Check out the new design

《古兰经》译解 - 维吾尔语版古兰经简明注释。 * - 译解目录


含义的翻译 章: 舍尔拉仪   段:
لَعَلَّنَا نَتَّبِعُ ٱلسَّحَرَةَ إِن كَانُواْ هُمُ ٱلۡغَٰلِبِينَ
ئەگەر سېھىرگەرلەر مۇسانى يېڭىۋالسا شۇلارنىڭ دىنىغا ئەگىشىشىمىز مۇمكىن.
阿拉伯语经注:
فَلَمَّا جَآءَ ٱلسَّحَرَةُ قَالُواْ لِفِرۡعَوۡنَ أَئِنَّ لَنَا لَأَجۡرًا إِن كُنَّا نَحۡنُ ٱلۡغَٰلِبِينَ
سېھىرگەرلەر مۇسانى يېڭىۋېلىشنى كۆڭۈللىرىگە پۈكۈشۈپ پىرئەۋننىڭ قېشىغا كەلگەندە ئۇنىڭغا: ئەگەر بىز مۇسانى يىڭىۋالساق، بىزگە ماددىي ياكى مەنىۋى مۇكاپات بېرىلەمدۇ؟ دېيىشتى.
阿拉伯语经注:
قَالَ نَعَمۡ وَإِنَّكُمۡ إِذٗا لَّمِنَ ٱلۡمُقَرَّبِينَ
پىرئەۋن ئۇلارغا: شۇنداق، ئەگەر مۇسانى يېڭەلىسەڭلار، مەن سىلەرگە يۇقىرى ئۇنۋانلارنى بېرىپ، يېقىن ئادەملىرىمدىن قىلىۋالىمەن، دېدى.
阿拉伯语经注:
قَالَ لَهُم مُّوسَىٰٓ أَلۡقُواْ مَآ أَنتُم مُّلۡقُونَ
مۇسا ئاللاھنىڭ ئۆزىگە ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ ھەم ئۆزىدىكى نەرسىنىڭ سېھىر ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ ئۇلارغا: سىلەر تاشلىماقچى بولغان ئارغامچا ۋە ھاسىلىرىڭلارنى تاشلاڭلار، دېدى.
阿拉伯语经注:
فَأَلۡقَوۡاْ حِبَالَهُمۡ وَعِصِيَّهُمۡ وَقَالُواْ بِعِزَّةِ فِرۡعَوۡنَ إِنَّا لَنَحۡنُ ٱلۡغَٰلِبُونَ
شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئارغامچىلىرى بىلەن ھاسىلىرىنى تاشلاشتى ھەمدە ئۇلارنى تاشلاۋېتىپ: پىرئەۋننىڭ كاتتىلىقى بىلەن قەسەم قىلىمىزكى، بىز چوقۇم ئۇتۇپ چىققۇچىلارمىز، مۇسا بولسا مەغلۇبىيەتكە مەھكۇمدۇر، دېيىشتى.
阿拉伯语经注:
فَأَلۡقَىٰ مُوسَىٰ عَصَاهُ فَإِذَا هِيَ تَلۡقَفُ مَا يَأۡفِكُونَ
ئارقىدىن مۇسامۇ ھاسىسىنى تاشلىۋېدى، ھاسا بىردىنلا ئەجدىھاغا ئايلىنىپ، كۈتۈلمىگەندە سېھىرگەرلەرنىڭ كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ ئوتتۇرىغا تاشلىغان نەرسىلىرىنى يۇتۇۋەتتى.
阿拉伯语经注:
فَأُلۡقِيَ ٱلسَّحَرَةُ سَٰجِدِينَ
سېھىرگەرلەر مۇسانىڭ ھاسىسىنىڭ ئۆزلىرى ئوتتۇرىغا تاشلىغان سېھىرلەرنى يۇتۇۋەتكەنلىكىنى كۆرۈپ سەجدىگە يىقىلىشتى.
阿拉伯语经注:
قَالُوٓاْ ءَامَنَّا بِرَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ
ئۇلار بارچە مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق، دېدى.
阿拉伯语经注:
رَبِّ مُوسَىٰ وَهَٰرُونَ
