للإطلاع على الموقع بحلته الجديدة

ترجمة معاني القرآن الكريم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - فهرس التراجم


ترجمة معاني سورة: غافر   آية:
هُوَ ٱلَّذِي خَلَقَكُم مِّن تُرَابٖ ثُمَّ مِن نُّطۡفَةٖ ثُمَّ مِنۡ عَلَقَةٖ ثُمَّ يُخۡرِجُكُمۡ طِفۡلٗا ثُمَّ لِتَبۡلُغُوٓاْ أَشُدَّكُمۡ ثُمَّ لِتَكُونُواْ شُيُوخٗاۚ وَمِنكُم مَّن يُتَوَفَّىٰ مِن قَبۡلُۖ وَلِتَبۡلُغُوٓاْ أَجَلٗا مُّسَمّٗى وَلَعَلَّكُمۡ تَعۡقِلُونَ
ئاللاھ ئاتاڭلار ئادەمنى تۇپراقتىن، ئادەمدىن كېيىن سىلەرنى ئابىمەنىيدىن، ئاندىن كېيىن لەختە قاندىن ياراتتى. بۇنىڭدىن كېيىن سىلەرنى ئاناڭلارنىڭ قارنىدىن كىچىك بوۋاق ھالىتىڭلاردا چىقىرىدۇ، ئاندىن قىران يېشىغا يېتىسىلەر. ئاندىن چوڭ بولۇپ، ئاخىرىدا قېرىيسىلەر، ئاراڭلاردا قېرىماي تۇرۇپ ئۆلۈپ كېتىدىغانلارمۇ بار. ئاللاھنىڭ ئىلمىدە بېكىتىلگەن ئۆمۈرنى چوقۇم كەم - زىيادە قىلماي ياشايسىلەر. ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ھەم يەككە - يېگانىلىكىنى ئۇقتۇرىدىغان بۇ دەلىل - پاكىتلاردىن پايدىلانغايسىلەر.
التفاسير العربية:
هُوَ ٱلَّذِي يُحۡيِۦ وَيُمِيتُۖ فَإِذَا قَضَىٰٓ أَمۡرٗا فَإِنَّمَا يَقُولُ لَهُۥ كُن فَيَكُونُ
تىرىلدۈرۈشمۇ، ئۆلتۈرۈشمۇ يالغۇز ئاللاھنىڭ قولىدىدۇر. ئاللاھ بىر ئىشقا ھۆكۈم قىلسا، ئۇنىڭغا: «ۋۇجۇدقا كەل» دەيدۇ - دە، ئۇ ئىش دەرھال ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.
التفاسير العربية:
أَلَمۡ تَرَ إِلَى ٱلَّذِينَ يُجَٰدِلُونَ فِيٓ ءَايَٰتِ ٱللَّهِ أَنَّىٰ يُصۡرَفُونَ
ئى پەيغەمبەر! ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ھەققىدە جاڭجاللىشىۋاتقانلارنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇ ئايەتلەر شۇنچىۋالا روشەن تۇرسىمۇ ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلىدۇ. سەن ئۇلارنىڭ ھالىدىن ھەيران قالىسەن. ھالبۇكى ھەق شۇنچىۋالا ئېنىق تۇرسىمۇ ئۇلار ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ.
التفاسير العربية:
ٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ بِٱلۡكِتَٰبِ وَبِمَآ أَرۡسَلۡنَا بِهِۦ رُسُلَنَاۖ فَسَوۡفَ يَعۡلَمُونَ
ئۇلار قۇرئاننىمۇ، بىز پەيغەمبەرلىرىمىز بىلەن ئەۋەتكەن ھەقىقەتنىمۇ ئىنكار قىلىشتى. بۇ ئىنكارچىلار پات يېقىندا ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغانلىقلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى بىلىپ قالىدۇ. ئۇلار چوقۇم ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتنى كۆرىدۇ.
التفاسير العربية:
إِذِ ٱلۡأَغۡلَٰلُ فِيٓ أَعۡنَٰقِهِمۡ وَٱلسَّلَٰسِلُ يُسۡحَبُونَ
ئۇلار بويۇنلىرىغا تاقاق، پۇت - قوللىرىغا زەنجىر - كىشەنلەر سېلىنىپ، ئازاب پەرىشتىلىرى ئۇلارنى سۆرەپ ئېلىپ ماڭغان چاغدا ئىنكارچىلىقنىڭ ئاقىۋىتىنى بىلىپ قالىدۇ.
التفاسير العربية:
فِي ٱلۡحَمِيمِ ثُمَّ فِي ٱلنَّارِ يُسۡجَرُونَ
پەرىشتىلەر ئۇلارنى سۆرەپ ئەكېلىپ قاتتىق قاينىغان قىزىق سۇغا تاشلايدۇ. ئاندىن ئۇلار ئوتتا يېقىلىدۇ.
التفاسير العربية:
ثُمَّ قِيلَ لَهُمۡ أَيۡنَ مَا كُنتُمۡ تُشۡرِكُونَ
