Check out the new design

የቅዱስ ቁርዓን ይዘት ትርጉም - የቁርአን አጭር ማብራርያ ትርጉም በኡዊጎር ቋንቋ * - የትርጉሞች ማዉጫ


የይዘት ትርጉም ምዕራፍ: ጣሃ   አንቀጽ:
وَأَنَا ٱخۡتَرۡتُكَ فَٱسۡتَمِعۡ لِمَا يُوحَىٰٓ
ئى مۇسا! مەن سېنى ئەلچىلىكىمنى يەتكۈزۈشكە تاللىدىم، ساڭا قىلىنغان ۋەھىيگە قۇلاق سالغىن.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
إِنَّنِيٓ أَنَا ٱللَّهُ لَآ إِلَٰهَ إِلَّآ أَنَا۠ فَٱعۡبُدۡنِي وَأَقِمِ ٱلصَّلَوٰةَ لِذِكۡرِيٓ
مەن ھەقىقەتەن ئىبادەتكە لايىق ئاللاھدۇرمەن، مەندىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ئىلاھ يوق، يالغۇز ماڭا ئىبادەت قىلغىن. مېنى زىكىر قېلىش ئۈچۈن نامازنى مۇكەممەل شەكىلدە ئادا قىلغىن.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
إِنَّ ٱلسَّاعَةَ ءَاتِيَةٌ أَكَادُ أُخۡفِيهَا لِتُجۡزَىٰ كُلُّ نَفۡسِۭ بِمَا تَسۡعَىٰ
ھەقىقەتەن قىيامەت شەكسىز بولىدۇ، ئۇنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى مەخلۇقلاردىن ھېچ كىشى بىلمەيدىغان دەرىجىدە مەخپى تۇتتۇم، لېكىن ئۇلار قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىنى پەيغەمبەرنىڭ خەۋەر بېرىشى ئارقىلىق بىلىدۇ. قىيامەتتە ھەر بىر ئىنسان ياخشى بولسۇن ياكى يامان بولسۇن قىلغان ئەمىلى بويىچە جازالىنىدۇ ياكى مۇكاپاتلىنىدۇ.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
فَلَا يَصُدَّنَّكَ عَنۡهَا مَن لَّا يُؤۡمِنُ بِهَا وَٱتَّبَعَ هَوَىٰهُ فَتَرۡدَىٰ
كاپىرلاردىن بولغان قىيامەتكە ئىشەنمەيدىغان، چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلىشتا نەپسى-خاھىشىغا ئەگىشىدىغان، شۇنىڭ سەۋەبىدىن ھالاك بولۇپ كېتىدىغان كىشىلەر سېنى قىيامەتنى تەستىقلاشتىن ۋە ياخشى .ئەمەللەر بىلەن ئۇنىڭغا تەييارلىق قېلىشتىن توسۇپ قويمىسۇن
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
وَمَا تِلۡكَ بِيَمِينِكَ يَٰمُوسَىٰ
.ئى مۇسا ئوڭ قولۇڭدىكى ئاۋۇ نېمە نەرسە ئۇ؟
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
قَالَ هِيَ عَصَايَ أَتَوَكَّؤُاْ عَلَيۡهَا وَأَهُشُّ بِهَا عَلَىٰ غَنَمِي وَلِيَ فِيهَا مَـَٔارِبُ أُخۡرَىٰ
مۇسا ئەلەيھىسسالام: ئۇ مېنىڭ ھاسام، مانغاندا ئۇنىڭغا تايىنىمەن، قويلىرىمغا غازاڭ قېقىپ بېرىش ئۈچۈن دەرەخ قاقىمەن، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئىشلاردا پايدىلىنىمەن.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
قَالَ أَلۡقِهَا يَٰمُوسَىٰ
.ئاللاھ تائالا: ئى مۇسا! ئۇنى تاشلىغىن دېدى
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
فَأَلۡقَىٰهَا فَإِذَا هِيَ حَيَّةٞ تَسۡعَىٰ
مۇسا ئۇنى تاشلىدى، ئۇ ناھايتى يەڭگىل ۋە تېز كېتىۋاتقان بىر يىلانغا .ئۆزگەردى
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
قَالَ خُذۡهَا وَلَا تَخَفۡۖ سَنُعِيدُهَا سِيرَتَهَا ٱلۡأُولَىٰ
ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا: ھاساڭنى تۇتقىن، ئۇنىڭ يىلانغا ئايلانغانلىقىدىن قورقمىغىن، ئۇنى ئۆزىنىڭ دەسلەپكى ھاسىلىق ھالىتىگە .قايتۇرىمىز دېدى
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
وَٱضۡمُمۡ يَدَكَ إِلَىٰ جَنَاحِكَ تَخۡرُجۡ بَيۡضَآءَ مِنۡ غَيۡرِ سُوٓءٍ ءَايَةً أُخۡرَىٰ
قولۇڭنى قولتۇقۇڭنىڭ ئاستىغا سالغىن، ئاندىن ئۇ ئاق كېسەل بولماستىن ئاپپاق ۋە نۇرلۇق ھالەتتە چېقىدۇ، بۇ سېنىڭ ئىككىنچى مۆجىزەڭدۇر.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
لِنُرِيَكَ مِنۡ ءَايَٰتِنَا ٱلۡكُبۡرَى
ئى مۇسا ساڭا بىزنىڭ قۇدرىتىمىزنى بىلدۈرىدىغان چوڭ مۆجىزىلىرىمىزنى كۆرسۈتۈش ئۈچۈن بۇ ئىككى ئالامەتنى كۆرسەتتۇق.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
ٱذۡهَبۡ إِلَىٰ فِرۡعَوۡنَ إِنَّهُۥ طَغَىٰ
ئى مۇسا! پىرئەۋننىڭ يېنىغا بارغىن، ئۇ ھەقىقەتەن كۇپۇرلىقتا ۋە .ئاللاھقا گەردەنكەشلىك قىلىشتا بەك ھەددىدىن ئاشتى
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
قَالَ رَبِّ ٱشۡرَحۡ لِي صَدۡرِي
مۇسا ئەلەيسھىسسالام: پەرۋەردىگارىم! ئەزىيەتلەرنى كۆتۈرەلىگۈدەك .مېنىڭ كۆڭۈل-كۆكسۈمنى كەڭ قىلغىن دېدى
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
وَيَسِّرۡ لِيٓ أَمۡرِي
.مېنىڭ ئىشىمنى ئاسانلاشتۇرغىن
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
وَٱحۡلُلۡ عُقۡدَةٗ مِّن لِّسَانِي
.مېنى سۆزنى چۈشۈنۈشلۈك بايان قىلىشقا قادىر قىلغىن
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
يَفۡقَهُواْ قَوۡلِي
سېنىڭ ئەلچىلىك ۋەزىپەڭنى يەتكۈزگۈنۈمدە مېنىڭ سۆزۈمنى .چۈشەنسۇن
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
وَٱجۡعَل لِّي وَزِيرٗا مِّنۡ أَهۡلِي
ماڭا ئائىلەمدىن مېنىڭ ئىشلىرىمغا ياردەم بېرىدىغان بىر ياردەمچى تەيىن قىلغىن.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
هَٰرُونَ أَخِي
قېرىندىشىم ھارۇن ئىبنى ئىمراننى ياردەمچى قىلىپ بەرگىن.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
ٱشۡدُدۡ بِهِۦٓ أَزۡرِي
ئۇنىڭ بىلەن مېنى كۇچلاندۇرغىن
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
وَأَشۡرِكۡهُ فِيٓ أَمۡرِي
مېنىڭ ئەلچىلىك ئىشىمدا ئۇنى ماڭا ياردەمچى قىلغىن
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
كَيۡ نُسَبِّحَكَ كَثِيرٗا
بىز ساڭا كۆپ تەسبىھ ئېيتقايمىز.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
وَنَذۡكُرَكَ كَثِيرًا
ساڭا كۆپ زىكىر ئېيتقايمىز
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
إِنَّكَ كُنتَ بِنَا بَصِيرٗا
سەن ھەقىقەتەن بىزنى كۆرۈپ تۇرغۇچىسەن، بىزنىڭ ئىشىمىزدىن ھېچ .نەرسە ساڭا مەخپى قالمايدۇ
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
قَالَ قَدۡ أُوتِيتَ سُؤۡلَكَ يَٰمُوسَىٰ
ئاللاھ تائالا: ئى مۇسا! سەن تەلەپ قىلغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى بېرىلدى، دېدى.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
وَلَقَدۡ مَنَنَّا عَلَيۡكَ مَرَّةً أُخۡرَىٰٓ
.ھەقىقەتەن ساڭا يەنە بىر قېتىم نېئمەت بەرگەن ئىدۇق
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
ከአንቀጾቹ የምንማራቸዉ ቁም ነገሮች:
• وجوب حسن الاستماع في الأمور المهمة، وأهمها الوحي المنزل من عند الله.
مۇھىم ئىشلارغا چېرايلىق قۇلاق سېلىپ ئاڭلاش زۆرۈر بولىدۇ، بۇنىڭ ئەڭ مۇھىمى ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن نازىل بولغان ۋەھيىدۇر.