ئۇلار مۇسا ۋە ھارۇن ئەلەيھىسسالاملارنىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتتۇق، دېدى.
阿拉伯语经注:
قَالَ ءَامَنتُمۡ لَهُۥ قَبۡلَ أَنۡ ءَاذَنَ لَكُمۡۖ إِنَّهُۥ لَكَبِيرُكُمُ ٱلَّذِي عَلَّمَكُمُ ٱلسِّحۡرَ فَلَسَوۡفَ تَعۡلَمُونَۚ لَأُقَطِّعَنَّ أَيۡدِيَكُمۡ وَأَرۡجُلَكُم مِّنۡ خِلَٰفٖ وَلَأُصَلِّبَنَّكُمۡ أَجۡمَعِينَ
پىرئەۋن سېھىرگەرلەرنىڭ ئىمان ئېيتقانلىقىغا قاتتىق غەزەبلىنىپ: مېنىڭ رۇخسىتىمسىز مۇساغا ئىمان ئېيتتىڭلارما؟ مۇسا چوقۇم سىلەرگە سېھىرگەرلىكنى ئۆگەتكەن پىرىڭلار ئىكەن. سىلەر بىرلىشىپ مىسىرلىقلارنى يۇرتلىرىدىن چىقىرىۋېتىشنىڭ كويىدا بولۇۋېتىپسىلەر. سىلەرنى قانداق جازالايدىغانلىقىمنى ئۇزۇنغا قالماي بىلىپ قالىسىلەر. مەن سىلەرنىڭ قول - پۇتلىرىڭلارنى چوقۇم ئوڭ - چەپ قىلىپ، يەنى ئوڭ پۇتۇڭلارنى سول قولۇڭلار بىلەن، ياكى سول پۇتۇڭلارنى ئوڭ قولۇڭلار بىلەن قوشۇپ كېسىۋېتىمەن، شۇنداقلا ھەممىڭلارنى خورما ياغاچلىرى (دىن ياسالغان دار)غا ئاسىمەن، سىلەردىن ھېچكىمنى ساق قويمايمەن، دېدى.
阿拉伯语经注:
قَالُواْ لَا ضَيۡرَۖ إِنَّآ إِلَىٰ رَبِّنَا مُنقَلِبُونَ
سېھىرگەرلەر پىرئەۋنگە ئېيتتى: سېنىڭ بۇ دۇنيادىكى چېپىش، ئېسىش دېگەندەك تەھدىتلىرىڭنىڭ كارايىتى چاغلىق. چۈنكى سېنىڭ ئازابىڭ ھامان يوقىلىدۇ. بىز پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز. ئۇ بىزنى چوقۇم مەڭگۈلۈك رەھمىتىگە كىرگۈزىدۇ.
阿拉伯语经注:
إِنَّا نَطۡمَعُ أَن يَغۡفِرَ لَنَا رَبُّنَا خَطَٰيَٰنَآ أَن كُنَّآ أَوَّلَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ
بىز ھەممىدىن بۇرۇن مۇساغا ئىمان ئېيتىپ، ئۇنى تەستىقلىغانلار بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئىلگىرى قىلىپ سالغان گۇناھلىرىمىزنى يوققا چىقىرىۋېتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
阿拉伯语经注:
۞ وَأَوۡحَيۡنَآ إِلَىٰ مُوسَىٰٓ أَنۡ أَسۡرِ بِعِبَادِيٓ إِنَّكُم مُّتَّبَعُونَ
بىز مۇساغا ۋەھىي قىلىپ، ئىسرائىل ئەۋلادىنى كېچىدە (مىسىردىن) ئېلىپ چىقىپ كېتىشنى بۇيرۇدۇق. چۈنكى پىرئەۋن ئۇلارنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن چاپارمەنلىرى بىلەن چوقۇم قوغلاپ كېلەتتى.
阿拉伯语经注:
فَأَرۡسَلَ فِرۡعَوۡنُ فِي ٱلۡمَدَآئِنِ حَٰشِرِينَ
