Check out the new design

የቅዱስ ቁርዓን ይዘት ትርጉም - የቁርአን አጭር ማብራርያ ትርጉም በኡዊጎር ቋንቋ * - የትርጉሞች ማዉጫ


የይዘት ትርጉም ምዕራፍ: አን-ነሕል   አንቀጽ:

نەھل

ከመዕራፉ ዓላማዎች:
التذكير بالنعم الدالة على المنعم سبحانه وتعالى.
نېمەتنى ئەسلەش بولسا، نېمەت ئاتا قىلغۇچى ئاللاھ تائالاغا يىقىنلاشتۈرىدۇ.

أَتَىٰٓ أَمۡرُ ٱللَّهِ فَلَا تَسۡتَعۡجِلُوهُۚ سُبۡحَٰنَهُۥ وَتَعَٰلَىٰ عَمَّا يُشۡرِكُونَ
ئى كاپىرلار! سىلەرنىڭ ئازابىڭلاردىن ئاللاھ ھۆكۈم قىلغان نەرسە يېقىنلاشتى، ۋاقتى كېلىشتىن بۇرۇن ئالدىراپ ئۇنى تەلەپ قىلماڭلار، ئاللاھ مۇشرىكلارنىڭ شېرىك قىلغان نەرسىلىرىدىن پاكتۇر ۋە ئالىدۇر
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
يُنَزِّلُ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةَ بِٱلرُّوحِ مِنۡ أَمۡرِهِۦ عَلَىٰ مَن يَشَآءُ مِنۡ عِبَادِهِۦٓ أَنۡ أَنذِرُوٓاْ أَنَّهُۥ لَآ إِلَٰهَ إِلَّآ أَنَا۠ فَٱتَّقُونِ
ئاللاھ ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن خالىغان كىشىگە قىلغان ھۆكۈملىرىنى پەرىشتىلەر ئارقىلىق ۋەھيى بىلەن نازىل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرى! مەندىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھەقىقى مەبۇد بولمىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتىن ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرۇڭلار. ئى ئىنسانلار! مېنىڭ بۇيرۇقۇمغا بويسۇنۇپ، چەكلىمىلىرىمدىن يىراق بولۇش بىلەن مەندىن قورقۇڭلار.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ بِٱلۡحَقِّۚ تَعَٰلَىٰ عَمَّا يُشۡرِكُونَ
ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ھالەتتە ياراتتى، ئۇلارنى بىكارغا ياراتمىدى، بەلكى ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلىق ۋە كاتتىلىقىنى ئىسپاتلاش .ئۈچۈن ياراتتى، ئاللاھ كاپىرلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن .پاكتۇر
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
خَلَقَ ٱلۡإِنسَٰنَ مِن نُّطۡفَةٖ فَإِذَا هُوَ خَصِيمٞ مُّبِينٞ
ئاللاھ ئىنساننى ئېتىبارسىز سېپىرمىدىن ياراتتى، باسقۇچمۇ باسقۇچ ئۆسۈپ يېتىلدى، ئۇ ئىنسان ھەقنى يوق قېلىش ئۈچۈن باتىل بىلەن .قاتتىق جىدەل قىلغۇچىدۇر، ئۇنىڭ جىدىلى ئاشكارىدۇر
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
وَٱلۡأَنۡعَٰمَ خَلَقَهَاۖ لَكُمۡ فِيهَا دِفۡءٞ وَمَنَٰفِعُ وَمِنۡهَا تَأۡكُلُونَ
ئى ئىنسانلار! ئاللاھ تۆگە، كالا ۋە قوي قاتارلىق چارۋىلارنى سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلار ئۈچۈن ياراتتى. ئۇنىڭ يۇڭ ۋە تېۋىتلىرىدىن ئېسىنىشىڭلارمۇ مۇشۇ مەنپەئەتنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئۇنىڭ سۈتى، تېرىسى، ئۈچۇسى ۋە سىلەر يەيدىغان گۆشىدە يەنە بىر مەنپەئەت باردۇر.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
وَلَكُمۡ فِيهَا جَمَالٌ حِينَ تُرِيحُونَ وَحِينَ تَسۡرَحُونَ
ئۇ چارۋىلارنى كەچتە يايلاقتىن قايتۇرۇپ قوتانغا كېرگۈزگەندە ۋە ئەتىگەندە يايلاققا ئېلىپ ماڭغاندا، سىلەر ئۈچۈن ئۇ چارۋىلاردا زىننەت باردۇر.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
ከአንቀጾቹ የምንማራቸዉ ቁም ነገሮች:
• عناية الله ورعايته بصَوْن النبي صلى الله عليه وسلم وحمايته من أذى المشركين.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى مۇشرىكلارنىڭ ئەزىيەتلىرىدىن ھىمايە قىلىنىشى بولسا، ئۇ زات ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ساقلىشى ۋە ئىنايىتىدۇر.

• التسبيح والتحميد والصلاة علاج الهموم والأحزان، وطريق الخروج من الأزمات والمآزق والكروب.
ئاللاھنى پاكلاش، مەدھىيلەش ۋە ناماز قاتارلىقلار غەم-قايغۇنىڭ ۋە .قاتتىقچىلىق، قېيىنچىلىق ۋە كىرزىسلاردىن قۇتۇلۇشنىڭ ئىلاجىدۇر

• المسلم مطالب على سبيل الفرضية بالعبادة التي هي الصلاة على الدوام حتى يأتيه الموت، ما لم يغلب الغشيان أو فقد الذاكرة على عقله.
مۇسۇلماندىن نامازدىن ئىبارەت پەرز قىلىنغان ئىبادەتلەرنى ھۈشىدىن كەتمىگەن ۋە ئەقلىنى يوقاتمىغان ھالەتتە ئۆلۈم كەلگەنگە قەدەر .داۋاملاشتۇرىشى تەلەپ قىلىنىدۇ

• سمى الله الوحي روحًا؛ لأنه تحيا به النفوس.
ئاللاھ تائالا ۋەھيىنى رۇھ دەپ ئاتىدى چۈنكى ئۇنىڭ بىلەن ئىنسان .ياشنايدۇ

• مَلَّكَنا الله تعالى الأنعام والدواب وذَلَّلها لنا، وأباح لنا تسخيرها والانتفاع بها؛ رحمة منه تعالى بنا.
ئاللاھ بىزنى چارۋىلار ۋە ھايۋانلارغا ئىگە قىلدى، بىزگە رەھمەت قىلىپ ئۇلارنى بويسۇندۇرۇپ بەردى ۋە مەنپەئەتلىنىشىمىز ئۈچۈن شارائىتلارنى ھازىرلاپ بەردى.

 
የይዘት ትርጉም ምዕራፍ: አን-ነሕል
የምዕራፎች ማውጫ የገፅ ቁጥር
 
የቅዱስ ቁርዓን ይዘት ትርጉም - የቁርአን አጭር ማብራርያ ትርጉም በኡዊጎር ቋንቋ - የትርጉሞች ማዉጫ

ከቁርአን ተፍሲር ጥናት ማዕከል የተገኘ

መዝጋት