۇشتىن ئاجىزلىق قىلىپ، ئۇلارنى سۈلھىگە چاقىرماڭلار. سىلەر چوقۇم ئۇلارنى يېڭىپ، غەلىبە قازىنىسىلەر، ئاللاھ ئۆز ياردىمى ۋە قوللىشى ئارقىلىق سىلەر بىلەن بىرگىدۇر. ئۇ ھەرگىزمۇ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنىڭ ساۋابىدىن ھېچنەرسىنى كېمەيتىۋەتمەيدۇ، ئەكسىچە سىلەرگە ياخشىلىق ۋە مەرھەمەت قىلىپ ئەمەللىرىڭلارنىڭ ساۋابىنى كۆپەيتىپ بېرىدۇ.
Арабча тафсирлар:
إِنَّمَا ٱلۡحَيَوٰةُ ٱلدُّنۡيَا لَعِبٞ وَلَهۡوٞۚ وَإِن تُؤۡمِنُواْ وَتَتَّقُواْ يُؤۡتِكُمۡ أُجُورَكُمۡ وَلَا يَسۡـَٔلۡكُمۡ أَمۡوَٰلَكُمۡ
بۇ دۇنيا ھاياتى پەقەتلا ئويۇن - تاماشادۇركى، ئاقىل ئادەم دۇنيا سەۋەبلىك ئاخىرەت ئۈچۈن ئەمەل قىلىشتىن مەشغۇل بوپقالمىسۇن. ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىشەنسەڭلار، ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق تەقۋادار بولساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنىڭ ساۋابىنى كېمەيتمەستىن تولۇق بېرىدۇ، سىلەردىن ماللىرىڭلارنىڭ ھەممىنى تەلەپ قىلمايدۇ، پەقەتلا زاكاتتىن ۋاجىب بولغان قىسمىنىلا بېرىشىڭلارنى تەلەپ قىلىدۇ.
Арабча тафсирлар:
إِن يَسۡـَٔلۡكُمُوهَا فَيُحۡفِكُمۡ تَبۡخَلُواْ وَيُخۡرِجۡ أَضۡغَٰنَكُمۡ
ناۋادا ئاللاھ سىلەردىن ماللىرىڭلارنىڭ ھەممىنى تەلەپ قىلىپ، شۇ تەلەپتە چىڭ تۇرۇۋالغان بولسا سىلەر بۇنىڭغا بېخىللىق قىلاتتىڭلار، ئاللاھ يولىدا مال چىقىم قىلىشنى يامان كۆرگەنلىكتىن قەلبىڭلاردىكى ئۆچمەنلىكىڭلار سىرتقا چىققان بولاتتى. شۇڭا ئۇ سىلەرگە شەپقەت قىلىپ ھەممىنى تەلەپ قىلمىدى.
Арабча тафсирлар:
هَٰٓأَنتُمۡ هَٰٓؤُلَآءِ تُدۡعَوۡنَ لِتُنفِقُواْ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ فَمِنكُم مَّن يَبۡخَلُۖ وَمَن يَبۡخَلۡ فَإِنَّمَا يَبۡخَلُ عَن نَّفۡسِهِۦۚ وَٱللَّهُ ٱلۡغَنِيُّ وَأَنتُمُ ٱلۡفُقَرَآءُۚ وَإِن تَتَوَلَّوۡاْ يَسۡتَبۡدِلۡ قَوۡمًا غَيۡرَكُمۡ ثُمَّ لَا يَكُونُوٓاْ أَمۡثَٰلَكُم
سىلەر شۇنداق كىشىلەركى، ماللىرىڭلارنىڭ بىر قىسمىنى ئاللاھ يولىدا چىقىم قىلىشقا چاقىرىلىسىلەر، ئاللاھ سىلەردىن مال - مۈلكۈڭلارنىڭ ھەممىنى بېرىشىنى تەلەپ قىلمايدۇ. ئاندىن ئاراڭلاردىن بېخىللىق قىلىپ تەلەپ قىلىنغان مالنى بەرگىلى ئۇنىمايدىغان، مېلىنىڭ بىر قىسمىنى ئاللاھ يولىدا چىقىم قىلىشقا بېخىللىق قىلىدىغانلارمۇ بار. بۇنداق ئادەم مال چىقىم قىلىشنىڭ ساۋابىدىن مەھرۇم قېلىش ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە ئۆزىگە بېخىللىق قىلغان بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەممىدىن بىھاجەتتۇر، شۇڭا سىلەرنىڭ مال چىقىم قىلىشىڭلارغا ئېھتىياجى يوقتۇر. ئەمما سىلەر ئۇنىڭغا موھتاجسىلەر. ئەگەر ئىسلامدىن كۇپرىغا قايتىۋالساڭلار ئاللاھ سىلەرنى ھالاك قىلىۋېتىپ، ئورنۇڭلارغا باشقا بىر قەۋمنى كەلتۈرىدۇ، ئاندىن ئۇلار سىلەردەك بولمايدۇ، ئەكسىچە ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچىلار بولىدۇ.
Арабча тафсирлар:
Ушбу саҳифадаги оят фойдаларидан:
• سرائر المنافقين وخبثهم يظهر على قسمات وجوههم وأسلوب كلامهم.
مۇناپىقلارنىڭ سىرلىرى ۋە نىجىسلىقى ئۇلارنىڭ چىرايلىرىدا ۋە سۆز ئۇسلۇبىدا ئاشكارا بولىدۇ.

• الاختبار سُنَّة إلهية لتمييز المؤمنين من المنافقين.
سىناق مۇئمىنلەرنى مۇناپىقلاردىن ئايرىيدىغان ئىلاھىي بىر قانۇنىيەتتۇر.

• تأييد الله لعباده المؤمنين بالنصر والتسديد.
ئاللاھ مۇئمىن بەندىلىرىنى ياردەم بېرىش ۋە ئەمەللىرىنى تۈزەش ئارقىلىق كۈچەيتىدۇ.

• من رفق الله بعباده أنه لا يطلب منهم إنفاق كل أموالهم في سبيل الله.
ئاللاھنىڭ بەندىلىرىدىن ماللىرىنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ يولىدا چىقىم قىلىشنى تەلەپ قىلماسلىقى ئۇنىڭ مېھىر - شەپقىتىدىندۇر.

 
Маънолар таржимаси Сура: Муҳаммад сураси
Суралар мундарижаси Бет рақами
 
Қуръони Карим маъноларининг таржимаси - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - Таржималар мундарижаси

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

Ёпиш