پىرئەۋن ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ مىسىردىن يولغا چىققانلىقىنى بىلىپلا ئۇلارنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن ئەتراپتىكى شەھەرلەرگە لەشكەر توپلاش ئۈچۈن چاپارمەنلەرنى ئەۋەتتى.
阿拉伯语经注:
إِنَّ هَٰٓؤُلَآءِ لَشِرۡذِمَةٞ قَلِيلُونَ
پىرئەۋن ئۇلارنى مەنسىتمىگە ھالدا ئېيتتى: ئۇلار پەقەت ئازغىنە بىر ئوچۇم كىشىلەردۇر.
阿拉伯语经注:
وَإِنَّهُمۡ لَنَا لَغَآئِظُونَ
ھەقىقەتەن ئۇلار بىزنىڭ ئاچچىقىمىزنى كەلتۈرىدىغان ئىشنى قىلدى.
阿拉伯语经注:
وَإِنَّا لَجَمِيعٌ حَٰذِرُونَ
بىز ھەقىقەتەن سەگەكلىك بىلەن تۇرىدىغان كىشىلەرمىز.
阿拉伯语经注:
فَأَخۡرَجۡنَٰهُم مِّن جَنَّٰتٖ وَعُيُونٖ
بىز پىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىكىنى مول ھوسۇللۇق باغلىرى، سۈيى ئېقىپ تۇرىدىغان بۇلاقلىرى بار بولغان مىسىر زېمىدىن چىقاردۇق.
阿拉伯语经注:
وَكُنُوزٖ وَمَقَامٖ كَرِيمٖ
مىسىرنىڭ يەنە بايلىققا تولغان خەزىنىلىرى ۋە ھەشەمەتلىك تۇرالغۇلىرى بار.
阿拉伯语经注:
كَذَٰلِكَۖ وَأَوۡرَثۡنَٰهَا بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ
پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ تەۋەلىكىنى مۇشۇنداق باياشاتلىقتىن چىقارغىنىمىزدەك، ئۇلاردىن كېيىن ئىسرائىل ئەۋلادىنى شام زېمىنىدا مۇشۇنداق باياشاتلىققا ئىگە قىلدۇق.
阿拉伯语经注:
فَأَتۡبَعُوهُم مُّشۡرِقِينَ
پىرئەۋن قەبىلىسى بىلەن بىرگە قۇياش كۆتۈرۈلگەن چاغدا ئىسرائىل ئەۋلادىنى قوغلاپ چىقتى.
阿拉伯语经注:
这业中每段经文的优越:
• العلاقة بين أهل الباطل هي المصالح المادية.
باتىل كۈچلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ماددىي مەنپەئەتنى ئاساس قىلىدۇ.

• ثقة موسى بالنصر على السحرة تصديقًا لوعد ربه.
مۇسا ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارىنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنگەن بولغاچقا سېھىرگەرلەرنى چوقۇم يېڭىۋالىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.

• إيمان السحرة برهان على أن الله هو مُصَرِّف القلوب يصرفها كيف يشاء.
سېھىرگەرلەرنىڭ ئىمان ئېيتقانلىقى ئاللاھ تائالانىڭ قەلبلەرنى ئۆزى خالىغانچە باشقۇرىدىغانلىقىنىڭ پاكىتىدۇر.

• الطغيان والظلم من أسباب زوال الملك.
ھەددىدىن ئىشىش ۋە زۇلۇم قىلىش تەختى - بەختىنىڭ قولدىن كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغان ئامىللاردىن بىرىدۇر.

 
含义的翻译 章: 舍尔拉仪
章节目录 页码
 
《古兰经》译解 - 维吾尔语版古兰经简明注释。 - 译解目录

古兰经注释研究中心发行。

关闭