• اشتمل أول الوحي إلى موسى على أصلين في العقيدة وهما: الإقرار بتوحيد الله، والإيمان بالساعة (القيامة)، وعلى أهم فريضة بعد الإيمان وهي الصلاة.
مۇسا ئەلەيھىسسالامغا تۇنجى قېلىنغان ۋەھيى ئەقىدىدىكى ئاساسلىق ئىككى مۇھىم ئىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ ئىككى ئىشنىڭ بىرى: ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى ئىقرار قىلىش، يەنە بىرى: قىيامەتكە ئىشىنىشتىن ئىبارەتتۇر. ئىمان ئېيتقاندىن كېيىنكى ئەڭ مۇھىم پەرز نامازدۇر.

• التعاون بين الدعاة ضروري لإنجاح المقصود؛ فقد جعل الله لموسى أخاه هارون نبيَّا ليعاونه في أداء الرسالة.
دەۋەتچىلەر ئارىسىدىكى ھەمكارلىق مەقسەتنى ئەمەلىلەشتۈرۈش ئۈچۈن زۆرۈردۇر. ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قېرىندىشى ھارۇننى ئۇنىڭ ئەلچىلىك مەسئۇلىتىنى ئادا قىلىشقا ياردەم .بېرىشى ئۈچۈن پەيغەمبەر قىلدى

• أهمية امتلاك الداعية لمهارة الإفهام للمدعوِّين.
دەۋەت قىلغۇچىنىڭ دەۋەت قېلىنغۇچىلارغا سۆزنى چۈشەندۈرۈش .ماھارىتىگە ئىگە بولىشى ئىنتايىن مۇھىم

 
የይዘት ትርጉም ምዕራፍ: ጣሃ
የምዕራፎች ማውጫ የገፅ ቁጥር
 
የቅዱስ ቁርዓን ይዘት ትርጉም - የቁርአን አጭር ማብራርያ ትርጉም በኡዊጎር ቋንቋ - የትርጉሞች ማዉጫ

ከቁርአን ተፍሲር ጥናት ማዕከል የተገኘ

መዝጋት