ئاندىن ئۇلارغا مات قىلىپ، كايىش يۈزىسىدىن: سىلەرنىڭ ئىلاھ دەۋالغان (بۇتلىرىڭلار) قېنى؟ سىلەر شۇلارغا چوقۇنۇش ئارقىلىق (ئاللاھقا) شېرىك كەلتۈرگەن ئىدىڭلارغۇ؟!
التفاسير العربية:
مِن دُونِ ٱللَّهِۖ قَالُواْ ضَلُّواْ عَنَّا بَل لَّمۡ نَكُن نَّدۡعُواْ مِن قَبۡلُ شَيۡـٔٗاۚ كَذَٰلِكَ يُضِلُّ ٱللَّهُ ٱلۡكَٰفِرِينَ
سىلەر ئاللاھنى قويۇپ قىلچە پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان ئاشۇ بۇتلىرىڭلاردىن (مەدەت تىلەيتتىڭلار)، دېيىلىدۇ. كاپىرلار: ئۇلار ئۆزلىرىنى بىزدىن چەتكە ئالدى. شۇڭا ئۇلارنى كۆرەلمەيۋاتىمىز. ئەكسىچە بىز دۇنيادا قۇلچىلىق قىلىشقا تېگىشلىك بىر نەرسىگە قۇلچىلىق قىلماپتۇق، دېيىشىدۇ. مۇشۇلارنى ئازدۇرغىنىغا ئوخشاش، ئاللاھ تائالا كاپىرلارنى ھەر ۋاقىت ۋە ھەر جايدا ئازدۇرۇۋېتىدۇ.
التفاسير العربية:
ذَٰلِكُم بِمَا كُنتُمۡ تَفۡرَحُونَ فِي ٱلۡأَرۡضِ بِغَيۡرِ ٱلۡحَقِّ وَبِمَا كُنتُمۡ تَمۡرَحُونَ
ئۇلارغا: سىلەر چېكىۋاتقان بۇ ئازاب ئۆزۈڭلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگىنىڭلارغا كۆرەڭلەپ، قىنىڭلارغا پاتماي قالغانلىقىڭلار تۈپەيلىدىندۇر، دېيىلىدۇ.
التفاسير العربية:
ٱدۡخُلُوٓاْ أَبۡوَٰبَ جَهَنَّمَ خَٰلِدِينَ فِيهَاۖ فَبِئۡسَ مَثۡوَى ٱلۡمُتَكَبِّرِينَ
ئىچىدە مەڭگۈ قالىدىغان جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىڭلار. ھەقىقەتكە تەكەببۇرلۇق قىلغۇچىلارنىڭ جايى نېمىدېگەن يامان!
التفاسير العربية:
فَٱصۡبِرۡ إِنَّ وَعۡدَ ٱللَّهِ حَقّٞۚ فَإِمَّا نُرِيَنَّكَ بَعۡضَ ٱلَّذِي نَعِدُهُمۡ أَوۡ نَتَوَفَّيَنَّكَ فَإِلَيۡنَا يُرۡجَعُونَ
ئى پەيغەمبەر! قەۋمىڭنىڭ ئەزىيەتلىرىگە ۋە ئۇلارنىڭ ئىنكار قىلىشىغا سەۋر قىلغىن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ ساڭا نۇسرەت بېرىش ھەققىدىكى ۋەدىسى شەكسىز ھەقىقەتتۇر. ئەگەر بىز بەدرى كۈنىسىدىكىگە ئوخشاش ساڭا ھايات ۋاقتىڭدا ئۇلارغا ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ بىر قىسمىنى كۆرسەتسەك ياكى سېنى ئۇنى كۆرسىتىشتىن بۇرۇن ۋاپات تاپتۇرساق، قىيامەت كۈنى ئۇلار يەنىلا يالغۇز بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىدۇ. ئاندىن بىز ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىگە يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىپ، ئىنكارچى كاپىرلارنى مەڭگۈ قالىدىغان دوزاخقا كىرگۈزىمىز.
التفاسير العربية:
من فوائد الآيات في هذه الصفحة:
• التدرج في الخلق سُنَّة إلهية يتعلم منها الناس التدرج في حياتهم.
مەخلۇقاتلىرىدا تەدرىجىي يول تۇتۇش ئىلاھىي قانۇنىيەت بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىنسانلار دۇنيا تىرىكچىلىكىدە تەدرىجىي ئىش تۇتۇشنى ئۆگىنىدۇ.

• قبح الفرح بالباطل.
باتىلغا خۇشال بولۇش قەبىھ قىلمىشتۇر.

• أهمية الصبر في حياة الناس، وبخاصة الدعاة منهم.
ئىنسانلارنىڭ ھاياتىدا، بولۇپمۇ دەۋەتچىلەرنىڭ ھاياتىدا سەۋرچانلىق ئىنتايىن مۇھىم.

 
ترجمة معاني سورة: غافر
فهرس السور رقم الصفحة
 
ترجمة معاني القرآن الكريم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - فهرس التراجم

صادرة عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

إغلاق