Қуръони Карим маъноларининг таржимаси - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - Таржималар мундарижаси


Маънолар таржимаси Оят: (163) Сура: Аъроф сураси
وَسۡـَٔلۡهُمۡ عَنِ ٱلۡقَرۡيَةِ ٱلَّتِي كَانَتۡ حَاضِرَةَ ٱلۡبَحۡرِ إِذۡ يَعۡدُونَ فِي ٱلسَّبۡتِ إِذۡ تَأۡتِيهِمۡ حِيتَانُهُمۡ يَوۡمَ سَبۡتِهِمۡ شُرَّعٗا وَيَوۡمَ لَا يَسۡبِتُونَ لَا تَأۡتِيهِمۡۚ كَذَٰلِكَ نَبۡلُوهُم بِمَا كَانُواْ يَفۡسُقُونَ
ئەي پەيغەمبەر! يەھۇدىيلاردىن دېڭىز بويىدىكى شەھەرنىڭ قىسسىسى ھەققىدە ئۇلارغا ئەسلىتىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئىلگىرىكىلەرنى قانداق جازالىغانلىقىنى سورىغىن، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار شەنبە كۈنىدە بېلىق تۇتۇشتىن چەكلەنگەندىن كېيىن بېلىق تۇتۇش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ چەكلىمىلىرىدىن ھالقىدى. شۇنداقلا ئاللاھ تائالا ئۇلارنى شەنبە كۈنىدە دېڭىز يۈزىگە بېلىقلارنى ئاشكارا كەلتۈرۈش ئارقىلىق سىنىدى. بېلىقلار باشقا كۈندە كەلمەيتتى. ئۇلارنىڭ ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلغانلىقى ۋە گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىكى سەۋەبلىك ئۇلارنى سىنىدى. ئۇلار بېلىق تۇتۇش ئۈچۈن ئورەك كولاپ ئۇ يەرگە تورلىرىنى تاشلاپ ھىيلە ئىشلەتتى. شەنبە كۈنىدە بېلىقلار تورغا كېلەتتى، ئۇلار تورنى يەكشەنبە كۈنى ئېلىپ بېلىقلارنى يەيتتى.
Арабча тафсирлар:
Ушбу саҳифадаги оят фойдаларидан:
• الجحود والكفران سبب في الحرمان من النعم.
نېئمەتكە تېنىش ۋە كاپىر بولۇش نېئمەتتىن مەھرۇم قىلىشقا سەۋەب بولىدۇ.

• من أسباب حلول العقاب ونزول العذاب التحايل على الشرع؛ لأنه ظلم وتجاوز لحدود الله.
شەرىئەتكە ھىيلە ئىشلىتىش ئازاب ۋە جازانىڭ چۈشىشىگە سەۋەب بولىدۇ، چۈنكى ھىيلە ئىشلىتىش زۇلۇمدۇر ۋە ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدىن ھالقىشتۇر.

 
Маънолар таржимаси Оят: (163) Сура: Аъроф сураси
Суралар мундарижаси Бет рақами
 
Қуръони Карим маъноларининг таржимаси - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - Таржималар мундарижаси

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

Ёпиш